اللە
ئىنساننى ئىنسانغا قۇل قىلمىغىن اللە
پەقەت بىز ئەبەتلا ئۆزۇڭنىڭ قۇلى
يانمايمىز ھەرگىزمۇ بۇ ھەقىقەتتىن
چۇشەندۇق شۇ ئىكەن ھىدايەت يولى
ياراتتىڭ ئىنساننى بەندەڭ قىپ شۇنداق
بەردىڭ ھەم بەندەڭگە ئەقىل--كۈچ ئىدراك
شۇ سەۋەپ اللە دەپ ئىلتىجا قىلىپ
تەلپۇنەر دائىما ساڭا بۇ يۇرەك
اللەدەپ ھەر دائىم تەلپۇنگەن چاغدا
كۆزۇمدىن تۆكۇلەر ھەسرەتلىك يېشىم.
باش قويۇپ تىلەيمەن كەچۇرگىن اللە
بىلىمەن ئالدىڭدا كۆپتۇر گۇناھىم