سىز بۇ تېمىنىڭ 1403ـ ئوقۇرمىنى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇل قۇددۇس : ھەركۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ..... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
AbdulQuddus
ئۆمۈرلۈك شەرەپ

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 283
شۆھرەت: 393 نۇمۇر
پۇل: 2870 سوم
تۆھپە: 89 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:314(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-17
ئاخىرقى:2008-03-14

ئابدۇل قۇددۇس : ھەركۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى .....

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى


ـــ ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە  ئاتاغلىق يازغۇچى ، شائىر ۋە مائارىپچى ئابدۇللا تالىپ ئاكىلىرىمىزنى ئەسلەپ



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ !

ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
ئوبدان تۇرىۋاتامسىلەر ؟
جەنابىي اللە ھەر – بىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي ، امىن !

ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
ئالدى بىلەن ئۇلۇق قۇربان ھېيتىڭلارنى چىن قەلبىمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! قۇربان ھېيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
مەلۇمكى ، ئوت يۈرەك شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاكام تەۋەللۇتىنىڭ 84 يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىدە خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىنغاندىن بۇيان قانچىلىغان قېرىنداشلىرىم ناھايىتى قىممەتلىك يوللانمىلىرىنى ئېلان قىلدى .
ئەسلىدە مېنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنى قىلىش پىلانىم خېلىدىن بېرى بار ئىدى . ئەمما بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېنىڭ تەييارلىقلىرىم بەكمۇ كېچىكىپ قالدى . مۇشۇنداق ئۇلۇق تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر ئىش ئۈچۈن كىرىشىلگەن ۋاقتتا ، ئەمدى بۇ ئۇلۇق مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ ھايات – پائالىيىتىنى تۇنۇشتۇرىدىغان ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي رومان « قاينام ئۆركىشى » نىڭ ئاپتۇرى ، مەشھۇر يازغۇچى ، شائىر ۋە مائارىپشۇناس ئابدۇللا تالىپ ئاكام تەۋەللۇتىنىڭ 84 يىللىق خاتىرە كۈنىمۇ كېلىپ قالدى . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاقتتىن – ۋاقت چىقىرىش ئاساسىدا بۇ ئىككى مەرھۇمنىڭ ئېزىز خاتىرىسى ئۈچۈن بىر نەزمە تەييارلاپ ھەر – بىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى ، ئاددىي بولسىمۇ كۆرۈپ باققايسىلەر .


ناخشا :
تەنلىرىم ياپراق

تەنلىرىم ياپراق تىترەپ توختىدى ،
يۈرىگىم دەرتلىك ئەركىن سوقمىدى .
چۈنكى ئەي يارىم سورىسام ھالىڭنى ،
كۆردۈم پىغاندا غۇنچە چاغىڭنى .

ئاستىلاپ باسىپ كىردىم ئون بەشكە ،
تولىمۇ دەھشەت باستى پەلەكنى .
دۈشمەننى تۇنىماي دوستۇم دەپ يۈرۈپ ،
بىر زالىم قانخور ئەزدى يۈرەكنى .

ئويغان ئەي خەلقىم رەقىپلەر يامان ،
ئەگەر ئويغانمىساڭ يىغلاتۇر ھامان .
مېنىڭ چىرايىم سارغايدى سامان ،
ئەمدى مەن كەتتىم سەن قالغىن ئامان .


ناخشىنىڭ مۇزىكىسى يىنىك داۋاملىشىدۇ ، بىرلا ۋاقتتا دېكلىماتسىيە باشلىنىدۇ ۋە دېكلىماتسىيىنىڭ  مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بىرىلىپ تۇرىدۇ ....


دېكلىماتسىيە :
ھەركۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى

ھەركۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر قان ياشلىق غۇنچە چاغىمنى .
ئەسلىتەر تەجاۋۇزچى بۇلاڭچى گومىنداڭ
دەستىدىن ۋەيران بولغان چاھار باغىمنى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشا ناخشىنى ،
ئەسلىتەر تۈشمۈ – تۈشتە تۈرمە زىنداننى .
ئەسلىتەر قان ئىچەر جاللات گومىنداڭ
ۋەھشىيان ئۆلتۈرگەن كۇرمىڭ ئىنساننى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر مىليونلارنىڭ پىغان – زارىنى .
ئەسلىتەر گومىنداڭ زۇلمى دەستىدىن ،
شۇنچىلا خورلانغان ئەلنىڭ دادىنى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلارنى .
ئەسلىتەر ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ئۈچۈن ،
كۈرەشكە چاقىرغان نىجاتكارلارنى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر قەيسىران پەھلىۋانلارنى .
ئەسلىتەر شۇم رەزىل گومىنداڭ بىلەن
تىغمۇ – تىغ كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارنى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر ئازاتلىق ھۆرلۈك تۇغىنى .
ئەسلىتەر جاراڭلىق كۈرەش مارشىنى
يوقتۇر ھېچ خەلقىمىز قۇلدەك تۇرغىنى !!!


ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر سانسىزلىغان ۋىجدان ئەركىنى .
ئەسلىتەر ئەنە ئۇ ئوت يۈرەك شائىر
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋىجدان قەھرىنى .

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر قەھرىماننىڭ جاسارىتىنى .
ئەسلىتەر خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىغىچۈن
جانىنى مەردانە ئاتىغانىنى .... !

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر گومىنداڭنىڭ ياۋۇز ئەپتىنى .
ئەسلىتەر سېتىلما غالچىلار چىقىپ
جاللاتقا يان بولۇپ قان ئىچكەنىنى ...


شىددەتلىك چاقماق ، پىغانلىق مۇزىكا ئىچىدە ئومۇمىي خور :

ئۈزۈلدى رىشتىدىن ئۈنچە،
ئېچىلماي تۇزىدى غۇنچە ...


دېكلىماتسىيە داۋاملىشىدۇ :

ھەر كۈنى ئېيتىمەن  ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر خەلقىمنىڭ ماتەم زارىنى .
ئەسلىتەر كەڭ تەبىئەت ، ــ تاغۇ دەريا كى
ئۇچار قۇش جېنىدا يىغلىغانىنى ..... !

مىڭ نالەت تەجاۋۇزچى قانخور گومىنداڭ ،
مىڭ نالەت ، مىڭ – مىڭ نالەت رەزىل خائىنلار .
خورلانغان مىللىتىگە قىلماستىن رەھىم
پۇل مەنسەپ كۆزلىگەن شۇم سېتىلمىلار !!!!!


تەكرارلانغان شىددەتلىك چاقماق .......

دېكلىماتسىيە داۋاملىشىدۇ :  

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئەسلىتەر قەھرىماننىڭ جەڭ خىتابىنى .
ئەسلىتەر بەختىيار دەۋران سۈرمەككە
كۈرەشنىڭ ئەڭ كەسكىن ئىمتىھانىنى ... !!!


« چېلىش ، پۈكلە ، دۈشمەننى ئۆرتە ، ئوتقا ياق ،
يېپىش غالىبىيەتكە ، سائادەتكە كۆكرەك ياق .
كەسكىن مىنۇت يىتىپ جانغا كەلسە ئىمتىھان ،
دېمە ھەرگىز قۇربان بىرەيمۇ يە ياق .

ئۈز غۇلاچ تاشلا ئازاتلىق دېڭىزىنى كەچ ،
ئەمما باتۇرلۇقنى ھەيران قىل ئەرتە ۋە كەچ .
ۋەتەن خەلق قايغۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىل ،
ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشتە سەن جېنىڭدىن كەچ .»


ھەركۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
ئېيتىمەن ئاڭلىسۇن پۈتكۈل يەر – جاھان .
ۋاقىرايمەن ! ــ ياشىسۇن مەزلۇم ئىنسانلار !
يۇقالسۇن قانخۇمار لەنىتى قاۋان !

ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى ،
سۆيۈنگەي ( مۇھەققەق ) ئەجداتلارىمىز .
سۆيۈنگەي چۈشەنگەچ ھەق ۋە ناھەقنى
بۈگۈنكى ، ئەتىكى ئەۋلاتلارىمىز .


ئەمدى « سالام لۇتپۇللا » ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسى يىنىك باشلىنىپ ، دېكلىماتسىيە داۋاملىشىدۇ :

بۇ يىللار ئەڭ كەسكىن كۈرەشچان يىللار ،
كۈرەشكە نەۋرىلىرىمىز يېپىشقان يىللار .
خاتىرجەم بولۇڭ ئەي ئوت يۈرەك شائىر
دەۋران بىزگە باقىدۇ ئىنشا اللە !

شۇ ھالدا بۈك – باراخسان گۈللەر ئاچقۇسى ،
ئوتلۇنۇپ قىلغان نىدا ، ئارزۇ – غايىڭىز .
ئەلۋىدا ! ئەي قەدىردان چېلىش كۈيچىسى ،
بولغايكىم نۇر – جەننەت ياتقان جايىڭىز 


پائۇزا ، مۇزىكا داۋام ...
دېكلىماتسىيە باشلىندۇ :

ئەسسالام قەدىردان ئابدۇللا ئاكا ،
سىزنى ھەم يۈرەكتىن مەڭگۈ ئەسلەيمىز .
ئەنە ھەر يازمىڭىز بولماقتا ئىلھام ،
گۈل دىيار ۋەسلىنى مىسلىسىز گۈللەيمىز .

شۇنداقكى !
كۈرەشچان يىللار ئەركى بىز ،
كۈرەش بىلەن مەردانە ئالغا باسىمىز .
ۋەتەنگە كۆز ئاچقان لەنىتى قانخور
بۇلاڭچى شۇملارنى دارغا ئاسىمىز .

خاتىرجەم بولۇڭ ئەي قەدىردان ئاكا ،
دىللاردا چېچەك ئاچتى ئارزۇ – غايىڭىز ،
سۆيۈنگەن دىللاردىن تىلەيمىز ھەقتىن
بولغايكىم نۇر – جەننەت ياتقان جايىڭىز .



ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
بۇ ئەسلىدە فىلىم شەكىللىك يوللانما ئىدى . ئەپسۇس ئىشنىڭ بۇ تۈرىنى تورغا چىقىرالماي كۆپ ھەپىلەشتىم . ئاخىر ئامالسىز چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بولسىمۇ يوللىغۇم كەلدى . ئەگەر بۇ جەھەتتە يېتەرلىك ئىقتىدارى بار قېرىنداشلار چۈشۈرۈش ئادرېسى بۇيىچە توردا بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان قىلالىساڭلار كۆپچۈلۈكنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغان بۇلاتتىڭلار . خۇسۇسەن مەن ئالەمچە رەھمەت ئېيتاتتىم .
خەير ، اللەقا ئامانەت بولۇڭلار .


چۈشۈرۈش ئادرېسى :
http://www.tudou.com/programs/view/iiVCtb6z7pY/
ياكى
http://www.tudou.com/programs/view/Is1kHTB7Esc/   


         كەمالىي ئىھتېرام بىلەن :
ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز

تۈركىيە ـــــ ئىستانبۇل
2007 . 12 . 10




بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(arkhon)
  • شۆھرەت:20(judun)
  • شۆھرەت:10(arteken)
  • تۆھپە:8(musallas)
  • تۆھپە:20(uyghur839)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    اللە اكبر
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 20:34 | [باش تېما]
    ~uyghurjan~

    مەزھەپ:xabnam.com xabnam.com
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1388
    شۆھرەت: 1419 نۇمۇر
    پۇل: 13565 سوم
    تۆھپە: 118 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:360(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-12-21
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ........~~~!!@!
    ھۆرمەتلىك ئابدۇلقۇددۇس ئابدۇل ھافىز ئاكا . . . . .
    قۇربان ھىيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن . ئايەملىرى قۇتلۇق بولسۇن .........~~~!!!

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ، ياخشى تېما يوللىغانلىرىغا كۆپ تەشەككۇر   . . . . . . . . . . ~~~@@@~~~!!!
    ohxax.cn
    ﺟﯩﻤﻰ ﮬﻪﻣﺪﯗ ﺳﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ،ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ . (ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ) \

    http://www.Qimbulak.comچىمبۇلاق تورى

    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 20:45 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    musallas
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1314
    شۆھرەت: 1654 نۇمۇر
    پۇل: 6980 سوم
    تۆھپە: 39 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1211(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-07-24
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ھېيت ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللىغىنىڭىزغا كوپ تەشەككۇر ، بۇ ھەقىقەتەن ئەسلەشكە تىگىشلىك بىر ئىش ......بولسا كىيىنكىلەرنىڭ قەلبىگە مۆھۇر شەكىلدە بېسىۋەتكىلى بولسا ھە ،....................
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    mehrigiya
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 1155
    شۆھرەت: 1275 نۇمۇر
    پۇل: 11620 سوم
    تۆھپە: 172 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:522(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-10-12
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ئاكا !
    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، قىممەتلىك سوۋغىڭىزدىن تولىمۇ خوش بولدۇم . سىزگە كۆپ تەشەككۈر !
    بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
    بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    sawda007
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تېما چولپىنى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1131
    شۆھرەت: 1142 نۇمۇر
    پۇل: 10975 سوم
    تۆھپە: 11 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:221(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-13
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ھقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ



    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    HISLAT
    ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1407
    شۆھرەت: 1512 نۇمۇر
    پۇل: 8138 سوم
    تۆھپە: 8 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:465(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-05-29
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئايىمىڭىزگە مۇبارەك ئەپەندىم . ھېيتلىق ئېسىل ھەم ئەھمىيەتلىك تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت . سىز بىلەن مۇنبەر يۈزىدە يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن خۇرسەنمەن .
    دۇنيا ئالىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ، بېرىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىلدۇر .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    ئۇيغۇرا
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 819
    شۆھرەت: 860 نۇمۇر
    پۇل: 8085 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-23
    ئاخىرقى:2008-03-13

    بۇ تېمىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم،سىز ئۇزۇن يوقاپ كېتىپ ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئەكىرىپسىز ئەمەسمۇ؟! مىھرىبان ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىگەي.....!
    ۋەتىنىڭنى،بەدىنىڭنى،ئىمانىڭنى،ۋىجدانىڭنى ساتمىغان ھەرقانداق ۋاستە بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلەن؟!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    guli-rana

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 341
    شۆھرەت: 448 نۇمۇر
    پۇل: 2092 سوم
    تۆھپە: 40 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:109(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-08-10
    ئاخىرقى:2008-03-04

    ئۇستاز ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، بۇ سوغىللىرىغا كۆپ تەشەككۇر.

    پەزىلەت ئىگىلىرنىڭ ئەجرى،تۆھپىسى مەنگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:44 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    kurxat
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 580
    شۆھرەت: 616 نۇمۇر
    پۇل: 5825 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:508(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-07
    ئاخىرقى:2008-03-11

    كۆزلىرىمگە ياش كېلىۋاتىدۇ............
    سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:46 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    saadat
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 2065
    شۆھرەت: 2217 نۇمۇر
    پۇل: 20710 سوم
    تۆھپە: 164 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1084(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-27
    ئاخىرقى:2008-03-12

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قەدىردان ئۇستاز،ھېيتلىق سالاملىرىغا كۆپ تەشەككۇر!!سىلىنىڭمۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيت مەرىكىلىرىگە قۇتلۇق بولسۇن.ئۇلۇغ اللاھ ئىگەم سىلىنى مەڭگۇ سالامەت قىلسۇن!بىزدىنمۇ پۇتۇن ئائىلىدىكىلىرىگە ھېيتلىق سالام يەتكۇزگەيلا...
    ohxax.cn
    ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 21:57 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    qogluk3.8
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 295
    شۆھرەت: 383 نۇمۇر
    پۇل: 2770 سوم
    تۆھپە: 90 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:80(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-01
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ئەسسالام ئەلەيكۇم،ئابدۇل قۇددۇس ئاكا،قۇربان ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن.
    بۇ شىئېرلاردىن بىر ئوت يۈرەك قەلىبنىڭ نىداسىنى ئاڭلىدىم،روھىم بىر قېتىم سىلكىندى،بۇ ئىسىل تىمىلىرىغا كۆپ رەخمەت.ئۇلۇغ اللە تەنلىرىنى سالامەت،ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 22:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    妈妈的爱

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 128
    شۆھرەت: 129 نۇمۇر
    پۇل: 1280 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-17
    ئاخىرقى:2008-01-22

    رەخمەت ھەقېقەتەن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.   بەكمۇ تەسىرلەندىم . بۇنى چۇڭلار ئاڭلىسا چوقۇم يىىغلىۋىتىدۇ .
    ohxax.cn
             
     
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 22:05 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    AbdulQuddus
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 283
    شۆھرەت: 393 نۇمۇر
    پۇل: 2870 سوم
    تۆھپە: 89 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:314(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-17
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ !

    ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىنداشلىرىم !
    تەكرار دىدار غەنىمەت !
    قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت !
    جەنابىي اللە تېزراق كۆرۈشۈپ تەشنالىق قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان سۆزلىرىمىزنى قانا - قانا تۆكۈشۈپ مۇڭدىشىۋالغىلى ، ئاداققى گۈزەل مەنزىلگاھ ئۈچۈن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغىلى نېسىپ ئەيلىسۇن ، امىن !
    خەير ، جەنابىي اللەغا ئامانەت بولۇڭلار ئېزىز قېرىنداشلىرىم !
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    اللە اكبر
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 22:37 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    batuk

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 500
    شۆھرەت: 520 نۇمۇر
    پۇل: 3246 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:249(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-05-15
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئەسسالام ئەلەيكۇم،ھۇرمەتلىك ئابدۇل قۇددۇس ئاكا،سىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېتىغا مۇبارەك بولسۇن!!!بارلىق ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!!!تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 22:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    basit

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 167
    شۆھرەت: 168 نۇمۇر
    پۇل: 1670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:35(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-18
    ئاخىرقى:2008-03-13

    ھۆرمەتلىك ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز ئاكا،قۇربان ھېيتىڭىزغا مۆبارەك بولسۇن!
    مەن شۇدەمدە،سىز يوللىغان بۇ تىمىنى ئاڭلىغاچ ،بۇ قۇرلارنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ھاياجانغا تولدى،كۆزلىرىمگە
    يىغا ئولاشتى،بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ.نىمە دىيىشىمنى بىلمەي قىلىۋاتىمەن.ئېھ،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سىنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز!

    ئۆلگۆر گومىنداڭلار،بىزنىڭ نۇرغۇن قىرىندىشىمىزنى ئۆلتۆرۋەتكەن.جاللات شىڭشىسەي. ]
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-20 23:13 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )


     

    Time now is:03-14 15:26, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation