ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ........(3)
بىرىنجى بۆلەك ئادرېسى :
./read.php?tid-29712.html
ئىككىنجى بۆلەك ئادرېسى :
./read.php?tid-29888.html
نەزەر بىلەن باقاي........جۇمەنىڭ خۇتبىسى ئوقۇپ بولۇندى.مەن دۇئاغا قول كۆتۇردۈم.ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانام ،ئۇرۇق -تۇققان،دوست -بۇرادەرلىرىمنىڭ ئامانلىقى ۋە ئىمانى ئۈچۈن، بىلىپ بىلمەي سادىر قىلغان گۇناھلىرىمنى تىلەش ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. يەنە بىر ئادەم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىشىم كېرەك ئىدى،ئەمما بۇ دۇئانىڭ ئاغزىمدىن چىقىشىغا بۇنچىۋالا غەيرەت كېتىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. . . . . .
- ئەي ئۇلۇغ ئاللا ! ئۇنىڭغا ياخشى ئەر ،بەختلىك ئائىلە ئاتا قىلغىن ، ئۇنىڭ چېھرىدىن مەڭگۈ بەختنىڭ نۇرى ئۆچمىسۇن، ئۇ خۇشاللىق ئۈچۈن يىغلىسا يىغلىسۇنكى، ھەرگىزمۇ ھەسرەت-نادامەت ئۈچۈن يىغلىمىسۇن، ئۇنى ياماننىڭ كۆزىدىن ، پىتنىخورنىڭ سۆزىدىن ساقلىغىن. . . . . . .،__ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم، ئىنسانلارغا تۇغما بولغان بىر خىل شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسى مېنى توختىتىپ قويدى، تەكشى ئېچىلغان ئالقانلىرىم بوشلۇقتا دۇئاغا ئېسىلىپ تۇرماقتا، مەن بولسام خۇددى مۇشۇ دۇئادىن كېيىنلا ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك دۇئانىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمەي تۇرماقتىمەن. . . . . .ئېچىمدىن ۋولقاندەك بىر ئوتلۇق ئېقىم شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىپ بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى، بۇ ئېقىم كۆزلىرىمدىن ئېتىلىپ چىكىتىدىغاندەكلا تۇراتتى. . . . .. چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، ياق مەن خاتا ئويلىغانىدىم،بۇ دۇئادىن كېيىن ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرگە ئېرىشىشىم مۇمكىن، چۈنكى مېھرىبان ئاللا بەندىلىرىنىڭ چىن دىلىدىن قىلغان دۇئالىرىنى ئىجاۋەت قىلىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت تىلەش دەل ئۇنى سۆيگەنلىكىم ئۇچۈن ئەمەسمۇ......
__ ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭ بەختىگە دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭدىن يامان كۈنلەرنى يىراق قىلغىن....ئامىن!
يەلكەمدىن بىر تاغنى غۇلىتىۋەتكەندەك يېنىك بولۇپ قالدىم، ئەمما قەلبىمىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ئاجايىپ بىر خىل قىيالماسلىق ھېسياتى يەنىلا سۇس يېلىنجاپ تۇراتتى، بۇ ھېسيات يەنە لاۋۇلدامدۇ-يوق؟! بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. . . . .
ئۇنىڭ دەرس توختىتىدىغىنىغا ئاز كۈنلەر قالدى، بۇندىن كېيىن ئۇ بىراۋنىڭ مەڭگۈلۈك جۈپتى بولىدۇ،ئۇنىڭ مۇھەببىتى ، ۋۇجۇدى، كۈلكىلىرى، ناز - كەرەشمىلىرى ماڭا يات بولغان بىراۋغا تەئەللۇق بولىدۇ ، مەن بەلكىم ئەمدى ئۇنى بۇندىن كېيىنكى ئۆمرۇمدە ئۇچرىتالماسلىقىم مۇمكىن.مەن بۇ كۈنلەرنى خۇددى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۆتكۈزمەكتىمەن، خۇددى ئۇنىڭ تويى بولغان كۈنى جازا ئىجرا بولىدىغان كۈندەك.بەلكىم ئۇنىڭ تويىدىن كېيىن بارا-بارا ئوڭشىلىپ قالارمەن.مەن ئۇنى نېمە ئۈچۈن ياخشى كۆرۈپ قالغانمەن؟!
ئەگەر ئۇنىڭ مىجەزى قوپال،كۇرسانتلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان بولسا
ئەگەر ئۇنىڭ چىرايىدىن دائىملا مۇز يېغىپ تۇرغان بولسا
ئەگەر ئۇ چىرايىغا ئىشىنىپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ يۇرگەن بولسا
ئەگەر ئۇ دەرس ۋاقتىدا سورىغان سۇئاللىرىمغا قىسقا ۋە سوغۇقلا جاۋاپ بەرگەن بولسا
ئەگەر ئۇ كۈندە سىنىپقا قاپىقىنى تۇرۇپلا كىرگەن بولسا
ئەگەر ئۇ يوللاردا سالىمىمنى ئىلىك ئالمايلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا
ئەگەر ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى سۆيمىگەن بولسا
ئەگەر ئۇ ئۆز يارىغا سادىق بولمىغان بولسا
ئەگەر ئۇ شاللاق ئەخلاقى ناچار بولسا
ئەڭ مۇھىمى ئەگەر مەن ئىككىلا قېتىمدا قېرىشقاندەك ئۇنىڭ سىنىپىغا كىرىپ قالمىغان بولسام بەلكىم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولاتتىم.خەير ، بۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغان ئىشلار .
يېقىندىن بېرى مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن كۆڭلۈمنىڭ پەقەتلا ئارامى يوق، بۇ ئىشلار ئاز كەلگەندەك ماشىنامنى سوقۇۋالدىم، خۇداغا مىڭ شۇكرى! ماڭا ھېچنىمە بولمىدى.سوداممۇ تازا ئالدىغا ماڭمايۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقتۇر.پەقەت شەبنەمگە كىرىش ماڭا سەل ئارام بېرىدۇ. خەير،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، مېنىڭمۇ ۋىسال تاپىدىغان كۈنلىرىم بولار.....مەن يەنىلا تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ئۈمۈدلىك
تامام
گۈل-سەنەم تەستىقى