>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> بۇ «چاخچاق» ئەمەس NUR65

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1383 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بۇ «چاخچاق» ئەمەس NUR65 IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
nur65
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 270
شۆھرەت: 323 نۇمۇر
پۇل: 2700 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:286(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بۇ «چاخچاق» ئەمەس NUR65

ئايەم ئۆتۈپ كەتتى. بىراق ئايەمدە يۈز بەرگەن بىر ئىش تېخى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. بىز ھېيت نامىزىدىن كېيىن، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. مەن قوينى تەييارلاپ قويغان ئىدىم. لېكىن مەن قوي سۇيۇشنى بىلمىگەچكا قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرسام ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ماۋۇ مۇنبەردىكى molla pok-pok مېنىڭ تېلفون نۇمۇرۇمنى نەدىن بىلىۋالدىكىن تېلفون قىپتۇ:
- NUR65 بىكار بولساڭ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ قۇربانلىق قوينى سويۇۋەتسەڭ!
مەن ئۆزۈمنىكىنى سۇيۇشنى بىلمەي تۇرسام بۇ ئەپەندىنىڭكىنى قانداق سويارمەن دەپ تۇرسام ھويلامغا بىراقلا بىرنەچچە قوي ئۆزىلا كىرىپ كەلدى. مەن ھەيران بولۇپ تۇرسام قوينىڭ ئارقىسىدىن ARK-ZAT، TURKIY MATEMATIKA كىرىپ كەلدى. مەن خوشلۇقۇمدا:
- ئايەم مۇبارەك! سىلەر ماڭا نىمانچە كۆپ سوۋغات ئېلىپ كەلدىڭلار؟ رەخمەت! - دەپ تۇرسام، بۇلار نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر:
- ۋاي بۇ نىمە دىگىنىڭ؟! بۇ قوينى سويۇپ بېرەرمىكىن دەپ ئەكىلىشىمىز ئىدى.
- نېمە؟!!!! - ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى. مەن ئۆزۈمنىڭكىنى سويالماي تۇرسام قانداق گەپ بولدى ئەمدى بۇ؟!
- نېمە دەيسەن دوستۇم سەنما قوي سۇيۇپ باقمىغانما؟! - دىيىشتى.
- مەن قوي ئەمەس، توخۇ سۇيۇپ باقمىغان...
شۇ ۋاقىتتا ARK-ZAT، نىڭ تېلفونىغا جان كىرىپ قالدى:
- ئايەم مۇبارەك! مەن ARK-ZAT - دېدى- قېنى تارتىنماي دەۋېرىڭ! ... نېمە؟! بولىدۇ! بولىدۇ!
  - تېلفوننى قويۇۋېتىپ،
  - بولدى دوسلار بۈگۈن شەبنەم ئەپەندى بىزنى شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار بىلەن بىرگە شەبنەم مەيدانىدا قۇربانلىق قىلىشنى ئۇقتۇردى. بولدى بىز شۇ يەرگە بارايلى!
  بىز ھەممىمىز يەنە سوغۇققا قارىماي شۇ يەرگە ماڭدۇق.
بۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن بارغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. بىراق بىرەر قوينىڭ بېشى تېخى تېنىدىن ئاجرىماي مەرىشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ يەردىمۇ قوي سويىدىغان ئادەم يوقكەن دېگەننى چۈشەندىم. شەبنەم ئەپەندى بىز بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن:
- سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا قوي سويىدىغانلار باردۇ ھە؟ دېدى تۆتىمىزگە قاراپ.
- نېمە؟؟؟!!!! - ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ قېلىشتۇق.
ۋاقىت ئۆتمەكتە. بۇ يىل قۇربان ھېيت تازا سوغۇقتا كەلگەچكە بىز توڭۇشقا باشلىدۇق. قويلارمۇ مەرەشتىن توختاپ قالدى. بىز كىمنى چاقىرىپ قوي سويۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرغاندا، بىر ماشىنا قورۇغا كىرىپ كەلدى. مۇشۇ ماشىنىدا بەلكىم قوي سويىدىغان بىرەر ئادەم چىقىپ قالار دەپ ئويلاپ خوش بولۇشۇپ تۇرساق، ماشىنىدىن SAADAT QINMODAN NAZUKQIMAN GULSANAM لەر چۈشتى. ھەممىمىز ئايەمنى مۇبارەكلىشىپ بولغاندىن كېيىن، چاخچاقچى SAADAT گەپ باشلىدى:
- بۇ قۇربانلىق قويلارنى تىرىك پېتى يەۋېتىمىزما؟!
بىز نېمە دىيىشنى بىلمەي قالدۇق.
شەبنەم ئەپەندى :
- قوي سويۇشقا قولىمىز بارماي قالدى - دېدى ئوڭايسىزلانغان تەلەپۇزدا.
GULSANAM دەرھاللا:
- قوي سويالمايمىزلا دىمەمسىز؟! -دېدى، ۋە - ياخشىسى FIRKAT نى چاقىرايلى - دەپ مەسلىھەت بەردى.
شەبنەم ئەپەندى FIRKAT كە تېلفون قىلدى. ئارىدىن 15 مىنۇت ئۆتۈپلا FIRKAT فىرقەت بېنز ماركىلىق ماشىنىدا يېتىپ كەلدى. FIRKAT ھەممىمىز بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن:
- قېنى پىچاقنى ئېلىڭلار مەن سويۇپ بېرەي، قارىسا بىر تاغنى يۆتكىۋەتكۈدەك ئەركەكلەر ئىكەنسىلەر. بىراق بىر قوينى سويۇشنى بىلمەي تۇرغۇنىڭلار نېمىسى؟! مۇنبەردە «ئايالىمنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، FIRKAT نى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ داۋراڭ سالغان ئادەملەر مۇشۇ بىر قوينى سويالمايدىيۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى قانداق قىلالايدۇ ھې ھې ھې...
- پىچاق؟! - بىز بىرىمىزگە قاراشتۇق. لېكىن ھىچكىمدە پىچاق چىقمىدى.
- ھەە پىچاق! ... پىچاق بولمىسا قوينى سېرتماق سېلىپ ئۆلتۈرەمدىمەن؟!
ما ئىشنى كۆرۈڭ! شۇنچە كۆپ ئەركەكتە بىر قوي سويغۇدەك پىچاق چىقمىدىغۇ ئەمدى...
- بىزدە پىچاق يوقكەن!!!!
قوي سويىدىغان ئادەم چىقسا پىچاق چىقمىغاننى قارىمامدىغان؟
QINMODAN NAZUKQIMAN لەر بىردەك:
- سىلەردە پىچاق بولمىسا جاللات خېنىمدا شەمشەر بارمىكىن؟! چاقىرايلى!
- توغرا!!!
يەنەQINMODAN جاللات خېنىمغا تېلفون قىلدى.
جاللات خېنىم گەرچە بۈگۈن ھېيت بولسىمۇ يەنىلا يېنىدىن 50 سانتېمېتر ئۇزۇنلۇقتىكى شەمشەرنى ئايرىماي كەپتۇ.
FIRKAT مۇسۇلمان قاىدىسى بويىچە قوينى سويۇشقا باشلىدى. 10 نەچچە قوينى سويۇش ئۈچۈن، 4 سائەت كەتتىمىكىن. ھاۋا بەك شوغۇق بولغاچقا FIRKAT قوينى سويۇپ بولغۇچە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ.

___ بىپەرۋا تەستىقلىدى .

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
شۆھرەت:5(uyghur839)

Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 10:42 چوققىغا قايتىش
stars_gmg
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 137
شۆھرەت: 168 نۇمۇر
پۇل: 1370 سوم
تۆھپە: 45 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:43(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


فىرقەتكام بىزگە تەييارلاپ قويغان ھېيتلىقنىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانىغا خەجلىۋېتىپتۇدە ئەمىسە  

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 11:44 چوققىغا قايتىش
kuyhumar0998
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 391
شۆھرەت: 402 نۇمۇر
پۇل: 3920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:149(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھە ، ئەسلىدە مۇنبەردىكى قىزلارنى ھېيىتتا تاپالماي نەگە كەتتىكىن دىسەم ئەسلىدە ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ ماڭا كۆرۈنمەپتىكەن دە .
قوي سويىدىغان ۋاقىتتا مېنى ئۇنتۇپ قاپسىلەر ، مەنلا شىھىت قىلىۋېتەتتىم ئەمەسمۇ . مەنمۇ ئەمەل تۇتقان بولسام چاقىراتتىڭلارمۇ يا ؟


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:16 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2282
شۆھرەت: 2336 نۇمۇر
پۇل: 14107 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:411(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بالىالار   راسىت فىرقەت ئۇكۇل سالغۇزۋاتقىلى نەچچە كۈن بولدى   يۇقارقىسى چاقچاق بولسىمۇ   لىكىن فىرقەتنىڭ قوي سۇيىمەن دەپ ئاغىرىپ قالغىنى راسىت باللا جۇمۇ !!!!!!!!!!!!!!


تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنىمۇ ئۇقۇدۇم   ............. قوي بۇزغۇزلارشنى بىلمەي بەك سەت بولدى ...قۇي بۇغۇزلايدىغانغا پىچاقنىڭ چىقمىغىنى شۇنچە كۆپ ئوغۇل ئەركەك تۇرۇپ ..........

بىر ۋاقتلاردا يېنىمدا پىچاق تۇراتتى لىكىن ماۋۇ خوتۇنۇم خۇددى ئادەم بۇغۇزلاپ قۇيدىغاندەك مۇسادىرە قىلۋالغان ............ ھەي مۇشۇ خوتۇن كىشىمۇ زە ئەر كىشىنىڭ بەزى ئشىلىرغا ئارتۇقچە ئارلىشىپ ...........   ئۇغۇ يامان ئەمەس ئويلىغىنى ...لىكىن ئەسقاتقاندا چىقماي قالغان ....................


[ بۇ يازما gitarqi تەرپىدىن 2007-12-27 03:36 دە قايت ]


Nurluk elani

مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:21 چوققىغا قايتىش
shakira



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 373
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3770 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ماڭا تېلىفون قىلغان بولساڭلار كەسپى قاسساپتىن نەچچىنى باشلاپ ياردەمگە باراركەنمەن.

Nurluk elani

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:26 چوققىغا قايتىش
payzi

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 129
شۆھرەت: 157 نۇمۇر
پۇل: 1217 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دېمىسىمۇ ھازىر قوي سويالمايدىغان ئەركەكلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغىنى سەل سەت تۇرىدىغان بولدى، مەن سوياي دېسەم ئۆزەم يالغۇز بىر قوينى تۆت سائەتتە سويىدىكەنمەن، قاسساپقا يالۋۇرۇپ 20 يۈئەنگە سويغۇزدۇم، ئۈگىنىپ قويمىسا بولمايدىغان ھۈنەركەن-بۇ! بۇ تېمىنى سەل ئىنچىكە تەھلىل قىلساق مېنىڭچە ھەممىمىز سەل ئوڭايسىزلىنىش ئىچىدە يۈتتەرگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىزغۇ دەيمەن!!!

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:27 چوققىغا قايتىش
karakqiboway

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي،پىچاق تاپالمىغاندا ماڭا تىلفۇن قىلساڭلارچۇ،كورسەڭلار يۇرۇگۇڭلار شۇركەنگۇدەك پىچاقلار بارتى ئەمەسمۇ.

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:31 چوققىغا قايتىش
guli-rana

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 335
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 2032 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:102(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى kuyhumar0998 نىڭ 2007-12-26 12:16 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھە ، ئەسلىدە مۇنبەردىكى قىزلارنى ھېيىتتا تاپالماي نەگە كەتتىكىن دىسەم ئەسلىدە ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ ماڭا كۆرۈنمەپتىكەن دە .
قوي سويىدىغان ۋاقىتتا مېنى ئۇنتۇپ قاپسىلەر ، مەنلا شىھىت قىلىۋېتەتتىم ئەمەسمۇ . مەنمۇ ئەمەل تۇتقان بولسام چاقىراتتىڭلارمۇ يا ؟

