سىز بۇ تېمىنىڭ 3086ـ ئوقۇرمىنى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
 
بۇ بەتتىكى تېما: لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنىڭگە... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
 
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

مەزھەپ:توغراق قىزى توغراق قىزى
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 1785
شۆھرەت: 2101 نۇمۇر
پۇل: 18037 سوم
تۆھپە: 525 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:917(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-04
ئاخىرقى:2008-03-18

لۇتپۇللا مۇتەللىپ ،مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنىڭگە...

ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز !


ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، شەبنەم ئۇيغۇر ئاۋازلىق چايخانىسىدا 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (جۈمە) كەچ سائەت 7:30 دا ، بىر قېتىملىق شائىرنى ئەسلەش خاتىرە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ ! بارلىق تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ قاتنىششىنى ئۈمىد قىلىمىز ! تورداشلار ئۆزلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ توغرىسىدا ماقالە ۋە ئەسەر ئېلىپ كىرسە بولىدۇ .
ئورنى : شەبنەم ئۇيغۇر تورى ئاۋازلىق چايخانىسى
http://www.xabnam.com/chat



لۇتپۇللا مۇتەللىپ،سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات

سالام لۇتپۇللا ئەسلەيمەن سىنى
تاپسام قەۋرەڭگە يۇپۇق ياسايمەن
قايسى يەرسىنى ئالدى قوينىغا
قەۋرەڭنى شائىر نەدىن سورايمەن

ئاجايىپ ھەيۋەت قەيسەر ئىدىڭ سەن
شۇڭا دۈشمەنلەر كۆرەلمىگەنتى
قايسى نامەرت ساڭا قىلدى بىۋاپا
سالام لۇتپۇللا ئەسلەيمەن سىنى

        لۇتپۇللا مۇتەلىپ 1922 –يىلى 11 –ئاينىڭ 16-كۈنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنى چۇنجى يېزسىنىڭ سايبۇيى مەھەلىسىدە تۇغۇلغان ،ھازىر بۇ مەھەللە ‹‹ل.مۇتەللىپ كۇچىسى ›› دەپ ئاتىلدۇ .ل.مۇتەلىپنىڭ ئۈچۈنچى چوڭ بوۋىسى ماناپ نىڭ ياشىغان دەۋرىدە، ئىلى خەلقىنىڭ تۇرمىشى تۇلىمۇ ئازاپ ئۇقۇبەتلىك بۇلۇپ،جۇڭغار   ئاق سۈڭەكلىرىنىڭ ئىزىشى تالان تاراج قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ۋاقىت بولغاش ،بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غۇجىلارنىڭ ئىلكىدىكى جايلارغا كىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۇرپانغا كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ‹‹ئالتە شەھەرنىڭ ›› يىچقايسىدا   تېنچلىق يوق بۇلۇپ ،غۇجىلار بىلەن غۇجىلار ئوتۇرسىدىكى مەزھەپ كورشى ،ئەمەل مەنسەپ،ھاكىميەت كورشى يۇقۇر پەللىگە چىققان ۋاقىت ئىدى،شۇڭا بۇ يەردىمۇ غۇجىلارغا ھەم جۇڭغار ئاق سوڭەكلىرىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى بۇلۇپ تۇراتتى.ئەنە شۇنداق قوزغۇلاڭنىڭ بىرىدە ماناپ بوۋا ۋاپات بۇلىدۇ.ماناپنىڭ قوزغۇلاڭچىلار قاتاردا قۇربان بۇلىشى ،بۇ ئاىلىگە تېخمۇ زور بالايى ئاپاتلەرنى ئەكىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ماناپنىڭ تۇل قالغان ئايالى تۇل قالغان ئوغلى مۇراتنى ئېلىپ كوچمەنلگە ئەگىشىپ ،ئوزنىڭ ئەسلى يۇرتى يەنى قاش دەرياسى بۇيدىكى ،نىلقىغا كۈچۈپ كىلىۋالدۇ.بۇ دەل جۇڭغار ھاكىميىتى ئاغدۇرلۇپ ئىكلىدا چىڭ سۇلالىسنىڭ تەسرى كۈچەيگەن ھەمدە كورەدە‹‹ئىلى جىاڭجۈن مەھكىمىسى ››تەسەس قىلىنغان 1762 يىلغا توغرا كىلىدۇ.مۇراتنىڭ ياشىغان دەۋرى جاھاندا ھەر ھالدا ياخشىلنىش بولغان مەزگىل بۇلۇپ مۇرات ۋاپات بولغاندا بۇ ئاىلىنىڭ ئىگلىكى مۇتەلىپكە قالىدۇ. مۇتەلىپ ئوز دەۋرىدە خېلى مەلۇماتلىق ئاغزىدا ئىلمى بار كىشى بولغاش ،ئەل جاماەت ئارسىدىمۇ يۈز ئابرۇيى بار ئىدى ، ئۇ تىرشىپ ئوز ئىەلىەىنى راۋاجلاندۇردۇ. ئاستا-ئاستا جاماەت موتىۋەرلىرىگە ئايلىندۇ،ئۇ ۋاقىتلاردا ئىلى رايۇنى بىلەن ھازىرقى يەتتە سۇ رايۇنى ئوتتۇرسىدا ھازىرقىدەك چېگرا يوق ئىدى.ئىككى رايۇندىكىلەر ئەركىن ئازادە كېلىپ كىتىپ سودا سېتىق قىلىشاتتىم بۇ ھالەت 1762-يىلغىچە ‹‹ئىلى جياڭجۈلۇقى‹‹ تەسىس قىلىنغىچە 122 يىل؛ داۋام قىلىنغان ئىدى. مۇتەلىپمۇ سودا سېتىق بىلەن يەتتە سۇ رايۇنىغا بېرىپ ئۇ يەردىن يەر سېتىۋىلىپ ئولتۇراق؛لىشىپ قالغان ئىدى.1866 يىلى   ئىلىدا زور خەلق جوزغىلڭى پارتىلدى .بۇ دەل سادىر پالۋانلار دەك خەقنىڭ يول باشچىلىرى باش كوتەرگەن ۋاقىت ئىدى.1871 يىلى \يىلغا كەلگەندە چار روسىيە گېنرالى   كالپاكوۋسكىينىڭ بۇيرىقى بىلەن 3000 كىشلىك روسسىيە قۇشۇنى غۇلجا شەھرىنى ئىشغال قىلىۋالدى.شۇنىڭ بىلىن يەتتە سۇدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مۇتەللىپ ئۇزۇنغىچە يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمىدى. 1899 يىلى   مۇتەللىپ يەتتە سۇ تەۋەسىدىكى قارا تۇرۇق يېزسىدا ۋاپات بولدى ،ھەمدە شۇ يەرگە دەپىنە قىلىندى. مۇتەلەپنىڭ كىچىك ئايالىدىن بولغان ھېزىم ئاخۇن ئاشۇ يېزدىكى دېھقان قىزى مەلىكە   بىلەن توي قىلىپ ،رابىيا،ھېلىمەم،مىرۋانەم،لۇتپۇللا ،ئوغلەم،رەيھان،تۇرغاۋۇت،نۇرجاھان،مەغپىرەتخان ،نەسرۇللا   قاتارلىق 3 ئۇغۇل 7 قىز پەرزەنت كوردى.بۇ پەرزەنتلەرنىڭ 6 سى يەتتە سۇ رايۇندا قالغانلىرى ئىلى تەۋەسىەە ئوتكەندە تۇغۇ؛لدى. 1931 يىلى لۇتپۇللانىڭ دادىسى ئىلىغا ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئارقىدىن ھەممىسى كۈچۈنۈپ يىنىپ چىقىدۇ.بۇ ھەقتە مەن كەڭ تورداشلارغا ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئەسلىمىسنى قالدۇرمەن.
‹‹1931-يىلى ،دادم بىر ئات بىلەنلا ئىلىغا ئۈتۈپ كەتكەن ئىدى،كىيىن بىز ئوتتۇق،بىز يولدا چىرىكلەر كورەپ قالمىسۇن دەپ ئەسكى تاملارنىڭ ئارقىغا مۈكۈنىۋاللاتتۇق.شۇ چاغدا لۇتۇن ئاكام تامغا ئەرچە كىينىۋالغان ئاياللارنى رەسمىنى سىزىپ قۇويغان ئىدى››
ئاسىم مۇتەلەپنىڭ ئەسلىمىسى؛
‹‹-1930-يىلى كېڭەش ئىلىدە ‹سوۋىت ئىتپاقىدا› كولخۇز قۇرلىشى شىدەت بىلەن يۈرگىزىلگەن ھاللىق دېھقانلارنى ‹كولاك› دەپ قاماش ،سۈرگىن قىلىش ئەۋج ئالدى ،ئاچارچىلىق باشلىنىپ دېھقانلارنىڭ جېنىغا پاتتى. ھەر كىم باش پاناخ ئىزلىمەكتە ئىدى .دادام قارا قولغا كەتتى،چوڭ دادم بالا ھاقىسنى بىر تۇقۇنىم،ىزغا تاپىلىدى...ئىككى ئاىل؛ىنىڭ ئەزالىرى   ،ئىلىغا ئوتكەندىن كىيىن نىلقا ناھيەسنىڭ دوربىلجىن مەھەلىسىگە ئورۇنلاشتى. نىلقىدا ئۇ چاغدا يېڭچە ئۇقۇش ئورۇنلىرى بولمىغاشقا لۇتپۇللانى غېنى دىەەن مولىغا دىننى بىلىم ئېلىشقا بەرەەن ،كىيىن بىزنى غۇلجا شەھرىدىكى تاتار مەكتىپىگە ئورۇنلاشتۇردى.››
لۇتپۇللا   1931 يىلغىچە يەتتە سۇ رايۇن تەۋەسىدە، ئۇيغۇرچە ،لاتىنچە يېزىقلىردا   ساۋادىنى چىقارغان رەسىم دەرىسردە قىزىقىشىنى يىتىلدۈرگەن .لۇتپۇللا   مۇتەللىپ كىچىكىدىن باشلاپلا ھەممە ئىشقا قىزىقىدىغان تىرىشچان ، يېڭلىققا ئىنتىلدىغان بالا ئىدى . ئۇ تېخىى ئوزى كىچىك دىراممىلارنى يېزىپ مەھەللە بالىرنى يىغىپ ئوزى رول ئېلىپ   قۇياتتى ،بۇ گەرچە ئۇنىڭ كىچىكلىكتىكى سەبى ھەركەتتەك بىلىنسىمۇ ،لۇتۇن . سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ، تۇنجى ئاساسنى ياراتقۇچىلاردىن بوپ قالدى . ئۇ شېر يېزىشقا قىزىقاتتى ،دەسلەپتە ئۇنىڭ شېرلىرنى ‹‹ئەنۋەر ناسىرى›› كورەپ ،ئۇنىڭ ئەدبى دېتى بارلىغىنى ھىس قىلىدۇ. ھەم ئۇنىڭغا شېريەتنىڭ يۇلىنى ئۈگىتىدۇ، لۇتۇن تۇنجى رەت ئۇستاز ئەنۋەر ناسردىن ھەممە نەرسىنىڭ پىر ئۇستازى بولغۇنىدەك ،شېرنىڭمۇ پىر ئۇستازى بۇلدىغىننى ،ئۇ دەل خەلق ئىكەنلىكىنى   بىلىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ كىچىكىدىنلا شەكىلۋازلىق پەداز ىورلىققا ئوچ بۇلۇپ ،ئوزى ئۈگىنىش ھەم يېڭلىقلارنى ئىگەلەشنىڭ كۇيىدىلا يۈرەتتى ،1936 يىلى   تاتار مەكتىۋنى تۈگتىپ ،روس گىمنازىيسىدە   ئۇقۇدى ،بۇ مەكتەپ ‹‹ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى›› ‹ھازىرقى خەلق باغچىسنىڭ › ئالدىدىكى پىششىق خىشتىن سېلىنغان ئىمارەتتە ئىدى . ئۇ   روس تىنى تىرشىپ ئۈگىنىپ پوشكىن، لېرمونتوف ،ماياكۇۋىسكىي،چىخوف ،گوركىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرنى ئۇقۇپ ئوزنىڭ قايناق   تۇيغۇسىغا ئاساس سالدى.1939 يىلى سىنتەبىردە ،ل.مۇتەلىپ ئولكىكىك دارىل مۇەللىمىن مەكتىۋىگە كىرىپ ئۇقىدى. مەكتەپ ئورنى ‹ ھازىرقى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم كادىرلار مېھمانخانىسى› دا ئىدى.لۇتپۇللا مۇتەللىپ ناھايتى تىرىشچان بۇلۇپ ،دەرىسلىرنى ئەستايدىل ئۈگنىش بىلەن بىرگە ئىجاديەت بىلەنمۇ شوغۇلىناتتى، شۇ چاغلاردا ‹‹قىزىل گۈلگە پۈركەنگىچە يەر جاھان ››‹‹ئازادلىق تۇيى›› ‹‹باتۇر يىللار›› ‹. جۇڭگۇو قىزى رەيھاننىڭ مارت شامىلىغا بۇيرۇقى››‹‹ ماي ناخشىسى›› ‹‹ھەسەن-ھۈسەن›› ناملىق شېرلانى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى.

    لۇتۇننىڭ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقانم ۋاقتىدا قانچىلىك تىرىشچان ھەم ئەقىلىق ئىكەنلىكىگە ،ساۋاغداشلىرى ھەم ئۇقۇتقىچىلىرى ئۇنىڭ تىنىم تاپمايدىغان ھالتىنى چوڭقۇر سېغنىش ھەم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا ئەسكە ئالىدۇ .ئۇ تامكىنى ئالدىراش يەپلا سىرتقا چىكىتىدۇ ،ئۇنى تېپىش توغرا كەلسا ،ئۇنى ئادەملەر توپلاشقان سورۇنلاردا شېر دىكىلماتسىيە قىلىۋاتقان ياكى مۇنازىرا تىمىسى قىزىپ كەتكەن جايلاردىن تاپكىلى بۇلاتتى ،ئاخشىمى ئۇ خېلى بىر چاققىچە   ھەتتا تاڭ ئاتقىچە سىنىپتا كىتاپ كورەتتى دەيدۇ .ئۇ دارىل مالىمىندا ئۇقۇۋاتقاندا ئۇ نىڭغا باشقا   بىر ۋەزىپە يۈكللىندۇ ،يەنى 1941-يىلى شۇ چاغدىكى ھۈكۈمەتنىڭ سابىق سېۋىت ئىتپاقى بىلەن تۈزەەن كېلشىمى بۇيچە سېۋىت ئىلىم پەن خادىملىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ توپىەرافيە ھەم ئاستورنوميە جەھەتتىن تەكشۈرىپ بەرمەكچى بولغان ئىدى.لۇتۇن دەل شۇ ئومەككە تەرجىمان قىلىپ بىكلىتىلدۇ . بۇ ۋەزىپە لۇتۇننىڭ مەكتەپ ھاياتىنىمۇ مەنگۈ ئاخىرلاشتۇردۇ ، ئۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ   قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا   تەخسىم قىلىندى. ئۇ يەردە ئۇزاق   ئىشلىمەي تۇرۇپلا   لۇتۇننىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرۋاتقان شوھرىتىدىن ئوزلىرنىڭ كوزىگە قادالغان مىق يىساپلاپ ، ئاقسۇ گېزىتخانىغا يوتكىۋەتتى . لۇتۇن ساقچالارنىڭ ئەندىشە قىلغىنىدەكلا ئۇ يەرگە بارغاندىن كىيىنمۇ ئىلغار پىكىرلىك زاتلار بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئوزنىڭ پاالىيتىنى باشلىۋەتتى ،شوپۇر دوستى ئارقىلىق ئىلى گېزتىنى ئەكەلدۈرىپ ئىلىنىڭ سىياسى ئوزگىرشىدىن بىلال ئېزىز،مۇنىردىن غۇجا ئارقىلىق نۇرغۇن كىشلەرنى خەۋەرلەندۈردى . دېھقانلارنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرگە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئاشۇرۇش ،غەلىبىگە بولغان ئىشەنچسنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشۋىقاتلانى قىلدى .تۇنجى رەت ‹‹غېرىپ –سەنەم ›› دىرامىسنى سەھنىلەشتۈرىپ قۇيۇپ ،خەلقنىڭ دىلىغا ئازاتلىققا بولغان   ئىشەنچ ئۇرقىنى چاچتى.ئۇ سەنىلەرنى ،دېكراتسىيەنى ئوزى لاھىيلىدى ، غېرىپنىڭ رولىنى وزى ئالدى ،بۇ جەرياندا سوفىيە بايىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ‹سوفىيە ،سەنەمنىڭ رولىنى ئالغان ئىدى› ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى ، لۇتۇن ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا يىقىندىن ياردەمدە بۇلىش ئۈچۈن ،ئاقسۇدا ئىستىداتلىق ياشلار بىلە بىرلىشىپ ‹‹ئۇچقۇنلار ئىتپاقىنى ›› قۇردى. ئەمما ئوزىمىز دىن چىققان مىللى مۇناپىقلارنىڭ ساتقىنلىق قىلشى ،ھەر-خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۇلارغا ئاپشاركىدەك ئەگشىپ ئاخىرى ،لۇتۇن   بىلەن مۇناسۋىتى بار بارلىق كىشلەرنى ،ئەمدىلا باش كوتىرۋاتقان ‹ ئۇچقۇنلار ئىتپاقىدىكىلەر› نى تۇتۇپ تۇرمىغا تاشلىدى ، ئۇلار گەرچە بۇ ۋەھشى جالاتلار قۇلىدا ئۈلۈپ كىتىدىغىننى بىلسىمۇ ، بىر-بىرىگە ساتقىنلىق قىلماي ،ئەڭ ئاخىرغىچە دۈشمەنلەر   بىلەن كورەش قىلدى. سىرتتىكىلەر بىر قانچە قېتىم لۇتۇننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ باتۇرلارچە قۇربان بۇلشى بىلەن ئەمەلگە ئاشماي قالدى .

مەن <<قاينام ئوركىشى >>رومانىدىكى   مۇنۇ قۇرلارنى   ھەر ئەسلىگەندە   پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ھاياجان بىلەن تىترەيدۇ :...<< نۇمۇرلۇق كامىر >> ...ل.مۇتەللىپنى   قۇتقۇزۇش ئۈچۈن   كەلگەنلەر ئارسىدا   دىلبەر ،گۈلنىسا ...ئوسمان ،لىتىپ ،رۇستەم ،يۇنۇس ....

-ئىنىم يۇنۇس !.....يانچۇقۇمدا ... دىلبەرنىڭ   شاىئىرغا   بەرگەن ياغلىق ، خەت .......،--دېدى رۇستەم ئارانلا ،-ئۇنى پەنجىردىن كامىرغا تاشلىۋەت !
رۇستەم ئارقىدىنلا <<7-نۇمۇرلۇق >>كامىر ئالدىغا كىلىپ:<<خەير ،قەدىردان ل.مۇتەللىپ >>دېدى-دە،نەپەستىن توختىدى .
يۇپۇرلىپ كىلۋاتقان دۈشمەنلەرگە ئېتىلغان قەھرىمانلار ل.مۇتەللىپكە ئاخىرقى ۋىدالىشىش سوزى بىرىشكە باشلىدى .
-مەن ،لى كەيمىن ،خەير ،لۇتپۇللا ئاكا !
-مەن ،ئوسمان !
-مەن نىلقىلىق دوستۇڭ   تۇردى !
-مەن يۇنۇس   ،لۇتپۇللا ئاكا رازى   بۇلۇڭ !
....................................................................-چاپ !-دىدى نۇرۇللا ،قەھىر غەزپى بىلەن   ۋارقىراپ قىلچىنى كۈتىرىپ ،ئالدىغا يۈگۈردى ....نۇرۇللا ،مۇختار مەرگەن ،تاشپۇلات ،شاكىرجانلارمۇ بىر بىرلەپ يىقىلدى <<شېھىت كاتكەنلەر>>

لۇتپۇللا،بىلەمسىز ،مەن ھازىر سىزنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ئىچىم ئۆرتەنگەن ھالدا ئەسلىمەكتىمەن

شۇ تاپ كوڭلىم پاراكەندە،دىلبەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىزگە كىرگۈزگەن شېىرنى قايتا ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ:

قان بىلەن بۇياپ يىپنى ،كەشتىلەندى بۇ خېتىم ،
گەر يىتىك بولسا خېتىم ،ئادا بۇلاتتى خىزمىتىم .

ھەم ئاتامدىن ،ھەم ئانامدىمن ئايرىلىپ ،سۇندى قاناتىم قايرىلىپ ،
ئايرىلىپ ھەمشىرىدىن ،بولدۇم يىگانە ،بىر يىتىم .

ئاخىر ئالدىم قۇلۇمغا   نۇزۇگۇم خەنجىرنى،
قان كىچىپ بولسام ئانارگۈل ،دەيدۇ ۋىژدان خىسلىتىم .


        سىز ئوماق ئوغلىڭىز كەشپۇللا سىزدىن بۇرۇن ئۇ ئالەمگە ماڭغاندىمۇ كىلىپ بىر كۆرىۋېلىشقا ئىمكانىيەت يارىتالمىدىڭىز.ئەكسىچە ۋەھشى دۈشمەنلەر تەرپىدىن رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىندىڭىز...سىز ئوغلىڭىزنىڭ ۋاپاتىغا مۇنداق مەرسىيە يېزىپتىكەنسىز:
ئوغلۇم ھەققىدە مەرسىيە

دۇنياغا       كىلىپ     تاپقان   ،
ئەزىز     جانىمدىن     ئايرىلدىم   .
مەن   بىچارە     غېرىپ   نەيلەي ،
كەشپۇللايىمدىن       ئايرىلدىم   .

كاج   پەلەكنىڭ   دەردىدىن   ،
ئومرۈم     ئوتتى   كوپ   يىغلاپ .
ئوغلۇمنى       كۈرەلمەستىن   ،
يۈزىدىن     سۈيەلمەستىن   ،
بۇتام   دەپ     يىغلىيالماستىن ،
كەشپۇللادىن     ئايرىلدىم .
ئاتام   بىلەن     ئانامغا   ،
خەتلەر   يازغان   ئىدىم   مەن ،
ئەمدى نىمىلەر   ئېيتاي ،
كۈرەلمىدىم ئوغلىمنى مەن .

        مەن شۇ تاپ قەلبىم ئاچچىق ئازاپتا تىپىرلىغان ھالدا سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزنى ۋاراقلىماقتىمەن:
1943-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﯪﻳﻨﯩﯔ 24-ﻛﯜﻧﻰ
ﺑﻪﺯﻯ ﯪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﯪﺑﯩﺪﻩ ﯮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﻪ "ﭘﯘﻝ ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ، ﯞﻩ ﭘﻪﻳﺘﯘﻥ."ﺩﯨﻦ ﯸﺒﺎﺭﻩﺕ 3ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﯻﺰﻧﻪﻙ ﺗﺎﻗﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﯪﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ﯰﻻﺭ "ﺯﺍﻣﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺵ "ﻟﯩﻖ ﯻﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺶ ،ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﺧﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻴﻮﻧﻼﺭ!!!

1943-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﯪﻳﻨﯩﯔ 27-ﻛﯜﻧﻰ
ﯬﻱ ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻗﯩﺰ ، ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﭼﯩﻦ ﻛﻮﯕﻠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﻳﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯞﯨﺴﺎﻝ ﻧﺎﺧﺸﺎﻣﻐﺎ ﻫﻪﻣﺠﻮﺭ ﺑﻮﻻﻻﻣﺴﯩﺰ ؟.......... ﻫﯩﺠﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﻐﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ ﻫﯧﺠﺮﺍﻥ - ﯪﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ . ﭼﯩﻦ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﯸﻠﻬﺎﻣﭽﯩﺴﻰ
...
بۇ خاتىرىڭىزمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن نەمدىلىپ كەتتى.
    لۇتپۇللا ، تۇغۇلغان   كۈنىڭىزگە مۇبارەك ،سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئەڭ يارقىن ئوبراز. مەن سىزنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىڭىزدە قەلبىمدىكى غەليانلىرىمنى سوغا قىلىمەن .
مانا ئەمدى ئۈزەڭ يوق .

سەن ئوخشايتىڭ تۈندىكى يانغان يالغۇز چىراققا،
جۇپتۇڭمۇ ھەم چىقمىدى ،ئېلىپ سىندىن ئەندازغا،
لۇتۇنلۇقنى ئىستىدى دەۋرلەردىن پەدازغا،
نۇر تامغاندا جاھانغا مانا ئەمدى ئوزەڭ يوق .

قايىل بولماي ئوتكەنتىڭ تەغدىرلەرنىڭ تەركىگە،
بىگىز شىلتىپ ھۇلۇقماي شۇ نامەرتلەرنىڭ ئەپتىگە،
تالىق بولسۇن ھاياتىم دىدىڭ خەلقىم بەختىگە ،
نۇر تامغاندا جاھانغا مانا ئەمدى ئوزەڭ يوق.

سادىق قالدىڭ خەلقىڭگە ،ئاقلىغىڭنى ساتمىدىڭ،
قىيىن قىستاق دەستىدە ،ۋىجدانىڭنى ساتمىدىڭ،
نامەرت بۇلۇپ ئوزگىدەك ،دوسلىرىڭنى ئاتمىدىڭ،
نۇر تامغاندا جاھانغا ،مانا ئەمدى ئوزەڭ يوق.

80 ياشلىق بوۋايغا قاراپ شۇنچە ئۇھسىندىم
بولغان بولسا لۇتۇن دەپ ئارمىنىڭنى يەپ قالدىم،
جەنەتلەردە ھەمىڭلار بولغانسىلەر بەلكى جەم،
بەڭۋاشلىقىمىز ئۈچۈن يىمىگىن سەن ئارتۇق غەم.

نامەرتلەرگە يېلىنىپ تۇرمىدىڭسەن ئىگىلىپ ،
غەزەپ باسقان كوزىڭگە ،قارالمىدى تىكىلىپ،
قەلبىڭ خەلقىم جەلبىگە تۇرغاندىكىن چىگىلىپ،
نۇر تامغاندا جاھانغا ،مانا ئەمدى ئوزەڭ يوق.
  2007-11-ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەر.


تۆۋەندە سىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان شېئىرلىرىڭىزنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتمەكچىمەن،سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!
يىللارغا جاۋاپ

(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

ۋاقىت   ئالدىراڭغۇ   ساخلاپ   تۇرمايدۇ ،
يىللار   شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى .
ئاققان سۇلار   ،ئاتقان تاڭلار   قايتىلانمايدۇ ،
يورغا يىللار   ئومۇرنىڭ يامان ئوغرىسى.
       
ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭘﻼ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻤﺎﻱ ،
ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﺭﻏﯩﻠﯩﺸﯩﭗ .
ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﻤﺎﻱ ،
ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ﭘﯘﻟﯩﺸﯩﭗ .
     
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا   بىر   چىغى ،
تولىمۇ   قىسقا ئۇنىڭ   ئومرى   بىراق .
يىرتىلسا   كالىندارنىڭ   بىر ۋارىقى ،
ياشلىق   گۇلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق
       
يىللار   شامىلى   يەلپۇنىدۇ ،ئىزلار كومۇلىدۇ ،
يوپۇرماقسىز   ياغاچ   بىچچارە بولىدۇ قاھشال .
يىللار سىخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بىردۇ ،
قىزلارغا   قورۇق   ئەرلەرگە ساقال .

ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﺎﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ،
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﺗﯩﯟﻩﺭﺳﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ...
ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ،
ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻰ .

ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ،
ﺗﺎﻏﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻕ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻘﻰ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ،
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ ﮬﻪ... ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ .

ﻛﯜﺭﻩﺷﭽﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻠﻼﺭ ،
ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ .
ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ،
ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ .

ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ،
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ .
ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻢ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ،
ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻞ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ .

ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﺳﻤﻪﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ،
ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻢ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﺎﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ .
ﺋﯚﻟﯜﻡ ﭘﻪﺳﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ،
ﭼﯩﺪﺍﻡ ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﭼﺎﻍ ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ .

ﺋﯧﺴﯩﻼﺭﻣﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ،
ﻳﯧﭙﯩﺸﺎﺭﻣﻪﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ .
ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺑﺎﻳﺎﯞﯨﻨﯩﺪﺍ ﮬﺎﺭﻣﺎﺳﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻼ ،
ﻳﯧﯖﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﯓ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ .

يىللار ، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ .
ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪ ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﺭﻣﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ .

ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ،
ﺋﯘﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﭖ .
ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻤﯘ ،
ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍﭖ .

    1944-يىل يانىۋار، ئاقسۇ.
پەرياد
لۇتپۇللا مۇتەللىپ

بۇ مېنىڭ غەملىك كۆڭلۈم ، بولارمىكىن بىر كۈن شاد،
غەم تاغلىرىدىن ئۇچۇپ ، بولارمەنمۇ   مەن ئازاد.

يا ھەمىشە قىينىلىپ ، زۇلۇم ئوتىدا   كۆيۈپ ،
كۈننىڭ سېرىقىن كۆرمەي ، بولارمەنمۇ مەن بەربات .

ۋاقىتسىز غازاڭ بولغان ، باغلار چۆلگە   ئايلانغان،
كۆڭۈلدىكى بۇ بوستان بولارمۇ يېنىپ ئاۋات.

بورانلاردا ئۇچماقتا مېنىڭ جان ئەمگەكلىرىم،
دەۋىردە ئىناۋەت يوق،   كۈن__تۈن قىلىمەن     پەريات


ماي - كۆرەشچان ئاي

بۇگۇن ، بۇ كۆرەشچان مايدا ،
تەبىئەتتە باھار تويلىرى ... ئۇزىيدۇ .
خۇددى شۇنداق ، پۇتۇن دۇنيادا
كىشىلىكنىڭ پارلاق كۆرەش بايرىمى كېزىدۇ .

زۇلۇم تېغىنى ئاغدۇرۇشقا
كۆپچىلىكنىڭ يالقۇنلۇق كۆرىشى قاينايدۇ
اپىتالىسلاردا زاۋۇد ، فابرىكىلار ،
ئىستانۇك ، ماشىنلار ئۇخلايدۇ .

جاھانگىرلارنىڭ قانلىق قامچىسىدىن
قان تامغان ھەر بىر ماكاندا ،
كەسكىن كۆرەش ،
ئۇلۇق تەۋرەشلەر
تېترىتىدۇ ئۆلۇمگە يۇزلەنگەن چىرىك دۇنيانى .
دولقۇنلۇق نامايىشلار ...
ئېگىز كۆتۇرۇلگەن مىليۇن مۇشتلار ،
تەلەپ قىلىدۇ بىر ئېغىزدىن
ھۆر ، سائادەت ، ئەركىنلىكنى .

بىرىنچى ماي ، كۆرەشچان ئاي ، چېلىشقا باي ...
ئازاتلىق ئۇچۇن كۆرۇشىدۇ ھارماي ...
جۇڭگۇدا بۇ كۆرەشچان مايدا
نۇمۇسلۇق ۋە پاجىئەلەر ،
قايغۇلۇق ۋەقەلەر
تېزىلىپ ئۆتكەن .
جىنەن كوچىلىرىغا تولغان قانلار ،
جۇڭخۇا تارىخىغا
يېزىلىپ ئۆتكەن .

بىكار ئاقمىدى قانلار ،
ئۇ قانلاردىن گۈلۈستان ئۈندى .
ماي پۇراقلىرى بىزگە شۇنى تاپشۇردى :
بۇندىن كىيىن بىز جۇڭخۇا
شۇ دەسسەلگەن نۇمۇسنى ،
قارا داغلارنى ئاقلايمىز .
جاندىن ئەزىز بۇ ۋەتەننى
قەھرىمانلارچە كۆرۇشۇپ ،
ئازات قىلىمىز ، ساقلايمىز .
كۆپچىلىكنىڭ ئازاتلىقىنى
ئەبەدى ياقلايمىز .

بىرىنچى ماي ، كۆرەشچان ئاي ، چېلىشقا باي ،
چېلىشىمىز بىز ۋەتەننى ئازات قىلىش يولىدا ھارماي .

1942-يىلى 1- ماي ، ئۈرۈمچى

ماي ناخشىسى

ماي ئېيىدا تەبىئەت خۇش سازىنى چالغاندا ،
كىشىلىكنىڭ پارلاق كۆرىشى پۇراقلاپ قاينىغان .
قوزغىلاڭلار ، نامايىشلار كەڭ تۇس ئالغاندا ،
زالىملارنىڭ چېرىك دۇنياسى زەربە چاينىغان .

ھېچبىر يانماي كەينىگە قۇراللىق توقۇنۇشتىن ،
ئەرك باتۇرلىرى كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا تاقلىغان .
سىگنال بىرىپ دەسلەپكى كەسكىن يۇرۇشتىن ،
ھېچبىر ئۆچمەس ، مەڭگۈ كۆمۇلمەس ئىزلار قالدۇرغان .

زۇلۇم ، ئۆلۇم قاينىغان جايلاردا ئېزىلگۇچىلەر
ئۆتكۇزىدۇ ئۆز بايرىمىنى ، جاللاتلار ئۇرسىمۇ .
توۋلاپ كۆرەشچان شۇئارلار ، قاينىتىپ كۆرەشلەر ،
ئۆتكۇزىدۇ ، كىشەنلەر بىلەن قاپساپ تۇرسىمۇ .

مىليۇنلىغان جۇڭخۇا خەلقى كۆرەشچان ماينى
قاينام فۇرۇنت ، جەڭلەر ئىچىدە قارشى ئالىمىز .
پۇركەپ كۆرەش ئۈچقۇنىغا ئېزىلگۇچى ھەر ياننى ،
سىگنال بىرىپ بىې دۇنياغا ، سازىمىزنى چالىمىز .

باتۇر يىللار قوينىدا ھامان ئالغا ئىنتىلىپ ،
ھېچ ئەيمەنمەي داغلاردىن تىركىشىش باسقۇچىغا يەتتۇق .
ئاتاكىغا كۆچۇمىز ، يېڭىش تۇغىنى لەپىلدىتىپ ،
ئاتاكا ! ... دېمەك ، دۇشمەننى قوغلاش ۋەتەندىن سۇرۇپ .

ئەنە ! ھىندى ، ئىسپان ، ھەبەش تاغ چوققىلىرىدىن
دات - پەريات ، زارلىنىش ئاۋازى دەيدۇ ئېنتىقام !
شۇلارغىمۇ ئازاتلىق فۇرۇنت -- ماي شاماللىرىدىن ،
كۆرەشچان جۇڭگۇ يوللايدۇ قىزغىن ئازاتلىق سالام !

1940يىلى 1- ماي ، ئۈرۈمچى .


ئەمدى ئاخىرىدا ئۆزەم توپلىغان سىزگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بىر كۆرۈپ چىقاي:

1-مانا بۇ مەن بىز تەرىپلەۋاتقان سىز -لۇتپۇللا مۇتەللىپ


2-مانا بۇ سىز(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)نىڭ 22 ياش ۋاقتىڭىز،تۈرمىدىن بىرىنچى قېتىم قويۇپ بىرىلگەن ۋاقتىڭىز


3-سىزنى تۇنجى دەپىنە قىلغان قەۋرىڭىزگە قاراپ كۆزلىرىم يەنە ياشقا تولدى(1956-يىلى ئاپىرىل،ئاقسۇ)


4-لۇتۇن مانا بۇلار سىزنىڭ دادىڭىز ھېزىماخۇن،ئانىڭىز مەلىكىخان ۋە ئىنىڭىز نەسىرۇللا


5-مانا بۇ 1942-يىلى يازدا سىز سىزغان ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىڭىز


6-بۇمۇ 1936-يىلى سىز سىزغان رەسىم


7-بۇمۇ 1936-يىلى سىز سىزغان رەسىم


8-مانا بۇ سولدىكىسى دەل سىز(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)،ئوتتۇردىكى بىلال ئېزىزى،ئوڭدىكى زاكىر  


9-لۇتۇن بۇ سىزنىڭ 1943-يىلى ئۈرۈمچىدە چۈشكەن   سورتىڭىز .


10- لۇتۇن بۇ سىزنىڭ 1943 -يىلى ئۈرۈمچىدە   چۈشكەن سورتىڭىز ، بۇ سىزنىڭ گېزىتخاندا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىڭىز. يەنى ئاقسۇغا يوتكىلىش ئالدىدىكى سورتىڭىز.


11- بۇ سىزنىڭ ئەدبىيات ساھەسىدە ئوزىڭىزنى ئىزلەپ تېپىشىڭىزدا   دەسلەپكى ئاساسنى سالغان مەرھۇم ئۇستاز ئەنۋەر ناسىرى ،بۇ ئۇستازنىڭ سىز ئۈرۈمچىگە ئۇقۇشقا ماڭغاندا قۇلىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ سىزگە چەكسىز ئىشەنچە ھەم قىيالماسلىق نەزرى بىلەن ئۇزاتقىننى كورگەن تېرىك شاھىتلاردىن كىملەر قالغانكىن .


12-بۇ سىزنىڭ دىلكىشىڭىز ، سەبدىشىڭىز خۇددى سىزكەبى قورقۇمسىز باتۇر تاتار يىگىتى بىلال ئېزىز ، سېلەرنىڭ قانچىلىك ئارمانلارنى تەڭ قىلىشقىنىڭلار نى ،يېڭى تاڭ ئۈچۈن ياش ئۈممۈتلۈك جېنىڭلارنى تەسەدۇق ئەيلىگىنىڭلانى بىز ئىپتىخارلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىمىز.


13-بۇ 25 يىل ئىلگىرى يەنى 1982 - يىلى   تاشكەنت شەھرىدە ئوتكۈزىلگەن ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزنىڭ 60 يىللىغى مۇناسۋىتى بىلەن ئوتكۈزىلگەن خاتىرلەش مۇرەسىمى


14-بۇ ئاشۇ قېتىملىق مۇراسىمگە ئىشتىراك قىلىپ ،سىزنى چەكسىز سېغنىش بىلەن ياد ئېتىپ   ئوتارغان مىللەت پەرۋەر قېرىنداشلار.


15-بۇ 1936-يىلدىن 1983 يىلغىچە ياشاپ ئوتكەن ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى روس تىلىدا نەشىر قىلدۇرۇپ ،سىزنىڭ ئىجادى ھاياتىڭىزنى تەتقىق قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ،تىل-ئەدبىيات پەنلىرنىڭ دوكتۇرى ،پىروفىسور   مۇرات ھەمرايېف.


16-بۇ سىزنىڭ ئايالىڭىز سۇفىيە بايىزنىڭ قۇرداشلىرى بىلەن چۈشكەن سورتى،ئالدىنقى رەت ئوڭدىن2- قىز دەل سوفىيە ،سېلەر بەلكى شۇ تاپ   ئاقىسۇدىكى غېرىپ-سەنەم ئوپىراسى ئۈچۈن تەيارلىق كورەۋاتقان ،بىر-بىرىڭلانى ياخشى كورشىپ ئاددى ئەمما تۇلىمۇ ،كوڭۈللىك قىلىنغان توينى ئەسلاۋاتقانسىلەرمۇ؟


17- لۇتۇن،سىزنىڭ ساۋاغداشلىرىڭىز سىزنىڭ يېڭلىققا ئىنتىلدىغان ھەر قانداق ئىشنى   ئەڭ بالدۇر قىلىشنى ياخشى كوردىغان روھىڭىزنى چەكسىز سۈينىپ تۇرۇپ ئەسكە ئالىدۇ ،قاراڭە روھلۇق قىياپىتىڭىزگە بۇ سىزنىڭ 1941 -يىلى قىشتا ئۈرۈمچىدە لىيۇتچىكلەرنىڭ قۇلاقچىسنى كىيىپ چۈشكەن سورتىڭىز.


18-بۇ سىزنىڭ 1939 -يىلنىڭ ئاخىردا چۈشلەن سورتىڭىز . يىراققا چەكسىز ئۈمۈت بىلەن تىكىلگەن كۈزلىرىڭىز   ،جاسارەت غەيرەت ئۇرغۇپ تۇرغان   سۇلماس قەددىڭىز ،قەلىب ئېكرانىمدا مەنگۈلىك يۇقۇماس ئوبرازىڭىزنى ياراتتى.


19-ئوڭ تەرەپتىن بىرىنجى -كىشى بۇ سىز لۇتۇن،ئينى چاغلاردا غۇلجىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار ،ئىستىداتلىق ياشلار بىلەن چۈشكەن سورتىڭىز ،قارماققا سىز بۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئەڭ كىچىكى ئىكەنسىز ، بەلكى بۇلاردىن بۇ دۇنيادا ھاياتلىرىمۇ   بولمىسا كېرەك.


20-بۇ 1956 -يىلى مەرھۇم ئانىڭىز مەلىكەخان بىلەن سىڭلىڭىز رەيھاننىڭ چۈشكەن سورتى، مانا بۇ ئېسىل ئانىنىڭ ئابىدىسى سىز ،رەيھان ئىپتىخارلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ئەڭ قەيسەر ئاكا سىز .


21-بۇ جۇڭگۇو ئىنقىلاۋىنىڭ بىر   قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا قوشقان   توھپىڭىز ئېتراپ قىلىنىپ ،سىزنىڭ ئۇتۇقلىرىڭىز   خاتىرسىگە   ئېلىنغان سورەت.


22- بۇ   ل.مۇتەللىپ تەتقىقات گورىپىسىدىكىلارنىڭ سىزنىڭ تەرجىمالىڭىز ھەم ئىجادى ھاياتىڭىز ئۈستىدە يازغان ئەسەرلىرى. بۇنىڭغا سىزنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز سورەتلىرىڭىز كىرگۈزۈلگەن .كەمىنە گۈل-سەنەممۇ بۇ كىتاپلارنى ئۇقۇپ رەتلەپ تۇتىيا قىلىپ ،كاتتا مىراس قاتاردا ساقلاۋاتىمەن.


22-بۇ سېلەرنىڭ غۇلجىدا 36-يىلدىن 39 يىلغىچە ۋاقىتتا تۇرغان   ئويىڭلارنىڭ سورتى.


24- بۇ سىزنىڭ تۇرمىدا دەھشەت قىيىن قىستاقلاردىمۇ ،قەدىڭىزنى پۈكمەي ،پېسخىكا كورشىدە ئەكسىيەتچىلەنى ،روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغان ئەڭ قەيسەر ئەڭ ھەيۋەت كورنىشىڭىز ..


25- بۇ سىزنىڭ قىمىتىڭىزنى تۇنۇپ يەتكەن زامانداش ھەم دىلكەش، خەلقىڭىزنىڭ خېيىم خەتەرگە قارىماي سىزنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغاندىكى ،قەيسىرانە كورنىشى.


26- 1919-يىكدىن 1945 يىلغىچە ياشاپ ئوتكەن قۇردىشىڭىزمەۋلانجان تۇردى. ئاقسۇ كونا شەھەر مەرىپەت پەرۋەر ئاىلدە تۇغۇلغان ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئونۋىرتىدا ئۇقۇغان ،ئولكىلىك دارىلمۇەلىمىندە   ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغاندا ،شىڭسىسەي تۇرمىسىەە تاشلانغان ،قىيىن قىستاقلاردا بىر كوزدىن ئايرىلغان .تۇرمىدىن چىقىپ ئاقسۇغا بارغاندا دادىسى   تۇرداخۇن بىلەن ل،مۇتەلىپنىڭ ئىنقىلاۋى ھەركەتلىرىگە قاتنىشىپ ،1945-يىلى 9-ئايدا ئاتا-بالا بىللە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.



27- قۇربان سىيىت ئابباس ،1928-يىلدىن 1945 يىلغىچە ياشاپ ئوتكەن ،ئىستىداتلىق زات، ئابدۇكېرىم ئاباسوفنىڭ ئىنىسى ، ماارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، بۇ سىزنىڭ ئاقسۇدىكى قورقۇمسىز جەڭگىۋار دوسلىرىڭىزنىڭ بىرى . ئۇ 1945-يىلى 9-ئايدا ئوتتۇرانچى ئاكىسى ئارتۇق ئابباس، ۋە ئىبرايىم مومىنلەر بىلەن بىللە 9 بۇلاقتا قەھرىمانلارچە قۇربان   بولغان.


تۈگىدى

مۇشۇ ناخشىنى چىمبۇلاق تورى تەمىنلىدىچۈشۈرۈش
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(saadat)
  • تۆھپە:20(qimbulak)
  • ياخشى باھا:20(qinmodan)
  • تۆھپە:20(firkat)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 02:10 | [باش تېما]
    HISLAT
    ئالاھىدە تۆھپە

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 1411
    شۆھرەت: 1516 نۇمۇر
    پۇل: 8178 سوم
    تۆھپە: 8 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:467(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-05-29
    ئاخىرقى:2008-03-19

    مۇنبەرگە كىرىشىمگە بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ   خوشال بولدۇم   .
      قەلبىمىزدىكى ھايات   شائىر  ، پەخرلىك ئوغلانىمىز لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ قۇتۇق تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن   .  
      گۈلسەنەمنىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىسىغىمۇ مۇبارەك ھەم تەشەككۈر   . تېمىنى ئەتە تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ، تەسىرغاتلىرىمنى ئاندىن ئورتاقلىشاي . رەھمەت سىزگە !
    دۇنيا ئالىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ، بېرىدىغان نېسىۋىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن رەزىلدۇر .
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 02:27 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
    Uyhur~nisa
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 570
    شۆھرەت: 591 نۇمۇر
    پۇل: 5700 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:171(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-10-12
    ئاخىرقى:2008-03-18

    سىزگە نىمە دەپ رەخمەت ئېيتىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن . لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئوت يۈرەك شائىرىمىز .  

    ئۇغۇرلارنىڭ پەخرى . مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا بىزنىڭ تىل-ئەدىبىيات ئۇقۇتكۇچىمىز دەرىس ئۆتۈۋېتىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەمدە ئۇنىڭ تارىخنى سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ كەتكەن . ئارقىدىنلا بىزمۇ .ئۈن سېلىپ يىلاپ سىنىپتا ھازا ئېچىۋەتكەن ئىدۇق . بۇ چاغ مېنىڭ پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ . تاكى ھازىرغىچە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ سۇرئىتى ياكى ئەسەرلىرىنى كۆرسەملا ئۆزەمنى تۇتۇۋالالايمەن . بۇگۈن بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ يەنە ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم يەنە شۇ چاغنى ئەسلىدىم .

    بەزى ەئسەرلىرى مەكتەپ مارشى قىلىپ ئېيتىلغان ىئدى .مەن سىزگە رەخمەت دىگەندىن باشقا ھېچ نىمە دىيەممەيمەن . داۋامىنى يەنە يوللاپ تۇراسىز

    ئىش قىلىپ بۇگۈن مۇنبەرگە كىرىپ تۇنجى قېتىم بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ يېنىش يېنىش ئۇقۇپ كۆڭلۈم ئاللا قانداقتۇر بىر خىياللار بىلەن بەنىت بولۇپ مۇڭغا چۆكتۈم .
    [ بۇ يازما Uyhur~nisa تەرپىدىن 2007-11-16 03:02 دە ق ]
    شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 02:49 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
    Alpamish
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا بار
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 4
    يازما سانى: 251
    شۆھرەت: 619 نۇمۇر
    پۇل: 2714 سوم
    تۆھپە: 309 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:308(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-09-22
    ئاخىرقى:2008-03-19

    كۆمۈلمەس ئەي لۇتۇن سەندىكى روھلار


    كۆمۈلمەس لۇتپۇللا سەندىكى روھلار.

    كىملەر ئۈچۈن يازغان ئىدىڭ شېئىر،
    كىملەرگە ئوزۇق سېنىڭ شېئىرلىرىڭ،
    ۋولقان كەبى چوغلار چاچرىتىپ،
    كىملەرگە يانغان سىنىڭ يۈرىكىڭ.
    ۋەتەن دەپ،مىللەت دەپ بولدۇڭ جەڭگىۋار.
    كۆمۈلمەس ئەي لۇتۇن سەندىكى روھلار.

    كىملەر ئۈچۈن ھەم كۈرەشلىرىڭ،
    كىملەر ئۈچۈن بەرگەنتىىڭ قۇربان،
    سەندە ۋەتەن سۆيگۈسى بولغاچ،
    ئاڭا ئۆلۈمگە تىك قاراپ ماڭغان،
    قەبرەڭنى باسسىمۇ تالاي بارخانلار.
    كۆمۈلمەس ئەي لۇتۇن سەندىكى روھلار.

    كىملەر ئۈچۈن تۆككەنتىڭ كۆز ياش،
    كىملەر ئۈچۈن كۆتۈرگەن غەلىيان،
    جاللات قولىدا ئىگىلمىدى باش،
    ئۇرغۇپ تۇرغاچ سەندىكى ۋىجدان.
    قەلەم زۇلپىقار،ئادالەتتە ساڭا ئىزباسار.
    كۆمۈلمەس ئەي لۇتۇن سەندىكى روھلار.


    ئاھ..شۇ روھىڭ بىزگە ھەم نىشان،
    مىراسدۇر شېئىرلىرىڭ بىزگە پاسىبان.
    مانا بىز،نەۋرەڭ بىز جەڭگە ئاتالغان،
    قالدۇرغان مىسرادىن تاۋلاپ مىسران.
    ئۆتسىمۇ يىل،ئۆزگەرمەس بىزدىكى دىللار.
    ئۇنتۇلماس ئەي ئوغلان سەندىكى روھلار...

    ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 85 يىللىقىغا ئاتايمەن.
    [ بۇ يازما Alpamish تەرپىدىن 2007-11-16 19:23 دە قاي ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(saadat)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 05:26 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
    AbdulQuddus
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 2
    يازما سانى: 290
    شۆھرەت: 400 نۇمۇر
    پۇل: 2940 سوم
    تۆھپە: 89 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:320(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-03-17
    ئاخىرقى:2008-03-19

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ !

    قەدىرلىك سىڭلىم گۈل سەنەم !
    قىممەتلىك يوللانمىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت !
    نۆۋەتتە مەن « ھەر كۈنى ئېيتىمەن ئاشۇ ناخشىنى » ماۋزۇسى بىلەن بىر نەزمە تەييارلىۋاتىمەن . سىزنىڭ قىممەتلىك يازمىڭىزغا مانا شۇ يازمام بىلەن جۆر بولىدىغان بولدۇم ( ئىنشا اللە ئۈلگۈرۈپ قالار ) مانا شۇنىڭدىن ئىنكاسىمنى تېماتىك شەكىلدە كۆرۈپ قۇيارسىز (؟)
    شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە مەرھۇم ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ رۇبايىلىرىنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتىم يۈزىسىدىن يازغان شېئىرلىرىمدىن بىر كۈبلىتىنى بولسىمۇ تەقدىم قىلىمەن ، ئاددىي بولسىمۇ قوبۇل قىلغايسىز :


    جاننى ئاتاپ چېلىشلارغا كۈرەشمەككە ئەھدىم بار ،
    بىسى قايرىلماس خەنجەر كەبى ، ياۋۇزلارغا قەھرىم بار .
    كەسكىن مىنۇت يېتىپ جانغا كەلسە قانچە ئىمتىھان ،
    تاللىغايمەن قۇربانلىقنى ، نومۇس ۋىجدان ئەركىم بار .


    جەنابىي اللە مەقامى جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي ، امىن !


    خەير ، اللەقا ئامانەت بولۇڭ ، قىممەتلىك يازمىلىرىڭىز مۇنبىرىمىزدە ھەر زامان پارلاپ تۇرغاي .


    ئاخىرىدا :
    سىزگە ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمغا سەمىمىي تەلىۋىم ، تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئايال قەھرىمانلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى ساقلىغانلار يوللاپ قويغان بولساڭلار (؟) بۇ يەردە ھۆرمەتلىك ئەرك زات ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن .
    [ بۇ يازما AbdulQuddus تەرپىدىن 2007-11-16 06:13 دە ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • ياخشى باھا:10(qimbulak)
  • شۆھرەت:10(saadat)
  • ياخشى باھا:10(qinmodan)
  • ohxax.cn
    اللە اكبر
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 06:01 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
    firkat
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى

    مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 3
    يازما سانى: 1668
    شۆھرەت: 1933 نۇمۇر
    پۇل: 7883 سوم
    تۆھپە: 222 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1833(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-08-15
    ئاخىرقى:2008-03-19

    گۈلسەنەم ھەدەمنىڭ مەرھۇم بوۋىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان بۇ ئەسىرىنى ۋە ئۇ تەمىنلىگەن سۈرەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، كۆزۈم نەملەندى. مەرھۇم ھەقىقەتەن ۋىجدانى بىلەن ياشىغان ئىدى. ئۇ ۋەتەنگە. خەلقىگە، قىسقىسى ئۆزىگە يۈز كىلەلىگۈدەك ياشىدى. ۋۇجۇدىنى قاپلىغان ئەشۇ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ ئۇلۇغۋار غايىلىرى ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۆرەش قىلدى. ۋايسىمىدى، زۇلۇمغا باش ئەگمىدى. ھەقىقىي ئەركەكلەردە بولىدىغان جاسارەت، ۋىجدان، ئىمان ئېتقادنى شۇ دەۋردىكى ۋە ۋە كىيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولىسمۇ بىز ئۇنى يەنىلا ئىسسىق كۆز ياشلىرىمىز بىلەن ئەسلەۋاتىمىز. بىزلا ئەمەس ئەۋلاتلىرىمىز ئەۋلادتىن ئەۋلاتقىچە ئەسلەشكە بەرھەق. چۇنكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىدىن تۆرەلگەن، ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ ___ ئەڭ يارقىن ئوبرازى.
    ئاللاھتىن مەرھۇمغا چوڭقۇر دۇئايى سالاملارنى تىلەيمەن! ( امىن )
    ohxax.cn


    تىنىمسىز ئىشلەش سەنئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 08:29 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
    kurxat
    ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 596
    شۆھرەت: 632 نۇمۇر
    پۇل: 5985 سوم
    تۆھپە: 75 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:524(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-02-07
    ئاخىرقى:2008-03-18



    كۈرەش قايناملىرىدا ئۆركەش ياساپ ئۈزگەن ئوغۇل قايدا؟
    ئىزىڭ بويلاپ ئوغۇل قىزلار زۇلۇمغا جەڭ ئاچتى ھەر جايدا.

    ۋا دەرىخ، مەككار ئىكەن دۈشمەن ئەجەپ بىلمەپتىىز،
    ئارىغا تەپرىقچىلىق سالدى، چېچىپ ئازغىنا نەپ-پايدا.

    بۈيۈك ئارزۇ-ئۈمىد بىرلە سەپەرگە ئات سالدى ئەۋلادىڭ،
    كېسىلدى تىل، ئويۇلدى كۆز، نى باشلار قالدى چۆل سايدا.

    يەنىلا باش ئەگمىدى خەلقىڭ، يۈرۈپ ئالغا جاسارەتتە،
    قەدەمدە يەر بىلەن يەكسان قىلىپ دۈشمەننى جاي-جايدا.

    بىتىم دەپ ئالدىدى ئەلنى، (توسالماي دەۋرىگەن سەلنى)
    قىلىپ ئەھدە ھەم يالغاننى ئىلى، چۆچەكتە، ئالتايدا.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:10(firkat)
  • ياخشى باھا:10(gul-sanam)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 09:20 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
    Ark-zat
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 4
    يازما سانى: 4553
    شۆھرەت: 4850 نۇمۇر
    پۇل: 28910 سوم
    تۆھپە: 416 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:808(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-17
    ئاخىرقى:2008-03-19

    قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن
    ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
    (شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 85 يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

    ئوتلۇق كۆزىدىن چاچرىتىپ دەھشەت،
    دۇنياغا كەلگەن ئىدى بىر ئەركەك.
    زالىملارنى ئۇ تىتىرىتىپ غال-غال،
    نامايىش قىلغان ئۇرغۇتۇپ يۈرەك.

    ھەقنى سۆزلىگەن يۈرىكى لاۋا،
    دۈشمەنلەر بۆھتان چاپلىغاندىمۇ.
    نىيتىدىن يانماي جانىنى تىككەن،
    غالىپ ئىدى ئۇ جان ئۈزەردىمۇ،

    بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندىمۇ،
    توۋلىيالىدى «لازىمى ئەرك!!!»
    مەڭدەپ قېلىشتى ۋەھشى دۈشمەنلەر
    خۇددى دۇنيانى ئەتكەندەك تەرك.

    ئەنە شۇ ئوغلان تۇغۇلدى بۈگۈن،
    دىللاردىن داستان پۈتۈلدى بۈگۈن،
    روھلىرى سىڭگەچ ئۇيغۇر روھىغا،
    قان-ياشلىق ماتەم تۇتۇلدى بۈگۈن.

    2007-11-16
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(saadat)
  • شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
    bilga0992

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 102
    شۆھرەت: 124 نۇمۇر
    پۇل: 910 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:107(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-04-24
    ئاخىرقى:2008-03-07

    ل . مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ مەنمۇ بىر نەزمەم بىلەن مەرھۇم شائىرىمىزغا بولغان قايغۇمنى ، سېغىنىشىمنى ئىپادىلىمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ . دوسىتلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
                                          ل . مۇتەللىپ خاتىرىسىگە

    شائىر كەتتى
    يىراقتىكى تاڭنى قۇچاقلاپ ،
    ئۈمۈتلەرگە –
    ئۈمۈت بېغىشلاپ .

    شائىر كەتتى
    يىراقتىكى ئاي شولىسىدەك
    گۈزەل خىرە نۇرنى قۇچاقلاپ .

    قەلىب قېتىدا
    ئوخچۇپ تۇرغان شۇ بۈيۈك نۇردىن ،
    تۆكۈلگەچكە شىئېر دۇنياسى
    ئەبەتلىككە ئايلاندى يانا ،
    يىللار ساداسى .

    ئۇ ياراتقان سېھرىي دۇنيادىن ،
    ئوخچۇپ تۇرغاچ بۈيۈك لىرىكا .
    كۆمۈۋەتتۇق بىز ئۇنى ،
    ئەڭ مۇقەددەس ئىلاھىي نۇرغا .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:11(parwin)
  • شۆھرەت:10(gul-sanam)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:04 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
    qinmodan
    ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

    مەزھەپ:سايرام قىزى سايرام قىزى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1048
    شۆھرەت: 1112 نۇمۇر
    پۇل: 9601 سوم
    تۆھپە: 98 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-09-01
    ئاخىرقى:2008-03-18

    خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا

    ئابدۇسالام توختى
    _يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە

    ئىجات ئاسمانىنىڭ نۇرلۇق - يورۇق چولپانى لۇتپۇللا،
    گۈزەل ئەشئارلىرىنىڭ ھەرسۆزى دۇردانە لۇتپۇللا،
    تالانتلىق ئوت يۈرەك شائىر، جەسۇر- مەردانە لۇتپۇللا،
    ئوت ئاچقان كونا دۇنياغا، چېلىش پالۋانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    ھامان ھۆرمەت - مۇھەببەتتە شائىر لۇتۇننى ئەسلەيمىز،
    تىيانشان باغرىدا ئۆسكەن قىزىل يۇلغۇننى ئەسلەيمىز،
    كۈرەش ئوكيانىدا ئۆركەشلىگەن دولقۇننى ئەسلەيمىز،
    ئەبەت ئۆچمەي لاۋۇلداپ تۇرغۇچى يالقۇننى ئەسلەيمىز.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت ، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    لۇتۇن كۆركەم بېغىمنىڭ ئەڭ ئىسىل خۇشبۇي گۈلى ئەردى،
    ۋەتەن ئىشقىدا كۈي تۆككەن، گۈلۈستان بۇلبۇلى ئەردى،
    دۇتار ، تەمبۇر، راۋابىمنىڭ يېقىملىق مەرغۇلى ئەردى،
    ئىجات بەيگىسىنىڭ ئۇچقۇر، قاناتلىق دۇلدۇلى ئەردى.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت ، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    تىيانشان بۈركۈتى ئەردى، ئۇ ئاسماندا قانات قاققان،
    ۋەتەننىڭ ھەر گىياسىغا مۈھەببەت - ئىشىق بىلەن باققان،
    يۈرەكتە سۆيگۈسى ئەلگە ئېلى، تارىم كەبى ئاققان،
    ئەجىر مارجانلىرىدىن بۇ ئانا يەرگە چىچەك تاققان.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت، ئەرك پىداكارى ، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    ئۇ شىددەتلىك كۈرەش دولقۇنلىرىدا كەڭ غۇلاچ ئاتقان،
    ئۇنىڭ نەپرەتلىرى ياۋغا گۇيا كەلكۈن بولۇپ تاشقان،
    بورانلاردا يېتىلگەندە شۇ ياش غۇنچە، جەسۇر ئارسلان،
    جاھالەت جادىسى باشىن كېسىپ تەندىن جۇدا قىلغان.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت ، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    لېكىن ئۇ ئۆلمىدى، كىممۇ ئۇنى ئۆلدى ديەلەيدۇ،
    ئۆلۈم يوق زادى شائىرغا، خەلق شائىرى ئۆلمەيدۇ،
    كۆمۈلگەن بولسىمۇ جىسمى، ئىجادى ھىچ كۆمۈلمەيدۇ،
    ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلاتمۇ سۆيۈپ ھۆرمەتتە ئەسلەيدۇ.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    ئۇنىڭ ئەشئارلىرى خۇددى ھاياتبەخش گۈل - گۈلىستاندۇر،
    ئۇنىڭ مەناسى زەپ چوڭقۇر مىسالى كەڭرى ئوكياندۇر،
    ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى گۆھەر، باھاسىز دۇررى مارجاندۇر،
    ئۇنىڭ ھەر بىر قۇرى جەڭدە قىلىچتۇر، نەيزە - قالقاندۇر.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت ، ئەرك پىداكارى خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    خەلقنىڭ ئىپتىخارى ئۇ، ۋەتەنگە سادىق ئوغلاندۇر،
    ئۇنىڭ روھى ، ئىجادىي تۆھپىسى تىللاردا داستاندۇر.
    شۇڭا نامى ۋەنەن ئوكيانۇسىغا ھەم يېزىلغاندۇر،
    ئۇنىڭ سىماسى گوياكى زەبەردەس تىك تىيانشاندۇر.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا.

    لۇتۇن خەلقىم بىلەن بىللە كۈرەشلەردە، چېلىشلاردا،
    لۇتۇن خەلقىم بىلەن بىللە ئۇلۇغ غەلىبە - يېڭىشلاردا،
    ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭرايدۇ ۋەتەننىڭ تاغ - دالاسىدا،
    قۇياش ئالتۇن نۇرى چاچقان ۋەتەننىڭ كەڭ ساماسىدا.
    ياشايدۇ تا ئەبەت دىلدا ۋەتەن قۇربانى لۇتپۇللا،
    ئادالەت، ئەرك پىداكارى، خەلق ئوغلانى لۇتپۇللا
    .


      ل.مۇتەللىپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان يىللاردا شىنجاڭدا جاھانگىرلىككە ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گۇمىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى دېمۇكىراتىك ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى.ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسيات ۋە خەلققە بولغان قايناق مۇھەببەت ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرىدا سىڭگەن ئىدى. ل. مۇتەللىپ 1937-يىلدىن باشلاپ، يېزىقچىلىققا كىرىشتى. ئۇنىڭ «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى»، «جوڭگۈ پارتىزانلىرى»،«كۈرەش»،«چوڭ كۈرەش قوينىدا» ۋە «جوڭگۇ»قاتارلىق چوڭقۇر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەڭگىۋار شېئىرلىرى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورناپ، ئۇلارنى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ شانلىق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان ئىدى1941-يىللىرى«ئازاتلىق تويى»، «باتۇر يىللار»،«جوڭگۇ قىزى رەيھاننىڭ مارت شاملىغا بۇيرۇغى»،«ماي كۈرەشچان ئاي»، «ھەسەن -ھۈسەن»، «ماي ناخشىشى»،«لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن»،«يانار تاغلار»قاتارلىق يالقۇنلۇق شېئىرلارنى ،سەھنە ئەسەرلەردىن «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»،«چىمەنگۈل»،«كۈرەش قىزى»، يەنە «تىيارتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت » قاتارلىق ئىلمىي نەزەرىيىۋى ۋە تەنقىدىي ماقالىلارنى، «داۋاملار ئاشقاندا» ناملىق رومان يازغان.1943-يىلى «تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، «مۇخەممەس»،«ياشلىق ئۈگەن» شېئىرلىرى شۇ دەۋردىكى ئۆز روھىي ھالىتىنىڭ ئەڭ ياخشى بەدى ئىنكاسى ئىدى.1943-يىلى ئاقسۇدا، «يىللارغا جاۋاپ»،«كەل باھار»،«شائىر توغرىسىدا مۇۋەششەھ»،«باھار ھەققىدە مۇۋەششەھ»،«تەسىراتىم»،«سازەندەم»،«خىيالچان تىلەك»قاتارلىق لىرىك شېئىرلارنى يازدى. ئۇ يەنە شۇ چاغلاردا خەلقنىڭ مۇڭ -زار، دەرت -ئەلەملىرى ئەكس ئەتتۇرۇلگەن «تاھىر-زۆھرە»ئوپىراسىنى يېزىپ چىقتى.
      ل. مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ۋاقتىدا ئاجايىپ شېئىرلارنى يازدى. بۇ شېئىرلار ئۇنىڭ بەدئى ماھارەتتە يۇقۇرى سەۋىيەگە ئېرىشكەنلىگىنى، ئىجادىيەتتە كامالەتكە يەتكەنلىگىنى كۆرسەتتى.بىراق شائىر ناھايىتى ئاز ياشىدى. شائىر ئاخىرقى نەپىسىدە ئۆزىنىڭ مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىرىنى زىندان تېمىغا يېزىپ قالدۇرۇپ، 23يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى:
    بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ،
    ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ
    .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(gul-sanam)
  • يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 11:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
    Nazuk-qiman
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

    مەزھەپ:مۇنبەرھەيئىتى مۇنبەرھەيئىتى
    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1076
    شۆھرەت: 1129 نۇمۇر
    پۇل: 10780 سوم
    تۆھپە: 70 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:778(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-22
    ئاخىرقى:2008-03-08

    ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ھەدە ، ئۇيغۇرۇمنىڭ ھەقىقى ئوت يۇرەك ئوغلانىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تەۋرىگەن قەلەملىرىڭىز ئۇچۇن بىر ئۇلۇغ اللەدىن بارلىقىڭىزغا بەرىكە بولسون !
    ئوت يۇرەك شائىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي !


    لوتپوللانى ئەسلەپ!


    ۋادەرىخا !!   كەتتى شائىرىمىز ،
    قالدى ئىزلىرى ، قالدى نىداھى ،
    يەلپۇنسە تارىخ ، ئۆچسە كۆپ ئىزلار ،
    ئېسىمىزدىن يۈتمەس ھەرگىز شائىر لوتونى!

    تىغ كۆتەرگەن جاھالەت ھەم نادامەتكە ،
    ئۇيغۇرۇمنىڭ پەخىرلىك بەردەم ئوغلانى،
    قۇت بولسون تۇغۇلغان مۇبارەك كۈنۈڭ ،
    ئەل ئۇچۇن ياشىغان ئۇيغۇر لوتونى !

    جاسارەتتە جاۋاپ بەرگەن يىللارغا شۇنداق،
    ياشاپ ئۆتكەن ھاياتىدا ئەنە ئاشۇنداق،
    زۇلمەتتىمۇ ئەل ئۈچۈن نۇر چىراق بولغان،
    ئۇت يۇرەك شائىرىمىزنى ئەسلەيمىز !!

    ئىشەن ، ئىزىڭنى بويلاپ ئەۋلادىڭ،
    يىڭىچە ئىزىدىن تارىخ يازىدۇ ،
    سەن كۈتكەن ئارمان گۈللەرى ئېچىلىپ ،
    گۈلۈستان بولغوسى ۋەتەن باغرىمۇ !!
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(saadat)
  • ياخشى باھا:10(qinmodan)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى

                گۈزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ سەندە !
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 12:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
    tiger312

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 926
    شۆھرەت: 958 نۇمۇر
    پۇل: 12394 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:358(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-06-07
    ئاخىرقى:2008-03-14

    ئوت يۈرەك شائىرىمىزنىڭ قەيسىرانە روھى ئەۋلاتلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشىغاي!
    ohxax.cn
    سەمىمىيلىك- ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرسى!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 12:40 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
    paraset

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 67
    شۆھرەت: 68 نۇمۇر
    پۇل: 670 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:95(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-01-24
    ئاخىرقى:2008-03-08

    مەرھۇم مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شائىر،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
    ohxax.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 12:42 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
    tanha~suygu1
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: دائىملىق ئەزا
    نادىر تېما: 0
    يازما سانى: 430
    شۆھرەت: 481 نۇمۇر
    پۇل: 4320 سوم
    تۆھپە: 37 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:149(سائەت)
    تىزىملاتقان :2007-11-07
    ئاخىرقى:2008-03-17

    مەرھۇم بوۋىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان بۇ ئەسىرىنى سۈرەتلەرنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈرئاللا قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،مەنمۇ سىغىنىش ھەم تەشەككۇرىمنى بىلدۇرىمەن،،،،،،،،،

    بىزلەر ئۇچۇن غەم يىدىڭ سەن تائەبەت،
    كەلمىسىمۇ ساڭا بىزدىن ھىچبىرمەنپەئەت.
    يىراق تۇردى ساڭا دائىم سائادەت ،
    شوخ كۇلكىلەر ساڭا مەڭگۇ يار بولسۇن.

    يىللار سالدى يۇزلىرىڭگە تالاي ئىز،
    قەلبىڭدىكى دەتلىرىڭگە گۇۋاھ بىز.
    بىزلەر ئۇچۇن پەقەت مەڭگۇ سەن ئەزىز،
    مەڭزىڭ بويلاپ ئاقمىسۇن كۆز يىشىڭ
    .
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:5(qinmodan)
  • ohxax.cn
    چۇشكۇنلۇك ئەركەككە ئېغىر كېسەلدۇر،
    قەلبىڭنى بى ئەجەل قويمىغىن غەمدە!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 13:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
    tanhakalip
    ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا

    بۇ ئەزا توردا يوق
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 1410
    شۆھرەت: 1708 نۇمۇر
    پۇل: 6588 سوم
    تۆھپە: 41 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى:724(سائەت)
    تىزىملاتقان :2006-11-17
    ئاخىرقى:2008-03-18

    شائىرىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە سوغام. قالغىنى ئاللا خالسا كەچتە بىلدۇرىمەن.


    [ بۇ يازما tanhakalip تەرپىدىن 2007-11-16 14:22 دە ق ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:10(qinmodan)
  • شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
    نىمە ئۇچۇن؟
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-16 14:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 234» Pages: ( 1/4 total )


     

    Time now is:03-19 04:11, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation