. . . يوق
كۇرشات
ناۋا ئەيلەشكە بۇلبۇلدەك گۈلىستانۇ - باھارىم يوق،
باھار ئىشقىدا باغرىم خۇن، ۋىسالغا ھىچ قانارىم يوق.
ۋاقىتسىز سولسا گۈل لالەم، كۆيەر باغرىمدا بىر گۈلخان،
گۈلۈمنى باسسىمۇ قار-مۇز، ئۇنىڭدىن ھىچ چانارىم يوق.
كۆڭۈلنى ئەيلىدىم ئىزھار، مېنىڭ ئۆزگە گۇناھىم يوق،
ۋېسال ئىشقىدا مەن سەۋدا، شۇڭا دىلدا ئارامىم يوق.
كۆڭۈلخانەم تولۇپ تۇرغاي گۈزەل ئارزۇ تىلەكلەرگە،
ناۋادا رەت قىلار بولساڭ بارارغا ھەم پايانىم يوق.
سەھەرگە ئىنتىزار بۇلبۇل، كېچىگە باپ شەپەرەڭ ھەم،
قۇزغۇننى خالىماس گۈلشەن، جىغاننى گۈل سانارىم يوق.
مەگەر خاتالاشمىسا تۇيغۇم، سېنىڭمۇ ئىستىكىڭ شۇدۇر،
ماڭا تەڭكەش سوقار قەلبىڭ، شۇڭا قىلچە گۇمانىم يوق.
ئۈمىدنى ئۈزمىدىم ھەرگىز، كېلەر بىر كۈن ۋىسال پەيتى،
ئىشەنگىن ئۇشبۇ ۋەدەمگە، ئىرادەمدىن يانارىم يوق.
____ ئۇيغۇر839 تەھرىرى