>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> 4.2-دەرس:باكتىرىيەلىك تولغاق(细菌性痢疾)

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 180 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : 4.2-دەرس:باكتىرىيەلىك تولغاق(细菌性痢疾) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 4160
شۆھرەت: 4427 نۇمۇر
پۇل: 24980 سوم
تۆھپە: 346 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:570(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
4.2-دەرس:باكتىرىيەلىك تولغاق(细菌性痢疾)

4.2-دەرس:باكتىرىيەلىك تولغاق(细菌性痢疾)
تەييارلىغۇچى:ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

باكتىريەلىك تولغاق بولسا باكتىريەلىك تولغاق تاياقچىسىمان باكتىريەسىدىن كىلىپ چىقىدىغان قورسىقى ئاغرىش ،ئىچى سۈرۈش،تەرەت قىستاش لېكىن كەلمەسلىك،شىلىمشىق،يىرىڭلىق،قانلىق تەرەت قاتارلىقلارنى ئاساسى ئالامەت قىلغان ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملۇق كىسەللىكىدۇر.
كېسەل مەنبىيى:
باكتىريەلىك تولغاق تاياقچىسىمان باكتىريەسى بولۇپ،تەبى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك.مىۋە-چىۋە،سەي-كۆكتات ۋە باشقا بۇلغانغان ماددىلاردا 1—2 ھەپتە ھايات كەچۈرەلەيدۇ.بىراق فىزىكىلىق،خمىيەلىك ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇپ،تۈرلۈك خىمىيەلىك دېزىنفىكسىيەلىگۈچلەرگە سەزگۈر(ئاسان ئۆلىدۇ).
ئېپدۇملوگىيەسى:
يۇقۇم مەنبەسى:بىمار ۋە باكتىرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى.بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولمىغان بىمار،سوزۇلما ياكى ئىپادىسى بولمىغان مىكروب ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ئېپدۇملوگىيلىك ئەھمىيتى چوڭ.
يۇقۇش يولى:باكتىريە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىىپ ،يىمەك-ئىچمەك،سۇ تۇرمۇش بويۇملىرى بۇلغانغاندىن كىين ياكى بىۋاستە قول ئارقىلىق يۇقىدۇ.شۇنداقلا چىۋىننىڭ يىمەكلىكنى بۇلغىشى ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.
سەزگۈر كىشىلەر:ئادەملەر ئومۇمىيۈزلۈك سەزگۈر بولىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئىرىشكەن ئىمۇنېتى قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ.
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى:
كېسەل يىل بويى يۈز بېرىدۇ بىراق،ياز ۋە كۈز پەسىللىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ.ھەرقايسى ياشتىكىلەردە كۆرىلىدۇ،بىراق بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.تارقاق يۈز بىرىش ئاساسى ئورۇندا بولۇپ،قىسمەن رايۇنلاردا پارتلاش خاراكتىرلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن.
كېلىنكىلىق ئىپادىسى:
ئادەتتىكى تىپىنىڭ(تىپىكلىرىنىڭ):توساتتىن قىزىش،پۈتۈن بەدەن بىئارامسىزلىنىش،ئىچى سۈرۈش.چوڭ تەرەت دەسلەپتە سۇيۇق كىلىپ ،.ارقىدىن شىلىمشىق، يىرىڭلىق تەرەتكە ئۆزگىردۇ.كۈندە 10—20 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ،مىقتارى ئاز بولىدۇ.قوساق ئاغرىقى كۆپۈنچە تەرەتتىن بۇرۇن ئېغىرلىشىپ،تەرەتتىن كىيىن يەڭگىللەيدۇ.تەرەت قىلغىسى كىلىپلا تۇرىدۇ،لېكىن تەرەت قىلمىقى قىيىنلىشىدۇ.بەدەن تەكشۈرگەندە سول ئاستى قوساق قىسمى باسقاندا ئاغرىيدۇ،ئۈچەينىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى كۈچىيىدۇ.ئېغىر بىمارلارنىڭ كۈندىلىك تەرەت قېتىم سانى 20 قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ ھەتتا بەزىدە تەرىتىنى تۇتالمايدۇ.كۆپۈنچە سۇسىزلىنىش،كىسلاتالىق زەھەرلىنىش،ئىلىكتۇرۇلىدلار قالايمىقانلىشىش ئەگىشىپ كېلىدۇ.
زەھەرلىنىش تىپىنىڭ:كۆپىنچە 2—7 ياشلىق بالىلاردا كۆرىلىدۇ.
(1)شۈك بولۇش تىپى:دەسلەپكى مەزگىلىدە،مىكرو قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ،يۈزلىرى تاتىرىپ،پۇت-قوللىرى تىتىرەپ مۇزلاپ،تومۇرى ئىنچىكە تېز سوقىدۇ.قان بېسىمى نورمال ياكى ئازىراق يۇقىرى بولىدۇ.ئاخىرقى مەزگىلىدە مىكرو قان ئايلىنىش سېستىمىسىدا قان يىغىلىپ،ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىپ،كالپۇكلىرى،پۇت-قول بارماقلىرى كۆكىرىدۇ.قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ ياكى ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق،سۈيدۈكى ئازلاش ياكى سۈيدۇك بولماسلىق بولىدۇ،ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سەزگۈسى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش كۆرىلىدۇ.
(2)مېڭە تىپىنىڭ:كۆپىنچە ئۆسمۈر بىمارلارنىڭ ئۈچەي ئالامەتلىرى يوق دىيەرلىك بولۇپ،توساتتىن قوزغۇلۇپ،يۇقىرى قىزىتما بولۇش،ئۇيقىسىراش،تەكرار جۆيىلىش،ھوشىدىن كىتىش،نەپەس ئاجىزلاش ئالامەتلىرى بولىدۇ،قان بېسىمى نورمال ياكى ئازىراق يۇقىرى،كۆز قارچۇغى چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ،نۇرغا بولغان سىزىم تۆۋەنلەيدۇ ياكى يوقايدۇ.نەپەس تەرتىپسىزلىشىش،قوش نەپەسلىنىش،قىسقا توختاپ قېلىش،نەپەس سۈمۈرگەندە ئاۋاز چىقىرىش ئالامەتلىرى كۈرۈلۈپ،كۆپىنچە نەپەس توختاپ قېلىپ ئۆلۈپ كىتىدۇ.
(3)ئارلاشما تىپىنىڭ:يۇقۇرقى ئىككى تىپىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ،كېسەللىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.
لابراتۇريەلىك تەكشۈرۈش:
1.قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىسى ئۆرلەيدۇ،بولۇپمۇ ئوتتۇرا خارەكتىردىكى دانچە ھۈجەيرە(中性粒细胞)ئۆرلەپ كىتىدۇ.
2.چوڭ تەرەت تەكشۈرگەندە تەرەتتە زور مىقتاردىكى يىرىڭلىق تەرەت ھەم قىزىل قان ھۈجەيرىسى كۆرىلىدۇ.
ئالاھىدە ئىپادىسى:
1.سول ئاستى قوساق قىسمىنى باسقاندا ئاغرىش.
2.يىرىڭلىق قان ئارىلاش چوڭ تەرەت
3.چوڭ تەرەت قىستاش لىكىن كەلمەسلىك.
دىئاگنۇزدىكى مۇھىم نۇقتىلار:
1.ياز كۈز پەسلىدە بۇلغانغان يىمەكلىك ئىستىمال قىلغان ياكى باكتىريەلىك تولغاق بىمارى بىلەن ئۇچىراشقان تارىخى بولۇش.
2.قوساق ئاغرىش ئىچى سۈرۈش، يىرىڭلىق قان ئارىلاش چوڭ تەرەت، چوڭ تەرەت قىستاش لىكىن كەلمەسلىك.
3. قان تەكشۈرگەندە ئاق قان ھۈجەيرىسى ئۆرلەش.
داۋالاش:
1.ئادەتتىكىچە ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش.
2.كېسەل مەنبىيىگە قارىتا داۋالاش.
3.زەھەرلىنىش خارەكتىردىكى تولغاقنى داۋالاش.
  (تەپسىلاتى قىسقاتىلدى)
ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتۇرۇل قىلىش:
1.كېسەل مەنبىيىنى كونتۇرۇل قىلىش،بىمارنى ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنى ئايرىش تەلىۋى بويىچە ئايرىپ،چوڭ تەرىتىنى تاكى ئالامىتى يوقاپ بىر ھەپتىگىچە دېزىنفىكسىيەلەش.
2.يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش،«ئۈچنى باشقۇرۇش بىرنى يوقىتىش» يەنىسۇنى چوڭ تەرەتنى ۋە يىمەك-ئىچمەكنى باشقۇرۇش،چىۋىننى يوقىتىش ئېلىپ برىپ كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنى توسۇش.خام،سوغۇق،سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك،تاماقتىن بۇرۇن تەرەتتىن كىيىن قول يۇيۇش ئئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈش.



شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 20:21 چوققىغا قايتىش
weros

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 183
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
پۇل: 1830 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن باكتىرىيە دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ جىددى كىرگەن ...
مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا دەپ````!

ياخشى بۇ يەردە مىنڭ ئىشىم يوقكەن```

بۇ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئوبدان چۈشىنىۋالدىم...رەخمەت


Nurluk elani

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ .
( تاگور )
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 20:27 چوققىغا قايتىش
majnuntal666
مۇنبەر قىززىقچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 658
شۆھرەت: 689 نۇمۇر
پۇل: 6580 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:167(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان بۇ تىمىدىن بەكمۇ سۇيۇندۇم ،ئەجرى قىلىپ تەييارلىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 11:28 چوققىغا قايتىش
malayika123

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كەچرۇڭ ئەركىزات ئەپەندى،بۇيەردە ،دياگنۇزئاساسدىكى،ئەڭ مۇھۇم بىر مەسلىنى ئۇنتۇپ قاپسىز!!!!
باكتىريەلىك تولغاققا دىياگۇنۇز قۇيۇشتا ئەڭ مۇھىمى چوڭ تەرەتتە چوقۇم غايەت يۇتقۇچى ھۈجەيرە بۇلشى كىرەك،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا باكتىريەلىك تولغاق دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ.!!!!!!!!!!!!!!!ئادەتتىكى تولغاق دىگەنى بىر نەچچە يۇەنلىك دورا بىلەنلا ساقىيدۇ!!!!!


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 17:27 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 15:25, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije