>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
XabnamBBS -> خەۋەر-ئۇچۇرلار -> (خاقان)ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ . . .

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 5990 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : (خاقان)ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ . . . IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Hakan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 933 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:97(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
(خاقان)ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ . . .

مۇرات ناسىروف قا مۇناسىۋەتلىك تېما ئادرېسى :
./read.php?tid-3275-keyword-.html

ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﯩﺰﯨﺘﻮﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ ۋاپات بولدى


ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻚ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ)ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﻳﯘﻛﺴﻪﻙ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﭙﯩﺰﯨﺘﻮﺭ ﯞﻩ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﯞ . 2007-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17- ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮﺳﻜﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻭﭼﺘﯩﭽﺎ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ 15-ﺑﯩﻨﺎ1-ﺯﺍﻝ 5-ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻜﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ .
( ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ : ﺋﯘ ﺑﺎﻟﻜﯘﻧﺪﺍ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ ﺋﺎﻧﺘﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﯞﯨﺘﯩﭗ ﺗﯩﻴﻠﯩﭗ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ )


ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ < ﻧﻪﺯﻩﺭ ﮔﯩﺰﯨﺘﻰ >


مۇرات ناسىروف ھەققىدە

روسىيىلىك ناخشا چولپىنى- مۇرات ناسىروف، ئۇيغۇر. ئۇ 1969-يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، قازاقىستاندا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۈتىگەندىن كېيىن موسكۋا Gnèsopئىنىستىتوتىدا ئوقۇپ 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن. مۇرات ناسىروف 1991-يىلى يالتادا ئۆتكۈزىلگەن سوۋىت ئىتتىپاقى ياشلىرى مۇزىكا فېستىۋالى;دا مودا مۇزىكا قاتارىدا 1-لىككە ئىرىشىپ تۇنۇلۇشقا باشلىغان، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈگىنىپ، بىر تەرەپتىنيېڭى پورت مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ، مۇزىكا كېچىلىگى ئۇيۇشتۇرۇش، كىنو، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئورۇنداش بىلەن شۇغۇللانغان.1997-يىلى ئۇ <«Tambow غا بارماقچى بولغان بالا;ناملىق پىلاستىنكىسى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇنىڭ ناخشىلىرى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى ياشلار ئاڭلاپ زىرىكمەيدىغان ناخشىلارغا ئايلانغان ۋە ناخشا مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. كېيىن ئۇ روسىيىلىك ناخشا چولپىنى Apina بىلەن بىرلىكتە «ئايدىڭ كېچە» نى ئېيتىپ ناخشا چولپانلىرىنىڭ يۈرىگىنى لەرزىگە سالغان. مۇرات ناسىروف بۈگۈنكىروسىيە ناخشا چولپانلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغانAlla Pugachewa , Filip Kirkorow ,Oleg Gazmanop ,Waleri Lieontew ۋە باشقا ناخشا چولپانلىرى قاتارىدا يۈكسەك شان-شەرەپكە ئىرىشىپ، روسىيە ھازىرقى زامان ناخشا-مۇزىكا سەھنىسىدە ئۆز ئورنىنى تاپقان. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىكى مۇزىكىلارنى ئاساسەن مۇرات ئۆزى ئىشلىگەن، بۇمۇ ئۇنىڭ شان-شەرىپى، ئايالى Latish مىللىتىدىن بۇلۇپ، دائىم مۇراتقا ھەمرا بۇلۇپ ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىدۇ









----------------------------------------------------------------------------------------

ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭖ 19-ﻳﺎﯞﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﻪﺕ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻓﺎﻛﯩﺲ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭖ 19-ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10ﺩﯨﻦ 30 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ 5-ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 37 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯚﻟﯜﻡ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ " ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ " ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﺪﯗﺭ. ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻯ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﺳﻜﯘﺭﺧﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﻜﻮﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻳﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﻳﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺋﯩﻤﺎﻥ-ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ، "ﻳﻪﺭﻛﻪﺕ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻠﯩﺮﻯ" ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﯘﻟﻰ، ﭘﻮﻻﺕ ﻫﯧﺰﯨﻤﻮﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.

ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺘﻼﺭ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺧﯘﺩﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﭘﻮﻻﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺭﯗﺱ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﭘﻮﻻﺕ ﻫﯧﺰﯨﻤﻮﭖ " ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭺ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺮ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭺ ﺑﺎﺭ" ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﺎﻟﻼ ﭘﯘﮔﺎﭼﻪﯞﺍ: ﻣﯘﺭﺍﺕ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﯞﺍﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻞ-ﺯﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭘﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﻰ. ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ، ﺋﺎﻟﻼ ﭘﯘﮔﺎﭼﻪﯞﺍ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ، 'ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﯞﺍﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﺖ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﭖ-ﻳﺎﺷﻼ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ" ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻫﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺩﺍﯓ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﭖ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻥ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﭘﯘﺗﯩﻦ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻧﯘﺭﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻧﺎﺯﺍﺭﺑﺎﻳﯧﯟ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﻫﻮﺯﯗﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﭘﯘﺗﯩﻨﻨﯩﯔ "ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ؟" ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ، " ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪﯗﻡ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻮﻧﯘﻟﺪﯗﻡ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ" ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺩﻭﭘﭙﯩﺴﻰ ﻛﯧﻴﯩﭗ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺭﺍﯞﺍﺑﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ.....

ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪﻥ

ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺋﯧﺰﯨﺰ

مۇرات ناسىروف بىلەن سۆھبەت



ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﻰ.

ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻙ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ "ﮔﯜﻟﺌﺎﻳﯩﻢ" ﻧﻰ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﻟﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ.

ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﻟﯧﺌﻮﻧﯩﺪ ﻛﻮﭼﻤﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻏﺎ "ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻗﺘﯩﻤﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻼﻳﻤﻪﻥ" ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻣﯧﺮﺳﯩﺪﯨﺲ ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯩﻜﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﭘﯘﻻﯕﻼﺗﺘﻰ.

---‏-‏- ﻗﺎزاق - ؟ - ﺭﯗﺱ - ؟



----- ﻳﺎﻕ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ.

ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻚ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﭽﻪ، ﻣﯘﺭﺍﺩﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ .

ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻰ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻛﻮﭼﻤﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺍﺩﻗﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻫﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻫﻪﻡ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺩﺍ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ، ﻳﺎﻟﺘﺎ ﮔﯩﺮﺍﻥ ﭘﯩﺮﻯ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ "ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ" ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻻﯞﯗﺭﯨﻴﺎﻧﺘﻰ، ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ، ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ ﺋﺎﻛﺎ 60-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﺎﻛﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺳﺎﺯﻩﻧﺪﻩ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺩ 18 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯧﺸﯟﺍﺳﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻﻝ ﭘﯘﮔﺎﭼﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1991-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ cor ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ "granpri" ﻧﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ 120 ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ 1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﭼﺎﻗﻨﯩﻐﺎﻥ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺭﺍﺩ ﻣﻮﻝ ﻫﻮﺳﯘﻟﻠﯘﻕ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﻮﺯﯨﺘﻮﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯔ 1990-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺳﯩﮕﺎﻥ ﻗﯩﺰﻯ"، "ﺑﯧﺮﯨﺶ-ﻛﯧﻠﯩﺶ"، "ﻣﺎﺩﯨﺮﺍ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﯧﻬﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ. ﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯚﺳﯜﭖ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺸﻰ، ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻪﺧﯩﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻢ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ. ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻛﻮﻧﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﺩﻩﻙ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻫﻪﻡ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، "12 ﻣﯘﻗﺎﻡ"، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﯕﻘﯩﻐﺎﻥ ﺭﻭﻫﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ:

----- ﻣﯘﺭﺍﺩ، ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟

----- ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺕ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺵ . . .

----- ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟

----- ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. "12 ﻣﯘﻗﺎﻡ" ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺘﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ. ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭘﻼﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯘﻣﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ-ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ "12 ﻣﯘﻗﺎﻡ" ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺳﯧﻬﯩﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﻠﻰ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﻫﯧﺴﻴﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻣﯘ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻫﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ-ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﻭﭘﭙﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎﻣﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﺳﺎﻟﻤﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ" ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﺗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎ-ﺋﺎﺗﺎﻏﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﻳﺎﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪﻥ . . .

ﻣﯘﺭﺍﺩﻧﯩﯔ ﺗﯩﺘﺮﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﭖ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﺪﯨﻢ.

----- ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ .

----- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻫﻪﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ.

----- ﻣﯘﺭﺍﺩ، ﺳﯩﺰ "12 ﻣﯘﻗﺎﻡ" ﺩﻩﻙ، ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭙﺴﯩﺰ. ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯜﺵ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ﻫﯧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺋﻮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﻩﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻣﯩﺴﺰ؟

----- ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﻪﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﻜﻮﺭﺩﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻥ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺪﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﻱ ﻣﯧﻠﻮﺩﯨﻴﻪ ﻳﻮﻕ. ﮔﻪﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺸﺘﺎ . . .

----- ﻣﯘﺭﺍﺩ، ﺳﯩﺰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﺰ؟

----- "ﺋﺎﺗﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ، ﺧﻪﻟﻘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻝ"، "ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ" ﺑﯘ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﺎﺩﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﭼﯜﺷﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯩﻤﻤﯘ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻳﻮﻟﯘﻡ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ .



ﺑﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ. ﺋﯘ ﻗﯘﭼﺎﻕ-ﻗﯘﭼﺎﻕ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﺷﯧﺮﯨﻨﮕﯜﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ، ﮔﯩﺮﯨﻤﺴﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ. ﻧﯩﻞ، ﺋﺎﻣﻮﺯﻭﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﺎﻫﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ .

ﺳﯘﻣﯘﺭﯗﻍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻼﺭﻣﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺭﻣﯩﺶ.

ﺋﻪﻱ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯚﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺖ! ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ، ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﯔ ﺳﯧﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻕ-ﻗﯘﭼﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯜﺭﻛﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯔ ﻣﯧﻬﺮﻯ-ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ .

مەنبە : ئۇيغۇر تورلىرى


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

مەن ئانا ۋەتىنىمنى سۈيىمەن!!!
خاقان سىزنى ھەر ۋاقىت يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ!!!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 11:08 چوققىغا قايتىش
Juda
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 311
شۆھرەت: 362 نۇمۇر
پۇل: 1848 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:193(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خاقان ئەپەندىم ، بۇ خەۋەر راستمۇ ياكى ؟
خەۋەر تېمىسىنى كۆرۈپ يۇرىگىم <جىغ> قىلىپ قالدى ! مەن مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشىلىرىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم . ئۇ ھەقىقىي ئىجادىيەتچى ئىدى ! ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغايسىەن !
بۇ تېما كۆچۈرۈلمە تېمىكەن ، بولسا تەپسىلىيرەك بىلىدىغان قېرىنداشلار چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار !!


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ

گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نېمە پايدا !؟
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 12:49 چوققىغا قايتىش
kaenat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
شۆھرەت: 38 نۇمۇر
پۇل: 335 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەتلىك!   ياتقان جايى جەننەتتە بۇلسۇن!   ئامىن!

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 12:55 چوققىغا قايتىش
Hakan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 933 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:97(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭ پىكىرىم شەبنەم ئەپەندىم،مەرھۇم مۇرات ناسىرۇۋنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر سەھىپە قۇرسىكەن دەيمەن،مەرھۇمنى ۋەتىنىمىزدە بىلىدىغانلار بەكمۇ ئاز ئىكەن!!!
شۇڭا مەرھۇمنىڭ روھىنى ۋەتىنىمىزدە تەشۋىق قىلىش پىكىرىنى بېرىمەن!!!
كۆپچىلىكنىڭ ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!
!


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ

مەن ئانا ۋەتىنىمنى سۈيىمەن!!!
خاقان سىزنى ھەر ۋاقىت يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ!!!
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 13:09 چوققىغا قايتىش
警官
يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1939
شۆھرەت: 563 نۇمۇر
پۇل: 6116 سوم
تۆھپە: 500 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ...

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

دەرەخ ئون يىلدا يىتىلىدۇ ، ئادەم يۈز يىلدا !
كارتون مۇزىكا سالونى

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 13:54 چوققىغا قايتىش
rohiyat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 34
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 189 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تولىمۇ ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن ،ھەقىقەتەن زور يوقىتىش بىز ئۈچۈن ،
قالدىم يالغۇز دىگەن ناخشىنى بەك ياقتۇراتتىم.ئىسىت............................


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 14:37 چوققىغا قايتىش
myhappy

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 935
شۆھرەت: 936 نۇمۇر
پۇل: 9350 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:137(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاھ تەتۈر پەلەك، ياخشىغا كۈن يوق يامانغا ئۈلۈم دېگەن شۇمۇ نېمە بۇ !!!

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!
ئامىن!!
ئامىن!!
ئامىن!!
ئامىن!!


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

قېقىلىپ سوقۇلۇپ يۈرمىگىن ھەرگىز ،
دىيارىڭ شىنجاڭدۇر مىللىتىڭ ئۇيغۇر.
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 15:33 چوققىغا قايتىش
marjana

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 344
شۆھرەت: 344 نۇمۇر
پۇل: 3350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:69(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى......ھەي 2 بالىسى يىتىم بولدىغۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ

باشقىلارنىڭ خوشاللىقىنى كۆرۈشمۇ .بىر خىل بەخىت..
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 16:37 چوققىغا قايتىش
karaejran

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 131
شۆھرەت: 132 نۇمۇر
پۇل: 1310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:37(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالام ئەلەيكۇم ؟ { يىقىندا ياۋرۇپادىكى دوستلۇرۇم ماڭا مۇسىبەت خەۋەرنى يەتكۇزگەن ئىدى ئىشەنمەپتىكەنمەن } ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار مەنمۇ مۇراد ناسىروۋ نىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلەنگىنى ئۆزى چىقارغان لىنتىسىدىن ھەم باشقىلاردىن ئاڭلاپ، موسكىۋاغا بارغاندا ئۆزئاغزىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى،بىلىش ھەم كۆرشۇش مەخسىدىدە بارغىنىمدا ئۇنىڭ ئايالى بارئىكەن،ئۆزى ئۇيۇن قويغىنى [فاشىزىم ئۇرشى غەلبىسىنىڭ60 يىللىقىغا]موسكىۋا تىياتۇرگە كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ ۋاخىتىم قىس بولغاچقا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن كۆرشۇپ،ئۇنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى [كەيىپ-ساپادا يوق ھەقىقى تەقۋادار مۇسۇلمان ئكەنلىگىنى، بالىلىرغا ئۇيغۇر تىلى بىردىغانلىقىنى، ئۆز مەدىنيىتىنى ئەۋلادلىغا قەتتئى سىڭدۇردىغانلىقىنى،2010 - يىلغىچە ئانا ۋەتىنىگە كىلىپ ئويۇن قويۇپ، خەلقى بىلەن ھال-مۇڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم] دونياغا تونۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى ئىدى،ئەڭ مۇھىمى دىنىنى ئەزىز ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنى ھەرمىنۇت ئىسىدىن چىقارمايدىغان،تەقۋادار ھەم مىللەت سۆيەر ئىدى، ئەپسۇس ئاللا ئۇنى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى،ياتقان يىرى جەننەتە بولسۇن، ئامىن................... ئائىلسىدىكىلەرگە ئۇنىڭغا سالىممنى يەتكۇزۇشنى تاپلاپ خوشلاشقانتىم.ئاللا خالىسا يىقىندا ياۋرۇپاغا ماڭغىنىمدا موسكىۋادا ئائىلسىدىكىلەربىلەن كۇرشۇپ پەتھە ئوقۇپ خەلقىمىزنىڭ قايغۇرغان ھەم ھىسداشلىقىنى يەتكۇزۇپ ماڭىمەن. يوللىغۇچىغا رەخمەت.

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 16:56 چوققىغا قايتىش
uyghur214
ئىلغار باشقۇرغۇچى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1701
شۆھرەت: 1991 نۇمۇر
پۇل: 5666 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:325(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاۋاستىدەك چىرقىراق ئاۋازى بىلەن نام چىقارغان روسىيە ناخشا چولپىنى ۋىتاس دېسە ئارىمىزدا تۇنمايدىغىنى يوق بىراق ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شۆھرەتكە ئىگە ھاتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك قابىلىيتى بار ئۆز چولپانلىرىمىزنى تۇنمايمىز!~

مۇرات ناسىروفقا مۇناسىۋەتلىك تېما كۆرۈپ قويۇڭ !`

./read.php?tid-3275-keyword-.html


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ

<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ>ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﻪﺕ،
<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ>ﺩﻩﻙ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ.
ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭﻣﻪﻥ-ﺋﻪﻟﮭﻪﻣﺪﯗﻟﯩﻠﻼ،
ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ.

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 18:50 چوققىغا قايتىش
ARSLAN2007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 149
شۆھرەت: 150 نۇمۇر
پۇل: 1490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:60(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن زور يوقىتىش بوپتۇ .

ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ

ئارسلان.
[10 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 21:18 چوققىغا قايتىش
Aybarqin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 78
شۆھرەت: 88 نۇمۇر
پۇل: 142 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
تېمىنى كۆرۈپلا يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى، ئۇ راستىنلا تېيىلىپ چۇشۇپ كەتكەنمىدۇ ياكى بۇنىڭدا بىرەر سۈيقەست بارمىدۇ؟


شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !
[11 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 21:45 چوققىغا قايتىش
Hakan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 112
شۆھرەت: 124 نۇمۇر
پۇل: 933 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:97(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ﻣﯘﺭﺍﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻭﻑ مىنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ھايات!!!

شەبنەم ناخشا ئارامگاھى - نادىر ئۈزۈلمەس كۈيلىرى ! بۇ يەردىن كىرىڭ !

مەن ئانا ۋەتىنىمنى سۈيىمەن!!!
خاقان سىزنى ھەر ۋاقىت يىڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ!!!
[12 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-25 22:10 چوققىغا قايتىش
oyster

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 97
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 909 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:85(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


uyghur214 ئەپەندى توغرا دەپسىز ، روسىيە ناخشىچىسى vitas نى ھەممە ئۇيغۇر بىلە بەلكىم ، ئەمما مەنمۇ ھەيران قالدىم ، ئۆز ناخشىچىمىز مۇراد ناسىروۋنى بىلمەيدىغانلار بەك كۆپكەن .
بىر نەچچە يىللار ئالدىدا < قىشتىكى چۈش > دەپ رۇسچە ناخشىلار توپلىمى چىققان، ئاشۇ vcd پلاستىنكىسىدا مۇراد نىڭ تامبوۋغا بارىدىغان بالا دىگەن ناخشىسى بار .( بىرىنچى قىسمىدا ).
ئۇندىن سېرىت 俄语歌曲
دەپ نەشىر قىلىنغان بىر روسىيە ناخشىچىلىرى ناخشا توپلىمى بار ، شۇنىڭدىمۇ مۇراد نىڭ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر ناخشىسى بار ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغانلار بىلىدۇ ، ئۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ تەبىئى ، ۋە سۈزۈك ئاۋازغا ئىگە.


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ
[13 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-26 00:14 چوققىغا قايتىش
oyster

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 97
شۆھرەت: 100 نۇمۇر
پۇل: 909 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:85(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزنىڭ ئۆن-سىن پىلاستىنكا ئىشلەپچىقىرىدىغان سودىگەرلىرىمىز پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مۇراد ناسروۋ ناخشىلىرىنى ئالماتا تەرەپتىن كەلتۈرۈپ نەشىر قىلىپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغىنى ياخشى . ھەم پۇل تاپالايدۇ ، ھەم مەرھۇمنىڭ روھى خوش بولىدۇ . چۈنكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇ كىم ؟ نىمە قىلىدىغان ئادەم دەيدۇ ؟ ئۆز خەلقىمىز ئۆزىنىڭ شۇنچىۋالا داڭلىق ناخشىچىسىنى بىلمەيدۇ ...
مانا ئۇ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ۋاپات بولىۋىدى ، بىز شۇنداق ئادەم بارلىقىنى ئالمان - تالمان ئەسكە ئېلىپ ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز ، ئۇ ھايات ۋاقتىدىچۇ ؟ كىم ئۇنى قانچىلىك تونۇشتۇردى ، كىملەر ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرنى نەشىر قىلدى ۋە نەشر قىلشنى خىيالىغا كەلتۈردى ؟


ئۇيغۇر php تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ
[14 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-26 00:22 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )



Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:03-02 02:51, Gzip disabled eBay Eachnet