>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
2008 Tilek tilaymen  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى 4 « چوقۇم كۆرۈڭ »

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2335 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى 4 « چوقۇم كۆرۈڭ » IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
HALKQIL
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 658
شۆھرەت: 762 نۇمۇر
پۇل: 6523 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:470(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى 4 « چوقۇم كۆرۈڭ »

ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى 4 « چوقۇم كۆرۈڭ »


ئاپتورى : غەزەپلەنگەن ئەجدىھانىڭ گۈركىرىشى

ئادىل ئابدۇرېھىم ( نىدا ) تەرجىمىسى


ئالدىنقى بۆلەكلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ !!!

1 _ قىسىم
مەرھەمەت


2 _ قىسىم
مەرھەمەت


3 _ قىسىم
مەرھەمەت


15 - باب: قانغا قان، جانغا جان.


تەيۋەن ھەربىي رايونىنىڭ گېنرالى ۋاڭ تيېخېڭ تەيۋەن جىنمېن ئايروپورتىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتقاندا، ئىككى نەپەر ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادىمى كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ئىككى دانە گرانات تاشلىدى، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ گېنرال ۋاڭ تيېخېڭغا قارىتىپ ئالتە پاي ئوق ئۈزدى، گېنرال ۋاڭ تيېخېڭغا تۆت پاي ئوق تېگىپ، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالدى. قارا ئەجدىھا گورۇھى بولسا، ياپونىيىدىكى قارا گورۇھ تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئىدى! شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ گورۇھ ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۇل چىقىرىپ يۆلەيدىغان قاتىللىق تەشكىلاتى ئىدى، ئۇلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرىنى ئۆلتۈرەتتى! ھازىر ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گورۇھ بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرىقى ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى!
جۇڭگو ئەلباشى(دۆلەت رەئىسى) لى شىياڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوۋ تيەنخۇا شەخسەن تەيۋەنگە كېلىپ ۋاڭ تيېخېڭنى يوقلىدى، تەيۋەن تەيبېي دوختۇرخانىسىدا تېخىغىچە ھۇشسىز ياتقان ۋاڭ تيېخېڭنى كۆرۈشتى، لى ئەلباشى ئاچچىقى بىلەن تىللىدى:
ــ ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادەملىرى تەيۋەنگە قانداق سوقۇنۇپ كىرىۋالغاندۇ؟
تەيۋەنلىك بىر ئەمەلدار ئېھتىياتچانلىق بىلەن:
ــ بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزدىن قارىغاندا، بىر قىسىم قالدۇق تەيۋەن مۇستەقىللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادەملىرى ئىچى-سىرتىدىن ماسلىشىپ سوقۇنۇپ كىرىۋاپتۇ، ھازىر بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ قولغا ئېلىۋاتىمىز،ــ دېدى.
لى ئەلباشى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېشىنى بۇراپ ۋاڭ تيېخېڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ــ ۋاڭ گېنرالنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ــ دېدى. بىر نەپەر مەسئۇل مەسئۇل دوختۇر:
ــ ۋاڭ گېنرالنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، بىر پاي ئوق ئۇنىڭ ئۆپكىسىدە تۇرۇپ قاپتۇ، ئورنى بەكمۇ ئالاھىدە، قىيىنلىق دەرىجىسى بەكمۇ يۇقىرى بولغاچقا، ھېچقانداق دوختۇر بۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ! ئەگەر ئوقنى تېزراق چىقىرىۋەتمىسەك، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن،ــ دېدى. لى ئەلباشى بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن، چوڭقۇر ئويلىنىۋەتكەندىن كېيىن:
ــ ئۇنداقتا ۋاڭ گېنرالنى ئىچكى قۇرۇقلۇققا ئاپىرايلى، بىزنىڭ ئوقنى ئالىدىغانغا ئامالىمىز بار،ــ دېدى. مەسئۇل دوختۇر گۇمانسىرىغان ھالدا:
ــ راستما؟ بىراق بىز نۇرغۇن ئامال ئويلاپ، بۇ ئورۇندىن ئوقنى ئېلىشتا ئۆپكىنى زەخمىلەندۈرمەسلىكنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەنتۇق،ــ دېدى. لى ئەلباشى:
ــ بىزنىڭ بۇنىڭغا ئامالىمىز بار! ۋاڭ گېنرالنىڭ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقىنىدىن كۆرە، بىزنىڭ سىناپ باققىنىمىز ياخشىراق،ــ دېدى. مەسئۇل دوختۇر لى ئەلباشىنىڭ تەمكىن چىرايىنى كۆرۈپ، بېشىنى لىڭىشتتى. بېيجىڭغا قايتىۋاتقان ئۇچقۇدا جوۋ تيەنخۇا سورىدى:
ــ لى ئەلباشى، سىزنىڭ راستىنلا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
ــ يېرىم ئىشەنچىم بار، ئالدىنقى قېتىم ماشىنا ئادەملەر توپىلىڭى بېسىققاندىن كېيىن، تەسلىم بولغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ياردىمىدە تاشقى پىلانت جەڭ كېمىسىدىكى تەتقىقات خىزمىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ تېز ئىلگىرىلىدى. بىز ئۇ يەردە بىر قىسىم داۋالاش ئەسۋاپلىرىنى بايقىدۇق، تاشقى پىلانتلىقلارنىڭ پەن-تېخنىكىسى بىلەن ئۇلار چوقۇم بۇ خىل جاراھەتنى ياخشى داۋالىيالايدۇ،ــ دېدى لى ئەلباشى بېشىنى لىڭىشتقىنىچە.
جوۋ تيەنخۇا ئەنسىرىگەن ھالدا:
ــ بىز ئىشلىتەلەمدۇق؟ــ دېدى. لى ئەلباشى كۈلگىنىچە:
ــ بىز ئىشلىتەلمەيمىز، ئەمما ئاشۇ ماشىنا ئادەملەر ئىشلىتەلەيدۇ،ــ دېدى. جوۋ تيەنخۇا ئاڭلىغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭىشتتى، لى ئەلباشى ئۇلاپلا:
ــ ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىغا قارىتا بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى راۋۇرۇس بىر بېرىپ قويايلى،ــ دېدى. جوۋ تيەنخۇا:
ــ ھازىر بىز ھىندىستان ۋە ۋېيتنام بىلەن سوقۇشىۋاتىمىز، گەرچە پاكىستان بىزگە ياردەملىشىپ ھىندىستاننى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئالدىنقى قېتىملىق توپىلاڭدىن كېيىن، قىسىم تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگىنى يوق! ب د ت تا بولسا ياپونىيە بۇ ئىشنى قىلچىمۇ بوينىغا ئالمىدى،ــ دېدى. لى ئەلباشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپلەنگەن ھالدا:
ــ ئۇنداق بولسا بىزمۇ زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرايلى!ــ دېدى.
2009-يىلى 20-ئۆكتەبىر، جۇڭگو ليەنيۈنگاڭ، بىر توپ ئالاھىدە قىسىم جەڭچىلىرى Z081 يادرو سۇ ئاستى كېمىسىگە چىقماقتا! كەچ سائەت 11:30، ئىككى دانە يۈك ماشىنىسى توكيو قولتۇقىدىكى ئايلانما يولنى بويلاپ، توكيوغا قاراپ ماڭماقتا، ئۇ ماشىنىلاردا ئولتۇرغىنى دەل جۇڭگو ئالاھىدە قىسىمىنىڭ 21- تارماق ئەترىتى ئىدى، ئەترەت باشلىقى ۋەن شيوڭفېي بىر تەرەپتىن قوراللىرىنى تەييارلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزلىمەكتە:
ــ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئەسلى مەقسىتى ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ باشلىقى چۈەنكو شياڭيىنى يوقىتىش! ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن، ئۇلاردىن بىرىمۇ تىرىك قالمىسۇن، بىلدىڭلارمۇ؟
بارلىق ئەسكەرلەر بېشىنى لىڭىشتىشتى، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان ئالقانلىرى قىچىشىپ، راسا سوقۇشقۇسى كېلىپ تۇراتتى! چاقىرغۇدىن ئاۋاز كەلدى:
ــ ئەترەت باشلىقى، ئالدىمىزدا قاتناش ساقچىسى ماشىنىنى توختىتىپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ!
ۋەن شيوڭفېي سوغۇق كۈلگىنىچە:
ــ ھىم! توختىتىڭلار! ئۇلار تەكشۈرىۋالسۇن،ــ دېدى.
بىر دەمدىن كېيىن ماشىنا توختىدى. ماشىنا سىرتىدىن ياپونچە سۆزلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ئىككى ساقچى ماشىنا كەينىگە مېڭىپ كېلىپ، شوپۇردىن كوزۇپنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى، كوزۇپ ئېچىلىشى بىلەنلا ئىككى ساقچى ساراڭدەك ھاڭۋېقىپ قالدى، ئۇلار تېخى ھۇشىنى تېپىپ ئاۋازىنى چىقىرىپ بولغۇچە، يەرگە پالاققىدە چۈشۈپ ئىككى جەسەتكە ئايلاندى. ئەترەت باشلىقى ۋەن شيوڭفېي:
ــ كارىڭلار بولمىسۇن، تېز ماڭايلى!ــ دېدى.
يۈك ماشىنىسى بىردەمدىلا توكيونىڭ داجىڭ بەيگە مەيدانىنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى، بىر بىنانىڭ ئۈستىدە ئىككى ئەسكەر ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق دۇربۇن بىلەن ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ كاتتىبېشى چۈەنكو شياڭيىنىڭ ئۆيىنى كۆزىتىۋاتاتتى:
ــ قالتىس ھەشەمەتلىككەنغۇ!ــ دېدى بىر ئەسكەر سوغۇق كۈلۈمسىرىگىنىچە. يەنە بىرى ئۇنى شاپىلاقلىغىنىچە:
ــ دۇرۇس! ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۆر كولاۋاتىدۇ، ئاناڭـــنـــى، ياپون چوشقىسى!ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي بىر تەرەپتىن بولكىنى چىشلەپ يېگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن دوكلات ئاڭلىماقتا:
ــ ئوھوي! 60 نەچچە قوغدىغۇچى، بۈگۈن چوشقا كاۋىپى زىياپىتى ئۆتكۈزسەك بولغۇدەك. A گۇرۇپپا سىلەر ئاۋال سىرتتا چارلاۋاتقانلارنى جايلىۋېتىڭلار، B گۇرۇپپا A گۇرۇپپىدىكىلەر ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، «قىزىل يۇلتۇز» ئەپلىك زەمبىرەك بىلەن تازا بومباردىمان قىلىڭلار! نېمە؟ قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن قورقىدىكەنمىز؟ ئەگەر ساقچىلار كەلسە ئۇلارنىمۇ بومباردىمان قىلىڭلار، C گۇرۇپپا مەيداننى تازىلىۋېتىڭلار!
قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ كاتتىبېشى چۈەنكو شياڭيىنىڭ ئۆيىدە چوڭ زىياپەت بولۇۋاتاتتى! چۈەنكو شياڭيى ھاراقتىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن:
ــ كۆپچىلىك، بۇ قېتىمقى داخې مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلغان خائىننى قەستلەش بەكمۇ غەلىبىلىك بولدى، ئاخباراتقا قارىغاندا ۋاڭ تيېخېڭ ئۇزاق ياشىيالمىغۇدەك،ــ دېدى. ئورۇنباسار كاتتىباش شياۋتيەن يۈەنلوۋ بىر ياپونلۇق ئۇسۇلچى پاھىشىنى قۇچاقلىغىنىچە:
ــ ھۆكۈمەت يەنە تارتۇق بەردى، بۇ قېتىمقى نىشان چىنانىڭ ھېلىقى ئايال گېنرالى،ــ دېدى. چۈەنكو شياڭيى شەھۋەتلىك كۈلۈپ:
ــ ھوي! سېنىڭ دېگىنىڭ، دۇڭ توئورچى « بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سېستىما قوللىمىغاچقا بۇ يەردە دۇڭ توئورچى دەپ ئېلىندى، ئۆزەڭلەر چۈشۈنەسىلەر. » قىسىملىرىنى تېرىپېرەن قىلىۋەتكەن ھېلىقى چىنالىق ئايال گېنرالمۇ؟ ھەي،ھەي! كاساپەت بەكمۇ چرايلىقتى، ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتسەك ئازراق ئەپسۇسلىنارلىق بولىدىكەن! پۇرسەت بولسا ئۇنىڭغا بىز بۆيۈك ياپونىيە ئەرلىرىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ تازا تېتىتىپ قويساق بولاتتى!ــ دېدى. مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
تام سىرتىدىكى قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ بىر كۆزەتچىسى تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى، تۇيۇقسىز بىر قول ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى، ئارقىدىنلا خەنجەر ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن سانجىلدى! ئۇنىڭ نەپىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئالاھىدە قىسىمىنىڭ جەڭچىسى شەرەتلىدى، بىر توپ ئەسكەر دەرھال يېتىپ كەلدى! ئاسماندا بىر نەچچە تال كۈمۈش رەڭلىك نۇر دەستىسى چاقنىغاندىن كېيىن، تام سىرتىدىكى قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ئادەملىرى ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماي سىماپلىق مەرگەن مىلتىقى تەرىپىدىن يەر چىشلىتىلدى. ۋەن شيوڭفېي مەمنۇن بولغان ھالدا بۇلارغا قاراپ:
ــ بولدى! B گۇرۇپپا راسا ئېتىڭلار! ماڭىمۇ بىر سىلىق سىتۋوللۇق زەمبىرەك بېرىڭلار، مەنمۇ خۇماردىن چىقىۋالاي،ــ دېدى. كۈچلۈك ئاۋازدىن كېيىن، قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ بىر ئادىمى ئاسمانغا قارىدى، چۈنكى بىر دانە قارا شارچە ئۇچۇپ كېلىۋاتاتتى! كۈچلۈك پارتلاشتىن كېيىن، ئۇ شۇ يەردىلا پارتلاپ پارچە-پارچە بولۇپ كەتتى! 20 نەچچە سىلىق سىتۋوللۇق زەمبىرەك توختىماستىن ئوق ئېتىشقا باشلىدى، قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ تۇرالغۇسى بىر پارچە ئوت دېڭىزى ئىچىدە قالغانتى، قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى بۇ ئوت دېڭىزىدىن جېنىنىڭ بېرىچە ئۆزنى قۇتۇلدۇرماقچى بولۇشىۋاتاتتى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى كۈتىۋاتقىنى پەقەت ئۆلۈم ئىدى! چۈەنكو شياڭيى ئۆزىنىڭ بىر قىسىم يېقىن قوغدىغۇچىلىرى بىلەن يەر ئاستىغا يۆشۈرۈنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەڭرىسىگە دۇئا قىلىۋاتاتتى، يىراقتىكى بەزىبىر ئاھالىلەر پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ساقچىغا تېلېفون قىلىشتى، توكيو ساقچى ئىدارىسى تېلېفوننى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، قايسى گورۇھ ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ قارا گورۇھقا چېقىلىشقا پېتىنالىسۇن! ئەمما ئۈزۈلمەي كەلگەن ئوخشاش تېلېفوندىن كېيىن، ئون نەچچە ساقچى ماشىنىسى غوڭۇلدىغىنىچە داجىڭ بەيگە مەيدانىغا قاراپ يولغا چىقتى. ۋەن شيوڭفېي 17 پاي ئوق ئېتىپ بولغاندىن كېيىن:
ــ بولدى، توختىتايلى! C گۇرۇپپا كىرىپ تازىلىغاچ ئۆلمەي قالغانلار بارمۇ قاراپ بېقىڭلار،ــ دېدى. بىر گۇرۇپپا ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى كەيگەن ئەسكەرلەر قىزىل يۇلتۇز زەربە مىلتىقىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كېتىشتى، نەپىسى ئۈزۈلمىگەنلىرىنى كۆرسە نەچچە پاي ئوق ئېتىپ جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويۇشتى ياكى خەنجەرنى تىقىپ ئاستا-ئاستا جېنىنى ئالدى! پۈتۈن ئۆي ئىچى خۇددى دوزاققىلا ئوخشاپ قالدى، ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغان ئاۋازلار توختىماستىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى! ۋەن شيوڭفېي بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن يېنىدىكى ئەسكەرگە دېدى:
ــ ئەگەر بۇ ئاۋازلارنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاڭلايدىغان بولساڭ، چوقۇم گۈزەل چۈش كۆرىسەن!
ئەسكەر بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى! دەل شۇ چاغدا چاقىرغۇ جاراڭلىدى:
ــ باشلىق، ساقچىلار توكيو 1-نومۇرلۇق راۋان يولنى بويلاپ سىلەرگە قاراپ كېلىشكە باشلىدى.
ــ ھەببەللى! ئۇلارغا بىر نەچچە پاي مىناميوت بېرىڭلار،ــ دېدى ۋەن شيوڭفېي. توكيو راۋان يولىدا ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ساقچى ماشىنىلىرى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، قالپاق كەيگەن موتوسىكىلىتلىق بىر ئادەم ئۇدۇلدىن چىقىپ كەلگىنىچە، كېلىۋاتقان ساقچى ماشىنىسىغا قارىتىپ بىر پاي مىناميوت ئاتتى، كۈچلۈك پارتلاش ساقچى ماشىنىسىنى ئاسمانغا ئۇچۇرۇپ، كەينىدىن كېلىۋاتقان ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈردى، كەينىدىكى ماشىنا تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇلارغا ئۈسسۈۋالدى، موتۇسىكىلىتلىق ئادەم بۇنى كۆرۈپ دەرھال بۇرۇلىپ قېچىپ كەتتى، ياپونىيە ساقچىلىرى ئەمدىلا ماشىنىدىن ئۆمىلەپ چىقىشىغا، كەينىدىن يەنە ئۈچ موتۇسىكىلىت كەلدى! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بۇلارغا قارىتىپ بىر پاي مىناميوت ئاتتى، قالغان ئىككىسى پىلىموت تۇتقىنىچە ساقچىلارنى قالايمىقان ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى، قول ياندۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ساقچىلار ئېچىنىشلىق چىقىراپ يەرگە يىقىلىشقا باشلىدى، قىپقىزىل قانلار يولنى بويىۋەتتى! ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ ئادەم موتۇسىكىلىتلىرىنى مىنىپ بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشتى!
ئىككىنچى كۈنى، ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ كاتتىبېشى چۈەنكو شياڭيىنىڭ بېشى ياپونىيە توكيو ساقچى ۋازارىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلاپ قويۇلدى، تاراتقۇلاردا بۇ ياپونىيە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تېرورلۇق ۋەقەسى دەپ خەۋەر قىلىندى! تېرورچىلار ياپونىيە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ باش شىتابىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆلتۈرىۋېتىلگەن، توكيو ساقچى ۋازارىتىنىڭ ساقچىلىرى بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ، 23 ئادەم ئۆلگەن ئىدى، تېرورچىلار مىناميوت قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەن ئىدى! ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۈتكۈل شەھەرنى قامال قىلىپ تېرورچىلارنى ئىزدەشنى باشلىغانتى!
سۇ ئاستى كېمىسىدە ئولتۇرغان ۋەن شيوڭفېي غالىپلارچە كۈلۈپ بۇ خەۋەرلەرنى كۆرۈۋاتاتتى، ئۇ بۇ قېتىمقى ئۆچ ئېلىشنىڭ تېخى ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى بىلەتتى!




16- باب: پىلتە.


ــ بۇ قانچىنچى ساقچى ماشىنىسى؟ــ دەپ سورىدى ۋەن شيوڭفېي.
ــ ئالتىنچىسى،ــ پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردى بىر ئەسكەر. ــ ئالتىنچىسى،ــ پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردى بىر ئەسكەر.
ۋەن شيوڭفېي بىر قەپەس قاقاھلاپ كۈلۈۋەتكەندىن كېيىن:
ــ بۇ ياپون پاكارلىرى كىچىك ئىشنى بەك چوڭايتىۋېتىدىكەن! بىزنىڭ پەقەت قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ باش شىتابىنى پارتلاتقانغا، بىر نەچچە ساقچىنى ئۆلتۈرىۋەتكىنىمىزگە قورقۇپ بۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ!ــ دېدى.
ياپونىيە توكيۇ، باش ۋەزىر شيوسى فۇجىزاۋا(藤泽雄次 نى توردىن ئاختۇرسام، ئېنگىلىزچە ئوقۇلۇشى تەخمىنەن مۇشۇنداقراق بولىدىكەن) ئاچچىقىدىن ۋاقىراپ تىللاۋاتاتتى:
ــ ھايۋان! نېمە تېرورچى دېگەن؟ بۇ ئوچۇق چىنالىقلارنىڭ ئۆچ ئالغىنى تۇرمامدۇ! سىلەر دەڭلارچۇ، چىنالىقلار ياپونىيىگە قانداق كىرگەن؟ ئۇلار قانداقسىگە قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ باش شىتابىنى پارتلىتىۋېتەلىدى! ھۇ، بىر ئۇچۇم ھارامتاماقلار!
قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ باشلىقى موناكا(خەنزۇچىسىدىكى ياپونچە ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان ئىسىملار بولغاچقا، تەرجىمە قىلىشتا خەتلەرنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىندى، ئەسلى ياپونچە ئىسىملار ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىمۇ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىناتتىكەنتۇق، نىدادىن)مۇ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى:
ــ مىشىئو بانوھ سىزنىڭ ساقچىلىرىڭىز نەدە پوق يەپ يۈرىدۇ؟
توكيۇ ساقچى ۋازارىتىدىكى مىشىئو بانوھ تىترىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــ بىز ساقچىغا مەلۇم قىلغان تېلېفوننى تاپشۇرىۋېلىپلا ئادەم چىقاردۇق! بىراق يېرىم يولدا چىنالىقلارنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچرىدۇق! ئۇلاردا مىناميوت، پىلىموت قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار باركەن، ساقچىلارغا سەپلەپ بېرىلگەن قوراللار ئۇلارغا تاقابىل تۇرالمىغۇدەك! موكوباجىما، سىزنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىڭىز بىزگە خاتا مەلۇمات بېرىپ بىزنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى!ــ دېدى. موكوباجىما ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
ــ بۇنى مەندىن كۆرگىلى بولمايدۇ! چىنالىقلارنىڭ بۇ قېتىم جاسوسلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى بەك كۈچلۈككەن، بىزنىڭ جۇڭگودىكى بىر نەچچە تارماق بۆلۈملىرىمىزنىڭ ھەممىسى چىنالىقلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
ياپونىيىنىڭ ئەمەلدارلىرى تازا قالايمىقان تالىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئىشىك ئېچىلدى. كىرگىنى دەل كاتاسېكىخارا ئىدى. كۆپچىلىك ئۇنى كۆرۈپ روھلىنىپ كېتىشتى! كاتاسېكىخارا بولسا ياپونىيىدىكى ئۇچىغا چىققان ئوڭ قانات ئۇنسۇر ۋە جۇڭگوغا قارشى زات ئىدى، ئۇ ناھايىتى بۇرۇنلا ئاممىۋىي سورۇندا جۇڭگونى چىنا دېگەن ئىدى! جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ئۇ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ:
ــ سىلەرنى چىنالىقلار دېمەي، چىنالىق چوشقىلار دېسەك قانداق؟ــ دېگەنتى. شۇندىن كېيىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى، كاتاسېكىخارا گەرچە ياپونىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولمىسىمۇ، بىراق ياپونىيە پادىشاھىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنتى! سورۇندىكىلەر كاتاسېكىخارانىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا 90گرادۇس ئېگىلىپ تازىم قىلىشتى، كاتاسېكىخارا ئولتۇرغاندىن كېيىن:
ــ كۆپچىلىك، سىلەر بۆيۈك ياپونىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزئارا نىزالاشساڭلار قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ بۆيۈك ياپونىيە ئېمپىرىيىمىزنىڭ بۈگۈنكىدىدەك كۈنگە ئېرىشىشى پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارغانلىقىمىزدىن، چىنالىقلارنىڭ ئاشۇنداق ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقىدىن بولغان ئەمەسمۇ!ــ دېدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزىگە باش لىڭىشتىشتى، كاتاسېكىخارا ئۇلارغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
ــ چىنالىقلارنىڭ بىزدىن ئۆچ ئالغىنىنى مەن ئاللىقاچان بىلىۋالدىم، چىنالىقلارنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيىگە كېلىپ قارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ كاتتىبېشىنى ئۆلتۈرگىنى پەقەت بىر باشلىنىش، ئۇلارنىڭ كېيىنكى نىشانى چوقۇم بىزنىڭ ياپونىيە ئادەملىرىنىڭ مەنىۋىي تۈۋرىكى ــ ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرى، كۆپچىلىك، سىلەرگە ئايان، بىزنىڭ ياپون ئېمپىرىيىمىزنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى تەيۋەندىكى ھاۋا جېڭىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن ئىشەنچىسىز، ھازىر ئامېرىكا ئەلباشى ئالدىغىمۇ-كەينىگىمۇ ماڭالمايدىغان چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ قالدى، ئۇلارنىڭ تېنچ ئوكيان فلوتىمۇ پەقەت قۇرۇق زىننەت بويۇمى،خالاس. ھالبۇكى چىنالىقلار ئۇزۇندىن بۇيان بىزنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ ھېساپلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىشىدە چوقۇم بىزنىڭ مەنىۋىي تۈۋرىكىمىزنىڭ پارتلىتىپ يوقىتىش غەرىزى بار، ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي قىزغىنلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرۈپ، بىزگە ھۇجۇم قوزغاشنى قوللىشىغا ئېرىشمەكچى.
باش ۋەزىر شيوسى فۇجىزاۋا ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ:
ــ ئۇستازىمىز كاتاسېكىخارانىڭ ئېيتقانلىرى ناھايىتى توغرا، گېنرال موناكا، سىز چوقۇم دېڭىز، ھاۋا ئىككى ئارمىيىنىڭ قوغدىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەڭ، بۆيۈك ياپونىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، بىز بۇ قېتىم ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرىنى چوقۇم ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، چىنالىقلارنىڭ مەينەت قولى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تەگمىسۇن!ــ دېدى. ھەممەيلەن قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ھالدا:
ــ ھايت!ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى. كاللىسى قىزىپ بېشى ئايلانغانلار ئۆينىڭ بىز بۇلۇڭىدىكى بىر كىچىككىنە پاشىغا ــ بىر كۆزىدىن قىزىل نۇر چاقناپ تۇرغان بىر پاشىغا دىققەت قىلىشمىغانتى!
Z081 يادرو سۇئاستى پاراخوتىغا ئولتۇرغان ۋەن شيوڭفېي چاي ئىچكەچ كۆزەتكۈچكە قاراپ ئولتۇرغاچ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ كاتاسېكىخارا دېگەن ئۆلمەيدىغان قېرى ئالۋاستى، غوجاكاڭ سېنىڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ! ئەگەر مەن سېنى تۇتۇۋالىدىغان بولسام، ئاۋال بىر نېمەمنى يېگۈزۈپ ئۆلتۈرىمەن، ئاندىن سېنى چوشقا قوتىنىغا تاشلاپ مىكىجىن بىلەن جۈپلەشتۈرىمەن...... توختا! مەن يەنە نېمىشقا چوشقىنى كەمسىتىمەن! ياق، ياق، ياق... يەنىلا سېنىڭ قورسىقىڭنى يېرىپ، ئۈچەي-باغرىڭنى چۇۋۇپ چىقىرىپ، بوينىڭغا يۆگەپ بار كۈچۈم بىلەن بىرنى تارتسام، ۋاي-ۋۇي!!! تىلىڭ ساڭگىلاپ چىققاندا قىڭراق بىلەن چانىسام!!!!! دۇنيا جىمىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە سېنىڭ قورسىقىڭغا كىسلاتا قۇيسام!!! ئاناڭـــنـــى!
بىر ئەسكەر ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ سوغۇق تەرلىگىنىچە:
ــ ئەترەت باشلىقى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىن تېلگرامما كەلدى،ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي شۇندىلا ئېسىنى يىغىپ:
ــ سەن.....سەن قاچان كىرگەنتىڭ؟ــ دېدى، ئەسكەر ئاستاغىنە:
ــ سىز «كاتاسېكىخارا دېگەن ئۆلمەيدىغان قېرى ئالۋاستى» دەۋاتقاندا كىرگەنتىم،ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي:
ــ ............
ئەسكەر ۋەن شيوڭفېينىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغىنىنى كۆرۈپ سۆزىنى قايتىلىدى:
ــ ئەترەت باشلىقى! مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تېلېگراممىسى.
ــ بولدى، مەن بىلدىم، سەن چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ،ــ دېدى. ئەسكەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋەن شيوڭفېي تېلېگراممىنى ئاستاغىنە كۆرۈشكە باشلىدى! كاتاسېكىخارانىڭ پەرىزىدەك، جۇڭگو دەل ئۇلارنىڭ ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرىنى پارتلاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيىگە ئومىميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىماقچى ئىدى! بارلىق ھاۋا ئارمىيىسى تەييارلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۆكتەبىر ئىچىدە چوقۇم تاماملاشنى، قايسى كۈنى بولسا بولىۋېرىدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغانتى! غەلىبە قىلسىلا، ھاۋا ئارمىيسى دەرھال ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى ھەربىي بازىلىرى ۋە پورتلىرىنى گېلەم شەكىلدە بومباردىمان قىلاتتى، دېڭىز ئارمىيسىمۇ دەرھال كېلىپ ئۇلارغا ھەمدەم بولاتتى، مەركەز ئىككى ئالاھىدە ئەسكەرنى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ياردەملىشىشكە يۆتكەپ كەلگەنتى. ئەمدىلا كۆرۈپ تۈگىتىشىگە ۋەن شيوڭفېينىڭ كەينىگە باشتىن-ئاياق قاپقارا كىيىنگەن ئىككى ئەسكەر كەلدى، قارا پەلتۇ، قارا ئاياق، قارا پەلەي، قارا كۆزەينەك (قۇرۇق گەپ!)، قارا دوبۇلغا، پۈتۈن بەدىنى مەھكەم ئورالغان ئىدى، ئىسسىمامدىغاندۇ! ۋەن شيوڭفېي ئۇ ئىككىسىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلىدە ئويلىدى:
ــ ئاناڭــنــى! نېمە يەپ چوڭ بولغان نېمىلەردۇ! ئىككى مېتىردىن ئېگىزكەن.
ئالىملاردەك ياسىنىۋالغان بىرى كىرىپ كېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ ۋەن ئەترەت باشلىقى، بۇ ئىككىسى جۇڭگو مەخپىي قىسمىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى مۇتلەق مەخپىي بولىدۇ، ھەرگىزمۇ سىرتقا خەۋىرى چىقىپ كەتمىسۇن!
ۋەن شيوڭفېي خۇشياقمىغان ھالدا:
ــ ئۇنداقتا بۇ ماڭا ئىككى ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغانلىقكەنغۇ!ــ دېدى. ئالىم كۈلگىنىچە:
ــ ياق! ۋەن ئەترەت باشلىقى، سىز بۇلارنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيسىز، ئۇلار جەڭگاھتىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق قورال!ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە:
ــ بۇلار دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان «بىئوخىمىيىلىك كرىزىس»تىكى قوغلاپ يوقاتقۇچىلار ئەمەستۇ، ئۇلار گەپمۇ قىلىپ قويمايدىغۇ؟ــ دەپ سورىدى. ئالىم بېشىنى چايقىغىنىچە:
ــ ھا...ھا...ھا! ۋەن ئەترەت باشلىقى، سىز كومپيۇتېر ئويۇنىنى بەك جىق ئويناپ كېتىپسىز، «بىئوخىمىيىلىك كرىزىس»تىكى قوغلاپ يوقاتقۇچىلارنىڭ بۇلارنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىغا ئوخشاش قىلچىمۇ قارشىلىق كۈچى يوق، ئۇلارنىڭ سۆزلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، سىز پەقەت ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ قېتىم ياپونىيە ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرىغا قىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشتۇر،ــ دېدى. ۋەن شيوڭفېي كۈلۈمسىرىگىنىچە قاراپ تۇرغان ئالىمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە ھېلىقى ئىككى گەپمۇ قىلمايدىغان قارا كىيىملىك غەلىتە ئادەملەرگە قاراپ ، پۈتۈن بەدىنى سوغۇق تىترەپ كەتتى.
2009-يىلى 23-ئۆكتەبىر، جۇڭگو جۇڭنەنخەي، جوۋتيەنخۇا ھەر قايسى جەڭ لېنىيىلىرىدىن كەلگەن دوكلاتلارنى ئوقۇماقتا، دۆلەت رەئىسى لىشياڭ ۋە ئۈچ ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىرى بىر چەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ تىڭشىماقتا. جوۋ تيەنخۇا گەپ باشلىدى:
ــ ھىندىستان تەرەپتە بىز ۋە پاكىستاننىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ئاستىدا قوشۇنلىرىمىز يېڭى دېھلىغا بېسىپ كىرەي دەپ قالدى، بېرمىغا يېقىن جايدىكى ھىندىستان زېمىنى ئاللىقاچان پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنىپ بولۇندى، سىلەر ھىندىستان ۋەكىلىنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى چىرايىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولاتتى، ھا...ھا...ھا! ۋېيتنام بىلەن فىلىپپىن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەزىبىر ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىرى بىز بىلەن بولىدىغان تېنچلىق سۆھبىتىنى ئويلىشىشقا باشلىدى! ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋېئاماتكا فلوتى يەنىلا ياپونىيە ۋە فىلىپپىندە ساقلاۋاتىدۇ، ئىراق زۇڭتۇڭى ساداممۇ (توغرا چۈشەنگەيسىلەر، بۇ رومان 2003-يىلى يېزىلغاچقا، مەنمۇ شۇ پېتى تەرجىمە قىلىۋەردىم.) ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى جەڭدە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە سىياسىي قالايمىقانچىلىق چىقىۋاتقان مۇشۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قايتۇرما جەڭ قىلىشقا باشلىدى، ھازىر ئامېرىكا يەنە ئىككى دېۋىزىيىسىنى ئىراققا ئەۋەتتى!
لى رەئىس چاۋاك چېلىپ، كۈلگىنىچە:
ــ ياخشى! ئەمدى بىزنىڭ ياپونىيىنى جايلايدىغان ۋاقتىمىز كەڭتاشا بولدى، ئالاھىدە قىسىمنىڭ سىگنالىغىلا قاراپ قالدۇق،ــ دېدى. جوۋ تيەنخۇا قوشۇلغان ھالدا:
ــ ياپونىيە...ھىم! ئەگەر جۇڭگو تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن، ياپونىيىدىن ئىبارەت بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى چوقۇم كېسىپ تاشلىشى لازىم! ھوي، راست! مەن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بېيجىڭ دەرىجىلىك توشۇغۇچى كېمە ھازىر ئاي شارىنىڭ يۈزىگە قوندى، بىزنىڭ ئاينىڭ ئىچىدىكى بازا قۇرۇش خىزمىتىمىزمۇ باشلاندى،ــ دېدى. لى رەئىس سۈرلۈك ھالدا:
ــ بۇ ئىشنى مەخپىي تۇتۇڭلار، كېلەر يىلى 1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن تاماملاشقا تىرىشىڭلار، ۋاقتى كەلگەندە بىز ئاۋامنى بىر ھەيران قالدۇرايلى!ــ دېدى. جوۋ تيەنخۇا بېشىنى لىڭىشتىپ دېدى:
ــ رەئىس خاتىرجەم بولۇڭ.
2009-يىلى 27-ئۆكتەبىر، نۇرغۇنلىغان ياپونلار ئەتىگەندىلا ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرىنى تاۋاپ قىلىشقا ماڭغانتى، ياپونىيىنىڭ VR ئالاھىدە قىسمىمۇ نەچچە كۈن ئىلگىرىلا كىشىلەر توپىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولغانتى! بىر پىشقەدەم ياپون ئەسكىرى نەۋرە قىزىنىڭ يۆلىشى بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىپ تاۋاپخانىغا كېتىپ باراتتى، بىر چەتتە ئون نەچچە ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇدا مىلىتارىزىم ئىدىيىسى ۋە جۇڭگوغا قارشى سۆزلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتاتتى! بوۋىسىنى يۆلىۋالغان قىزچاق سورىدى:
ــ بوۋا، سىز نېمىشقا ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىسىز؟
بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ جاۋاپ بەردى:
ــ بۇنىڭ ئىچىگە بىزنىڭ ياپون دۆلىتىنىڭ قەھرىمانلىرى كۆمۈلگەن، ئەينى يىللىرى ئۇلار بىزنى ئاشۇ بىپايان زېمىندا ئۆي-ماكانلىق قىلىشقا ئاز قالغانتى.
قىز چۈشىنە-چۈشەنمەيلا بېشىنى لىڭىشتتى:
ــ سىزنىڭ سۆزلىگەنلىرىڭىز ھەجەپمۇ يېقىملىق جۇمۇ!
ئۇلار كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئازادە كىيىنىۋالغان بىر ئەر ئۇلارغا قارىغىنىچە سوغۇق كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئەر ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ ئاناڭـــنــى! ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ساقچىكىنە.
ئۇ ئەتراپقا يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، تاۋاپخانىغا قاراپ ماڭدى! دەل شۇچاغدا ئىككى ئادەم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىپ، ئىككى بېقىنىدىن ئۇنى قىستاپ كەلدى، ئارىدىن بىرى ساقچى كېنىشكىسىنى چىقىرىپ دېدى:
ــ بىز ساقچى، بىز بىلەن مېڭىڭ!
ھېلىقى ئەر ئاۋال بىردەم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ياپون تىلىدا راۋان سۆزلىدى:
ــ چاتاق يوق.
سۆزى تۈگەش بىلەنلا، ئىشتان يانچۇقىدىن بىر تاپانچىنى چىقاردى، «چىنالىقلارنىڭ ئا......»، سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئىككى ئادەم جەسەتكە ئايلىنىپ يەرگە يىقىلدى! بۇ ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى دەرھال يانچۇقىدىن گراناتتىن بىرنى ئېلىپ كىشىلەر توپىغا قارىتىپ ئاتتى! نەق مەيداندا سەككىز ئادەم پارتلاپ ئۆلدى. زىيارەتچىلەرنىڭ قورقۇنچلۇق توۋلىغان ئاۋازلىرى ئارىسىدا، كىشىلەر توپىغا يۆشۈرۈنىۋالغان ئالاھىدە قىسىم جەڭچىلىرى بەس-بەستە قوراللىرىنى چىقىرىپ، ئادەم كۆرسىلا ئېتىشقا باشلىدى! تۇيۇقسىز بىر پاي ئوق بىر ئەسكەرنىڭ پېشانىسىنى تېشىپ ئۆتتى، «پەخەس بولۇڭلار، مەرگەن باركەن!»، بىر ئالاھىدە قىسىم جەڭچىسى يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرىدى، زىيارەتچىلەردەك ياسىنىۋالغان ياپونىيە VR ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىمۇ قوراللىرىنى ئېلىشىپ جۇڭگو ئەسكەرلىرىگە قارىتىپ ئوق ئېتىشقا باشلىدى، تاۋاپخانا ئىچىدىكى راھىبپلارمۇ قوللىرىغا تاپانچا تۇتقان ھالدا ئېتىلىپ چىقىشتى.
ــ باشلىق، ئۇلار قىلتاققا چۈشتى،ــ دېدى بىر ياپونىيە جاسوسى ئېكرانغا قارىغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ. VR ئالاھىدە قىسمىنىڭ قوماندانى فۇجى ياماموتو:
ــ ياخشى! ئۇلاردىن ئازراقىنى يوقىتىڭلار، ئەمما بىر نەچچىسىنى تىرىك تۇتۇڭلار، بىز ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىمىسەك بولمايدۇ،ــ دېدى. «بىر ئادەم غەلىبىلىك ئېتىۋېتىلدى!»، «بۇ يەردە بىزنىڭ بىر ئادىمىمىز يارىلاندى» دېگەن سۆزلەر چاقىرغۇدىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى! ياماموتو جۇڭگو ئالاھىدە قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ئېتىپ ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويدى:«ئەگەر بۇ ئادەملەرنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كۆرسەتسەك، جۇڭگونىڭ مەخپىي ھالدا تېرورىزىمنى قوللىغانلىق جىنايىتىگە پاكت بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا كۆرەرمىز، جۇڭگو قانداق قىلالايتىكى! بىراق مۇشۇ ئادەملەرگە تايىنىپ جارا ئەجدىھا گورۇھىنىڭ باش شتابىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكى زادىلا كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ!»
ئەلنى تېنچلاندۇرغۇچىلار مازىرىنىڭ ئىچىدە ئېتىشىش تازا قىزىغان پەيتتە، ياپونىيە ساياھەت كوپېراتىپىنىڭ بىر ماشىنىسى كىرىپ كەلدى، مازار سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار دەرھال ئۇنى توسۇۋالدى، بىر ساياھەت يېتەكچىسى كۈلگىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ كەلدى، تۆت ساقچى ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ مازار بۈگۈن تاقالدى، زىيارەت قىلىشقا بولمايدۇ، سىلەر تېز كېتىڭلار،ــ دېدى. يېتەكچى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئالمان-تالمان:
ــ ھەي!ھەي! مان، بىز ھازىرلا كېتىمىز!ــ دېدى. يېتەكچى ماشىنىغا قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، پىلىموت ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى! دەرۋازا سىرتىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچىلار تاپانچىلىرىنى چىقىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا، يەرگە يىقىلىشقا باشلىدى! ۋەن شيوڭفېي ئالدىغا قارىغىنىچە:
ــ مازار ئىچىدىكىلەر بەرداشلىق بېرەلمىگىلى تۇردى، ئۇلارغا دەرھال ياردەمگە بارايلى،ــ دېدى.





____ ئۇيغۇر839 تەھرىرى


Nurluk elani

http://bbs.halkqil.com/kiring


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 18:02 چوققىغا قايتىش
towa代man

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 216
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
پۇل: 2150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تاسلا قاپتىمەن راس بولغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىپ قالغىلى .
        ياخشى تەرجىمە قىپسىز .   يەنە جاپا تارتقانسىز ھەقاچان ؟
        داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرۇڭ !!!!


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 19:38 چوققىغا قايتىش
bariber

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 344
شۆھرەت: 345 نۇمۇر
پۇل: 3440 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:101(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاخىرىنى تېزراق ئەۋەتكەيسىز............................................

Nurluk elani

مالىك
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 20:40 چوققىغا قايتىش
palchi



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 77
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:126(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ئەسەركەن ئاخىرىسىغا تەشنامەن .

رەھمەت سىزگە !


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 21:38 چوققىغا قايتىش
manxu@1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 79
شۆھرەت: 80 نۇمۇر
پۇل: 790 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ئەسەركەن ، رەھمەت تىمىڭىزغا!

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 11:06 چوققىغا قايتىش
ANSARE

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 80
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 369 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خىلىلا كۆپ ئەجىر قىلپسىز،بۇ روھىڭىزنى ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ

Nurluk elani

  بىلىم كۈچ
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-28 15:12 چوققىغا قايتىش
ZIYARATQI
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 735
شۆھرەت: 736 نۇمۇر
پۇل: 7200 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:352(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ئەسەركەن ئاخىرىسىغا تەشنامەن .

رەھمەت سىزگە ! BBS.Xabnam.Com din kochuruldi


Nurluk elani

 
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم   136784735
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-29 02:45 چوققىغا قايتىش
HASLIK

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 76
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:72(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاخىرى قاچان يوللىنىدۇ ؟ ئالدىنقى قىسمى كۆرۈپ بولۇپ بىر ئايدىن كىيىن مانا بۈگۈن 3،4 قىسمى يوللىنىپتۇ ! جاپا چىكىپسڭز !   ئاخىرغا بەك تەشنا قىلۋەتمەڭ !!!! تىزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ! ! !

Nurluk elani

خاسلىق
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-29 02:56 چوققىغا قايتىش
bomba



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 57
شۆھرەت: 58 نۇمۇر
پۇل: 570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خەنزۇچىسىنى كۆرسە ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇغاندەك پەيزى بولمايدىكەن .بۇنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم . تەرجىمىدە تالانتىڭىز باركەن .

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-29 02:58 چوققىغا قايتىش
Ormanlik

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 89
شۆھرەت: 90 نۇمۇر
پۇل: 890 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئەسەر خېلى ياخشى يېزىلغاندەك قىلىدۇ. تېمىنى يۈتتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي.

Nurluk elani


تۈركچەQQ توپى:
2852789

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-29 13:02 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-31 10:06, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije