>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر -> ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ.....

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1130 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ..... IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ANSIZ



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ.....




ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ



سالام تورداشلار!
مەن ئىلگىرى ئۇغۇللارنىڭ دەرت تۆكىشىنى نومۇسلۇق ئىش قارايتتىم، شۇڭا ئىلگىرى كۆڭلۈم ھەرقانچە يېرىم بولسىمۇ ،ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېشىمدا كۈلۈپ ئىچىمدە ھازا ئاچاتتىم ،بىرەر ئىنسانغا چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمەيتتىم بارلىق دەرتلىرىمنى پەقەت كۈندىلىك خاتىرەمگە تۆكەتتىم.ئەمما بۇ قېتىم ......... نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەمنىڭ يۇرىكى گۆش ئەمەسمۇ، ئەمما بۇ قېتىم چىدىماي قالدىم ،شۇڭا سىلەرنىڭ قانداقلا ئويلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر ئىككى ئېغىز دەردىمنى تۆكۈۋالاي ،بەلكىم ئازراق يېنىكلەپ قالارمەن...
<< .....ئۇ دەرسنى تولىمۇ ياخشى ئۆتەتتى،ھەربىر خام سۆزلەرنى ،تېكىستنى تولىمۇ چۈشىنىشلىك سۆزلەيتتى،مېنىڭچە ئۇ ياش بولغىنى بىلەن مۇشۇ چەتئەل تىلى مەكتىپىدىكى ئەڭ ياخشى چەتئەل تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.ئۇ دەرس سۆزلىگەندە مەن ئۇنىڭ ئېۋەنسىز گۈل يۇزلىرىگە تويماي قارايتتىم،ئۇنىڭ< چۈشەندىڭلارمۇ ؟ > دەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەبەسسۇم بىلەن بېقىشىدىن قىزغىناتتىم. توغرا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم، تولىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم.
    بۇگۈنمۇ ئۇ ھەركۈن كەچتىكىگە ئوخشاش دەرس ئۆتىۋاتاتتى. بۇگۈن ئۇ تولىمۇ خۇشال ،روھلۇق كۆرىنەتتى .يېڭى دەرسنىڭ تېكىستى سۆزلىنىپ بولغاندا ئۇ كىتابىنى يېپىپ بىزگە بىرەر گېپى باردەك تىكىلدى.بۇ سىنىپتا چوڭى قىرىق ياشتىن كىچىكى ئون سەككىز ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇراتتۇق.ئۇ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋېلىپ :
  - مەن سىلەرگە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچىلا دەرس ئۆتىدىغان بولدۇم،ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئالمىشىدۇ،- دېۋىدى،يۇرىگىم ئەنسىز بىر سېزىمدىن ئېغىپ كەتتى.<بىر ئوبدان دەرس ئۆتىۋاتقان ئادەم نېمىشقا ئالمىشدۇ؟،ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا ؟دەپ سوراپ ئۈلگۈرگەنىدى.ئۇ تەبەسسۇم بىلەن قىزىرىپ يەرگە قارىدى.يۇرىكىم يەنە بىر قېتىم ئەنسىز دۇپۇرلىدى،چۈنكى بۇ دەرتمەن يۇرىكىم مېنىڭ نېرۋىلىرىمدىن بۇرۇن قانداقتۇر بىر شۇم خەۋەرنى سېزىپ بولغانىدى.تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ :
  - مۇئەللىمنىڭ كېلەركى ئايدا تويى بولىدىكەن.....-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. يۇرىكىم نەچچە سېكۇنت توختاپ قالغاندەك بولدى.بۇ يالغان دەپ ئۇ قىزنىڭ چىرايىغا قارىدىم،ئۇنىڭ چېھرىدىكى بەخت ۋە رازىمەنلىك تەبەسسۇمى بۇنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.ئاچچىق بىر سېزىم يۇرىگىمگە نەشتەردەك سانجىلدى بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك زۇۋانىمنى چىقىرالماي قالدىم...... >>
    مەن ئۇنى ئەڭ ئاۋۋال كەچلىك كۇرسقا چەتئەل تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن بارغاندا ئۇچراتقانىدىم ،چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى. راستىمنى ئېتسام ئۇ تۇنجى قېتىمدىلا دېققىتىمنى تارتقانىدى. شۇندىن كېيىن بۇ قىزنىڭ قولىدا ئۇچ ئاي چەتئەل تىلى ئۆگەندىم. بۇ جەرياندا بىز ئاددى تونۇشلاردىن بولۇپ قالدۇق.ئارىدىن يەنە نەچچە ئاي ئۆتتى گەرچە مەن كەچلىك كۇرسقا بېرىشنى توختاتقان بولساممۇ ئۇ قىز دائىم خىيالىمدا بولاتتى.كېيىن مەن چەتئەل تىلىنى تېخىمۇ تولۇق ئۆگۈنۈش ئۈچۈن يەنە شۇ كەچلىك كۇرسقا باردىم ،تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن يەنە شۇ قىزنىڭ قولىدا ئوقۇدۇم. بۇ قېتىم ئۇ قىزنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،ھەتتا بەزىدە دەرستىن چۈشكەنلەردە بەش-ئون مىنۇت پاراڭلىشىپمۇ قالاتتۇق.ئۇ ھەربىر كۇرسانتقا تولىمۇ دوستانەمۇئامىلەقىلاتتى.ئۇ بارا-بارا مەندەك بىر ئۆمرىدە بىرەر قىز بىلەن ئارىلىشىپمۇ باقمىغان بويتاقنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى.ئۇنى ھەرتەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن مۇكەممەل قىز دېيىشكە بولاتتى(مەن ھازىرغىچە شۇنداق ئويلايمەن) مەن دەسلەپتە ئۇنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىدىن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەنىدىم،ئەمدى ئويلىسام بۇ قاپاق كاللام خاتا ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.بەلكىم باشتىلا توغرا ھۆكۈم چىقارغان بولسام بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم.مانا ئەمدى ئۇ توي قىلىدىغان بوپتۇ.نېمىدىگەن دەھشەت خەۋەر بۇ ھە! بەلكىم ئۇ مەندەك بىر ئەخمەقنىڭ ئۆزىگە كۆيۈپ پىشىپ يۇرگەنلىكىنى زىنھار بىلمەسلىكى مۇمكىن.بىلسىمۇ بەرىبىر نەتىجىسى ئوخشاش بولاركەن.
  بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن بېرى خامۇشلا يۇرۇيدىغان بولۇپ قالدىم، ئىلگىرى بىردىنبىر خۇشاللىقىم كەچلىك كۇرسقا بېرىپ ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئىدى.ئەمدى بۇمۇ يوق بولدى،كۈندە ئېغىر بىر تاش يەلكەمنى بېسىپ تۇرغاندەكلا.كۆڭلۈم بەكمۇ پاراكەندە.كۆزۈمنى يۇمساملا شۇ قىزنىڭ ئايدەك يۇزى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ يۇرىكىمىنى قۇرت يېگەندەك ئازاپلىنىپ كېتىمەن.كەچلىرى يا ئۇيقۇ يوق.ئۇ بەلكىم ھازىر بوغۇزى ئېرى بىلەن تويى ،يېڭى ئۆيى توغرىلىق،كەلگۈسى توغرىلىق قىزغىن ھەم تاتلىق پاراڭلىشىۋاتقاندۇ؟!بۇلارنى ئويلىسام ئىچىم ئېچىشىپ كېتىدۇ.مەن بولسام مېنى تۇزۈكمۇ تونىمايدىغان بىر قىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرىمەن!نېمىدىگەن تەڭسىزلىك بۇ ھە!
  ئۇف! دەيدىغاننى دەۋېلىپ سەل يېنىكلەپ قالغاندەك تۇرامدىم نېمە؟!سىلەر مەندەك بىر ئەخمەقنىڭ بۇ ئىشىغا قانداق قارايسىلەر؟!مەن سەل كالۋامۇ قانداق ؟مەيلى قانداقلا بولسۇن ھەممىڭلارغا بەخت تىلەيمەن! ئىلاھىم سۆيگەن يارىڭلار بىلەن بالدۇرراق ۋىسال شارابىنى ئىچكەيسىلەر !


__ فىرقەت تەستىقلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 03:54 چوققىغا قايتىش
تۆرة



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 31
شۆھرەت: 32 نۇمۇر
پۇل: 310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:7(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزگە ھەقىقەتەنمۇ ھىسداشلىق قىلىمەن. لىكىن سىز بىر يىلدىن كىيىن مۇشۇ يازمىڭىزنى ئۇقۇسىڭىز بەلكىم خىجىل بۇلۇپ قالىسىزغۇ دەيمەن. سىز ئۇنى «ئۈزىڭىز ياخشى كۈردىغان ئادەم» دەپ ئويلىماي، ئەڭ ياخشىسى «ئۈزىڭىزگە ئەڭ تەسىر قالدۇرغان ئۇقۇتقۇچى» دەپ ئويلاڭ. ئادەتتە ئۇقۇغۇچىسىنىڭ ئۇقۇتقۇچىسىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشى بۇ كۈرۈلۈپ تۇردىغان ئىش. ۋاقىتىنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ بۇخىل ھىسىيات بارا بارا ھۆرمەتكە ئايلىنىپ قالدۇ. چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇقۇتقۇچى . مەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقان.

ulinix
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 10:14 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 915
شۆھرەت: 950 نۇمۇر
پۇل: 10849 سوم
تۆھپە: 108 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:443(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم قېرىندىشىم...!
سىزگە دىسەم تۇنجى ياخشى كۆرۈش مانا مۇشۇنداق ئازاپلىق بولىدىكەن . سىزگە ھازىر پەقەت شۇنىلا دىيەلەيمەنكى بەختىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا . ئىككىمىزنىڭ بەزى تەرەپلىرى ئوخشاپ كىتىدىكەن . تېمىنى ئوقىۋىتىپ ئۇنىڭدىكى باش پىرسۇناژنى ئۆزۈممىكىن دەپ قالدىم . قارىغاندا ئوقۇتقۇچىڭىز سىزدىن چوڭ ئوخشىمامدۇ ؟
ھەي...نىمە دىگىلى بولىدۇ بۇ يەردە بەرىبىر پۇرسەت كىتىپ بوپتۇ . پەقەت بۇ يەردە ئىچىنى بوشىتىۋالغىلىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن . كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ قېرىندىشىم . بەخىت تېخى ئالدىمىزدا ..






[ بۇ يازما ئىز تەرپىدىن 2007-11-04 15:26 دە قايتا تە ]




[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 10:20 چوققىغا قايتىش
qinmodan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 786
شۆھرەت: 815 نۇمۇر
پۇل: 6981 سوم
تۆھپە: 68 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:836(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆڭۈل بىر غەزىنە - بايلىغى سۆيگۈ،
سۆيگۈدۈر گۆھەردەك نازۇك بىر تۇيغۇ؛
سۆيگۈسىز كۆڭۈلنى دىگىچە كۆڭۈل،
ئېيىت ئۇنى بىر جاڭگال_ ئىچى قاراڭغۇ
.

سۆيگۈ ئىنسانلار ئۈچۈن تەبىئى، كەم بولسا بولمايدىغان ئىسىل تۇيغۇ!
بۇ ھىچكىمنىڭ خاتالىغى ئەمەس، ئۆزىنىڭىزنى ئەيىپلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق..شۇ پاك سۆيگۈڭىزنى دىلىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈپ، ھاياتلىققا ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قاراڭ! بەختىڭىز ئالدىڭىزدا....




[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 10:45 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 263
شۆھرەت: 264 نۇمۇر
پۇل: 2630 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:82(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئالدى بىلەن سىزگە ئەڭ يىقىملىق تەسەللىيىمنى سوۋغا قىلىمەن! سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ يۇشۇرۇن سۆيگۈڭىزنى يۈرىكىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىتىغا كۆمىۋېتىڭ ! ئاندىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ تۇرۇپ « ئۇ بەخىتلىك بولسىلا بولدى» دەڭ!

Nurluk elani

پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 11:31 چوققىغا قايتىش
firkat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1373
شۆھرەت: 1589 نۇمۇر
پۇل: 4893 سوم
تۆھپە: 80 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1292(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىلەمسىز؟ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا بەخىت بولماستىن، قارشى تەرپنىڭ بەختىنى، كۈلكىگە ۋە خاتىرجەملىككە تولغان ئەشۇ سىماسىنى كۆرۈشمۇ بىر بەخىت. دېمەكچىمەنكى سىز ئاۋال بەخىت دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ، ئىشىنىمەن سىز بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى تاتلىق كۈلەلەيسىز.....چۇنكى بۇ سۆيگۈ، بۇ تىلەك ناھايىتى پاك....ھەقىقەتەن پاك.....

ulinix


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 11:37 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 442
شۆھرەت: 463 نۇمۇر
پۇل: 4410 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:495(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


غەيرەتلىك بولۇڭ، ................................................................................................................

ulinix
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 12:15 چوققىغا قايتىش
atlas..

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 61
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئۇ قىزنى شۇنداق ياخشى كۇرگەن بۇلسىڭىز ،   ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ ... ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ، مەن پەقەت شۇنچىلىكلا دىيەلىدىم ، ئوغۇللار قىزلارغا قارىغاندا غەيرەتلىك كىلىدۇ، بۇ يەردە دەۋىلىپ ئىچىڭىز بوشاپ قالغان بولسا ئەمدى بۇ ئىشلارنى جىق ئويلاپ كەتمەڭ. بولغۇسى كەلگەن ئىش ھامان بولىدۇ،   غەيرەتلىك بولۇڭ.

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 12:17 چوققىغا قايتىش
asma22



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەرگىز ئازابلانماڭ،پەقەت ۋاقتىڭىزنى ئسراپ قىلىسىز ىز خەلاس. ۋاقىت ۆتكەنسىرى چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىسىز.مدنمۇ شۇنداق بولغان.ئشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ.

ulinix
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 12:23 چوققىغا قايتىش
hunbari123

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 132
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 1310 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇندىن كىيىن سەبرىنى ئۆزىڭىزگە دوس تۇتۇڭ ،ئۇ ئەڭ ياخشى تاللاش يۇلى،سىزگە بەخىت ئامەت تىلەيمىز، ئىرادىلىك بۇلۇڭ.

ulinix

ۋاپادار بول.
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-04 12:32 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-05 09:13, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije