>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> [شېئىر] ئىككى   غەزەل

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 57 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [شېئىر] ئىككى   غەزەل IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
nimjan816



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[شېئىر] ئىككى   غەزەل

ئىككى غەزەل

__ نىمجان __
                    ( 1 )

يوق مېنىڭدەك داغى - ھېجران بەندىسى ئالەم ئارا ،
ھەم تېپىلماس تەلۋە ئاشىق مەن كەبى باغرى يارا .

بولمىسۇن ھېچكىم سەنەمدەك مىھرىبان ياردىن جۇدا ،
ئول جۇدالىق قىسمىتىنى مەن غېرىپجاندىن   سورا .

دىلبىرىمنىڭ ئوت - فىراقى بىرلە جىسمىم بولدى چوغ ،
قەبزىھال بولغۇم مۇبادا بەرمىسە مەلھەم - دورا .

يا يىتەر ، يەتمەس بىراۋلار مەن غېرىپنىڭ ھالىغا ،
نەدە مەشرەپ ؟ ئول پىرىمنىڭ ئالدىغا بارسام دارا .

يارنى دەپ جان كۆيدۇرۇپ يار ۋەسلىگە بىر يەتمىدىم ،
ۋەسلىگە يەتمەسمىدىم گەر بولمىسام بەختى   قارا .

بولسىمۇ بەختىم قارا ، بار ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد ،
ئاچمىسام ھىساپ ئەمەس دىلخانىلاردىن بىر شورا .

دەشتى - ھېجران جەبرىسىنى ئەيلە نىمجان ناپىسەنت ،
پارە - پارە يۈرىكىڭنى سەن ساداقەتتە ئورا ... !
                    ( 2 )
سېنى كۆردۇم قاچان ، شۇندىن بىرى دەرتكە دۇچار بولدۇم ،
خىيالىمدا بولۇپ بىر قۇش ، سېنى ئىزدەپ ئۇچار بولدۇم .

ئاقار يۇلتۇزمىدىڭ ياكى چېقىلغان تۇن ئارا چاقماق ،
كۈرۈندۈڭ << ۋال... >> قىلىپ ، سۆڭرى ھوشۇم يوق ، گاھى بار بولدۇم .

سېنى كۆرگەن ئەشۇ دوقمۇش مىنىڭ كەئبەمگە ئايلاندى ،
يولۇڭغا كۆز تىكىپ ، ۋەسلى دىدارغا ئىنتىزار بولدۇم .

سېنى بىر كۆرگۈنۈم سالدى بېشىمغا مىڭ بالا - قىسمەت ،
يەنە بىر كۆرگىچە ئايدەك جامالىڭغا خۇمار بولدۇم   .

چىقاتتى پاتسا كۈن كەچتە ،يېرىپ تۈن پەردىسىن قايتا ،
ئەجەپكىم ، بولمۇدۇڭ پەيدا ، بىتاقەت - بىقارار بولدۇم .

كۆرۇپ ھالىمنى ھەركىملەر ماڭا ھەرقىسما ئات قويدى ،
سېنىڭ ۋەسلى فىراقىڭدا جىمى دەرتكە چىدار بولدۇم .

تەئەججۇپ ئەيلىمەڭ ، نىمجان بىلىگە ئاق پۇتا چەگسە ،
سەنەمچۇن جان پىدا ئەتكەن   غېرىپقا ھازىدار بولدۇم ... !

    (   816 نىمجان           2007 -يىل يانىۋار )


____ ئۇيغۇر839 تەھرىرى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 23:59 چوققىغا قايتىش
kok-sultan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 120
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1200 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:107(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سەمىمىي ھېسىيات بىلەن سۇغرۇلغان لىرىكىلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم، نادىر تېمىلىرىڭىز نى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 10:27 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 15:54, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije