ئالدىنقى تېمامدا مۇشۇ ھۈنەرنى مۇنبەرگە يوللاپ چىقىرىمەن دەپ تورداشلارغا ۋەدە بېرىپ قويغان ئىدىم ، ۋاقتىدا يوللىۋىتەي.
ئاۋال ئەسكەرتىشكە دىققەت قىلىڭ !
1) ئەگەر سىزنىڭ مۇنبەر دەرىجىڭىز تۆۋەن بولۇپ ئىمزا رايۇنىدىن ئالغان بوشلۇقىڭىز ئاز بولۇپ قالسا ئىمزا رايۇنىغا رەسىمنى چىقىرالمايسىز .
2) چىقارغاندا ساغلام ، تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە ، جەمىيئەتتىكى ياخشى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان . . . .سۆزلەرنى رەسىم قىلىۋېلىپ چىقىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
3) رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە دىققەت قىلىڭ . بەك چوڭ رەسىم چىقىرىۋالسىڭىز مۇنبەردىكى تېمىلارنى نورمال كۆرۈشكە تەسىر يىتىدۇ .
ئۇسۇلى :
سىز نۇربەلگىسىنى تاللىغان رەسىم ئۈستىگە ئىلىپ كىلىپ ،ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز ،بىر تىزىملىك ئىچىلىدۇ بۇنىڭ ئىچىدىن خاسلىق (属性)تۇرىنى تاللسىڭىز ،مەزكۇر سۇرەتنىڭ ئادىرىسى كۆرىنىدۇ(http:دىن باشلانغان) شۇنى 复制قىلىۋالىسىز. يەنى تۆۋەندىكى كۆرسىتىلگەن خەتنى كىسىسىز.
ئۇنى كىسىپ بولغاندىن كېيىن مۇنبەرنىڭ رەسىم چىقىرىدىغان يېرىنى ئاچىسى يەنى بۇ يەرنى ئاچسىڭىز بىر بوشلۇق چىقىدۇ شۇ بوشلۇققا باياتىن كىسىۋالغان رەسىمنىڭ ئادىرىسىنى چاپلايسىز ، تۆۋەندىكىدەك.
چاپلاپ بولغاندىن كېيىن جەزىملەشتۈرۈش كونۇپكىسىنى(确定) باسساڭلار تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.يەنى رەسىمنىڭ ئالدى كەينىگەimgدېگەن خەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇنى پۈتۈنلەي كىسىۋالىمىز (复制) كىسىپ بولغان كېيىن ھەممە خەتنى ئۆزىمىزنىڭ ئىمزا رايۇنىغا چاپلاپ قويساقلا ئىش پۈتىدۇ . يەنى تۆۋەندىكى ئىككى رەسىمدەك.
(1)
(2)
_تەپسىلى سۆزلەيمەن دەپ بەك مۇرەككەپلەشتۈرۋەتتىمغۇ دەيمەن . ئەمەلىيەتتە بۇ مەشغۇلات تولىمۇ ئاسان كېيىنچە يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئۈگىنىۋالىسىز_