ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ تىما ئارقىلىق بارلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمگە خۇشالمەن، مۇشۇ پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن قۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا رەخمەت ئيتىمەن.
شەبنەم مۇنبىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى، ۋەتەن ئىچى -سىرتىدىكى ئەزىز ئۇيغۇر قىرىنداشلار بىلەن ئىنكاس ئارقىلىق ئۇچۇرشۇپ تۇرۋاتىمىز، قىسمەن تورداشلار كىشىنڭ ئاچىچىقىنى كەلتۇرۇپ قويغان ئەھۋالار بولسىمۇ كۆپ نىسپەتىكى تورداشلار باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ، قارشى ئىلشىغا، ھۆرمىتىگە ئىرىشمەكتە. ئۆتكۇر پىكىرى، ئەمەلىي پائالىيتى، ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق يىتەكچى بولماقتا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ قىزقىشىنى قوزغۇماقتا .
شۇ سەۋەبلەر تۇپەيلى شەبنەم مۇنبىرىگە «شەبنەم مۇخپىرى» بەلگىلەپ قويشىنى ئۇمۇد قىلمەن. بۇلارنىڭ پايدىسى باركى زينى يوق دەپ قارايمەن .
1.زىيارەت قىلنىغۇچىنىڭ ياخشى ئىش پائالىيەتلىرى ئەزالارغا ئۇلگە بولشى مۇمكىن.
2.زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ئارخىپى ئارقىلىق ئوتتۇرا، ئالي مەكتەپ، خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ۋە ياكى ئىچكىر ئۆلكە، چەتئەللەردىكى كونا تونۇش بىلىشلەر ئۇچۇرشۇپ قىلشى مۇمكىن.
3.زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى باشقىلارغا ئىلھام بولشى مۇمكىن ۋە شۇ ئالاھىدىلىككە ئىھتىياجىلىق ئورگانلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغاپ قىلشى مۇمكىن .
4. زىيارەت قىلنغۇچىنىڭ كەلگۇسى پلانلىرى باشقا ھەمكارلاشقۇچى، قوللۇغۇچى، تەجىربىگە ئىگە كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قىلشى مۇمكىن .
5.زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ شەبنەمگە بولغان كۆز قاراش ۋە پىلانلىرى شەبنەمنىڭ كەلگۇسى تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇپ قىلىشى مۇمكىن .
6... ... ...
توۋەندە مەن شەبنەم مۇنبىردىكى كۆپكە تونۇش بولغان بىر باشقۇرغۇچىنى مىسالغا ئالماقچىمەن .
شەبنەم مۇنبىرىنىڭ جاپاكەش باشقۇرغۇچىسى ۋە قوللۇغۇچىسى (Firkat) فىرقەت ئەپەندىمنى تونۇمايدىغانلار يوق بولشى مۇمكىن . ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلشتەك ئالي جاناب روھى ھەمىمىزنىڭ ئۇگۇنىشىگە ئەرزىيدۇ . فىرقەت ئەپەندىمنىڭ «رىسالەت» ئىسىملىك بىر قىرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن چىقارغان مۇراجەتنامىسىنى ھەرخىل تىما ئارقىلىق كۆردۇق . ياخشى كۆڭۇللۇك تورداشلار ياردەم قولىنى سۇندى ئاز قىسىمدىكى تورداشلار «ئىسپاتى ئىشەنچىلىك ئەمەس» دىگەندەك بولمىغۇر ئىنكاسلار بىلەن باشقىلارنىڭ نارازلىقىغا ئۇچۇردى . فىرقەت ئەپەندىمنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا مۇنبەرگە ئىلان قىلىشى ئۆزى ئۇچۇن ياكى شەبنەم ئۇچۇن ئەمەس بەلكى بىزنىڭ بىر مىللەت قىرىندىشىمىز ئۇچۇن ئىدى . قىسقىسى بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئىھتىياجلىق بولغان «رىسالەت»لەرنىڭ ئارغرىق ئازابنى فىرقەت ئەپەندىم ئۆزدە ھىس قىلغان ئىدى... ...
شۇ بىر قىتىمقى پائالىيەت فىرقەت ئەپەندىمگە بولغان قىزقىشىم ۋە ھۆرمىتىمنى ئاشۇردى، شۇڭا ئۇنىڭ «بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچۇم، ئىغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق» دەپ رەت قىلشىغا ئۇنماي توۋەندىكى سۆھبەتنى ئىلىپ باردىم . ( ئەگەر شەبنەمدە «شەبنەم مۇخپىرى» بىكتىلىپ قالسا بۇ ئاددى بىر سۆھبەت خاتىرسى ئۇلگە بولۇپ قاللار )
توردىكى ئىسمىڭىز نېمە؟ ھەقىقىي ئىسمىڭىزچۇ؟ توردىكى ئىسمىم فىرقەت ( بۇ ئىسىم ئىلگىرى مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى تۈگەپ كەتكەن ئاكام. ھەم ھەدەمنىڭ ئوماق ئوغلىنىڭ ئىسمى )
ئەسلى ئىسمىم – ئابدۇسالام
مەدەنىيەت سەۋىيەرىڭىز ۋە خىزمىتڭىزچۇ؟مەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ مەلۇم كەسپى مەكتەپكە ئۆتكەن. ئەمما ئوقۇش باشلاپ ئۇزمايلا ئوقۇشتىن قالغان. كېيىن ئۆزلۈكىمدىن كومپيۇتېر ئۆگەندىم. 8 يىل بولدى كومپيۇتېر لايىھىلەش ۋە باسما كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.
تىل ۋە باشقا ئالاھىدىلىڭىزچۇ؟ ئانا تىلىمنى پىششىق بىلىمەن. خەنزۇ تىلى سەۋىيەرىم نورمال. گېپىمنى ئۇقتۇرالايمەن. ھەم قول ئاستىمدىكى يولداشلارغا يىغىن ئېچىپ تەنقىتلىيەلەيمەن ( چاقچاق ).
قىززىقىشىڭىز نېمە؟ قىززىقىشىم ۋاسكېتبول ئويناش، كەپتەر بېقىش، ھۆسنىخەت، ئەمما ماۋۇ تورغا ئۆگىنىپ قالغان ياقى بۇ ئىشلارغا تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
ياخشى كۆرىدىغان ۋە يامان كۆرىدىغان ئىللەتلىرىڭىز؟مەن سەمىمىي راستچىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىمەن. مەيلى ئۇ قايسى مىللەت، قايسى دىندا بولسۇن مېنىڭ ھۆرمەتلىشىمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەڭ ئۆچ كۆردىغىنىم كىشىلەر ئارىسىغا ئىناقسىزلىق ئۇرقى سالىدىغان، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئورا كولايدىغان، مەيدانى ئېنىق ئەمەس. مۇتەئەسسىپ كىشىلەر.
ياقتۇردىغان مۇزىكىڭىز ۋە سەنئەتكارلار قايسى؟مەن ئەڭ ياقتۇردىغان سەنئەتكار ئابدۇللاھ ئابدۇرېىھم
ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىم.
ئابدۇللاھ ئابدۇرېىمنىڭ. « ئاتام » « جانان ئۇيقىدا» « توغراق » ۋە مۇمىنجاننىڭ « يانداش كېلۇر » دىگەن ناخشىلىرى
ياقتۇردىغان يازغۇچىڭىز كىتاپلىرىڭىز قايسى؟مەن ئەڭ ياقتۇردىغان يازغۇچى – ئۇستاز ئابدۇرېىھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ياسىنجان سىدىق چوغلان. ئۇلارنىڭ ھەربىر ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.
سىز قانداق كىشى ۋە باشقىلار؟ ئۆزىڭىز توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرەمسىز؟ئاتا – ئانام مېنى سەن ئېغىزىڭدىن چىققاننى قىلىدىغان بالا دەيدۇ. ئايالىم بولسا سىز كىچىك بالىدەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئاچچىقىڭىز كەلسە بىر ساراڭ دەيدۇ. دوستلىرىم بولسا مېنى سەن چىۋىنگىمۇ يامانلىق قىلالمايسەن بەك ساددا. ئەمما ئۆز خاراكتىرىڭگە ماس ھالدا ياشىيالايسەن دەيدۇ. دۈشمەنلىرىم نېمە دەيدىكىن بۇنى بىلمەيمەن.....
ئەمدى سىزدىن شەبنەم تورى توغۇرلۇق بىرقانچە سوئال سوراي:1. شەبنەمگە قاچان ئەزا بولدىڭىز؟ باشقۇرغۇچى بولۇشنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟مەن شەبنەم تورى ۋە مۇنبىرىنى مەن كۆرۋاتقىلى 3 يىلدىن ئاشتى. ئەمما 2006 يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۇنى مۇنبەردە بىر مۇنازىرە تېمىسىغا قاتناشقۇم كېلىپ فىرقەت دىگەن ئىسىم بىلەن ئەزا بولۇپ كىردىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ مۇنبەر ئەزالىق ھاياتىم باشلاندى. ئەمما باشقۇرغۇچى بولۇشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدىم. مۇنبەردە تۇرۇش جەريانىدا، جۇدۇن، قامچا، ئەركزات، مۇسەللەس، گۈلگىنە، گىتارچى، بويتاق، قاتارلىق ئەزالار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ پىكىرى ۋە يازمىلىرى ئۆزگىچە ئىدى. شۇ چاغدا مۇنبەرنى ئەڭ قىززىتىدىغان شۇلار دىسەممۇ بولىدۇ. ئەمما شەنبەمنىڭ يېڭى مۇنبىرى قۇرۇلۇپ كونا مۇنبەردىن يېڭى مۇنبەرگە كۆچكەندىن كىيىن، نىجان ئازات شەبنەم باشقۇرۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. مەن دەسلەپ بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئانچە ئىتبار قىلمىغان ئىدىم. كېيىن جۇدۇن ۋە مۇسەللەسلەر مېنى باشقۇرغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەم نىجاتقا تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنىڭمۇ خىزمىتىم مۇشۇ كومپيۇتېر ئالدىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئېلانىغا باشقۇرغۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ئىنكاس يازدىم. ھەم شۇ كۈنلا باشقۇرغۇچى سېپىگە قوشۇلدۇم.
2. سىز كىرگەندىكى شەبنەم قانداق ئىدى؟ شەبنەمنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز.؟ مەن دەسلەپتە كىرگەن شەبنەم مۇنبىرى ASP لىق مۇنبەر بولۇپ، ئىقتىدارىمۇ شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ خېلى ئالدىدا ئىدى. ئۇ چاغدىكى قاينام – تاشقىنلىقنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئەزالار ساپاسى ۋە تېمىلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ساز ئىدى. ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن دىگەندەك پۇچەك ئىنكاسلارمۇ ئاز يوللىناتتى. بىلىم قۇرۇلمىسى مول، مەدەنىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ئەزالىرىمىز بار ئىدى. شۇڭا مۇنازىرە شۇنداق قىززىپ كىتەتتى. بۇ يىل يىل بېشىدا بىز شەبنەم PHP لىق يېڭى مۇنبىرىگە كۆچتۈق، مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش سۈرىتى ۋە بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ بەك مۇكەممەل بولدى. ئەزالارمۇ كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ يوللىنۋاتقان تېما، ئىنكاسلارمۇ بارغانسىېرى كۆپىيىپ ماڭدى. ھازىر مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى 27000 دىن ئاشىدۇ. تېمىلارمۇ مۇنازىلەرمۇ رەڭگارەڭ. ئەزالار شۇ تېمىلاردا دۆلەت تۈپ مەنپەتى ۋە سىياسىغا زىت سۆزلەردىن باشقا بارلىق پىكىرلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر مۇنبىرىمىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە تېما - ئىنكاسلارنىڭ رەڭگارەڭلىكى باشقا مۇنبەرلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.
3. شەبنەم مۇنبىرىدە سىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋە ئۆكۈندۈرىدىغان تېمىلار بارمۇ؟ئەلۋەتتە بار. 2006 – يىلى مەن يولدىشى بۇلاڭچىلارغا ئۇچراپ بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆزى ئېغىر بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىزنىڭ ئىلتىجاسىنى « بۇ قىزچاقنى قۇتقۇزۋالايلى ! » دىگەن تېمىدا چىقارغانىدىم. دەل شۇ سەۋەب بۇ تور دۇنياسىنىڭمۇ مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئۆزگىچە بۇر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مۇراجەتنامە چىقىپ نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆزلىكىدىن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئۇ قىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇندى. ھال سوراش تېلېفونلىرىنى قىلىپ تۇردى. چەتئەللەردىكى قېرىنداشلار بولسا بىۋاستە ئۇ قىزنىڭ بانكا كارتىسىغا پۇل سېلىپ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قېرىنداشلىق، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ نېمىلىنى ئۇ قىزغا ۋە بىزگە ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. شۇ چاغدىلا تور دۇنياسىنىڭ ئوبرازىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. بۇ قېتىم چىقىرىلغان بىمار رىسالەت ساتتارنىڭ ئىلتىجاسىمۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى. تور دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۋېلىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بەردى. ھەتتا رىسالەتنىڭ داۋالىنىش ۋە ئوپىراتىسىيە چىقىمىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆز ھالقىسىنى سېتىپ ئەۋەتكەن قېرىنداشلىرىمىزمۇ چىقتى. مانا بۇ ئىشلار ھازىرغىچە مېنى تەسىرلەندۈرۈپ كېلىدۇ. بىز بۇ مەۋھۇملىقتىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى روپايقا چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى.
ئەمما مېنى ئۆكۈندۈرىدىغان ئىش. توردىكى ئەڭ يېقىن، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز قەلىب تۆرىمدىن ئورۇن بېرىپ كېلىۋاتقان، قىلچىمۇ بىر يامانلىق قىلىپ باقمىغان ئادىمىمنىڭ ماڭا قارا سانىشى بولۇپ قالدى. بۇ ھازىرغىچە يۈرىكىمگە سانجىلغان بىر پىچاقتەك مېنى ئازاپلاپ كېلۋاتىدۇ. ئەمما كېرەك يوق. ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنى چۈشىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ مۇنبەر پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەخلەت ئىنكاس يوللاپ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلۋاتىدۇ. يەنە ئايىغى چىقمايدىغان مۇنازىرىلەر، بىر – بىرىنى تىللىشىدىغان تېما ئىنكاسلار ، ئەزلارنىڭ پىكرىگە قەستەن قارشىلىق چىقىپ مۇنبەردە سوغۇقچىلىق سالىدىغان تېمىلار ھەر ۋاقىت مېنى ۋە شۇنداقلا بارلىق باشقۇرغۇچىلارنىڭ بېشىنى قاتتۇرۋاتىدۇ.
4. شەبنەمدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىگە ئېچىنامسىز؟ ئۇلارنىڭ شەبنەمدىن چېكىنىشىگە نېمە سەۋەپچى بولدى؟يېقىندا مۇنبەردە ئازراق تۇراقسىز كەيپىيات شەكىللىنىپ قالدى. بىر ئىككى باشقۇرغۇچىلىرىمىز يوقاپ كەتتى ۋە چېكىنمەكچى بولغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشتىم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسى شەبنەمدىن چېكىنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلمىدى. راست بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلىرىمىزغا ھەقىقەتەن ھاردۇق يەتتى. مۇنبەردىكى باشقۇرۇچىلارنىڭ 95 % ى تۇرمۇش قۇرغان، ئائىلىسى بار كىشىلەر. ئۇلارمۇ تۇرمۇش ئۈچۈن كۈننىڭ يېرىمىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئازراق ئېشىنچە ۋاقىت چىقسىلا مۇنبەرگە كىرىپ تېما تەستىقلاش، ئەھمىيەتىسز تېما - ئىنكاس ئۆچۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاشقا زېھىن ۋە كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن ئەزالىرىمىز ئۇلارنىڭ دەردىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدۇ. بىرەر تېمىسى تەستىقلانمىسا ياكى بىرە ئىنكاسى ئۆچۈرۈلۈپ قالسا، ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن قىسقا ئۇچۇردا باشقۇرغۇچىلارنى تىللايدۇ. ئايال باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاڭلايدىغان گېپى تېخىمۇ سېسىق بولىدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان بۇنداق ئىش بەك كۆپىيىپ قالدى. ئايال باشقۇرغۇچىلىرىمىز تېما تەستىقلاشتىن قورقايدىغان كەيپىيات شەكىللىنۋاتىدۇ. شۇڭا مۇنبەرگە كۆزگە كۆرۈنگىدەك تۆھپە قوشۋاتقان باشقۇرغۇچىلارنىڭ چېكىنىش ۋە دەم ئېلىشنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىغا ئەزالارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمەن. يەنە بىر قىسىم تورداشلار باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا نىزا پەيدا بولدى دەپمۇ ئويلايدۇ. خۇددى ئەزلارنىڭ پىكىرىمۇ ھەرخىل زىدىيەتلىك بولغانغا ئوخشاش بىز باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ پىكرىمۇ بەزىدە شۇنداق چىقىپ قالىدۇ. ئەمما بىز بۇ ئىشلارنى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇ چانلىق بىلەن مۇنبەر ئارقىدا تۇرۇپ ھەل قىلىۋالىمىز. ئىشنىمەن تورداشلار باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ ئۇلارنى ھۆرمەت قىلغاندا، ئۇلارنى ئاسرىغاندىلا باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ بەك بېرىلىپ خىزمەت قىلىدۇ.
ئەمدى ماتىماتىكا، ئەركزات، گۈلسەنەم، يىلان ئەپەندىلەرنىڭ چىكىنىپ چىقىپ كەتتى دىگەنلەرگە بېرىدىغان جاۋابىم - ياق. ئۇلار چېكىنمىدى ھەم چېكىنمەيدۇ. ئۇلارغا ئازراق ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرەيلى. ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ يىلتىز تارتقان مېھىر – مۇھەببىتى. قېرىنداشلىرى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنىڭ كارتىنىسى بولغان تېما - ئىنكاسلىرى بار.
5. بىر نەچچە قېتىم باشقىلارغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا مۇراجەتنامە چىقاردىڭىز ھەم ئۆزىڭىز باش بولۇپ ئۇلارنى يوقلاش، ئىئانە توپلاشقا قاتناشتىڭىز بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟رەسۇلۇللاھنىڭ شۇنداق بىر سۆزى بار: كىمكى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئاچلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماستىن ئۆزى تائام يىسە ئۇ بىزدىن ئەمەس. دەرھەقىقەت بىز ھەممىمىز قېرىنداش. خۇددى بىر پۈتۈن تەن. بەدەننىڭ بىرەر يېرىگە زەخمە يەتسە پۈتۈن بەدەن شۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاغرىغاندەك، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنى مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قېرىنداشلىق، ئۆملۈك، ئادىمىيلىك داۋاسى قىلىدىغان تېما ئىنكاسلار ھەممىدىن بەك كۆپ. ئاغىزىمىزدىلا داۋراڭ سېلىپ ئەمەلىيتىمىز بولمىسا بىزنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن. راستىمنى دىسەم بىر ئادەمنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا مۇھتاج بولۇپ بارمىقى شۇنچە ئاسان ئىشمىدۇر. ئەشۇ مۇھتاجمەنلەر ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ؟
نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىز ياردەم قولىنى سۇندى. مۇشۇ مۇنبەردىمۇ تالاي قېرىنداشلىرىمىز بار. ئادىمىيلىكىنى ئۇنتىمىغان قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپكەن. تەرەپ – تەرەپتىن يىغىلغان ئىئانىلەر بىمارنىڭ قولىغا تەككەندە ئەشۇ بىمارنىڭ كەيپىياتىنى سىلەر مەڭگۈ ھېس قىلىپ بولالمايسىلەر. تونىمىغان ھەتتا ئۆزىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىلەر كېسەل كارۋىتى ئالدىدا يىغىلغان ئەشۇ مەنزىلەرنى سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر. مەن بۇ يەردە ئىككى ئېغىز خېتىم بىلەنمۇ سىلەرگە ھېچىنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. پەقەت ئۆزۈڭلىنى ئەشۇ بىمار ئورنىدا قويۇپ باققان ۋاقتىڭلىدا ئاز تولا بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ قالىسىلەر. دېمەكچى مەنكى بۇ ئىشلار ئالدى – كەينىدە ھېس قلغىنىم. دۇنيا يەنىلا مېھىر – مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەن.
6. ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ سىزگە بولغان تەسىرى قانداق بولدى.؟بۇنىڭغا مەن نېمە دەپ جاۋاپ بېرەي. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ رەھمەت دىگەن ئەشۇ سۆزىنىلا بىلىمەن. مۇھىمى ئۇلار مېنى ئەمەس. ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغاندۇر. ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندۇر. لېكىن مەن يەنىلا بۇ توغرىسىدا بۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمە دىيەلمەيمەن.........
7.كەلگۈسى پىلانلىرىڭىز بارمۇ؟ شەبنەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانلىرىڭىزچۇ؟ ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا دادا بولۇش ئالدىدا تۇرىمەن. نۇرغۇنلىغان مەجبۇرىيەتلەر مېنى كۆتۈپ تۈرىدۇ. يېقىندا ماڭىمۇ قوش – قوشلاپ كېلىشمەسلىكلەر كەلدى. ئائىلىدە مېنىڭ مەسئۇلىيتىم بەك ئېغىر. شۇڭا مەن ھازىرقى لايىھىلەش كەسپىمنى تاشلاپ تىجارەت يولىنى تۇتۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. لېكىن تنىقىم ۋە شەبنەم مەۋجۇت بولسىلا ھەرگىز چىكىنمەيمەن. چۈنكى بۇ يەردە مىللىتىم ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرىمنى رىئاللىققا چىقىرىش ئۈچۈن شارائىت بار.
8.شەبنەم ئەزالىرىغا دەيدىغان كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟ قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭلىنى مۇشۇ شەبنەمدە بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىڭلار. ۋاقىتقا بوي سۇنۇشتىن قۇتۇلۇپ ۋاقىتنى بويسۇندۇرىغان ھالدا ياشاڭلار. مۇنبەرنىڭ ساغلام، ئىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن قېرىنداشلار ئۆم ئۆتۈڭلار. ھەمىمىز بىرلىكتە قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى. شەبنەمنى ھەقىقىي بىر ئىسمى جىسمىغا لايىق مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى. رەھمەت.
خۇلاسە :
تورئارقىلىق زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەخمەت . ئاخىردا شۇ قىتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئاق كۆڭلۇل كىشىلەرگە كۆپ رەخمەت، يوقسىز ئاجىز قىرىنداشلارغا بەرگىنڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ بەرسۇن . پات ئاردا ئاتا بولدىغانلىقىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.
فىرقەت ئەپەندىم ئالي جاناب ئاق كۆڭۇل كىشى بولۇپلا قالماي ناھايىتى كىچىك پىئىل ئىكەن. ياخشى ئىش پائالىيەتلەرنى قىلىشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلگەچكە بىر قىسىم سۇئاللارغا جاۋاب بىرىشنى مۇناسىپ كۆرمىدى. ۋاقىت مۇناسىۋىتى تۇپەيلى سۆھبەتنى مۇشۇ يەردە توختاتتۇق . لىكىن فىرقەت ئەپەندىم ۋە فىرقەت ئەپەندىلەرنىڭ ياخشى ئىش پائالىيەتلىرى ئۇزلۇكسىز داۋاملاشقۇسى.
كۆپچىلىكنىڭ بىز بىلمەيدىغان ۋە باشقىلارغا بىلدۇرۇشنى خالىمغان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئىش ، پائالىيەتلىرىنى بىزلەرگە ئۇلگە بولشى ئۇچۇن يوللاپ تۇرشىنى ئۇمۇد قىلمەن. ئەمەلي ئىش ھەركىتى بىلەن بىزلەرگە ئۇلگە بولغان قىرىنداشلىرىمىز ، بەزى بىر تورداشلار كۆرمىسە چىدىمايدىغان «ھىندىستان كىنو چولپانلىرى» «كورىيە كىنو چولپانلىرى »دىن قىلىشقۇچىلىكى يوق چولپانلار ، پەرقى بىرسى كامىرا ئالدىدا ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان دىئالۇگلارنى ئوقۇپ رول ئوينىسا يەنە بىرسى ئەمەلي تۇرمۇشقا چۆكۇپ ئەمەلي ئىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق رول ئوينايدۇ . ياخشى ئىش پائالىيەتلەر كۆپ بولسا شۇ ئىشلار تەسىرىدىن ياخشى كىشىلەر كۆپلەپ چىقۇسى .
Butterfly:::: شەبنەم تەستىقلىدى