>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> جاھاندىكى ئىشلار -> قەدىمقى مۆجىزىمۇ ياكى ئالەم قاتناش مەركىزىمۇ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1474 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : قەدىمقى مۆجىزىمۇ ياكى ئالەم قاتناش مەركىزىمۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 865
شۆھرەت: 902 نۇمۇر
پۇل: 8650 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:221(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
قەدىمقى مۆجىزىمۇ ياكى ئالەم قاتناش مەركىزىمۇ؟

[/size][[size=6]size=3][size=6]دەمەشىق شەھرىنىڭ شىمالى تەرپىدە باربوك دەيدىغان بىر تۈز تەكشىلىك بار.بۇ تەكشىلىك تاش بىلەن قۇپۇرۇلغان بولۇپ ،بەزى تاشلارنىڭ كۆلىمى 20 كۇۋادىرات مېتىر كىلىدۇ.ئېغىرلىقىمۇ 2000 تونىدىن ئارتۇق . بۇ تاش تەكشىلىك نىمە ئۈچۈن ياسالغان ؟كىملەر ياسىغان ؟ ئارخولۇگلار بۇ ھەقتە تا بۇگۈنگىچە كىشىنى قايىل قىلارلىق بىرەر چۈشەنچە بېرەلمىدى .بىراق سابىق سۆۋېت ئېتپاقىلىق پىرافېسور ئاكرسىېت بۇ تەكشىلىكنى بىر چوڭ ئايرۇدرومنىڭ خارابىسى دەپ قارايدۇ.
    مىسىرشۇناسلارنىڭ قارىشىچە پارلا ق مىسىر مەدەنيىتى توساتتىنلا پەيدا بولۇپ قالغان ،تەدىرجى راۋاجلىنىش جەريانى بولمىغان .مىسىرنىڭ ئۆتمۈشىدە چوڭ كۆلەملىك شەھەرلەر ،ھەيۋەتلىك ئېبادەتخانىلار ،غايەت زور تاش ئويمىلار ،ئىككى تەرىپىگە نەپىس ئېشلەنگەن ھەيكەللەر ئورنىتىلغان كەڭ كوچىلار ،پۈتۈن سۈرۈك سۇ چىقىرۋېتىش ئەسلىھەلىرى ،سۈنئى تاش غارلار بولغان .ئېرادىن بۇرۇنقى تەدىرجى تەرەققىيات بولمىغان بىر دۆلەتتە يۇقۇرقىدەك مۆجىزاتلارنىڭ بىردىنلا پەيدا بولۇشى بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟
  مىسىردىكى نېل دەرياسى دېلتىسى ۋە دەريا ۋادىسىدىكى تار ۋە ئۇزۇن يەرلەر مۇنبەت ئېكىنزارلىق ھېساپلىندۇ .بىراق ، مۇتەخەسسىلەرنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا پىرامىدالار قۇرۇلۋاتقان چاغدىكى مىسىر ئاھالىسى 50مىليوندىن ئاشمايدىكەن (شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيلىكى ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلى ئەتراپىدا پۈتۈن دونيا ئاھالىسى 20 مىليون ئەتراپىدا ئېدى دەپ ھېساپلايدىغانلارمۇ بار.بۇ يۇقۇرقى ئېككى سان ئارسىدىكى پەرىق بەكمۇ چوڭ) بىراق شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە كېرەككى ، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تاماقلىنىشى كېرەك ،پىرامىدالارنى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغان نەچچە مىليون ئادەمدىن ئۆزگە يەنە نۇرغۇن ئاق سۆڭەكلەرمۇ ئاشۇ ئاھالە ئېچىدە بولۇشى تەبىئى . مانا مۇشۇ ئادەملەر نېل دەرياسى دېلتىسىدىكى ۋە دەريا ۋادىسىدىكى يەركەرگە قۇرساق تويغۇزالىشى مومكىنمىدى؟
  بەزىلەر پىرامىدالارنى ياساشتا ئېشلىتىلگەن زور تاشلار ياغاچلاردىن غالتەك ئورنىدا پايدىلىنىش ئۇسولى بىلەن توشۇپ كىلىنگە دەپ قارايدۇ.ئەمما مىسىرلىقلار ئەسلىدىنلا ئاز بولغان دەرەخلەرنىڭ ھەممسىنى كىسىپ تاش يۆتكەشكە ئېشلەتتى دىيىلگەندىمۇ يەنە مىسىردا ئۆسىدىغان دەرەخلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ باقماي بولمايدۇ.پىرامىدا ياسىلۋاتقان چاغلاردا مىسىردا ئەڭ كۆپ ئۆسىدىغان دەرەخ پالما دەرىخى ئېدى .مىسىرلىقلار پالما دەرىخىنىڭ مېۋېسىگە تايىنىپ ھاياتىنى قامدايتى ، ئۇنىڭ ئۆستىگە پالما دەرىخىنىڭ يۇپۇرماقلىرى كىشىلەرنى ئاپتاپنىڭ قىزدۇرىشىدىن ساقلايدىغان ئوبدان سايىۋەن ئېدى .مىسىرلىقلار پىرامىدا ياساشتا پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرەخلەرنى كەسكەن دەپ قىياس قىلغاندىمۇ ، ئەمما پىرامىدانىڭ ياسىلىشىنى تېخنىكا جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ بېرىش خېلى تەسكە توختايدۇ.
  خوش،مىسىرلىقلار دومىلىتىش ئۈچۈن ئېشلىتىلدىغان ياغاچلارنى ئېمپورت قىلدى دەپمۇ ھىساپلاپ تۇرايلى ،بىراق ،بۇنداق ياغاچلارنى تۇشۇش ئۈچۈن خېلى كۆپ ساندىكى كېمىلەرگە ھاجەت چۈشىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياغاچ باسقان كېمىلەر ئالىكساندىرىيە پورتىدىن يولغا چىقىپ قاھىرەگە كىلىش ئۈچۈن نېل دەرياسىدا ئېقىمغا قارىشى ئۈزۈشى كېرەك .ئۇ چاغلاردا يەنە كىلىپ مىسىردا ئات ،ھارۋا دىگەنلەر يوق ئېدى ،شۇڭا باشقا ئېمكانىيەتلەر نىڭ بولىشىمۇ مومكىن ئەمەس . ئات ۋە ھارۋا دىگەنلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 1600-يىللاردىلا 17- سۇلالە دەۋىرىدە مىسىرغا تارقىلىپ كىرگەن . كىشىلەر يۇقۇرقى مەسىلىلەر ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ كۈتكىلى ئۇزۇن زامانلار بولدى .بىراق ،بۇنىڭغا جاۋاپ ھېلىغىچە تېپىلغىنى يوق!
  مىسىرلىقلار ئۇيۇل تاشلىقلار ئارسىدا قەبرىلەر قېزىشتا نىمىلەردىن پايدىلانغان ؟ ئۇلار قەبرە ئېچىدىكى ئېچىدىكى ئېزىتقۇ يولىدەك يوللارنى ، پەلەمپەيلەرنى ،ئۆتۈشمىلەرنى قانداق لاھىيلىگەن ؟ نۇرغۇن كىشىلەر قاپارتما رەسىملەر ئۇيۇلغان بۇنداق يوللاردا كېتىۋېتىپ تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلسىمۇ ،لىكىن قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ بۇنداق كارامەتلەرنى يارىتىشتا قانداق سىرلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلانغانلىقى تۇغۇرسىدا ھېچنىمە بىلمەيدۇ، شۇنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولۇدىكى ،مىسىرلىقلار بۇ قەبرىلەرنى قېزىشتا جەزمەن ناھايتى يۇقرى سەۋېيەدىكى تېخنىكىنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇنداق قەبرىلەرنىڭ ياسىلىش سەۋېيەسى مىسىردا كىيىنكى دەۋېرلەردە ياسالغان قەبرىلەردىن ھەرگىز قىلىشمايدۇ.
مىسىردىكى خۇفو پىرامىداسى ئۆزىنىڭ ياسىلىش جەھەتتكى سىرلىقلىقى بىلەن جاھانغا مەشھوردۇر.چارلىز شىمىس دىگەن مۇتەخەسىس خېلى بۇرۇنلا بۇ پىرامىدادىكى بەزى سىرلارنى ئېچىشقا ھەركەت قىلىپ «خوف ئېھرامىدىكى مىراسلىرىمىز » دەپ بىر كىتاپ يىزىپ چىققان ۋە خوفۇ پىرامىداسىغا ئائىت بەزى سانلىق مەلوماتلارنىڭ يەر شارى سانلىق مەلوماتلار بىلەن بولغان ئورتاقلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
  كۆپچىلىككە مەلومكى ،قەدىمكى مىسىرلىقلار قۇياش ئېلاھىغا ئېتىقاد قىلاتتى . ئۇلار قۇياش ئىلاھى بىر يەلكەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ ئەرىشتە ساياھەت قىلىدۇ ، دەپ ھېساپلايتى.كونا سۇلالە دەۋرىدە ياسالغان پىرامىدادىن تېپىلغان يېزىقلاردا ھەتتا قۇياش ئېلاھى ۋە پادىشاھ ئەرىشتە بىللە سەيلە قىلغانلىقى تۇغۇرسىدا خاتىرىلەر بار.
  جىسا پىرامىداسىنىڭ ئېگىزلىكىنى بىر مىليارتا كۆپەيتكەندە يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقىغا توغرا كىلىدۇ ،پىرامىدانىڭ ئۈستىگە توغرا كىلىدىغان سىزىق قۇرۇقلۇق ۋە دىڭىزنى دەل ئېككى بۆلەككە ئايرىيدۇ، مانا بۇلار تەسەددىپى توغرا كىلىپ قىلىشمۇ؟
«ئاجايىپ ۋەقەلەر »ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
                                     
                                          [](داۋامى بار) [/size] سۈمەييە تەھرىرلىدى[/size]


[ بۇ يازما nur-ziya تەرپىدىن 2007-12-27 18:34 دە قاي ]



[پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 18:21 چوققىغا قايتىش
apple



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:81(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ نىڭ جاۋابىنى قىسسەسۇل ئەنبيا دىن كۈرۈڭ !!!!!!

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 18:46 چوققىغا قايتىش
koxuk
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 329
شۆھرەت: 460 نۇمۇر
پۇل: 3022 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:642(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


«ئاجايىپ ۋەقەلەر » دىگەن كىتابنى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئوقىغان يادىمدا.


قوشۇق
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 18:57 چوققىغا قايتىش
alkizi



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قىسسەسۇل   ئەنبيا   زەئىپ ھەدىس ئوقۇشقا بولمايدۇ زەئىپ ھەدىس بىلەن سەھىھ ھەدىسنى ئايرىپ ئوقۇڭ قىسسەسۇل   ئەنبيانى ئوقۇغاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسنى ئوقۇڭ

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 18:59 چوققىغا قايتىش
man~

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 178 نۇمۇر
پۇل: 1670 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مېنىڭ ئاڭلىشىمچە بۇرۇن تاشلارنى ياتقۇزۇپ پالىيەت مەيداننى ، يەننى ھارۋائۇللاقلارنىڭ يولىرىنى شۇنداق ئۇسۇلدا ياسىغان ئىكەندۇق ، خۇددى بىزنىڭ ھازىرقى خەلىق مەيدانلىرىمىزغا ئوخشاش . .
يەنە ، دۇنيادىكى ئادەملەر 20 مىليوندىن ئاشمايتى دەپتۇ ، مىرىرنىڭ سۆزچە 50 مىليونغا يەتمەيتى ، دىمەك سان پەرىقى سىز دىگەندەك زور دەرجىدە بىر بىرگە قارمۇ قارىش ، مەن دەيمەن ، ئادەم ساننى ھازىرقىدىن پەك پەرىقلىق ئەمەس ، چۇنكى
بىر كۇندە مانچە ئوغۇل تۇغۇلدۇ مانچە قىز تۇغۇلدۇ دىگەن ،ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلىرىمىز بارغۇ ، شۇنىڭغا قاراڭ يەنە شۇنچىلىك ئادەم ئۆلگەنلىكىمۇ بار ، ئەددى ئۇ ۋاقىتا ئۇرۇش شەكلى قەبى بولغانلىقتىن ئۆلۇپ تۇگەيدىغانلار كۆپ شۇڭا ، ھازىرقىدىن سەل پەرىقلىنىدۇ ، ئۇنداق دىيىشىم ھازىرمۇ باشقا يۇرتلاردا ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ، شۇنداقمۇ ،،، شۇڭا بىزنىڭ نىسپىلىكىمىز ئاساسەن ئوخشاش دەپ قاراي مەن .


Nurluk elani

.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 19:05 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 865
شۆھرەت: 902 نۇمۇر
پۇل: 8650 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:221(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


جىسا پىرامىداسىنى ياساتقۇچى فېرەۋېننىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ تاشلىقنى ئۆز قەبرىسى قىلىپ تاللىغانلىقى توغۇرسىدا ھېلىغىچە بىر مۇۋاپىق چۈشەنچە يوق . يەنە كىلىپ ، بۇ تاشلىقلارنى قانداق كۈچ ، قانداق ماشىنا بىلەن شۈنچە تۈز ھالەتكە كەلتۈرۈشمۇ ئۇ چاغلاردا ئاسانغا چۈشمەيتى ، ھەتتا مومكىن بولمايدىغان ئېش ئېدى.
21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرىدە ھەرقانداق ئۇستا قۇرۇلۇش مۇتخەسىسىمۇ بۇنداق پىرامىدادىن يەنە بىرنى ياسىيالىشى مومكىن ئەمەس ..ۇ ھەتتا دۇنيادا ھازىر بار بولغان ئەڭ يىڭى تېخنىكا ۋە ئۈسكىنىلەرنى ئېشلەتكەندىمۇ يەنىلا مومكىن ئەمەس . بىز تۆۋەندە ھازىر ئېقىۋاتقان بەزى نەزىريەلەرنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ باقايلى :
  «پىرامىدانىڭ نۇرغۇن ئۆلچەملىرى پىرامىدانى ياساشقا قۇماندانلىق قىلغۇچى مۇتەخەسىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئېسىگە كەلگەنلىرى بىلەن بىكىتىلگەن»
«بىر قانچە يۈز مىڭ ئېشچى (مەۋجۇت بولمىغان )،ئاغامچا بىلەن تاشلارنى سۆرەپ (مەۋجۇت بولمىغان)،غالتەكلەر بىلەن دومىلىتىپ توشۇپ كەلگەن، بۇ تاشلارنىڭ ھەر بىر پارچىسى 12 توننا كىلەتتى.»
  «بۇنچە كۆپ ئېشچىلار (مەۋجۇت بولمىغان )ئاشلىق بىلەن ئوزۇقلانغان »
  «بۇ ئېشچىلار پادىشاھ تەرىپىدىن ئالدىن ئالا ياسىتىپ قۇيۇلغان كەپە ئۆيلەر(مەۋجۇت بولمىغان )نى قونالغۇ قىلغان.»
  «ئېشچىلار يوقىرى ئاۋازلىق لابا (مەۋجۇت بولمىغان )بىلەن بېرىلگەن قۇماندا ئارقىلىق 12 توننا ئېغىرلىقتىكى تاشلارنى ھە-ھۇ دىيىشىپ يۈز نەچچە مىتىر ئېگىزلىككە سۆرەپ ئاچىققان.»
  «ئېشچان ئېشچىلار ھەر كۈنىگە بۇنداق چوڭ تاشلاردىن ئون پارچىسىنى كىسىپ تاراشلاپ بولغان ۋە ئېككى مىليون 500مىڭ پارچە تاشنى كىىسپ تاراشلاپ پىرامىدانى ياساپ بولۇش ئۈچۈن 664 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان .»بىراق شۇنى قئۇنۇتماسلىق كېرەككى ،پىرامىدا ياسىتىش مەلوم بىر پادىشاھنىڭ كاللىسىغا كەلگەن ئوي بىلەن باشلانغان ئەمەس . ھەر قانداق پادىشاھنىڭ 664 يىل ياشىيالىشى مومكىن ئەمەس!
  مىسىر پىرامىدالىرى قاچان ياسالغان ،نىمە ئۈچۈن ياسالغان دىگەن مەسىللىلەر ھەزىرچە بىزگە نائېنىق. بىراق ئېگىزلىكى 150 مىتىر كىلىدىغان ، ئۇمومى ئېغىرلىقى 31 مىليون 200مىڭ توننا كىلىدىغان پاكىت مانا مەن دەپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ پاكىتىنى « بۇ پىرامىدا مەلوم بىر پادىشاھنىڭ قەبرىسىدىنلا ئېبارەت »دەپ چۈشەندۈرگىچىلەر ئەلۋەتتە كەم ئەقىللىق قىلغان بولۇدۇ.

(داۋامى بار)



[ بۇ يازما nur-ziya تەرپىدىن 2007-12-26 20:08 دە قاي ]


Nurluk elani

[پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 19:47 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 865
شۆھرەت: 902 نۇمۇر
پۇل: 8650 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:221(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[/color]]مومىيا -يەنە بىر چۈشۈنىش تەس بولغان پاكىت.تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مىللەتلەر جەسەتكە قارىتا - چىرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى كۆرۈشنى بىلگەن .بىراق مىسىر قەبرىلىرىدە ياتقان مومىيالار شۇنىڭدىن گۇمانلاندۇردىكى ،ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئۈمۈت باغلانمىغاندا قەدىمكى مىسىرلىقلار جەسەتنى مومىياغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن شۈنچە جاپالارنى چىكەتتىمۇ؟ مىسىر قەبرىلىىرىدە ياتقان مومىيالار مانا بۇ نۇقتىنى ئېسپاتلاشقا يەتكۈدەك پاكىتلار بىلەن بىزنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇپتۇ.
  مومىيانى قايتا ھاياتلىققا ئېگە قىلىش دىگەن خىيال ئەلۋەتتە ئېشقا ئاشمايدىغان ئېش ئېدى . نۇرغۇن تام رەسىملىرى ۋە رىۋايەتلەردە ئاسماندىن چۈشكەن ئېلاھلارنىڭ ئۆلگەن كىشىگە قايتا تىرىلدۈرۈش ۋەدىسىنى بېرىۋاتقانلىقى، پەيتى كەلگەندە جەسەتنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشۈدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمونلار ئىپادىلەنگەن . گۆرلەردە قۇيۇلغان مومىيالارنىڭ يىنىدا ئۇزۇق -تۈلۈكلەر ، دىدەك -چۆرىلەر، خوش -پۇراقنەرسىلەرنىڭ بىللە قۇيۇلغانلىقى ئۆلگۈچىنىڭ قايتا تىرىلدىغانلىقىغا ئېشەنچ باغلىغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ.
  ئۇنداقتا ، ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلەلىشى ھەققىدىكى بۇ ئېدىيەنى كىم بۇ مەرىپەتكە ئانچە ئېگە ئەمەس مىللەتكە سىڭدۈرگەن؟ مىسىردىكى مومىيا قۇيۇلغان قەبرىلەر بەكمۇ پۇختا ياسالغان . ئۇ ھازىرقى ئاتوم بومبىسىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلىشىدىنمۇ پوختا . ئۇنداقتا ئادەمنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن كىلىتكىلارنى جەزمەن ئاسراش كېرەك دىگەن ئېدىيەنى كىم كەشىپ قىلغان ؟ 1965- يىلى فېزىك ۋە قۇشۇمچە ئاستۇرۇنوم روبىرت ئايدنگىر « مەڭگۈلۈك ھاياتقا نەزەر» دىەەن بىر كتاپ يىزىپ ، ئۆلگەنلەرنى توڭلىتىپ قۇيۇش ،كىلىتكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى شۇ يول بىلەن چەكلەپ ھايات قابىليىتىنى ساقلاش ، مىدىستىنا ۋە ھازىرىقى زامان پەن -تېخنىكىسى ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان كىسەلنى داۋالاش دەرىجىسىگە بارغاندا ، بۇ ئۆلۈكلەرنى ئېرىتىپ كىسىلىنى داۋالاپ قايتا تىرىلدۈرۈش كېرەك دىگەن بىر نەزىريەنى ئۇتتۇرغا قويدى. ئادەتتە ساپ قان نۆلدىن تۈۋەن 196 گىرادوستا ساپ پىتىچە ساقلىندۇ .تىرىك كىلىتكىلارمۇ ئەنە شۇ تىمپىراتورىدا تىرىك پىتى ساقلىنالايدۇ.
  مىسىر پادىشاھلىرى يۇقۇرقى قائېدىنى ئۆز ۋاقتىدا نەدىن بىلگەن ؟
  1963- يىلى 3- ئايدا مەلوم بىر بىئولوگىيە ئالىمى ئۆلگىنىگە ئاللىقاچان نەچچە مىڭ يىل بولغان مىسىر مەلىكىسىنىڭ جەسەت خاتىرىسى مەلوم بىر ھاياتى كۈچكە ئېگە ئىكەنلىگىنى ئېسپاتلىدى . شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ناھايتى ياخشى ساقلانغان قەدىمى جەسەتلەر تىپىلدى . ئېنجالىقلار ياشىغان دەۋىېردىن قىپقالغان مۇزلۇقلار ئارسىدا ساقلانغان قەدىمى جەسەتنىڭ تىرۇلدۈرۈلىشى نەزىريە جەھەتتىن مومكىن ئېكەنلىكى ئېسپاتلاندى .
  1965- يىلى يازدا سۆۋېت ئېتتپاقى تېلۋېزىيە ئېستانسىسى تۆۋەن تېمپىراتورا ئاستىدا ساقلانغان ئېككى ئېتنىڭ ئېككى ھەپتىدىن كىيىن قايتا ئېرىتىلگەندە يەنىلا سەكرەپ ئويناقشىۋاتقانلىقى كۆرۈنىشىنى كۆرسەتتى .
ھازىر يەنە ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئېدارىسى ئۇچار كىمىگە ئولتۇرۇپ ، كائېناتنىڭ يىراق يەرلىرىگە سەپەر قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى توڭلىتىپ ساقلاپ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىش مەسلىسىنى ئويلىشۋاتىدۇ . ئەگەر بۇ نەزىرىيەگە ئاساسلانغاندا ، مەلوم بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ مىڭلىغان زاپاس ھەربىلىرىنى غايەت زور توڭلىتىش ئېسكىلاتلىرىدا توڭلىتۋېلىپ ئۇرۇش پارتىلىغان ھامان ئۇلارنى ئېرىتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرالىشى ھەم مومكىن.
  ئۇنداقتا مومىيا بىلەن ئۇزاق ئۆتمۈشتە يەر شارىغا ئالەم ئادەملىرىنىڭ كەلگنلىكى مەسىلىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بار؟

(داۋامى بار )
[/size]


[ بۇ يازما nur-ziya تەرپىدىن 2007-12-27 18:34 دە قاي ]


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

[پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 21:09 چوققىغا قايتىش
AQTASH199



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 220
شۆھرەت: 221 نۇمۇر
پۇل: 1930 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:353(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇنداقتا بۇمۇ دۇيا مۆجىزسى ئىكەن دە ، ھەي دۇنيادا سىرلىق يەرلەر خېلى بار   .

Nurluk elani

http://www.aqqush.com/bbs/index.php
http://www.aqqush.com
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 21:18 چوققىغا قايتىش
aliali



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 281
شۆھرەت: 282 نۇمۇر
پۇل: 2810 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:378(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىلگىرى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە   پىرامىدانىڭ   ئاستىنقى يۈزىنى   ئۈستۈنكى   يۈزىگە   بۆلگەندە كىلىپ چىققان سان   دەل   چەمنەر   تۇراقلىقى   ( 3.14 )   غا   تەڭ بولۇپ   چىققان ،........................   ،   ..........................   قاتارلىق   نۇرغۇن   سىرلارنى ئالىملار   چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەي   تاشقى   پىلانت   ئادەملىرىگە   ئارتىپتىكەندۇق  

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 22:21 چوققىغا قايتىش
navel

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 45
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 450 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:25(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھارمىغايسىز داۋامىنى قاچان كۆرىمىزكىن

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 01:34 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 15:50, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije