ئىككى غةزةل
جۇدۇن
ئېتىپ كىرپىك ساداقىڭدا مىنى سةن مةھلىيا قىلدىڭ ،
سېھىرلةپ كۆز قاراقىڭدا ئىلىپ قةددىمنى يا قىلدىڭ .
جامالىڭ شامىدىن ئۇچقۇن چۈشۈپ قةلبىمگة ئوت كةتتى ،
يىقىلدىم بىماجالدۇرمةن ئۆزۈڭسىز بىداۋا قىلدىڭ .
مۇھةببةت ئوتىغا ئىنسان چىداپ بولمايدىكةن ھةيھات .
ۋۇجۇدۇمنى كاۋاپ ئةيلةپ يۈرةكىمدة لاۋا قىلدىڭ .
سىياقىڭنى خىيال ئةيلةپ جۇنۇنمةن ئۇيقىدىن بىدار ،
بۇزۇپ كۆڭلى ئارامىمنى تىنىچلىقتىن جۇدا قىلدىڭ .
ئىرىشمةكچۈن ۋىسالىڭغا تةۋةككۈل ھةرنة مۈشكۈلگة ،
مۇھةببةتتىن بىرىپ قۇدرةت جۇدۇننى جان پىدا قىلدىڭ .
* * * * *
مۈكۈندى ئاي كةبى چېھرىڭ قالدى ئىشىق گۈلۈم سةندة ،
بىقارار مةجنۇنىمةن يۈرةكنىڭ قات-قېتى جةندة .
سېھىرلةپ قويغان شۇچاغ مۇھةببةت زۇلمىدىن مةنكىم ،
ھةر قاراق ۋةسلىڭ تۈمةن قىلدى ئةشئار مىنى كةمدة .
گۈل بېغى سۇلغان كۆڭۈل لالىرةڭ سۆيگۈ ئةزىم ،
سةۋھةرىڭ چوغكةن سىنىڭ ئوت كۆيةر ئةزىز تةندة .
چۇلغىتىپ كىرپىكلىرىڭ مىڭ تةبةسسۈم ئةيلىگةچ ،
زةرةتلىنىپ روھىم بىھۇش چۇل-چۇل بولار تىنىم ھةمدة .
قىلىپ پىنھان جامالىڭنى جانان ئىشقىمدىن ئوت تارتما ،
چىداشقا تاقىتىم يوقتۇر جۇدۇننى قويمىغىن غةمدة .