| |||||||
yurtumm | ئەگەر پەرزەنتىڭىز .........دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بارلىغىمىز -ئەۋلاتلىرىمىز .ئەلۋەتتە ! ئۇلارنى سۇيگۇ بىلەن چوڭ قىلايلى!!ۋاختى كەلگەندە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىگىمۇ ھورمەت قىلايلى!ئۇلارغا قۇلاق بىرەيلى!
*ئەگەر بىر بالا ئۇرۇش-تالاش ئىچىدە چوڭ بولسا ئۇرۇشقاقلىقنى ئۇگىنىپ چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا قورقۇ ئىچىدە ياشىسا قورقۇنچاق بۇلۇپ چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا دائىما ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغانلار بىلەن بىللە تۇرىۋەرسە ئۇزىنى بىچارە ھىس قىلىپلا چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا ئۇزىنى ئادەم قاتارىغا قۇيىدىغانلار بىلەن چوڭ بولسا مەقسەت -نىشانى بار چوڭ بۇلىدۇ *ئەگەر بىر بالا قىزغانچۇقلۇق ئىچىدە ياشىسا نەپرەت قىلىشنى ئۇگىنىپ چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا جاسارەت ۋە ھاياجان بىلەن قىممەت قارىشى يۇقىرى مۇھىتتا ياشىسا ئۇزىگە ئىشىنىدىغان چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا تەقدىر لەشنى بىلىدىغانلار بىلەن بىللە يىتىشسە باشقىلارنىمۇ تەقدىرلەشنى بىلىپ چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا مىھىر-شەپقەت ئىچىدە چوڭ بولسا سۇيگۇنى ۋە سۇيۇشنى بىلىپ چوڭ بۇلىدۇ. *ئەگەر بىر بالا دۇرۇس، راستچىل ئادەملەر بىلەن ياشىسا ئادالەتنىڭ نىمىلىگىنى ئۇگىنىدۇ. *ئەگەر بىر بالا [گەپ-سوزلىرى]ئىشەنچلىك ئادەملەر بىلەن ياشىساھەقىقەتنىڭ نىمىلىگىنى ئۇگىنىدۇ. *ئەگەر بىر بالا كوڭلى يۇمشاق ،خۇشخۇي ،مەدىنىيەتلىك ئادەملەر بار مۇھىتتا ياشىسا دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن ياشىغۇچىلىگى بار بىر ماكان ئىكەنلىگىنى بىلىپ چوڭ بۇلىدۇ. [گوگىلدىن]ئېلىندى. ماتېماتىكا تەستىقلىدى | ||||
---|---|---|---|---|---|
بىھارە دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | راست جۇمۇ ،مۇھىت ئادەمگە بەك تەسىر قىلىدۇ،بۇلۇپمۇ بالىلارغا
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muhterem مۇختېرېم | *ئەگەر بىر بالا قورقۇ ئىچىدە ياشىسا قورقۇنچاق بۇلۇپ چوڭ بۇلىدۇ. BBS.xabnam.com din kochuruldi
لىكىن بۇ بالا چوڭ بولغاندا سىرىتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن ئوزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن . بۇنداق بالىلاردا بىرەر ئىشنى قىلسا قورقۇپ تۇرۇپ قىلىدىغان بوپ قالىدىكەن . | ||||
---|---|---|---|---|---|
ohuz دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مۇھىت ھەقىقەتەن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، لىكىن ئىچكى ئامىلمۇ مۇھىم ،ھەممىنى بىلگۈچى ئاللادۇر
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
epsus دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ھەربىر ئاتا ئانا پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە چوقۇم بىلىشى كېرەك بولغان ئىشلار ئىكەن...
يەنىمۇ نادىر تېمىلارنى يوللاپ شەبنەمگە قۇۋۋەت بەرگەيسىز... ئىنشائاللاھ... | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tabassvm دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ناھايىتى توغرا ئېيتىسىز، مۇھىت ھەقىقەتەن پەرزەنت ئۈچۈن مۇھىم بۆشۈك. پەرزەنت ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاش مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. مۇھىت دېگەندە ئېسىل ئۆي، ساناپ-تۈگەتكۈسىز ئويۇنچۇق، كىيىم - كېچەكلا ئەمەس بەلكى ،ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي ئىشلار ئارقىلىقمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە تۈرلۈك ياخشى مۇھىتلارنى ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ. پەرزەنتلەر مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىغا، مېھرىبانلىققا تولغان جەمئىيەتكە مۇھتاج. ئەتراپىمىزدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنايلى، سەۋر بىلەن،تەمكىنلىك بىلەن پايدىلانساقلا ، پەرزەنتلىرىمىزگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرەلەيمىز.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tabassvm دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئېرشاد ھېيتاخۇن شېئىر
ئادەملىك غورۇرۇڭ يوقالسا سېنىڭ، سېسىتار تېنىڭنى مېھنەتسىز قېنىڭ. سېسىغان بەدەندە نەدە ھاياتلىق، بۇ تەندىن بىزار بوپ چىقىدۇ جېنىڭ. دوستلۇرۇم ، ئىنسان بولۇش يولىدا،پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەر بىر قەدىمىمىزنى ئويلىنىپ باسايلى، ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت دەپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ دۇنيادا يامان نىيەت بىلەن ھېچكىم مۇرادىغا يەتكەن ئەمەس. بۇ ھەقىقەتنى ھەممىمىز بىلىمىز، شۇڭا ئىنسان بولۇش يولىدا،پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەر بىر قەدىمىمىزنى ئويلىنىپ باسايلى، | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ekram613 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ياخشى يوللاپسىز رەخمەت
| ||||
---|---|---|---|---|---|