سىز بۇ تېمىنىڭ 6906ـ ئوقۇرمىنى
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
 
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 1745
شۆھرەت: 2061 نۇمۇر
پۇل: 17637 سوم
تۆھپە: 515 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:914(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-04
ئاخىرقى:2008-03-11

<گۈل-سەنەم> ئاشنا قىزلار...

ئـاشـنا قىزلار....
<گۈل-سەنەم>
            ھاياتتا ئادەم ھەر خىل خىياللارغا مۇپتىلا بۇلىدىكەن، توۋا دەيمەن، مەن بەزىدە مۇشۇ ئېرىمنى بىرەر ئاشنا تۇتىۋالسىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن،.....ھە! جىم تۇرۇڭ! ساراڭمۇ سەن، دەپ ھەممە دوستلىرىم سىزدەكلا چىراينى پۈرۈشتۇرۇپ، «قېنى ياقام، توۋا، ھەي كاللاڭدا سۈيىڭ بارمۇ؟ » دەپ، ھەيران قېلىشقان. ھەي... مىنىڭ ئويلاۋاتقىنىمنى بىلسە ئىدى كاشكى، مىنى توغرا چۈشەنگەن بۇلاتتى دەيمەن. دىمىسە دەرت بولغان، دىسە گەپ بولغان، شۇڭا تەپ تارتمايلا :« ھە، نوچى خۇتۇننىڭ ئېرى ئوينايدۇ، مېنىڭمۇ ئېۋۇ نوچى خۇتۇنلاردىن بىر يېرىم كام بولمىغاندىكىن، ئوينىسا ئوينىمامدۇ، نەگە بارالايتى ئويناپ ،يەنە مۇشۇ ئۆيگە مىيوۋ مۈشۈكتەك يېنىپ كىرىدۇ-دە » دەپ چالۋاقاپ قويغىنىم بىلەن، ئېرىم بۇ ياخشى كوڭلىمدىن بەك تەسىرلىنىپ كىتىپ: « <مۈشۈكۈم گۆش يىمەيدۇ،گۆش يىسە بوش يىمەيدۇ > دىگەندەك ئوبدانلا ئويناپ قۇيارمۇ-يە؟ۋاي خۇدايىم» دەپ ... بۇنداق خىيالىنى قىلىپلا يەنە قورقۇپ كېتىمەن. شۇ زامان بىلگەن ئايەتلەرنى تېز-تېز ئوقۇپ، ئاللادىن ئېرىمغا ئىنساپ تىلەپ، ئاندىن ئارام تاپىمەن.
        مۇشۇ ھاراق ئىچمىگەن، تاماكا چەكمىگەن ئەر كىشى دىگەن يا سىرتتا 4 ~ 5 تال ئاغىينىسى يوق، ھەممە ئىشلانى زىل - زىۋىرلايدىغان بۇلىدىكەن.مەن بۈگۈن بىر دەردىمنى تۈكۈۋالاي:ئېرىمنىڭ تەققى - تۇرقى كېلىشكەن. ئېگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ يىگىت، تۇرمۇشى بەك تەرتىپلىك، ۋاقىت قارشى ياخشى، شۇڭا ۋاقىت قارشى سۇسلاپ كەتكەن، ۋەدىسدە تۇرمايدىغان ئادەملەنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىشتىنمۇ كېلىدۇ - دە، ئالدىراپ ئۆيگە كېلىپ ئىشىككە مىقتەك تىكىلىپ تۇرىدۇ، مەن ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن يۈرىگى جايىغا چۈشەمدىكىن، ئاندىن ئىتىدىغان تامىقىمنى دەپ بېرىپ پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تېلۋزۇر كورىدۇ، تاماقنى ئىتىپ ئالدىغا ئەكەلسەم، يەپلا قاچىسنى جايىغا قۇيىدۇ. يەنە كىلىپ ئۆيدىكى يوقلىما ئىنتايىن ئېغىر. ئىشتىن سەل -پەل كىيىن قالدىممۇ، بولدى ، سۇئال سوراق باشلىندۇ. ئىشەنمەمدىكىن دىسە « ئاللا سىزدەك ئېتقادلىق تىرىشچان ئايالنى ماڭىلا ئۇچراشتۇرغان » دەپ خوشمۇ بوپ قۇيىدۇ بولمىسا، ھەي خۇدايىم، ياسىنىشىمغا، گىرىم قىلىشىمغا، بىر كىيىمنى 3 كۈندىن كەم كىيىشىمگە رۇخسەت يوق، بەك خوش بوپ كەتسەم چۇقۇم بىرەر ئەر خىزمەتدىشىم چاخچاق قىلدى، شۇڭا خوشالىقىمدا ھېجاراپ قالارمىشمەن. خاپىراق كۆرۈنسەمغۇ ئىش بار « سىز مىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قاپسىز؟ ئۆيدە چىرايىڭىز ئېچىلمايدۇ؟ » « بولدى،تويلارغا بارماڭ ، ھازىرقى تويلارنىڭ مەقسىتى ئادىمگەرچىلىك ئەمەس، پۇل يىغىش، ئۇنىڭدىن كىرىپ كىتابىڭىزنى ئۇقۇپ ئەسىرىڭىزنى يېزىڭە ،بىزمۇ ئوغلىمىزنىڭ سۈننىتىنى قىلساق، تۇيىنى قىلىپ خەقنى كايىتىپ يۈرمەيمىز، »...« ھەي، ئاۋۇ دوستىڭىزنىڭ ئۆيى يوقمۇ ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتىدە 3 كەلدى » ...بۇنداق گەپلە ساماندەك. شۇڭا دوستلىرىم بىرەر يەرگە باردىغان ئىش بولسا :« بولدى ماۋۇ بىچارە مەھبۇسنى قىينىمايلى، ئۇ زىندانىدىن قىمىرلىيالمايدۇ ...» دەپ زىتىمغا تىگىدۇ.  
          بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇشۇ ئېرىممۇ بىرەر ئاشنا تۇتۇۋالغان بولسا، مەن سەل ئەركىن بۇلۇپ قالارمىدىم-يە؟. ئۇرمىغاندىكىن، تىللىمىغاندىكىن، ھاراق تاماكىدا بولمىغانكىن،دەرت تارتتىم، بەك چارچىدىم دىسەممۇ بەلكىم باشقىلارغا بۇ دەرت ئەمەستەك، مەن ئارتۇق ئويلاپ كەتكەندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەن راست گەپ قىلسام راستلا بەك   چارچىدىم. بەزىدە مەن ماشىنا ئادەممۇ-يە،دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.. ھەي ئاشنا قىزلار! خەقنىڭلا ئېرىنى ئازدۇرۇپ يۈرمەي ماۋۇ ئېرىمنىمۇ بىر بىرەر ئاي ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلسەڭلار بۇلامدىكىن، پۈتۈن چىقىمى مانا ئۆزۈمدىن. مەن بىرەر ئاي بولسىمۇ ھودۇقۇپ، جىددىلەشمەي، ئىشتىن چۈشۈپ ئىۋۇ دوستلىرىمنىڭ ئۆيدە بىرەر يېرم دەم پاراڭلىشىپ،ھال-مۇڭ بولۇشۇپ،كەچ قالماي ئۆينى تېپىپ، ئۆزۈمنىڭ خالىغان تامىقىمنىمۇ ئىتىپ يەپ، بالام بىلەن بىرەر كۈن بىللە سىرىتلاردا ئايلىنىپ ... ئانامنىڭ ئۆيىگە شامالدەك بېرىپ بوراندەك كەلمەي ......ئىش قىلىپ بىر ئاي دەم ئېلىۋالاي،ئۆزەمنىڭ ئۆيى بولغانكىن تۈگىمەس ئۇششاق-چۈششەك بۇيرۇقلاردىن خالى ئازادىرەك ياشاپ باقاي دەيمەن! قېنى بۇ ئاشىنا قىزلار... ئەمما ساياھات تۈگىگەندە ئەكىلىپ قۇيسىلەر جۇمۇ. بۇ ساياھەتكە ئېرىمنى كۆندۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس تېخى
...

            ھورمەتلىك ئۇقۇرمەنلەر،يۇقۇرقىلار، مەن جەمىيەتتە ئۇچراتقان ئىشلار ،ئىلمى مۇنازىرە قىلايلى، ئاخىرىدا سىلەرگە بۇ ئائىلە توغرىسىدا يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرىمەن. سىلەر ھەممە ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى دەپلا ئويلامسىلەر-يە؟
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:08 | [باش تېما]
watson

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:5(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-17
ئاخىرقى:2007-12-03

نىمە دىگۈلۈك سىزنىڭ دەردىڭىزگە....................................
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:12 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 1 .قەۋەت
qinmodan
ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى

مەزھەپ:چىن مودەن چىن مودەن
بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1042
شۆھرەت: 1106 نۇمۇر
پۇل: 9541 سوم
تۆھپە: 98 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1072(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-09-01
ئاخىرقى:2008-03-13

بۇ فىليەتۇننى ئوقۇسا قارىماققا ئەخمەقلىقتەك، كۇلكىلىكتەك تەسىرات بەرسىمۇ. ئەمىلىيەتتە ئويلانسىڭىز بۇ رىئال تۇرمۇشتا ئاياللارنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن سۈرەتلەپ، ئەرلەردىن ئاياللارنى چۈشىنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يارقىن يورۇتۇپ بېرىپتۇ...ئەمىلىيەتتە قايسى ئايال ئۆز يولدىشىنىڭ سىرىتقا قاراپ قىلىشىنى خالايدۇ دەيسىز!..ئەرلەر ئەمىلىيەتچانراق بىلەن بۇ تېمىغا باھا بېرەيلى!
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:14 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 2 .قەۋەت
JIN-QIRAK

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 19
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-18
ئاخىرقى:2008-03-09

ھەجەپ قىززىق يىزىلىپتۇ..ئەگەر جاھان راستىنلا مۇشۇنداق بوپ قالدىغان بولسا ئىشنىڭ چوڭى شۇ دە..ھەي...ھەي..
[ بۇ يازما JIN-QIRAK تەرپىدىن 2007-11-18 18:31 دە قا ]
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:16 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 3 .قەۋەت
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 4529
شۆھرەت: 4826 نۇمۇر
پۇل: 28670 سوم
تۆھپە: 416 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:798(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-11-17
ئاخىرقى:2008-03-14

ۋاي،تېخى مۇشۇنداقمۇ ياخشى ئاياللار بارمىكەن جاھاندا؟پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگلەمدۇ ئەمدى.ھا...ھا...ھا... چاقچاق قىلىپ قويدۇم.بۇ تۇرمۇشتىكى ئەرلەرنىڭ زومىگەرلىكىدىن زىرىككەن ئايالنىڭ تەسەۋۇرى ئىكەنغۇ.لېكىن بۇ تەسەۋۇرلار ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن.بۇ ئەسەر كۈلكىلىك لىكىن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن.
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 4 .قەۋەت
firkat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى

مەزھەپ:شەبنەم مۇنبىرى شەبنەم مۇنبىرى
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1664
شۆھرەت: 1927 نۇمۇر
پۇل: 7823 سوم
تۆھپە: 212 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1819(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-08-15
ئاخىرقى:2008-03-14

ھا ھا ھا .... قىززىق، ئوي - پىكىرىڭىز راستلا ئاجايىپ جۇمۇ. بۇ ئەسەرمۇ مۇۋاپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ. ئوقۇغان ئادەمنى ئاچچىق كۈلكە ۋە چوڭقۇر ئوي پىكىلەر ئارسىغا باشلاپ كىرىدىكەن، يانىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىڭىزغا تامامەن ئىشىنىمەن ھەدە، ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولسۇن.


تىنىمسىز ئىشلەش سەنئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 5 .قەۋەت
ihtiram

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 45
شۆھرەت: 46 نۇمۇر
پۇل: 340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-06-28
ئاخىرقى:2008-03-03

ھا ،ھا ھا تولۇمۇ قىززىق ئىكەنسىز.توخو يىگەن ئىتنىڭ خۇيىنى تاشلىغىنى نەدە بار. لىكىن تولۇمۇ بىچارە ئىكەنسىز.
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:18 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 6 .قەۋەت
YuKuTuX

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 201
شۆھرەت: 202 نۇمۇر
پۇل: 1860 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:62(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-03-05
ئاخىرقى:2008-01-20

سىزنىڭ دەردىڭىز ئاجايىپكەن ... توۋا باشقا خوتۇن خەقلەر ئېرىنى كۈنلىسە   سىز ..   ئىشقىلىپ تۇرمۇش سىزنى بىر كۈنلەدە ئاجايىپ بىزار قىلۋىتىدۇ ...         ئۇ چاغدا سىز پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ ... شۇڭا سىز ئېرىڭىزنى چىڭ باشقۇرۇڭ   بالاڭلار باركەن ئەمەسمۇ ....
لا الە الە ،، اللە اكبر.
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:24 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 7 .قەۋەت
mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1155
شۆھرەت: 1275 نۇمۇر
پۇل: 11620 سوم
تۆھپە: 172 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:522(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-10-12
ئاخىرقى:2008-03-12

دوستۇم ، سىزنىڭ ئاجايىپ باي تەسەۋۋۇرىڭىزغا ، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ئىلھام ئالالايدىغان ھەم قاملاشتۇرۇپ يازالايدىغان قەلىمىڭىزگە ھەيرانمەن .سىزگە ئەڭ زور خوشاللىقلار يار بولغاي .
شىنجاڭ ئۇچۇر تورى
بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:25 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 8 .قەۋەت
N√TM~☆

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-13
ئاخىرقى:2007-11-17

پەلەك   يەنە شۇ پەلەكنىڭ گېپى باشقا گەپ   يوقمۇ      
      بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى بىۋاپا دە زادى نېمە دېگۈلۈك   ھەي !!
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:38 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 9 .قەۋەت
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2522
شۆھرەت: 2594 نۇمۇر
پۇل: 16297 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:616(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-02-12
ئاخىرقى:2008-03-07

نىمانداق ئوبدان خوتۇنسىز !!!!!!!!!!     چاقچاق قىلىپ قويدۇم !!!!!!!!!!! ھې ھې ھې ھې   ھې ھې ........
مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:39 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 10 .قەۋەت
musallas
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1314
شۆھرەت: 1654 نۇمۇر
پۇل: 6980 سوم
تۆھپە: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1211(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-07-24
ئاخىرقى:2008-03-13

ھا ھا ھا قىزىقكەنسىز .......... بىر قىسىم ئاياللار ئېرىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يۇرسە ،سىز نىڭ نىمە دىگىنىڭىز بۇ ....... كىتىپلا قالسا ئەكەلمەك تەس جۇمۇ..... ئەرلەرنى زاۋۇتتا ياسىتىۋالغىلى بولمايدۇ ..... تەساۋۇرغا باي ئىكەنسىز ، نىمە ئامال ،   بۇنداق خىياللارنى قىلماڭ ...... سىزگە بەخىت يار بولسۇن ......
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:41 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 11 .قەۋەت
tulpar1966

بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 38
شۆھرەت: 39 نۇمۇر
پۇل: 380 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-11-18
ئاخىرقى:2008-03-14

سىز گە بەخىت تىلەيمەن ، بولسا سىز ئاشۇ ئېرىڭىز بىلەن تېخىمۇ ئوبدان مۇڭدۇشۇڭ ، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈڭ شۇ چاغدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يۇلىنى ئۆزىڭىز تاپالايسىز ، سىزگە ئامەت يار بولغاي
ohxax.cn
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:48 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 12 .قەۋەت
DILALA

بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: شەبنەم ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 107
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
پۇل: 966 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:73(سائەت)
تىزىملاتقان :2006-06-27
ئاخىرقى:2008-03-13

Re:<گۈل-سەنەم> ئاشنا قىزلار ...

ھەي گۈل-سەنەم، بۇ تېمىنى ئوقۇپ بۇرۇنقى يىگىتىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ مىجەزى سىزنىڭ ئېرىڭىزنىڭكىگە ئوخشايتتى. تېخى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئاشۇرىۋىتىدۇ ! سىلەرغۇ توي قىلىپ ئۆيلۈك بولۇپسىلەر ، مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىسام، يا بىر مېنىڭ بۆشۈكۈمنى تەۋىتىپ قويغاندەك، مېنى ھەممە ئىشلاردا توساپ تۇراتتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئۆزۈمچە «توغرا دەيدۇ، ھازىر جەمئىيەت قالايمىقان، مىنىڭ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچراپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مېنى شۇنداق چىڭ تۇتىدۇ» دەپ ئويلاپ توغرا چۈشىنىپتىمەن. نىمە دېسە ماقۇل دەپ، بارمايسىز دېگەن يەرگە بارماي، ئارلاشماڭ دېگەنلەردىن ئالاقەمنى ئۈزۈپتىمەن. ئەمما ئەمدى ئويلىسام، ئەخمەخلىق قىپتىمەن، ئۇ مېنى ئۆيدىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشەتتى. قاچانلا بولسا، نېمىلا قىلسام كۆزۈمگە كىرىۋالىدىغان. بىز كېيىن ئايرىلىپ كەتتۇق. ھازىر ئويلىسام ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىپ، يىپيىنىكلا بولۇپ قالدىم. گەرچە 2.14 دېگەندەك بايرام خاتىرە كۈنلىرىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلساممۇ لېكىن ئەركىن بولۇپ قالغىنىمغا خوشمەن. سىزگە دىسەم ئۇنداق ئادەملەر سىزنى بۇرۇقتۇم قىلىپ قويىدۇ.
تىرىشقان تاپار~~~~
يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:52 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 13 .قەۋەت
molla pok-pok
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

مەزھەپ:شەبنەم تورى شەبنەم تورى
بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: شەبنەم باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1171
شۆھرەت: 1266 نۇمۇر
پۇل: 35360 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:961(سائەت)
تىزىملاتقان :2007-05-07
ئاخىرقى:2008-03-14

بىزلەر تېما يوللىساق بىرەر باشقۇرغۇچىمىز ھا ، شا   دېمەيدىكەن باشقۇرغۇچىلار تېما يوللىسا ھەممىسى ھەي............................،
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • شۆھرەت:5(arkhon)
  • ohxax.cn




    دۇنيادىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ـــــــ ئاتا - ئاناڭ !!!
    يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-18 18:54 | بۇ قەۋەتكە ئىنكاس => 14 .قەۋەت
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )


     

    Time now is:03-14 15:25, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2008-01 Uypw.cn Corporation