>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

سىز بۇ تېمىنىڭ 635 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
yengiyamgur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە "Nasa" دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىغىدا، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى "Jet Propulsion Laboratory" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ -- كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۇنئى ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇشقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستىمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئىۋەرتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن-بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق. ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان(بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى "دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش" ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى(ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا "قايتا تەربىيە" ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2-بولغان. ھەمدە 1978-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو-ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1-يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان "تەييارلىق باسقۇچى" نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى--مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇ ئا ر لىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983-يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو-ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1-بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988-يىلى 4-ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991-يىلى چىققان "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن.
نەقىل:

نەقىل:
"ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. رادىئو-ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى. ..."
(1991-يىلى شىنجاڭ نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان <<دەۋر ئىلھاملىرى>> دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.)
ئەركىن سىدىق 1988-يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90-يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلاپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى "ھادىسە" بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىى-پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىنە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى:

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەي! ئەركىن سىدىق،
بەستىڭدە چۆل، بوستان ھارارىتى بار.
تېنىڭدە ئاقسۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى،
ۋە تارىم توپىسىنىڭ خۇش بۇي ھىدى بار.

ئۇچتۇڭسەن، ھالقىدىڭ تەڭرىتاغدىن ھەم،
ئىگىلىك كۈچەيگەن بىر ئەلگە باردىڭ،
تىنچ ئوكيان ئۈستىدىن سەن ئۆتۈپ شۇدەم.

سەن كىچىك بالىلىق چاغلىرىڭدىلا،
كۆرگەنسەن شېرىن ۋە گۈزەل چۈش بەلكى.
شۇ چۈشلەر ئەمەستى ئاساسسىز خىيال،
ئەمەستى گىرىمسەن قاقاس چۆلدىكى.

ئۇ ئىدى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە،
قۇرۇلغان ئىشەنچ، كۈچ، ئەجىر-ئەقىدە.
مۇقامنىڭ كۈيىدىن ياڭرىغان بەلەن،
ۋە <<قۇتادغۇ بىلىك>> پەلسەپەسىدىن،
قەمبەرخان ئوينىغان ئۇسسۇلدىن لېۋەن،
ئويلاندىڭ قايتىلاپ، ھايات ھەققىدە،
ھېس قىلدىڭ نىمىمىز كەملىكىنى سەن.
غىچىرلاپ ماڭىدۇ ئېشەك ھارۋىسى،
بېسىلغان كەبى كۆپ ئەسىرلەر يۈكى،
يۈرىكىڭنى ئېزىپ ئۆتتى ئىز سېلىپ.
ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمىغان،
بالىلار كۆزىنىڭ خىرە نۇرلىرى،
ئاغرىتتى قەلبىڭنى گويا سانجىلىپ.
مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىك تالانتلىرىنىڭ،
ھېس قىلدىڭ مىللىتىمىزدە كەملىكىنى سەن،
ئۇلارسىز خام-خىيال بىرەر مىللەتنىڭ،
گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشى جەزمەن.
بايقىدىڭ ۋە تاللاپ ئالدىڭ نىشاننى،
شۇ ياققا ماڭدىڭ چىڭ قەدەملەر تاشلاپ.
تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىڭنى،
تەسەۋۋۇر قىلىمەن سېنىڭ قانچىلاپ.
قانچىلاپ سۈبھى كۆز ئاچاي دېگەندە،
ياتقاندا تارىم جىم غەپلەتتە ئۇخلاپ،
خورازلار بىلەن تەڭ ئورنىڭدىن تۇرۇپ،
كىتابلار ئوقۇدۇڭ ئۇيقۇنى قوغلاپ.
مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر،
بىلىمدە-ئىرپاندا ئەزەلدىن ئەبەد.
بىلىمنىڭ دېڭىزىدا ئۈزدۈڭ توختىماي،
ئىنسانلار مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرىنى،
سۈمۈردۈڭ قانماس زور ھەۋەستە پەقەت.
ئەمگىكىڭ، ئەقلىڭدە ئاچتىڭ ئاخىرى--
ئىشىكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ،
بار ئىزلار مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە،
بېسىلغان تەپتىدە ئىشق ئوتۇڭنىڭ.
يېڭى بىر مۇھىتتا ئۆگەندىڭ شۇنداق،
يۈكسەلدى ئوبرازىڭ ھارماس ئىخلاسمەن.
ئارزۇيۇڭ، ئىستىكىڭ، خىيالى چۈشۈڭ،
ئاقىۋەت ئەمەلگە ئاشتىغۇ ئەينەن.
ھالقىدىڭ شىنجاڭدىن، جۇڭگودىنمۇ سەن،
ماقالەڭ يورۇققا چىقتى دۇنيانىڭ--
ئەڭ ئالىي قاتلىمىنىڭ ژورنىلىدا ھەم.
مەغرۇرلۇق ھېس قىلار خەلقىڭ، ئىپتىخار--
ھېس قىلار يۇرتداش ياش دوستلىرىڭ ھەردەم.
سەن ئۇلار قەلبىدە ئۈلگە، نەمۇنە،
سەن ئۇلار قەلبىدە چوڭ ئوبراز جەزمەن.
نەزەرىڭ ھالقىسى پۈتۈن دۇنيادۇر،
قەلبىڭگە ئورنىغان ئۇلۇغۋار ۋەتەن.

تەۋرەنمەس ئىشەنچىڭ، سۇنماس غەيرىتىڭ،
ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش دىلىڭغا ھەمدەم.
چەت ئەللىك ئادەملەر بىلەن بەسلىشىش،
مىللەتنىڭ گۈللىنىشنى كۆزلەشتەك روھىڭ،
قەلبىمىز قېتىغا ئورنىدى مەھكەم.

تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،
جۆر بولۇپ تەمبۇرغا، ياڭراق مۇقامغا.
پامىرنىڭ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق چوققىسى،
تەڭرىتاغ تىزمىسى قالدى ئارقاڭدا.

نەزەرىڭ ئاستىدا ئاقىدۇ تارىم،
ئەبەدىي توختىماي دولقۇنلار ئۇرۇپ.
قايناملار ياسالغان شىددەتلىك ئېقىم،
غايەت زور ئادەمدەك تىنار تولغىنىپ.

چاقىرار ئىلغارلىق ۋە مەرىپەتنى،
كۆتۈرۈپ توختىماس شاۋقۇن چۇقاننى.
چاقىرار ئىلىم-پەن مەدەنىيەتنى،
چاقىرار قابىللار تولغان زاماننى.
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،
بىللە ئېپ ئۇچۇپسەن مىليون قەلبنى،
ھەر مىللەت تىلىگەن تىلەك-ئارماننى.

ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىغا ئاساسەن، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر فورمۇلاسىنى خۇلاسىلاپ چىققان ئىدى:

مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت

ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى يۇقىرىقى فورمۇلانىڭ ئىسپاتى بىلەن لىق توشقان. بۇ فورمۇلادىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆيۈمى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان پولاتتەك ئىرادە، ھىچ قانداق جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان غەيرەت-شىجائەت، توختىماي بىلىم ئۆگىنىدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىزچىل ئىپادىسى بىلەن، ئەركىن سىدىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر نەرسىنى ئىسپاتلىدى: باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ.
ئەركىن سىدىق بۇ بىر پاكىتنى ھازىرمۇ داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى تەبىئىى-پەن ۋە ئېنژېنىرلىك ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ بىرسى تۇرۇپمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژورناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر NASA-JPL دە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. NASA نىڭ "ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى پروگراممىسى" (ئىنگلىزچە "Origins Program") دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ نىشانى تۆۋەندىكى 3 سوئالغا جاۋاپ تېپىش ئىكەن:

1. بىز (ئىنسانلار) نەدىن كەلدۇق؟
2. بىز كائىناتتا يالغۇزمۇ؟
3. بىز نەگە بارىمىز؟

ئەركىن سىدىق ھېلىقى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان تەتقىقات يۇقىرىقى 2-سوئالغا جاۋاپ تېپىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2014-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان "James Webb ئالەم تېلېسكوپى" نىڭ تەتقىقاتىغىمۇ قاتنىشىشقا باشلىغان.
ئەركىن سىدىق بىر كەمبەغەل، ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ باققان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يېزىدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىدا ئېشەك ۋە كالا ھارۋىسى ھەيدەپ، ئېتىزلىققا ئوغۇت توشىغان. كالا سۆرەيدىغان قوشنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرغان. كالا سۆرەيدىغان سۆرەمدە يەرگە سۆرەم سالغان. بۇغداي، قوناق، ۋە كۆكتات تېرىغان. كالىغا سۆرىتىپ، قىچا ۋە زىغىرلاردىن ماي چىقىرىدىغان جۇۋازدا ماي تارتقان. كېچىچە تۈگمەندە ئۇخلاپ، تۈگمەندە ئۇن تارتقان. قوناق يىلتىزىغا توپا يۆلىگەن. شاللىقتا مايسا تىككەن ۋە شاللىقتا ئوت ئوتىغان. ئورغاقتا بۇغداي، شال ۋە قوناق ئورىغان. ۋە باشقىلار. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا، ئالەم بوشلىقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىش ئۇچۇن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
ئەركىن سىدىق قانداق مۇساپىلەرنى بېسىپ، ھازىرقى ھالەتكە كېلەلىدى؟ ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە قانداق يول تۇتىدۇ؟ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى نېمە؟ ئۇنىڭ ئائىلىگە ۋە پەرزەنتلەرگە بولغان قارىشى قانداق؟ مۇشۇنداق بىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت 2 دۆلەتتە 20 نەچچە يىل ياشاپ باققان، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەبىئىى-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق مۇتەخەسسىسلىرى قاتارىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟ ئېھتىمال نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ يوقۇرقىدەك سوئاللىرى باردۇر. 2005-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكىدىكى بىلىۋال تور بېتى ئەركىن سىدىق بىلەن بىر ئىنتېرنېت يازما سۆھبىتى ئۆتكۈزۇشكە باشلىدى. بۇ سۆھبەت ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەرەبچە يېزىقى (UEY) ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نۇسخىلىرى http://www.Biliwal.com, http://www.bilik.cn, http://www.Bostan.cn قاتارلىق تور بەتلىرىدە بار. بۇ سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق يۇقىرىقىدەك سوئاللارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلىرىدىن، ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ياسىغان http://www.meripet.com دېگەن تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەركىن سىدىقنىڭ كەسپىگە ۋە تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm تور بېتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلمىي ماقالىلارنى كۆزدىن كەچۈرسە بولىدۇ.
تۈۋەنكى رەسىمدە :ئەركىن سىدىق ئايالى ئامانگۈل بىلەن بىللە.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر تور بېتىمىزدىن ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئايرىم تەييارلاپ يوللىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز بۇ ئارزۇيىمىزنى يەتكۈزگەندە، ئەركىن سىدىق تەلىۋىمىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇ يازمىنى (ULY) دا يېزىپ تەييارلاپ بەردى. بىز ئۇنى تەھرىرلەپ، ۋە UEY غا ئۆزگەرتىپ، سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. بۇ يازمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قىسىملىرى ئەركىن سىدىق ھاياتىنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە چىقىرىلىدۇ.
ژورنالىزم ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بىر قانچىسى ئەركىن سىدىققا ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن، ھەمدە بۇنى قىلىشقا ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، 40 نەچچە ياشلىق ئەركىن سىدىق بۇ ئىشنى ھازىر قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ دەپ قاراپ، كىتاپ چىقىرىشنى كەلگۈسىگە قالدۇرغان. شۇڭا بۇ "ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى" دا بېرىلىدىغىنى ئەركىن سىدىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ۋە ئىنتايىن جىددىيچىلىك ئىچىدە ئىنتېرنېت ئۈچۈن تەييارلىغان، ئۆز ھاياتىنىڭ قىسقىچە تەسۋىرىدۇر. بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يازمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈۋەنكى رەسىمدە: ئەركىن سىدىق ئامېرىكا 1-قېتىم ئايغا ئادەم چىقارغاندا ئىشلەتكەن ئايغا قونغۇچى (ئىنگلىزچە "Moon Lander") نىڭ مودېلىنىڭ يېنىدا. بۇ مودېلنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى، رەڭگى ۋە تۇزۇلمىسى ئەينى ۋاقىتتا ئايغا چىقىرىلغان ھەقىقىي ماشىنا بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ تەرجىمھالىنى كۇلۇبىمىزدىن ئەليار بىلەن بوستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۇلۇبىدىن yawuz ئەپەندى بىرلىكتە تەييارلىغان، باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بىلىك تور بېكىتى ياكى بوستان ئۇيغۇر مەدىنىيەت كۇلۇبىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتكەيسىز.

2. ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرى

ھەممە ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدە بولغاندەك تارىم دەرياسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئاقسۇ دەرياسى، ياركەنت دەرياسى ۋە خوتەن دەرياسى قاتارلىق 3 دەريانىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن. ياركەنت دەرياسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2137 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاقيار يېزىسىغا كەلگەندە ئىككىگە ئايرىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە قايتىدىن قوشۇلۇپ، بىر دەرياغا ئايلىنىدۇ. ئاقسۇ دەرياسى مۇشۇنداق ئىككىگە ئايرىلىپ، قايتا قوشۇلۇشقا بولغان ئارىلىقتا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قۇرۇقلۇق "ئارال" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارايدىغان بىر يېزىدىن ئىبارەتتۇر. گەرچە ئارال كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىسىمۇ، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭغا كونىشەھەردىن بىۋاستە بارغىلى بولمايدۇ. ئارالغا كوناشەھەرنىڭ باشقا يېزىلىرىدىن بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ، ئاندىن ئاقسۇدىن ئۇچتۇرپانغا بارىدىغان يول بىلەن بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئارال يېزىسى يەر كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر يېزا بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسمى "مەكىت" دەپ ئاتىلىدۇ. مەكىتنىڭ ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر ئەتىراپىدا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاقيار يېزىسى بىلەن چېگرىداش قىسىملىرى "جەگجى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئارالغا كىرىش ئېغىزىدىن ئاقسۇ-ئۇچتۇرپان يولى بويىدا پەقەت ئىككىلا ئېغىز بار بولۇپ، بۇ ئېغىزنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە چوقۇم ئاقسۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۇش كېرەك. 60-يىللاردا ياز مەزگىللىرى كەلكۈن كېلىپ، بۇ ئېغىزلاردىكى كۆۋرۈكنى پات-پات سۇ ئېلىپ كېتىپ، ئارالغا بارغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلارمۇ كۆپ بولغان ئىدى. بىر قېتىملىق چوڭ كەلكۈن جەريانىدا، پۈتۈن ئارال يېزىسى سۇ ئاستىدا قالغانلىقى ئەركىن سىدىقنىڭ ھازىرمۇ ئېسىدە بار.
رەسىمدە: ئارالنىڭ ئاقسۇ خەرىتىسىدە كورسىتىلىشى.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ يۇرتى يۇقىرىقى ئارال يېزىسىنىڭ جەگجى كەنتى بولۇپ، ئاپىسىنىڭ يۇرتى بولسا مەكىت كەنتىدۇر. ئەركىن سىدىق 1958-يىلى 4-ئايدا ئارالنىڭ جەگجى كەنتىدىكى بوۋا-مومىسىنىڭ (دادىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى) ئۆيىدە تۇغۇلغان. ئەركىن سىدىق بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۆزىدىن 2 ياش چوڭ "ئابلەت" ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار.

ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى سىدىق مەمەت جەگجىدىكى بىر يوقسۇز، نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، دەسلەپتە ئىسلام دىنى مەكتىپىدە "قارى" بولغىچە ئوقۇپ، كېيىن يېڭى مەكتەپتە تاكى سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. دىنىي مەكتەپتىكى ئاساسى ياخشى بولغاچقا، يېڭى مەكتەپتە ھەر يىلى سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇپ، ئوقۇشنى ناھايىتى تېزلا تاماملىغان. شۇڭا ئۇ تولۇق ساۋاتلىق بولۇپ، 1953-يىلىدىن باشلاپ ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەتتە كادىر بولۇپ ئىشلىگەن (ئۇ چاغدا بۇ يېزا "ئارال گۇڭشېسى" دەپ ئاتىلاتتى). ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى پاتەمخان بولسا مەكىتتىكى يېرى كوپ، مۈلۈككە باي بىر دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. 1949-يىلىدىن بۇرۇن مەكىتتىكى يەرلەرنىڭ كۆپۈنچە قىسمى پاتەمخاننىڭ ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ قالغان 4 ئاكا، ئىنى ۋە سىڭىللىرىغا تەۋە بولغان. شۇڭا 50-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئىسلاھاتى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىسى ماۋ زېدۇڭ چىقارغان ئۆلچەم بويىچە دېھقانلارنى ئوخشىمىغان سىنىپلارغا ئايرىغاندا، پاتەمخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى ئىگىلىگەن يېرىنىڭ كۆپلۈكىدىن "پومېشچىك" بولۇپ ئايرىلىپ قالغان. ئاپىسىنىڭ قالغان قېرىنداشلىرى بولسا ياكى "ھاللىق باي دېھقان" ياكى "باي دېھقان" بولۇپ قالغان. سىدىق مەمەت 1953-يىلى پاتەمخان بىلەن توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، دەسلەپتە پاتەمخاننىڭ دادىسى "كادىر دېگەن قەلەندەر كېلىدۇ"، دەپ، پاتەمخاننى بېرىشكە ئۇنىمىغان. كېيىن بۇ ئىشقا ئارال يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارىلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ماقۇل بولغان. 1958-يىلى ئەركىن سىدىق تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاپىسى پاتەمخان ئاران 18 ياشتا ئىدى. سىدىق مەمەت 1956-يىلى كونىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە يۆتكەلگەن بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنە ئارالنىڭ جەگجى كەنتىگە بىر يىللىق خىزمەتكە چۈشكەن. بۇ بىر يىل جەريانىدا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن سىدىق مەمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بولۇپ، ئەركىن سىدىق مانا شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان.

1958-يىلى 7-ئايدا سىدىق مەمەت "پولات-تۆمۈر" تاۋلاش ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر يىللىق خىزمەتكە ئەۋەتىلدى. پاتەمخان ئىككى ياشلىق ئوغلى ئابلەت بىلەن ئەمدى 3 ئايلىق بولغان ئوغلى ئەركىن سىدىقنى ئېلىپ، بىر قارا ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ (ئۇ چاغدا ئاقسۇ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يولوچىلار ئاپتۇۋۇزى يوق ئىدى)، تەڭرىتېغىنىڭ ئاقسۇ باي ناھىيىسى تەۋەلىكىدىكى بىر ئېگىز داۋىنىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە بارغان. ئۈرۈمچىدە بىر يىل تۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىدىق مەمەت دەسلەپتە ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە، كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گېزىتخانىدا بىر قانچە ئايدىن ئىشلىگەن. ئاندىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەقسىم قىلىنغان. 1960-يىلى سىدىق مەمەت ئىچكىرىگە 6 يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن (مەرھۇم سىدىق مەمەت پېشقەدەم ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئىچىدە، 60-يىللىرى بېيجىڭدا ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان بىر ئادەم بولسىمۇ، 1998-يىلى 3-نويابىردا 66 يېشىدا ۋاپات بولغىچە، ئۆزى ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ۋە يۇۋاش بولغاچقا، ئاقسۇ دىكى بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىدىن يۇقىرى ۋەزىپىگە قويۇلۇپ باقمىغان،ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكۈزگەن.). شۇنداق بولغاچقا، ئەركىن سىدىق بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن ئاساسەن بىرگە بولالمىغان. ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى ھەر يىلى دادىسى يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بېيجىڭدىن ئالغاچ كەلگەن ئانچە-مۇنچە ئويۇنچۇقلاردىنلا ئىبارەت. ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپىسى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقارغان بىر ئايال بولۇپ، 1960-يىلىدىن 64-يىلىغىچە ئاقسۇ تاشقى-سودا شىركىتىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن 66-يىلىغىچە ئاقسۇ كەمپۈت زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا بالىلارنى پاتەمخاننىڭ ئاپىسى مەرەمخان ئوسمان بېقىپ بەرگەن. مەرەمخان، ئۇنىڭ ئېرى ئەرشىدىن ئېزىز، ۋە قالغان 4 قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى دىنى ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك، كۈنىگە 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئەركىن سىدىققا بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەخلاق تەربىيىسى كۈچلۈك دەرىجىدە سىڭگەن. مەرەمخان ئىنتايىن ساپ دىل، ئاقكۆڭۈل، قوسىقى كەڭ، ئەستايىدىل، ھەممە ئىشتا سالماق، ئېسىل سۈپەت ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ "مۇنداق-مۇنداق قىلساڭ يامان بولىدۇ؛ مۇنداق-مۇنداق قىلساڭ ساۋاپ بولىدۇ" دېگەن تەربىيىلىرى ئەركىن سىدىقنىڭ يادىدا ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. 1980-يىلى 27-يانۋاردا ۋاپات بولغان مەرھۇم مەرەمخان ئوسمان ئەركىن سىدىقنىڭ قەلبىدە ھېلىھەم ئۇ ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان، بۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان سۈپىتىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ ھاجىم تاغىسى (دادىسىنىڭ ئىنىسى) سادىق مەمەت بىلەن ئۇزۇندىن بېرى "يەر شارىنىڭ شەكلى يۇمىلاق" دېگەن مەسىلە ئۇستىدە مۇنازىرە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ تاغىسىنىڭ ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئۇنى ھازىرغىچە قايىل قىلىپ بولالمىغان.

1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشلىق مەھسۇلاتى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقان يىللار ئىدى. لېكىن، 1960-يىلى 7-ئايدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئوز ئالدىغا جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودىن بۇرۇن بېرىلگەن قەرزلەرنى تۆلەشكە قىستىدى. ئاشۇ قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىققان ئاشلىقلارنىڭ زور قىسمىمۇ ئېلىپ كېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى خېلى ئۇزۇنغىچە ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولدى. ئاشۇ يىللارنىڭ بىرىدە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭدىن ئاشقان. شۇ مەزگىلدە پۈتۈن جۇڭگودا ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 30 مىليوندىن 60 مىليونغىچە، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرى مانا شۇ ئاچارچىلىق كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن. يىللاپ يىللاپ گۆش كۆرمەسلىكقۇ بىر تەرەپتە تۇرسۇن، قوساق تويغىچە يەيدىغانغا قوناق نېنىمۇ بولمىغان. ئاشلىق پۈتۈنلەي نورمىلىق بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ يېشىغا قاراپ ئاشلىق بېرىلگەن. چوڭ ئاپىسى بەزىدە ئارالغا كەتكەندە، كۈندۈزلىرى ئەركىن سىدىق ئاكىسى بىلەن بىرگە ئۆيدە ئۆزلىرى يالغۇز تۇرغان. ئاپىسى ئۇلارغا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن بىردىن توقاچ تەييارلاپ قويغان. چۈش بولغىچە قوسىقى ئېچىپ كېتىپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت (بۇ يازمىدا پۈتۈنلەي شىنجاڭ ۋاقتى ئىشلىتىلىدۇ) 10 دىن باشلاپلا ئەركىن سىدىق ئاكىسىدىن ھېلىقى توقاچنى يېيىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان. ئاكىسى "تېخى چۈش بولمىدى، سەل ساقلاپ تۇرايلى" دىسە، ئۇ "مەن بېرىپ سائەتكە قاراپ باقاي"، دەپ، ئىدارىنىڭ بىر بىناسىغا ئېسىقلىق تام سائىتىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ، سائەتنىڭ چوڭ-كىچىك ئىستىرىلكىلىرىنىڭ ئورنىنى كۆرۈۋېلىپ، يەنە يۈگرەپ قايتىپ كېلىپ، "ئاكا، سائەتنىڭ چوڭ تىلى مانچىگە، كىچىك تىلى مانچىگە كەپتۇ. توقاچنى ئەمدى يېسەك بولامدۇ؟" دەپ سورايتتى. بۇ يىللاردا، ئەركىن سىدىق بەزى ۋاقىتلارنى ئارالغا بېرىپ، چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزىلىرىدىكى تاماق "كوللېكتىپ تامىقى" بولۇپ، ھەر بىر ئەترەت (ھازىرقى بىر كەنتكە توغرا كېلىدۇ) تىكى دېھقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۈچ ۋاق تاماقنى بىرگە ئېتىپ، بىرگە يېگەن. دېھقانلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە سائەت 5-6 لەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر-ئىككى سائەت "دولقۇن" غا چىقاتتى (شۇ چاغدىكى ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ئەمگەك "دولقۇن" دەپ ئاتىلاتتى). دولقۇندىن قايتىپ كېلىپ، ئاندىن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەيتتى. ئەركىن سىدىق ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاشۇ ئەتىگەنلىك تاماقنى يېيىش ئۇچۇن كوللېكتىپ "ئاشخانىسى" غا باراتتى. بۇ يەردىكى "ئاشخانا" دېگىنىمىز، سىرتقى دالىدىكى بىر بوش ئورۇننى ئويۇپ، ئۇ يەرگە بىر داش قازاننى ئېسىپ ئاش ئېتىدىغان ئورۇننى كۆرسىتەتتى. ئەركىن سىدىقنىڭ ئېسىدە قالغان، ئاشۇ ۋاقىتتا كوللېكتىپ ئاشخانىغا بېرىپ يېگەن ئەتىگەنلىك تاماق قوناق ئۇنىنى سۇغا چېلىپ ئەتكەن ئۇماچتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇ مەزگىلدە، ئەتىگەنلىكى بىرەر دېھقاننىڭ ئۆيىنىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىپ قالسا، ئەترەت كادىرلىرى ئۇ ئۆيگە تۇيۇقسىز بېرىپ تەكشۈرەتتى. ئۆز ئۆيىدە بىرەر ۋاق ئايرىم تاماق ئېتىۋاتقان دېھقاننى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭغا ئېغىر جەرىمانە قويۇپ، ياكى ئۇنى "سىنىپىي دۇشمەن" قاتارىدا كۈرەشكە تارتىپ، قاتتىق جازالايتتى. شۇڭا ھىچ كىم ئوز ئۆيىدە ئايرىم قازان ئېسىشقا پېتىنالمايتتى.

ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسى ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھىرى ئىچىدىن ئېقىپ ئوتىدىغان "سۈزۈك ئۆستەڭ" دېگەن بىر كىچىك ئۆستەڭدىن كېلىدىغان بىر سۇ ئېرىقى بار ئىدى (بۇ ئۆستەڭ ھازىر ئاقسۇ شەھىرىدە يوق بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق شەھەر قۇرۇلۇش تەرەققىيات پىلانىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانغا ئېلىندى ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئەينى ۋاقىتتا تېخى سۇ قۇدۇقى مەيدانغا كەلمىگەن بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچەتتى. ئېھتىمال ئەركىن سىدىق 4 ياشقا، ئاكىسى 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلار بولسا كېرەك، ئاپىسى ئىشتىن قايتىپ كەلگىچە بۇ ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بىر كىچىك قەلەي چەينەكنىڭ تۇتقۇچىغا بىر ياغاچنى ئۆتكۈزۇپ، ئۇ ياغاچنىڭ بىر تەرىپىنى ئۆزى، يەنە بىر تەرىپىنى ئاكىسى كۆتۈرۈپ، ئېرىقتىن ئۆيگە سۇ توشۇپ، ئۆيدىكى چېلەكنى سۇ بىلەن تولدۇرغان. بىر چېلەكنى تولدۇرغىچە، 10 قېتىمدەك سەپەر قىلىشقا توغرا كەلگەن. مانا بۇ ئەركىن سىدىقنىڭ ئېسىدە قالغان، بالىلىق دەۋرىدە ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن قىلغان ئۆي ئىشلىرىنىڭ بىرسىدۇر.

رەسىمدە: ئەركىن سىدىقنىڭ ئائىلىسىدىكى ئوزىدىن باشقا كىشىلەر: دادىسى، ئاپىسى، ئاكىسى، 2 ئىنىسى، 2 سىڭلىسى، ئاكىسىنىڭ خانىمى ۋە قىزى. بۇ رەسىم 1985-1988 يىللىرى ئەركىن سىدىق ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تارتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئوزى كىرەلمەي قالغان.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

رەسىمدە: ئەركىن سىدىقنىڭ دادا تەرىپىدىكى تۇققانلىرى. رەسىمنىڭ 2-قۇرى، ئەركىن سىدىقنىڭ ئوڭ قول تەرىپىدە تۇرغانلار يەقىندىن يىراققا قاراپ ماڭغاندا ئەركىن سىدىقنىڭ دادىسىنىڭ سىڭلىسى رىزۋانىخان، دادىسىنىڭ ئىنىسى سادىق مەمەت ھاجى، ۋە دادىسىنىڭ ھەدىسى ھاۋانىخانلار. بۇ قەتىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئۇلار بىلەن 15 يىلدىن كەيىنكى تۇنجى كورۇشىشى بولۇپ، بۇ رەسىم 2006-يىلى 1-سىنتەبىر كۇنى تارتىلغان.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

رەسىدە : ئەركىن سىدىقنىڭ ئاپا تەرىپىدىكى بىر قىسىم تۇققانلىرى. 2-قۇردىكى ئەركىن سىدىقنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان 6 كىشى بىلەن 1-قۇردىكى چېچىغا بىر ئاز ئاق كىرىپ قالغان ئەر بولۇپ بۇ 7 كىشىنىڭ ھەممىسى ئەركىن سىدىقنىڭ چوڭ ئاپىسىنىڭ ئىنىسى مەتنىياز قارىمنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 كىشى ياش جەھەتتە ئەركىن سىدىقتىن كىچىك. ئەركىن سىدىق ئەينى ۋاقىتتا ئارالدىكى نۇرغۇن ۋاقتىنى ئاشۇ تۇققانلىرى بىلەن بىرگە ئوتكۇزگەن. ھاۋارەڭ ياغىلىق ئارتىۋالغان بۇخەلچەم ھەدىسى ئەركىن سىدىقنىڭ 1980-يىلى 27-يانىۋاردا ۋاپات بولغان چوڭ ئاپىسىغا ئىنتايىن ئوخشايدۇ. بۇ رەسىممۇ 2006-يىلى 1-سىنتەبىر كۇنى تارتىلغان.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

رەسىمدە : ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 30-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﯩﻠﻰ 15 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ، ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻰ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ، ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ (ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻦ)، ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ، ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ، ﭼﻮﯓ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﭼﯩﻤﻪﻧﮕﯜﻝ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ، ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﮔﯜﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

" onload="attachimg(this, 'load')" border=0 />

بىلىك تور بېكىتدىن ئىلىندى .

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ تەرجىمھالىنى بىلىك تۇر بىتىدن ئىلندى

______ جۇدا تەھرىرلىدى
بۇرۇن يوللىنىپ بولغاندەك قىلغان ، يەنە تەستىقلاپ قويدۇم ، بۇ قىسىمى تولۇقتەك قىلىدۇ !

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 06:58 چوققىغا قايتىش
قارا ھىجران

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 64
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

بۇ تىمىدا ئوخشاش رەسىم ،ئوخشاش مەزمۇن بىر تىمىنىڭ ئىچىدىمۇ تەكرارلىنىپ كىتىپتۇ،ھەيرانمەن.ئەستايدىللىق دىگەن گەپ شۇمىدۇر-يە؟ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق.
بۇ تىما كونا بولسىمۇ كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ،لېكىن ئەركىن سىدىق توغرىسىدا ھەقىقەتەن ياخشى تەسىراتى بولسا بىر نەچچە قۇرمۇ بولسا ئۆز تەسىراتىنى يېزىپ ئاندىن بىلىك توربىتىدىكى ئادرىسنىلا ئاستىغا ئۇلاپ قويسا ياخشى بولمامدۇ دەيمەن؟

ئەركىن سىدىقنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەقىقەتەنمۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى»دىن ئىلگىركى يىللارغا ھەم مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى يىللىرىغا توغرا كەلگەنچكە تۇرمۇشتا ئەينى ۋاقىتتا بارلىق ئۇيغۇر تارتقان ئېغىرچىلىقنى ئەركىن سىدىقمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ،ئۇ شۇ ئىشلارنىڭ تىرىك شاھىدلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىنى مەنچە بولغاندا تېخىمۇ بېيىتىپ بىرەر ئايرىم كىتاپچە قىلىپ يازسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن.ھازىر يوقۇلۇپ كەتكەن ھېلىقى ئۆستەڭگە قايتا-قايتا سۇغا بېرىپ،ئۆيدىكى چېلەكنى 10 قېتىمدا ئاران توشقۇزغانلىقى،ئۇندىن باشقا نۇرغۇن قېتىم قورسىقىنىڭ ئاش قالغانلىقى...مانا بۇلار كىشىنى تەسىرلەندۈردىغان ھەم ئېچىندۇردىغان كۆرنىشلەر...
ئاخىرىدا ئەركىن سىدىق ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم، ئوغلىنىڭ ئىشلىرىنىڭمۇ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 10:19 چوققىغا قايتىش
153
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 795
شۆھرەت: 790 نۇمۇر
پۇل: 6883 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

بۇ كىشى بىلەن شۆھرەت مۇتەللىبۇۋ بەلكىم بىزدىن يالغۇز ئوغرى ۋە تەلۋىدىن باشقا كىشىلەرنىڭمۇ چىقىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
مەن ئۇلارنىڭ تىزراق نەتىجە قازىنىپ سىتوكھۇلىمدا شەرەپ قۇچىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. (بوبىل مۇكاپاتى ئالسۇن دىمەكچى. )

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 10:41 چوققىغا قايتىش
Vadarih

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

153 ، ئەركىن سىدىققا ياخشى تىلەك تىلىگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ . << لىكىن بەلكىم بىزدىن يالغۇز ئوغرى ۋە تەلۋىدىن باشقا كىشىلەرنىڭمۇ چىقىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس. >> دىگىنىڭىز توغرا بولماپتۇ . مەن ئۆزىمىزنى ماختاۋاتقىنىم ئەمەس . بىزدىن چىققان ئوغرى تەلۋىلەر يوق ئەمەس . لىكىن بىزدىن چىققان - بىز پەخىرلىنىدىغان ، خەق ھەۋەس قىلىدىغان كىشىللىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت . ئوغرىسى يوق يۇرت نەدە بار ؟

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 11:16 چوققىغا قايتىش
elqin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 269
شۆھرەت: 269 نۇمۇر
پۇل: 2672 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:68(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

مەن بۇ كىشنىڭ نەتىنجە يارىتىشقا ئالدىراۋاتقىنى بايقىغاندەك بولغان بولسامۇ ، ئارزۇلىرىغان قاراپ، مەن ئالدىراي مەن ماڭغىلى ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى، دىگەندەك ئىش بوپ قېلچاتقان دەك تۇيدۇم ،
غەيرەت قىلىڭ ئەركىن سىدىق ئەپەندىم سىز پەقەت ۋە پەقەت قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ قولىشى ۋە ئكزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقلا نەتىنجە يارتالاي سىز .   قۇربان ھېيتىڭىزغا شاتلىق تىلەي مەن .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 11:18 چوققىغا قايتىش
Vadarih

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

بۇ تېما كۆچۈرۈلۈپ ھەقىقەتەن ياخشى بولماپتۇ . كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ يەردە كۆرسە كىشىگە تازا ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن .

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 11:22 چوققىغا قايتىش
karwan327

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

مەن ئەركىن سىدق ئاكنىڭ تەرجىمالنى كۆرۇپ
تەبىرىڭ قانداق بولسا ،
تەغدىرىڭ شۇنداق بۇلۇر.
دىگەنى ئويلاپ قالدىم
ئاخىردائەركىن سىدق ئاكنىىڭ بۇندىن كېينكى ئشلرئرغا ئۇتۇق ،ئائىلسگە بەخىت تىلەيمەن

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 12:04 چوققىغا قايتىش
$لةيلص$

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 344
شۆھرەت: 345 نۇمۇر
پۇل: 3440 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

جاپاچىكىپسىز ...........بىزگە ئويغۇر ئالىمىمىز بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ...........

Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 12:40 چوققىغا قايتىش
Korax0997

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

ناھايتى ياخشى تىمىنى يوللاپسىز ؟
اللادىن بۇنڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە تىنىگە سالەمەتلىك تىلەيمەن .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 19:48 چوققىغا قايتىش
TURUK202

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 149
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
پۇل: 1490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:38(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

ماڭا   ھەممىدىن بەك   تۆمۇر داۋامەتنىڭ .شئېرلىرى بەك يادقتى .
خىلى پەيزى يازىدىكەن دىسە   .
ھەق گەپ قىلغاندەك قىلىدۇ   ........

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-18 20:07 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )

Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-29 00:28, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije