كىلەلمەيمەن كۇتمىگىن مىنى
(ئەكبەر جۈمە ئەرتىكىن )
ئاڭلانسىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە ،
تاتلىقىنە كۈلكە ئاۋازىڭ ...
ياتلانساڭمۇ يۈرەك قىتىمدە ،
كىلەلمەيمەن كۈتمىگىن مىنى .
بىر شەھەردە تۇرساقمۇ يىقىن ،
بىئىختىيار كەتسىمۇ مەيلىم ...
چۈشلىرىمنى بۇزساڭمۇ لىكىن،
كىلەلمەيمەن كۈتمىگىن مىنى .
بوينۇم قىلدا باغلاندى بۈگۈن ،
پۇشۇلدايدۇ يىنىمدا بىر جان ...
ئەركىلەيدۇ <دادا>دەپ بالام !؟
كىلەلمەيمەن كۈتمىگىن مىنى ...
بەلكىم،
تەغدىر شۇنداق ئەزەلدىن ...
يەتكۇزمەيدۇ ۋىسالغا بىزنى .
يۈرۈكۈڭگە مىسكىن سۆيگۇنى
كۆمۈۋەتكىن كۆمگىن كۆمۈۋەت
.............................
يۈرۈكۈمدە نامسىز قەبرە بار .
قوللۇرۇمدا ياپيىشىل دەستە ...
پەرزەنتىمدە سۆيگۇم مۇجەسسەم ،
كىلەلمەيمەن كۈتمىگىن مىنى .
2007-يىل 27-دىكابىر