تەكلىماكان
جاپپار رەھىمى
تەۋەرۈكلەر تاۋلىنار تۇنۇر تاۋى تەپتىڭدە ،
تۈنىمەكتە تارىخىڭ تىمتاس تىرەن تەكتىڭدە .
تۈرتۈپ تۈمەن تۇلپارنى تاجاۋۇزغا تىغ تارتقان ،
تېلى،تۇخار ،توراننىڭ تاجدارلىرى تەختىڭدە .
«تەكتى ماكان ،تەكلىك ماكان »تارىخڭدۇر تۇنۇلغان ،
تەكە،تاغاچ،تالزارلىرىڭ تۆت تەرىپى تۇسۇلغان .
تۆگە -تۆگە تاۋارلىرىڭ تۇپرىقىڭدا تىزىلىپ ،
تايلاد،تۇنىس ،تىرانا، تېھرانغىچە تۇشۇلغان .
تۆگە تۇلپار، تايلاقلىرىڭ تاقلىشاركەن توقلىنىپ ،
تاپاۋىتىڭ تەلەي تاپقان تەڭگە تىللا توپلىنىپ .
توم-توم تەتقىق ،تەزكىرىلەر تەسىفىڭنى تاراتقان ،
تېۋىپ،تېلماچ ،تارىخچىلار تۇپرىقىڭدا تۇغۇلۇپ .
تىندۇرۇلغان توي تۈسىدەك تەنتەنىلىك تەلئىتىڭ ،
تەكتىڭدىدۇر تارىخشۇناس ،تەشنالارغا تەكلىپىڭ .
تەبرىكلىگەچ تەبىئەتمۇ توگا توندا تۆھپەڭنى ،
تەكتىڭدىدۇر تېخىچە تېپىلمىغان تەرىپىڭ .
تىندۇرۇلغان تاجۇ-تەختىڭ ،تۇغلىرىڭدا تىتىلىش ،
تۈلكە،توشقان ،تورغايلىرىڭ تارقاتمايدۇ تىن-تىۋىش .
تارىخىڭغا تەستىقى ،تەقرىز -تېتىرلىقلار ،توغراقلار ،
تۆشۈك تاملار تۇرار تەمكن تىلسماتتەك تىپتىنىچ !