======================================================
سىز ئەڭ ياخشىسى   قوي سۇيىمەن دىمەي ،مۇشۇ ئىللىق ماكاندا ،قىزلارنى ئىزلەپ توپ تۇرۇڭ ، نەدە يۈرەسىز سۇغاقتا ،ئۇ يەردە پۇتلۇشۇپ شۇم چۆجەك<چاخچاق>
نۇر65 = بۇ تىمىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، يېنىدا پىچاقلىرى ئېسىقلىق ،بىر قوينى 5 مىنىۇتتا كۆرمىدىم دەپ سۇيۋىتىدىغان يىگىتلىرىمىز نىڭ يېنىدىن ھازىر قەلەپتۇراچ چاغلىق نەرسە چىقمىقى تەس .<ئەلۋەتتە بۇنىڭدا باشقا سەۋەپلەرمۇ بار> ،ئۇلار قوي سۇيۇش ئەمەس ،سۇيلىۋاتقان قوينىڭ پاچىقىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىنمۇ ئەندىكىدۇ. مانا بۇ ياتلىشىش . تەپەكۇرىڭىز بەكمۇ جايىدا   بوپتۇ،سىزگە رەھمەت.


[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:34 چوققىغا قايتىش
nur65
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 270
شۆھرەت: 323 نۇمۇر
پۇل: 2700 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:286(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[بالىالار   راسىت فىرقەت ئۇكۇل سالغۇزۋاتقىلى نەچچە كۈن بولدى   يۇقارقىسى چاقچاق بولسىمۇ   لىكىن فىرقەتنىڭ قوي سۇيىمەن دەپ ئاغىرىپ قالغىنى راسىت باللا جۇمۇ !!!!!!!!!!!!!! BBS.Xabnam.Com din koquruldi
بۇ گەپ راس


[ بۇ يازما nur65 تەرپىدىن 2007-12-26 12:47 دە قايتا ]


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:41 چوققىغا قايتىش
nur65
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 270
شۆھرەت: 323 نۇمۇر
پۇل: 2700 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:286(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى payzi نىڭ 2007-12-26 12:27 دە يوللىغان يازمىسى“”:
دېمىسىمۇ ھازىر قوي سويالمايدىغان ئەركەكلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغىنى سەل سەت تۇرىدىغان بولدى، مەن سوياي دېسەم ئۆزەم يالغۇز بىر قوينى تۆت سائەتتە سويىدىكەنمەن، قاسساپقا يالۋۇرۇپ 20 يۈئەنگە سويغۇزدۇم، ئۈگىنىپ قويمىسا بولمايدىغان ھۈنەركەن-بۇ! بۇ تېمىنى سەل ئىنچىكە تەھلىل قىلساق مېنىڭچە ھەممىمىز سەل ئوڭايسىزلىنىش ئىچىدە يۈتتەرگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ بەك كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىزغۇ دەيمەن!!!

سىز مېنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىۋاپسىز. بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىش مۇشۇ ھېيتتا بولۇپ ئۆتكەن ئىش. (ئەلۋەتتە ئىسمى ئاتالغان تورداشلار ئەمەس)
ھازىر خېلى كۆپ ساندىكى ئەركەكلەردە پىچاق يوق. (پىچاقنى يېنىدا ساقلىمايدۇ، پىچاق ساقلاشمۇ ئامانلىق ساقلاش قانۇنىدا چەكلەنگەن) لېكىن مەن بۇ يەردە بىر چاخچاق تەرىقىسىدە بىرئاز يۇمۇرلۇق قىلىپ ھېكايە شەكلىدە يوللىدىم. ئەمدى جاللات خېنىم شەمشەر ئېلىپ كەلدى دېگەن گەپتە مۇنداق ئىككى خىل پىكىر بار: 1. توردىشىمىز «جاللات خېنىم» نىڭ ئىسمىگە ماسلاشتۇرۇپ قىستۇرۇپ قويدۇم. 2. ھازىر ئەركەكلەردە پىچاق بولمىغاندىكىن خانىملار ياندا ساقلىغايمۇ دېگەن خىتاپ.
فېركەت راسلا ئاغرىپ قاپتۇ. مەن بۇنى يەنىلا تېمىغا ماسلاشتۇرۇپ قىستۇرۇپ قويدۇم. ھەممىمىز ئۇنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى تىلەيمىز.


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 12:43 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 15:46, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije