سىز بۇ تېمىنىڭ 2768ـ ئوقۇرمىنى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
 
shakira
ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 903
شۆھرەت: 916 نۇمۇر
پۇل: 9110 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-16
ئاخىرقى:2008-03-14

باشلىقىمنى ئۆلتۈرۋىتىمەن

    نەچچە كۈندىن ياقى توردىن باشقىلارنىڭ ئايالىنى،يولدىشىنى ئۆلتۈرۋىتىش نىيتىگە كەلگىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ بىر قارارغا كەلدىم.مەنمۇ پۇرسەت تاپسام باشلىغىمنى ئۆلتۈۋىتىمەن.
    قايسىبىر يازغۇچى« ھەر كۈنى ئەتىگىنى،كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىنمۇ بەكرەك چارچىغاندەك ھىس قىلسىڭىز ئۇنداقتا خىزمىتىڭىزنى ئالماشتۇرۋېتىڭ» دەپتىكەن.قۇرۇق گەپ،بۇ خىزمىتىمنى تىلەپ يۈرۈپ ئاران تاپقان تۇرسام.ئالماشتۇرىمەن دەپلا ئالماشتۇرالايدىغان چوڭ ئەمەلدارنىڭ بالىسى بولمىسام.
  نەچچە ئاي ئىلگىرى خىزمىتىمنىڭ «ئۆسكەنلىكى»توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي يىڭى ئىشخانا ئالماشتىم،ھەم چوڭ چەم راھەت ئىشخانىغا چىقىپ بەك خوشال بولدۇم.ئەمما بۇ مىنىڭ ئشخانام ئەمەس،باشلىقنىڭ ئىشخانىسى.نىمە؟چۈشەنمىدىم دەمسىز؟سىز ئەمەس مەنمۇ چۈشەنمىدىم.خىزمەتداشلىرىمنىڭ سۆزى بويىچە باشلىق مىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرۋالدى.كۈندە ئەتىگىنى ئىشخانا تازىلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىشىم يوق.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ مىنىڭ بۇ ئىشخانىدا نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى زادىلا بىلەلمىدىم.بىر ھەپتىدىن كىيىن باشلىق ئاخىرى ئاغزىنى ئېچىپ مىنى كومپىيوتىردا خەت ئۇرۇشقا بۇيرىدى.بىردەمدىلا ئۇرۇپ چىقىرىپ بەرسەم ھىجىيىپ تۇرۇپ«مۇنداق ھۈنىرىممۇ بار دەڭ،مەن مۇنداقلا دەپ قويغان ،بىردەمدىلا ئۇرۇپ بوپسىز،بۇندىن كىيىن سىزگىلا ئۇرغۇزسام بولغىدەك»دىدى.دىمەك،مىنى بۇ يەرگە خەت ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەكىرمەپتىكەن،مىنى زادى نىمىشقا «ئىشخانىسىغا ئەكىرۋالغاندۇ؟».كەينىمدىكى كۇسۇلداشلارنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بۇنىڭ جاۋابىنى ئىزلەۋاتقانلارنىڭ بىر مەنلا ئەمەسلىكىمنى بىلدىم.يېقىنلىرىم مەندىن يىراقلىشىشقا باشلىدى.بەزىلەر ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمنىڭ ئورنىغا«تەلىيىڭىز باركەن ،راھەت يەرگە چىقىۋاپسىز»دەيدىغان بولدى.ئۇلار بىلمىگەچكە راھەت دەيدۇ،بىر كۈن كەچكىچە باشلىقنىڭ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرۇشتىنمۇ زىرىكىشلىك ئىش يوقتۇ.
    كۈندە ئىشقاكىلىپلا قىلىدىغان ئىشىم،ئىشىكتىن كىرىمەن ئاۋال باشلىققا يالغاندىن بىرنى ھىجىيىمەن،ئاندىن ئشخانىنى بىر قۇر تازلىۋېتىپ جايىمدا بىر ئولتۇردىغان بولسام بىر ئەسىر ۋاقىتتا ئاران چۈش بولىدۇ،يەنە بىر ئەسىر ۋاقىتتا ئاران كەچ بولىدۇ.يالغاندىن گېزىت كۆرۈپ ئەسنەپ ئولتۇرغان باشلىققا قاراپ ئۆز-ئۆزەمدىن نەچچە مىڭ رەت سورايمەن«مەن بۇيەردە نىمە ئىش قىلىمەن؟».دۇنيادا ئىككى بىكار بولسا بىرى باشلىق بىرى مەن.باشلىقنىڭ ئۇ-بۇ ھۆججەتلەرگە قول قۇيۇشتىن باشقا ئىشى يوق،مىنىڭ باشلىققا قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئىشىم يوق.
  بۈگۈن بىكار ئولتۇرساممۇ ئولتۇردىكەنمەن دەپ بىر پارچە روماننى سومكامغا سېلىۋالدىم،كۈندە ماڭا ئادەت بولۇپ كەتكەن يۇقارقى «مۇھىم»خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن سومكامدىن كىتابنى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.باشلىقنىڭمۇ ئىچى پۇشقانمىكىن بىر ئازدىن كىيىن ماڭا 32چىشىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ«خان نىمە كۆرىۋاتىسىز؟»دەيدۇ،ئۇنىڭ «خان»دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتكەن بولسا،چىشلىرىنىڭ ئارىسىدا مارىلاپ قالغان قاچانلاردا يىگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان كۈدىلەرنى كۆرۈپ بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى.ئاغزىمنى ئاچسام ياندۇرۋېتىشتىن ئەنسىرەپ گەپ-سۆز قىلمايلا كىتاپنى سۇندۇم، باشلىق كىتاپنى ئېلىپلا ئوقۇشقا باشلىدى،بىر دەم كۈلەتتى ،بىردەم ئۇھ تارتاتتى،بىردەم بىر كىملەرنى ئىچىدە تىللايتى.ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كىتاپنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىدىن بىزار ئىدىم،ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە سورىدىم،«ۋاي-ۋۇي،ھېلىقى كىتاپنى دەمسىز؟شۇ سىزدىن ئېلىپ ئەتىسىلا نەگە قويدۇمكىن تاڭ تاپالمىدىم،خان مەندىن سوراپ يۈرگىچە يېڭىدىن بىرنى ئېلىۋالمامسىز؟»دىمەسمۇ،تاسلا قالدىم ئاچچىقتىن ۋاققىدە ئېتىلىپ كەتكىلى.چاندۇرماستىن تالاغا چىقىپ كەتتىم،ئاچچىغىم بېسىلغىچە دەپ بۇرۇنقى ئىشخانامغا كىرسەم خىزمەتداشلىرىم ھىجارىشىپ«خىزمەت تەكشۈرۈپ كىردىڭىزما؟»دەيدۇ،ئۇلارنىڭ نە چاقچاق قىلغىنىنى نە مەسخىرە قىلغىنىنى بىلەلمەي كەينىمگە ياندىم.ئىشىكنى يېپىپ مېڭىشىمغىلا بىرسىنىڭ بىر نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى ،كەينىدىن ھەممەيلەننىڭ ئۆچكىدەك مەرىشىپ كەتكەنلىكى ئاڭلاندى،شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلدىمكى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈش خىيالى كاللامغا كەچتى.ئولتۇرۇپ ئويلاندىم،ئاشۇ باشلىق مىنى بۇ يەرگە ئەكىرىپ قويمىغان بولسا بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرماسلىقىم مۈمكىن ئىدى،شۇخىياللارنى قىلىپ مېڭىپ ئىشخانامنىڭ ياق،ياق باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزىتىشىمغا بۇ ئىشخانىدىنمۇ بىر نەچچەيلەننىڭ مەرەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
  _تېخى كەلتۈرەلمىدىڭلىما ئاداش،كەلتۈرۈشۈپ بېرەيلىمۇ.ۋەيىت.
  _بىز چېغىمىزدا كەلتۈرۈپ بولدۇق نەچچىنى،سىلى تېخى ئولتادىڭلىما.ۋەيىت.
  _كۆز ئالدىڭلىدا تۇرسىمۇ قىز بالىدەك تارتىنىپ ئولتادىڭلىما ئاداش.ۋەيىت.
  _ئىندەككە كەلمەيدىغان چىقىپ قالدىما.ۋەيىت.
    يەنە ئاڭلاپ تۇرىۋېرىشكە تاقىتىم زادىلا قالمىدى.سومكامنىمۇ ئالماستىن،يېرىم سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە ماڭدىم.دەرۋازىدىن چىقىشىملا ئىككى ئايالنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.
  _ۋىيەي،ئەتتىگەندىلا ئىشتىن چۈشۈپتىغۇ بەزەنلەر.
  _باشلىقنىڭ خېنىمى بولغاندىكىن قاچان چۈشكىسى كەلسە چۈشىۋېرىدۇ.ۋەيىت.
    ئۆيگە بارسام ئاپام كۈدىدە تۈگۈرە تۈگۈپ ئولتۇرۇپتىكەن، باشتا شۇنداق يىگۈم كەلدىيۇ باشلىقنىڭ چىشىنىڭ ئارىسىدىكى كۈدە ئىسىمگە كىلىپ ئىشتىيىم غاچلا تۇتۇلدى.ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كومپىيوتىرىمنى ئېچىپ مۇنازىرە بەتلىرىدىن تىما كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى توشقۇزۇپ يەنە شۇ سۆرۈن تەلەت ئىشخانىغا بىرسى بوينۇمدىن سۆرىگەندەك ماڭدىم.
  _چۈشتە بالدۇرلا كىتىپسىزغۇ؟يېڭى خىزمەتكە قاتناشقاندا ئۇنداق باشباشتاق بوپكەتسەك بولمايدۇ جۇمۇڭ،كىيىن دىققەت قىلىڭ.
  _باشقا ئىشخانىدىكىلەر يىتىشەلمەي قاپتۇ،بەرىبىر بۇيەردە باشقا ئىشىم بولمىغاندىكىن باشقا ئىشخانىغا چىقىپ......
  _مانا،مانا،باشباشتاق دىمىدىممۇ،يۇقىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا پىكرىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟ھازىرقى ياشلار نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدىغاندۇ؟سىز تېخى رەسمىيلەشمەي تۇرۇپلا ئۇ يەردە ئىشلەيتىم بۇيەردە ئىشلەيتىم دىسىڭىز سىزچە قاملىشالامدۇ؟ئەڭ ياخشىسى رەسمىلىشىش ئىشىڭىز ھەل بولغىچە تاقا-تۇقا تەلەپلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ.ما گەپنى بىر ئاڭلىدىم ،ئىككى ئاڭلاپ قالماي.
    ئاستا جايىمغا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم.يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك باشلىقنىڭ ئۇدۇلىدا باشلىقنىڭ جامالىغا قاراپ ئولتۇردۇم.چاتاق ،ئىشىم چاتاق.مىنى بۇ ئىشخانىغا يۆتكەشتىكى مەقسەت باشقىكەن،يۆتكەشكە قوشۇلمىسا،خىزمەتتىن ئەسلى ۋاز كىچەلمىسەم،قانداق قىلارمەن.توغرا بىرلا ئامال باركەن.باشلىقنى ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلسام بولغىدەك ،باشلىق ئۆلسە يېڭى باشلىق كىلىدۇ،مەن خىزمىتىمنى قىلىۋېرىمەن.خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ تۇيمايلا پىخىلداپ كۈلۈپ سالدىم.
  _ۋۇي،باياتىن ئىشىكتىن بوراندەك كىرىۋاتاتتىڭىز،ئەمدى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا كەتتىڭىزغۇ؟نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز؟
  _ھە،ھىچ..ھىچنىمىنى.
  خۇددى خىيالىمنى بىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتكەندەك ھۇدۇقۇپ كەتتىم.باشلىقنى قانداق ئۆلتۈرسەم بولار؟چېيىغا زەھەر سېلىۋىتەيمۇيا؟بولمايدۇ،ساقچىلار بىلىۋالىدۇ.تاماكىسىغا خىروئىن سېلىۋىتەيمۇيا؟ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق.زادى قانداق ئۆلتۈرۋەتسەم بولار؟
  _ۋاقىت توشتى،يۈرۈڭ.بۈگۈن سىرىتتا ئازراق ۋەزىپە بار.
  _نىمە ۋەزىپە؟
  _بارغاندا بىلىسىز.
    ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقىشىم بىلەن نەچچىسى ياقىسىنى،نەچچىسى پىشانىسىنى تۇتۇشۇپ قالدى.ۋەزىپىگە ماڭغىنىمىزنى بىلمەي خاتا چۈشىنىپ قالدى ھەقىچان،بوپتۇ،ئەتە-ئۆگۈنگىچە چۈشىنىپمۇ قالار.ماشىنىدا ئولتۇرۇپ خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا باشلىدىم.ماشىنىسىنىڭ تورمۇزىنى يۇلىۋەتسەمچۇ؟بولمىغىدەك،شوپۇر ناھەق كىتىپ قالغىدەك.
  _كەلدۇق،ماشىنىدىن چۈشۈڭ.
  _رېستورانكەنغۇ؟رېستوراندا نىمە قىلىمىز؟سىز بايا ئىشخانىدا......
  _شۇ،بايا ئىشخانىدا سىزگە دىدىمغۇ؟
    ۋەزىپىنى رېستوراندا ئورۇنلامدىكىمىزكىنە؟شوپۇر نىمىگە پىخىلداپ كۈلىدىغاندۇ؟بۇ نىمە ئىش بوپكەتتى ئەمدى؟باشلىقنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.بىز رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ كەلدۇق.جوزىدا ئولتۇرغانلار گۈررىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بىزگە ئۇرۇن بىكارلىدى.ۋەزىپە؟مۇشۇمۇ ۋەزىپىمۇ؟«بىردە ھەمراھ»غۇ بۇ؟ئەبلەخ باشلىق ،مىنى ئالداپتىكەندە؟مەن قىلچىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ باشلىغىمنىڭ ھۆرمىتى ھەجەپ چوڭكىنە؟كۆرمەندىغان بۇلارنىڭ كۈچۇكلىنىپ كىتىشلىرىنى.
  _يائاللا،ئاخىرى ئەكەپسەندە.
  _ھەئە ،يامان تەستە.
  ۋۇي،بۇ ئاۋاز ئىشخانىدىكى ھېلىقى ئاۋازنىڭ بىرسىگە ھەجەپ ئوخشايدىغۇ؟ئۇلار مىنى دەۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟تۈگەپتىمەن،باشلىقنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۇپتىمەن.ھەممىسىنىڭ يېنىدا بىردىن قىز بار ئىكەن،ئۇلارمۇ ئالدىنىپ كەپقالغانمىدۇ؟ياق،ئۇنداق بەتقىلىق قىلىشلىرىغا قارىغاندا ئايالى ئوخشايدۇ.ئايالىغىمۇ ئوخشىماي تۇرىدۇ،خۇددى مەن بىلەن باشلىقتەك ياش پەرقى بەك چوڭكەن.ئۇنداقتا ئۇلار نىمىسىدۇ؟ئاشنىسىمۇ ئەمەسكەن،بولمىسا ئىسمىڭىز نىمە دەپ سورىماس ئىدى.ئاپلا ،مەن ئالدىنىپ بىر رەڭلىك ئولتۇرۇشقا كەپقاپتىمەن.قانداق قىلارمەن؟تېلۋىزوردىكىدەك لاۋزا قىلىقلار باشلانغىچە غىپپىدە تىكىۋىتەي.
باشلىق توختىماي قاچامغا قورۇما سېلىۋاتاتتى.
    _يائاللا،ئايالىڭلىغىمۇ بۇنچە قىلمايتىڭلا،راس كۆيدۈرۋاپتۇدە.ۋەيىت.
    _كۆيدۈرۋالغىدەك تۇرمامدۇ.ۋەيىت.
    مەن ئاستا باشلىقنىڭ يېڭىنى تارتتىم.
    _مەن سىرتقا بىر چىقىپ كىرەي،دىدىم پەس ئاۋازدا.
    _نىمە قىلىسىز؟سورۇن ئەمدى باشلىنىۋاتسا ؟
    _شۇ ھېلىقى جايغا چىقىپلا كىرەي.
    _بوپتۇ،بوپتۇ.ئەمىسە تىزراق بولارسىز.
    چىقتىم،ئاخىرى قېچىپ چىقتىم،بىر توپ چىل-بۆرىلەرنىڭ ئارىسىدىن قېچىپ چىقتىم.چىقىپ رېستوراننىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ماشىنىسىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ تاماكا چىكىۋاتقان شوپۇر خۇددى مىنى مازاق قىلغاندەك سەت ھىجايدى.كۆزۈمنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ شۇنداق بىرنى ئالايدىمكى،بۇ شوپۇرغا ئۆمرىدە تېخى ھىچكىم بۇنداق ئالىيىپ باقمىغان بولسا كېرەك،چۈچۈپ كىتىپ قولىدىكى تاماكىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى.تاكسىدىن بىرنى توسۇپ چىقىپ كەينىمگە قارىدىم.شۇپۇر تېلىفوندا كىمگىدۇر بىر نىمىلەرنى دەيتتى.بەلكىم مىنى قاچتى دەپ چېقىشتۇرۋاتقاندۇ.ئەمدى ئويلىنىپ ئولتۇرمايمەن.ئىشقىلىپ باشلىق مىنى بوش قۇيۋەتمەيدۇ.ھامان ئەدىۋىمنى بېرىدۇ.ئەدىۋىمنى يىيىشتىن ئاۋال ئۇنى چۇقۇم ئۆلتۈرۋىتىمەن.مىنى ئۇ ئۆزى مەجبۇرلىدى.مەندىن كۆرمىسۇن،ماڭىمۇ ئامال يوق.تىزدىن ھىچكىم بىلەلمەيدىغان،ساقچىلارمۇ ئۇقالمايدىغان بىر ئامال تېپىپ ئۆلتۈرۋىتىمەن.ناھايىتى تىزلا بۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىمەن.



موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(gul-sanam)
  • پۇل:20(qimbulak)
  • ياخشى باھا:11(matimatika)
  • شۆھرەت:10(ALMAS)
  • يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                    _شاكىرە
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:00 | [باش تېما]
    matimatika
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1612
    شۆھرەت: 7945 نۇمۇر
    پۇل: 10020 سوم
    تۆھپە: 189 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:773(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-20
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ياخشى يىزىپسىز، ئىككىمىز ئوخشاش ئويغا كەپ قاپتۇق،ئامما سەۋەپ ئوخشىمايدىكەن!
    ئەسىرىڭىزگە تەشەككۇر.
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    shakira
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 903
    شۆھرەت: 916 نۇمۇر
    پۇل: 9110 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-16
    ئاخىرقى:2008-03-14

    يارىغان بولسا بىرەر تال بېلەت تاشلاپ قۇيۇڭلار.
    يېرىم كۈن ۋاقتىم كەتتى.
    ohxax.cn
    يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                    _شاكىرە
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:06 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    ahu

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 11
    شۆھرەت: 12 نۇمۇر
    پۇل: 110 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-12-04
    ئاخىرقى:2007-12-06

    دىققەت قىلسام بولامدۇ نىمە؟ شەبنەمدە ساقچىلار بارمۇ ؟   قاتىللار بىراز كۆپكەن . ئامانلىققا كىم مەسئول ؟
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:08 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    sabiha
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:bbs.xabnam bbs.xabnam
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 586
    شۆھرەت: 671 نۇمۇر
    پۇل: 5891 سوم
    تۆھپە: 43 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:238(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-19
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئاپلا 110 نىڭ مۇنبەرگە چاقىرمىساق بولمىدى جۇما ئەمدى!! ئۇلار مۇنەرنى تەرتىپكە سالمىسا بولمىغىدەك!!قاتىللار كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ.قىنى بۇ شەبنەم ئەپەندى مۇنبەرگە ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇڭ دەيمەن!!
    ohxax.cn
    كۈلۇپ ياشايمەن,
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    afir

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 17
    شۆھرەت: 18 نۇمۇر
    پۇل: 170 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-30
    ئاخىرقى:2008-02-01

    توۋا ماڭا بەك يارىدى ..............................بۇنداق   باشلىق ماڭىمۇ ئۇچراپ باققان.........لىكىن ئۇنى ئۆلتۇرۋىتىشنى ئيلاپ   باقماپتىكەنمەن......بولدىغان ئامالكەن
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:15 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    molla pok-pok
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:شەبنەم تورى شەبنەم تورى
    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1171
    شۆھرەت: 1266 نۇمۇر
    پۇل: 35360 سوم
    تۆھپە: 3 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:961(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-05-07
    ئاخىرقى:2008-03-14

    مەن تەستىقلىماي دېسەم مىنىما ئۆلتۇرۋاتمىسىۇن دەپ قورقۇپ تەستىقلىۋەتتىم ،

    ياخشى يىزىپسىز .
    ohxax.cn




    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    shakira
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 903
    شۆھرەت: 916 نۇمۇر
    پۇل: 9110 سوم
    تۆھپە: 25 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-16
    ئاخىرقى:2008-03-14

    كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھا بەرگىنىگە رەھمەت.
    تۇنجى ئەسىرىم ئىدى،قارىغاندا كىيىنمۇ پات-پات يىزىپ تۇرسام بولغىدەك.
    يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا.
                    _شاكىرە
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    yuraksadasi

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 49
    شۆھرەت: 50 نۇمۇر
    پۇل: 410 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:25(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-18
    ئاخىرقى:2008-03-13

    بىرسى ئايالىمنى ئۆلتۇرىۋېتىمەن ، بىرسى ئېرىمنى ،بىرسى باشلىقىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېسە ئاگاھ بولۇڭلار .
    بۇ شەبنەمدە قاتىللىق دېلولىرى ئارقا-ئارقا ئارقىدىن يۈز بېرىپ ھەممىسى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈشنى خىيال قىلمىسۇن يەنە. ھا،،ھا،،ھا،،
    ياخشى يېزىپسىز ،،،،
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    .SeGiNiX

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 58
    شۆھرەت: 59 نۇمۇر
    پۇل: 580 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-14
    ئاخىرقى:2007-12-30

    ياخشى يىزىپسىز .................. يەنمۇ تىرشىڭ .........................
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    ALMAS
    ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 257
    شۆھرەت: 262 نۇمۇر
    پۇل: 2241 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:277(سائەت)
    تىزىملاتقان :2005-12-21
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ياخشى يېزىپسىز~~~~~~~ داۋاملىق ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى!!!!!!!!!!!
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    towa代man

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 270
    شۆھرەت: 271 نۇمۇر
    پۇل: 2670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-27
    ئاخىرقى:2008-03-14

    زادى ئۆلتۈرمىسىڭىز بولمامدا ؟ قاتىل بولغىچە ئىشلىمەيلا قويمامسىز !
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    Biperwa
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 3305
    شۆھرەت: 3371 نۇمۇر
    پۇل: 33070 سوم
    تۆھپە: 74 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1181(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-25
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ما ئىشلارنى كۆرۇڭ ، بۇ ئۇنى ئۆلتۇرمەن ، بۇنى ئۆلتۇرمەن بوپ كەتتىغۇ بۇ مۇنبەر ، راسىت بىر ئەزا بولىدىغان ساقچى دەپ شۇنى ئىزدەپ تاپمىساق بولمىدى جۇمۇ . يا بولمىسا يانا بىرنى قۇرايلى بىرلەشمە مۇداپىيە ئەتىرتىدىن . بولدى مەن بىپەرۋالىقنى تاشلاپ قاتنىشىمەن .
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    ئۈمۈد يادىكار



    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:23 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    matimatika
    ئىلغار باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1612
    شۆھرەت: 7945 نۇمۇر
    پۇل: 10020 سوم
    تۆھپە: 189 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:773(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-20
    ئاخىرقى:2008-03-14

    Quote:
    بۇ مەزمون 8 جى قەۋەتتىكى yuraksadasi نىڭ 2007-12-06 17:20 دە يوللىغان يازمىسى“”:
    بىرسى ئايالىمنى ئۆلتۇرىۋېتىمەن ، بىرسى ئېرىمنى ،بىرسى باشلىقىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېسە ئاگاھ بولۇڭلار .
    بۇ شەبنەمدە قاتىللىق دېلولىرى ئارقا-ئارقا ئارقىدىن يۈز بېرىپ ھەممىسى ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈشنى خىيال قىلمىسۇن يەنە. ھا،،ھا،،ھا،،
    ياخشى يېزىپسىز ،،،،


    راس، راس........... شەبنەمنى ئۆلتۇرىمەن - دەيدىغانلار چىقمىسىلا بولاتتىغۇ !
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    saadat
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 2065
    شۆھرەت: 2217 نۇمۇر
    پۇل: 20710 سوم
    تۆھپە: 164 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1084(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-27
    ئاخىرقى:2008-03-12

    بۇ(ئۆلتۇرۇش)مىنىڭچە خېلىلا ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ جۇمۇ؟لېكىنزە مۇنبەردە قاتىلار بەكلا كۆپىيىپ كىتىپ ئادەمنى قورقۇنۇش بېسىۋالدى مۇشۇ كۇنلەردە.....
    مۇنبەر قاتىلىرىغا سوت ئاچمىساق بولمىدى،قېنى بىزنىڭ سودىيە؟
    ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 17:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )


     

    Time now is:03-14 15:26, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation