Juda
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
2
يازما سانى: 254
شۆھرەت: 295 نۇمۇر
پۇل: 1278 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:116(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-04
|
ئىملا خاتالىقى ۋە مۇنبەردىكى ئىللەتلەر
ئەسسالام شەبنەم مۇنبەر ئەھلى ! مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنى ئوقۇۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۆزۈمچە :< بەزى ئىملالارغا ھەجەپ دېققەت قىلماپتىمىز ، بىرەر ھەرپ خاتا كەتسە سۆزنىڭ مەنىسى ھەجەپ ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن ؟> دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم . قايسى كۈنى مۇنبىرىمىزنىڭ مەلۇم ئەزاسى يوللىغان <ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ> ناملىق تېمىدىكى تالاش-تارتىشمۇ دەل شۇ ئىملا خاتالىقىدىن كېلىپ چىقىپتۇ . بىر ئىنكاستا <بىز كوچا قىزلىرى ئەمەس ،ئەركىلەپ تۇرىدىغان> دېگەن سۆز <بىز كۇچا قىزلىرى ئەمەس ،ئەركىلەپ تۇرىدىغان> ... دەپ يېزىلىپ قالغان سەۋەپلىك بۇرمۇنچە دەتالاشلار چىقىپتۇ . بۇغۇ ئاددىغىنە مىسال ، شېئىرلار كۆزنىكىنى ئارلاۋېتىپمۇ نۇرغۇن شۇنداق خاتالىقلارنى ئۇچراتتىم . مەسلەن شېئىرلاردىكى <كۆزدىن ئاققان ياش><كوزدىن ئاققان ياش > دەپ ،<سۆيىمەن سېنى> <سويىمەن سېنى> دەپ ، <قويدى><قۇيدى>...دېگەندەك بىر قاتار خاتالىق ھەم شۇ بىر نەچچە ھەرپ تۈپەيلى يازمىنىڭ ھەممە مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىۋاتىدۇ . مۇشۇلارنى يېزىۋېتىپ كونا مۇنبەردە مۇسەللەس ئەپەندىم بىر قېتىم يوللىغان ئىملا خاتالىقى توغرىسىدىكى ئاچچىق كىنايىلىك تېما يادىمغا كېلىپ قالدى ، بۇ تېما تۆۋەندىكىچە :
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯧﻼﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ-ﻛﯚﭖ ﭘﯘﻝ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺘﯩﻤﯘ؟ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻳﯩﺰﯨﭗ ﻛﻮﭼﺎ-ﻛﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﭘﺘﯘ.ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯧﻼﻥ ﻳﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﭘﺘﯘ.ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺳﻪ، ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻧﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﻼ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ.ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻮﺭﯨﮕﯩﻨﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ!
ﺋﯧﻼﻥ
ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﭘﻮﻗﺘﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﭘﻮﻗﺘﺎ.ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﻮﻛﻰ ، ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﺩﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻫﺎﻝ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯘﻱ ﺑﺎﺭ.ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺳﯩﺰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﺷﯘ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺸﻰ،ﺩﻭﺳﻼﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺸﻰ،ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﭼﺎﻱ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻼﺭﻧﻰ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻱ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﺪﯨﻼ ﺑﻪﻫﻮﺯﯗﺭ ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ. ﭘﻮﻗﺘﺎ ﺳﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻳﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﻫﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 500ﻛﻮﯞﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﻣﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮔﯜﻟﻠﯜﻙ ﺑﺎﻏﭽﺎ ﺑﺎﺭ. ﺑﺎﻏﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ .ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻼﺭ ﭘﯘﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﺮ ﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯩﻨﺎﻳﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺳﻮﺕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﭖ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺴﺎ ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺳﻮﺗﭽﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.ﺳﻮﺗﭽﻰ ﺳﻮﺕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻫﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺳﻮﺕ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ 15%ﺋﺎﺭﺯﺍﻥ. ﻛﻪﯓ ﺧﯩﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ!ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ. ﺑﺎﻫﺎﻧﻰ ﻳﯜﺯﺗﯘﺭﺍﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ!!
xxﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
تورداشلار يۇقىردىكى مۇسەللەس ئەپەندىمنىڭ كونا مۇنبەردىكى تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ، بەلكىم مەن دېمەكچى بولغان ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا مۇنبەر ئەزالىرىغا دەيدىغىنىمىز ، مەيلى شېئىر يازايلى ، مەيلى نەسىر ،ئوبزور ، ئىنكاس يازايلى ، ئىملا خاتالىقىنى تۈگۈتۈشكە تىرىشايلى ! كىچىككىنە ئىملا خاتالىقى نۇرغۇن بىز ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى بۇزۇپ تاشلايدۇ ۋە بىز دىمەكچى بولغان سۆزنى تەتۈر ئىپادىلەپ قويىدۇ . بۇ يەردە بەزى ئىنچىكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ كومپىيۇتېر تاختىسىدا بېسىلىشى بېرىلدى ! ئو - o ، ئۇ - u ، ئۆ - shft+k ، ئۈ - v ئاساسەن مۇشۇ ھەرىپلەردە سەل خاتالىشىپ قالىدىكەنمىز ! كەڭ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھەر بىر تېما يوللىغاندا ئۆزىدىن باشلاپ ، ئاندىن باشقا قېرىنداشلارنى يېتەكلەپ ، ئۆز يېزىقىمىزنىڭ ساغلام ، توسالغۇسىز تەرەققىي قىلىشىغا ۋە يېزىقىمىزنىڭ مۇنبەردە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رولىنى ئوينىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

______جۇدا 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
|
گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نېمە پايدا !؟
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-01-19 13:36 |
| |