>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> <گۈل-سەنەم> قاغجىراق قەلىبلەر ..

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 364 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : <گۈل-سەنەم> قاغجىراق قەلىبلەر .. IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 1035
شۆھرەت: 1265 نۇمۇر
پۇل: 10456 سوم
تۆھپە: 155 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:884(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
<گۈل-سەنەم> قاغجىراق قەلىبلەر ..



قاغىجىرىغان قـەلىبلـەر


( گۈلسەنەم )


يېڭى تۇغۇلغان موزاي، يولۋاستىن   قورقماپتۇ .
ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ، دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ. ‹خەلىق ماقال-تەمسىللىرى


ئاشىنا قىزلارغا كوڭۈل بۆلگەنلەرگە دەيدىغىنىم.... زىمىن باغرىغا سىڭىۋاتقان ئېغىر تىنىقلار، روھىيىتىمىزنى پاكلاشنى ئىزدىگەنچە، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز سۇسلاپ، گۇمانخورلۇق، ئەبگالىق قەلىبلەرنى قاغجىراتماقتا. كۈننىڭ شەرىقتىن چىقىپ، غەرىپكە ئولتۇرىشى، ھاياتتا ئەڭ ئىشەنچلىك قانۇنىيەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ مۇ تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنياغا مېڭىشىمىزمۇ ئاللانىڭ ئىلكىدىكى مەڭگۈلىك قانۇنيەت. چېرىكىنلىككە، زەئىپلىككە مۇپتىللا بۇلۇۋاتقان تېڭىرقاش ئىچىدە قالغان روھىيتىمىزنىڭ ئىستەكلىرى تۇرغۇنلىق ئىچىدە پىتىراپ ئۆز مۇھازىنتىنى يوقۇتۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قاياققا مېڭىشنى بىلەلمىگە قوي پادىلىردەك گاڭگىراشتۇق، مۇنازىرە بولسا كالىمىزغا ئازراقلا يانتۇ كەلگەن مەسىلەرنىنىڭ ماھىيتىنى سۈرۈشتە قىلمايلا كىمنىڭ ئاۋازى كۈچلۈك چىقسا شۇ تارەپكە قاراپ ھۇررا توۋلىدۇق. ئائىلە مەسلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ساقايماس بىر ۋابا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بوشلۇقلىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىجدىمائىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىغا ھەتتا پۈتكۈل مۇۋەزىنەتنى تەڭپۇڭسىز ھالەتكە ئەكىلىپ قۇيۇشقا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ « ئاشنا قىزلار » ناملىق فىلياتۇنۇمدىكى باش پېرسۇناژ راسلا ھايات شەخس، ئۇ ئېرىنى بىرەرسىنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىنى، بىرەر ئاي بولسىمۇ   ئازاتقا چىقىپ قېلىشنى، ئۆز غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە يول قويدى، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ئۇ بەزىلەر ئاغزىغا كەلگەنچە جۆيلىگەندەك ئۇ ئۇيۇنغا، باش-باشتاقلىققا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان ھاياسىز ئايال ئەمەس. ئېتقادلىق، پەزىلەتلىك تىرىشچان ئايال. تۇرمۇش ئۇنى چارچاتتى. مېھىرسىزلىك، ۋاپاسىزلىق ئۇنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى. ئاياللارنىڭ بۇنداق روھى بېسىمغا ئۇچراۋېرىشى ئۇلارنىڭ كېلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ تېزراق يىتىپ كىلشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئۆزگە نىمىگە پايدىسى بولاتتى. سىز ئاياللانى قانچىلىك چۈشنىسىز ؟ ئاياللارنىڭ پېسخىكىسىغا كۆڭۈل بۈلۈپ باققانلاردىن قانچىسى بار؟ توق قوساق ئادەم ئاچ قورساق ئادەمنىڭ قەدرىگە يىتىشى ناتايىن. ئاياللانى شۇنداق باشقۇرۇپ، كۈنلەپ، بولسا ئۇرۇپ تۇرۇش كېرەككەنمىش...ئەجىبا ،شۇنداق باشقۇرۇپ سۈر ھەيۋىسنى كۆرسىتىپ، تەلەتىنى سەت قىلىپ زومىگەر بۇلىۋالمىسىڭىز، خۇتۇنلارنىڭ ھەممىسى ساقىلىڭىزغا چاڭگا تىزدىغان پۇرسەت پەرەس، بۇزۇقمۇ؟ قېنى سىزنىڭ «ئانا» دۇنيادىكى پاكلىقنىڭ، يۈكسەكلىكنىڭ مەنبەسى، گۈزەللىكنىڭ ئەڭ قۇرماس بۇلاقى دەپ بېرىدىغان تەبىرىڭىز، بىز ئاشۇنداق يالغان تەسبىر ئالداشلارغا. قۇرۇق شۇئارغا كۈنۈپ كەتكەن بىچارە خەقمۇ؟ ئەجىبا بۇ تېمىدا ئاياللانى مۇشۇنداق باشقۇرۇپ تۇرمىسا چاتاق دەيدىغانلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئىشەنچەڭلار يوقمۇ؟ سىز ئاشۇنداق يولۋاس ھۆركىرەيدۇ، ئارقى تىترەيدۇ   دىگەندەك بىچارە ئەرمۇ؟ مېنىڭچە ئاياللار يولدىن چىقماسلىق، خاندىن قورقماسلىق كېرەك. بىز بۇ دۇنياغا سەھەر سالامەت تاڭ ئاتسا شۈكرى دەپ، يەپ ئىچىپ كالىدەك ئىشلەپ، كەچ بولغاندا شۈكرى دەپ ئۇخلىغىلىلا كەلمەيمىز ۋە ياكى ئەرلىرىمىزنىڭ تۇتقان ئاشنىسى، ئولتۇرغان رەڭلىك سورۇنىنىڭ قەيەردە كىم بىلەن بۇلدىغىنىنى رازۋېتكا قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ مۇز يېغىپ تۇرغان زومگەر چىرايى، بولۇمسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئارتۇقچە   جىڭدا توختىمايدىغان بۇيرۇقۋازلىقىنى ئىجرا قىلدىغان، نىكاھلىق قۇل ئەمەسمىز. ئىشەنچسىزلىك ئەڭ زور خورلۇق. بىزمۇ جەمئىيەت ئالدىدا، پەرزەنتىمىز ئالدىدا قانداق مەجبۇرىيتىمىز بارلىقىنى بىلەلەيمىز . ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەيدۇ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق ئادەم باشقىلاردىنمۇ گۇمان قىلىپلا يۈرۈيدۇ. مىڭ تاياقتىن بىر ئېغىز گەپ يامان. بىر قىسىملارنىڭ سوزىدىن ئاياللارنى « قارىما كۆزىڭنى ئۇيىمەن، گەپ قىلما تىلىڭنى كىسىمەن » دىگەن تۇرمۇشقا كۆندۈرۈش كېرەك دىمەكچى بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرمامدۇ. نوچىڭىز بولسا خىزمەتنىمۇ قىلىپ، تىجارەتمۇ قىلىپ، ئايالىڭىزنى خىزمەت قىلغۇزماي بالا تەربىيلەشكە قۇيۇڭ، مانا بۇ سىزدىكى غورۇر، ئەجىبا سىز تەييار تاماقنى، تەييار يۇيۇپ تازىلانغان كىيىمنى كىيىپ خىزمەتكە بېرىپ كېلىپ چارچاپ، ئايالىڭىز سىزنى قوشقا قاتقاندەك تەلەتىڭىزنى سەت قىلسىڭىز ئاياللار چارچىمامدىكەن. ئاياللارنىڭ ئىچكى ئەزاسى ياكى جىسمانى قۇۋتىنى مەڭگۈ خورىماس دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ -يە. بەزلەر ئەسەرلىرىمنى ئۇقۇپ ماڭا باھا بىرىپ كىتىپتۇ، ئۇسسىمايسىز ئەسەر تەھلىل قىلىشنى ئۈگۈنۈڭ، يېزىلغان رومان، داستانلارنىڭ ھەممىسى ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنىڭلا كەچۈرمىشى بۇلسا بولامتى؟ مۇنبەرگە كىرىپ ئەركىن پىكىر قىلدۇق دەپ ئاپتۇرنىڭ نىمە دىمەكچىلىگىنى، بۇ مەسلىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەم يەتمەكچى بولغان مەقسىتى نىمە؟ دەيدىغان كاللا يوق سۆزلىگەنگە بىر ئىش پۈتمەيدۇ. ئاشۇ ئەسەرنى ئۇقۇغاندا بۇ ئايال زادى نىمە دىمەكچى ؟ بۇ بىچارە ئايال ئوز غورۇرىنى دەپسەندە بۇلشىغىمۇ ئوز ئىختىيارلىقى بىلەن رازى بۇلىشىغا   زادى نىمە سەۋەپ ؟ دەپ تەھلىل قىلغانلاردىن قانچىسى بار ؟ مېنىڭ تۇرمۇشۇم شۇنچە خاتىرجەم، ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلغان تۇرمۇشىمدىن خاتىرجەملىنىپ ياشاۋاتقاندا، دوستلىرىمنىڭ دىلكەش قېرىنداشلىرىمنىڭ تالاي ھەسرەتلىرىنى ئاڭلايمەن، ئېرىدىن ئاجراشماقچى، بالىلىرىنى يىتىملىك كوچىسدا تەمتىرەتمەكچى بولغان ئاياللارنىڭ مۇڭ باسقان چېھرىدىن، غەمكىنلىك، مىسكىنلىك يېغىپ تۇرغان ۋۇجۇدىدىن، خورلانغان ئەقىدىسىدىن ئۇلارنىڭ دىل ئازارلىرىنى ھىس قىلسام ئائىلە زومگەرلىرىنىڭ تۈگمەس خورلىقلىرى، ئازاپلىردىن، خارلاشلىرىدىن ئۇھ دىگىدەك ھالى قالمىغان ئاياللارنىڭ كۈيۈم ۋە ئىلىقلىققا ئىنتىزار بولغاندىكى بىچارە چىرايىغا قاراپ يۈرگۈم خەنجەر بىلەن تىلغانغاندەك، ئازارلىق تولغىنىدۇ. شۇڭا ئەسەرلىرىم ئارمانلىرىم بىلەن ھەسرەتلىك دىلكەشلىرىمنى ئاھۇ - زارىنى مەنبە قىلىدۇ. بىلەمسىلەر قېرىنداشلىرىم 16 - نۇيابىردىكى ل.مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن بىر ئاي بۇرۇن تەيارلىق قىلدىم، ھەتتا مەشغۇلات قىيىنلاشقان كونا كومپىيوتېرىمنى لۇتپۇللانىڭ تۇغۇلغان كۈننى چايخاندا   تەبرىكلەش پائالىيتىنىڭ نۇرمال بۇلىشى ئۈچۈن يېڭىغا ئالماشتۇردۇم. يولدۇشۇممۇ «بوپتۇ بىز لۇتپۇللا ئۈچۈن شۇنى بولسىما قىلايلى» دەپ قوللىدى. مەن چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ، يولدۇشىمنىڭ تاماق يەۋېلىپ يېزىڭ دىگەن تەۋسىيىلىرىگىمۇ قارىماي 10 سائەتلەرگىچە ھەپىلشىپ ماقالىنى پۈتتۈرۈپ ( سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەم خەت ئۇرۇش سۈرئىتمنىڭ ئاستا بۇلشى سەۋەبىدىن) مەندە ساقلانغان كىتاپلاردىن ئۇنىڭ ھەر بىر پارچە رەسىمىنى تارتىپ، ئاندىن ئەسەرگە دوستلىرىمنىڭ ياردىمدە چاپلاپ، قالغىنىنى تۇلۇقلاپ، چۈشەندۈرۈشلەرنى يازغىچە قانچىلىك چارچىغىنىمنى ھەم تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئەمما مەن ئۇ ئەمگىكىمدىن ئىنتايىن رازى، لىكىن دىلى ئازار يەپ، چارچاپ پۈتكۈل دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ كېسەلمەن بوپ كەتكەن بىر ئايال بىلەن سۈيۈش، بەختىنىلا تەلەپ قىلىپ، ئايالىنى سۈيۈلۈش بەختىدىن مەھرۇم قىلىپ ئائىلىنى جىمجىت، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ شاۋقۇنلىرى بېسىققان گورىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بىر زومىگەر ئەرنىڭ تۇرمۇشى بىر سائەتتىلا پۈتتۈرۈلگەن « ئاشنا قىزلار » غا قاراپ ھەسرەتلىك ئۇھسىندىم. لۇتپۇللا مۇتەللىپ تېمىسنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم   سانى بەش كۈندە 1915،چۈشكەن ئىنكاس 40. اشنا قىزلارنىڭ ئىككى كۈندە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 2538، چۈشكەن ئىنكاس 60. بۇنىڭغا قاراپ كۆزۈم ياش بىلەن نەمدەلدى. لۇتپۇللا بىز سىزنى ئەسلەيمىز، سىز بىزنىڭ پەخرىمىز دىيەلمىگەن قېرىنداشلىرىمغا ئېچىندىم. « ئاشنا قىزلار » ھەممىزنى شۇنداق جەلىپ قىلامدىكەن دوستلىرىم. لۇتپۇللا ئۈچۈن تەييارلانغان ئەسەردە مەن نالە قىلىپ كەتتىم، ھەممىز ئۇنىڭ بىر كوپلىت شېئىرىنى يازساقمۇ، ئۇ بىر ساقلاش قىمىتىگە ئىگە مۇكەمەل ئەسەر بوپ قالىدۇ دەپ. ئىشەنمىسەڭلا نەسىر كوزنىكىگە كىرىپ قاراپ باقساڭلا بۇلىدۇ. ئاخىردا دەيدىغىنىم ئاياللار كۈينىشكە مىھىر - ۋاپاغا مۇھتاج. بىز مىڭ يىل ئۆمۈر كورمەيمىز، ئەرلەر ئورۇنسىز گۇمان قىلىپ، خورلاپ ئاياللارنىڭ ھىم ئىتىكلىك تۇرغان ئىشكىنى ئۆز قۇلۇڭلار بىلەن ئېچىپ قويماڭلار. بىزنىڭ ئېھتىيات قىلدىغىنىمىز بىر- بىرىمىز ئەمەس قېرىنداشلىرىم، بىز ياكى بىر نىشانغا قاراپ بەيگىگە ئاتلانغان قارمۇ - قارشى ئىككى كوماندىنىڭ ئەزالىرى ئەمەس، « ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا ». بالىلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ئەرلەرنىڭ پايلاقچى كوزلىرى، يوقۇلاڭ ئىشلار بىلەن نۇرىنى يۇقاتماي پەرزەنتلەر ئۈچۈن زىھنى - قۇۋتىمىزىنى سەرىپ قىلايلى. قاغجىرغان قەلىبلەر سىلەرنىڭ ئىللىقلىىىڭلار بىلەن سۇغۇرۇلۇشقا مۇھتاج!


قىمەتلىك ۋاتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ تىمىنىمۇ كورەپ باققايسىلەر .
./read.php?tid-30722-keyword-.html

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:10(firkat)ياخشى باھا:10(saadat)تۆھپە:10(qinmodan)

Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 13:03 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 3886
شۆھرەت: 4113 نۇمۇر
پۇل: 22240 سوم
تۆھپە: 296 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:418(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ نەسىرنى ئوقۇپ يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندىم،ئاپتۇرغا ئەمەس ئەسەرگە باھا بېرەيلى دەپ «ئاشنا قىزلار»دىگەن تېمىنىڭ 7-بىتىدە ئەسكەرتكىنىمدەك ئىش بولدى،مەن ئۇ يەردەمۇنداق دىگەن ئىدىم:
ئەدەبى ئەسەرنى ئاپتۇرنىڭ شەخسىيىتى بىلەن باغلىۋالغانلارغا دەيدىغىنىم:
سەمىڭىزدە بولسۇن،مۇنبەرگە چىققانلىكى تىمىلار ئاپتۇرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى بولىشى ناتايىن.ئەسەر يازغۇچى تۇرمۇشتىكى ئۆزى ئۇچراتقان،تەسەۋۇر قىلغان ياكى ئاڭلىغان ،كۆرگەنلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ،پىششىقلاپ ئىشلەپ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئاندىن بىرەر ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ.روياپقا چىققان ئەسەرنىڭ يېزىلىش شەكلىدە گاھىدا بىرىنچى شەخىس تىلىنى قوللانسا گاھىدا ئىككىنچى،ئۈچىنچى شەخىس تىلى بىلەن ئىپادە قىلىدۇ.شۇڭا پىكرىڭىز بولسا ئىنكاس يازغاندا ئەسەر ئاپتۇرىغا نەشتىرىڭىزنى سانجىماي ئەسەر مەزمۇنىغا قارىتا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئوبزۇرچە ئىنكاس يېزىڭ.بۇ دىگەن كوللىتىپ سورۇن!ئاممىۋىلىققا ئىگە پىكىر قىلىڭ!

ئەرلەرنىڭ ئاياللىرنى پەقەتلا كۈللىمەسلىكىمۇ كىشىنى چۆچىتىدۇ،لېكىن كۈللىدىم دەپ ئۆزىنىڭمۇ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلغاندەك ئايالىغا قارا سۈركەپ،ئايالىنى خالىغانچە باشقىلارغا چاپلاپ ھاقارەت قىلىپ يۈرۈشمۇ بىر ئەر كىشىگە ئەسلا ياراشمايدۇ.بىر ئائىلىدە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ بولىشى ئائىلە ئۈچۈن خۇددى نىكاھدەك مۇستەھكەم تۈۋرۈك.ئىشەنچ يوقالغان ئائىلە زاۋاللىققا يۈزلەنگەن نىكاھتۇر.

رەھمەت سىزگە،تەپەككۈرلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدىكەن.


Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 13:36 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2050
شۆھرەت: 2104 نۇمۇر
پۇل: 11937 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:306(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەخمەت ناھايتى مۇھىم نەرسىدىن بىرنى دەپسىز ............   مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ............... تمىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم !!!!!!!!!!!!!!!!


مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 13:36 چوققىغا قايتىش
matimatika
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1405
شۆھرەت: 1556 نۇمۇر
پۇل: 14070 سوم
تۆھپە: 154 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:690(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ..........
بۇ تېمىمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئىسىل ھەقىقەتلەر بىلەن يۇغۇرلۇپتۇ . كوڭكىرىت مەسىلىلەر ھەققىدە ئايرىم توختۇلاي ...
تۇرمۇشتىكى ھەر بىر مەسىلىگە مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغىنىڭىزدىن تەسىرلەندىم.
رەخمەت سىزگە !


Nurluk elani


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 13:43 چوققىغا قايتىش
firkat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1415
شۆھرەت: 1663 نۇمۇر
پۇل: 5333 سوم
تۆھپە: 141 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1377(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىنى تەھرىرلەپ ئىملا خاتالىقىنى تۈزىگىچە تېمىڭىزنى ئىچىگە كىرگەندەك بولدۇم. دەرھەقىقەت مۇنبەردە ئەسەرگە ئەمەس ئاپتورغا باھا بېرىش ئۇمۇملىشىپ قالدى. سىز ئالدىنقى قېتىم يوللىغان « ئاشنا قىزلار » دىگەن تېمىدىمۇ ئەسەرگە ئەمەس. بەلكى بارلىق باھا سىزنىڭ شەخسىيتىڭىزگە تاقالدى. مانا بۇ ئەسەر ئەشۇ ئاق - قارىنى پەرىق ئېتەلمەي. ئەسەردىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلمەيدىغانلار تىگىشلىك جاۋاپ بوپتۇ.

Nurluk elani


[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 13:47 چوققىغا قايتىش
kuyhumar0998

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 151
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
پۇل: 1510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:70(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تېخى شەبنەمدە قىزلار ئاز ئوخشايدۇ دىسەم قىزلارنىڭ سەر خىلى شەبنەمدە ئىكەن ، ئەمدى بىلدىم ،

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:10 چوققىغا قايتىش
otkunchi-nur
ئىجاتچان ئەزا موللا تاپقاق

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 905
شۆھرەت: 931 نۇمۇر
پۇل: 8910 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:615(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article

Nurluk elani

سامانيۇلى دىگەن ئىسم ئۆتكۈنچى نۇر دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىلدى .

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:35 چوققىغا قايتىش
saadat
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1459
شۆھرەت: 1540 نۇمۇر
پۇل: 14590 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:606(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قەلەم كۇچىڭىزگە قايىلمەن دوستۇم!!
دىمىسىمۇ ھەر-بىر ئەسەرنى ئاپتورنىڭ ئۆز كەچمىشى دەپ چۇشىنىش ئېغىرلاپ كىتىۋاتىدۇ،(خانىم-قىزلىرىمىزدىن ۋاز كىچەمدۇق)دىگەن تېمىدا بىر قىسىم ئازغان ھۇدۇقۇش ئىچىدە قالغان قىزلارنى قۇتقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلسام ،مىنى دەل باش قەھرىمان دەپ باھا بېرىپ يىزىلغان مەسخىرىلىك ئىنكاسلار تولىمۇ غورۇرۇمغا،شەخسىيىتىمگە تەككەن،ھەم مىنى تولىمۇ ئۇمىدسىزلەندۇرگەن ئىدى.....بۇنداق قاراش كۇنسىرى ئەۋج ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ،گۇلسەنەمنىڭ(ئاشنا قىزلار،قىنى سىلەر)دىگەن تېمىسىغا قارايدىغان بولساق،بۇ بىر تۇرمۇش بېسىمىدىن چارچىغان،قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنمەسلىكلىرىدىن ئۇمىدسىزلەنگەن،ئۆز يولدىشىنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ،قوللىشىغا مۇھتاج بىر ئايالنىڭ يۇرەك زارى ئىدى،(ئەلۋەتتە ھىچكىم ئۆز ئېرىگە ئاشنا تېپىپ بېرىشنى خالىمايدۇ)نىمىشقىمۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۇشەنمەيدىغانمىز؟ئەمدى مۇشۇ ئەركىن مەۋھۇم دۇنيادىمۇ سىلەرنىڭ ئاتالمىش (غورۇرلۇق)بېسىمىڭلارغا ئۇچرىشىمىز كېرەكمۇ؟ئەسلى ئاپتورنىڭ ئۇمىدى بۇ ئەمەس ئىدى؟ئەرلەر كۆرۇپ ئازراق ئاياللىرىغا ھىسداشلىق قىلىپ ،ئىشەنچ بىلەن مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىغا توغرا باھا بېرىپ باقسا بۇنىڭ نەرى خاتا؟؟؟
(يۇۋاشنى بۆزەك ئەتمىسە قىيامەتتە سورىقى بار)دىگەننى بەك بىلىدىغانلار سىلەرگە دەپ قوياي:بىزنى بەك باشقۇرۇپ رىجىمغا ئالغۇڭلار كىلىپ كەتسە بىزگە ھەقىقى ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار!!!بارلىق زېھنى كۇچ ۋە جىسمانى كۇچۇڭلارنى بىزنى بويسۇندۇرۇشقىلا ئىشلەتمەي ئەتراپىڭلارغا بىر قاراپ بېقىڭلارچۇ؟كىم كىمنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ؟؟سىرتتا بۆزەك بۇلۇپ كىرىپ ئاچچىقىڭىلارنى ئاجىز مەزلۇمىڭىلاردىن چىقىرىش نوچىلىقمۇ؟
ئەلۋەتتە كۇنلەش ھەممە ئىنساندا بار بولغان پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكتىن پەيدا بولغان شەخسىيەتچىلىك....بىز ئاياللارمۇ ئەرلىرىمىزنىڭ يوللۇق دائىرە ئىچىدە كۇنلەپ قۇيۇشلىرىدىن پەخىرلىنىمىز،بۇ ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ سۇيۇنىمىز!لېكىن ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى.....بولمىسا ئاشۇنداق(ئاشنا قىزلار ئېرىمنى ئېلىپ قېچىڭلار)دەيدىغانلار كۆپىيىدۇ خالاس!

نەچچە كۇن بولدى ھويلامغا بىر تۇمۇر تۇمشۇق كۇندە كىلىپ ماشىنامنىڭ ئەينىكىگە قۇنۇۋېلىپ ئەينەكتىكى ئۆز-ئۆزىنى چۇقۇيدۇ...ھەيرانمەن،ئەجىبا چۇقۇيدىغان دەرەخ قۇرۇتلىرى تۇگەپ كەتتىمىكىنە؟

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
ياخشى باھا:10(firkat)

Nurluk elani

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك.بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 14:40 چوققىغا قايتىش
海浪



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نەچچە كۇن بولدى ھويلامغا بىر تۇمۇر تۇمشۇق كۇندە كىلىپ ماشىنامنىڭ ئەينىكىگە قۇنۇۋېلىپ ئەينەكتىكى ئۆز-ئۆزىنى چۇقۇيدۇ...ھەيرانمەن،ئەجىبا چۇقۇيدىغان دەرەخ قۇرۇتلىرى تۇگەپ كەتتىمىكىنە؟ BBS.xabnam.com din kochuruldi


ئەمسىە،ئۇنى ئاچ قويماي بىرەر نەرسىنى ھىممەت قىلىپ بېرىپ قويمامسىز؟ بىر پاھىشە ئايالنىڭ مۇشۇككە سۇ بەرگەنلىكى ئۇچۇن گۇناھى كەچۇرۇلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان ئىكەن.ماشننىڭ ئەينكىنى يەۋالمىسۇن ھى ھى ھى


Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 16:25 چوققىغا قايتىش
isim-yok



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقى ئاياللارىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيمىز،چوقۇم ياخشى خىسلەتلەرنى يېزىش كېرەكتى.نىمە ققىلدۇ بۇ 3-شەخىسلەرنى تەشەببۇس قىلىپ (كىنايەبولسىمۇ )بەلكىم روھىيىتى قاغجىراپ تۇرىۋاتقانلارغا كاتالىزوتورلۇق رول ئوينىشى مومكىن.مۇئەللىپنىڭ ئىچكى ھېسياتى ساپ ،ئاقكوڭۈل ئانىلارنى مەدىھلەش مومكىنچىلىغىدىن ،ئەرلىرىگە ۋاپادار ،كۈيۈمچان بولۇش مومكىنچىلىغىدىن يىراق ئوخشايدۇ.
بەلكىم شەخسىيىتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىكمىدۇر دەپ گۇمانلانغۇدەكلا.


[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 17:06 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 20:58, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije