پۇل
(ھەسەن-ھۈسەن)
كىچىللىرى ئۇخلاتماي چاپتۇرغانمۇ پۇل،
ئىپپىتىنى ۋىجداننى ساتتۇرغانمۇ پۇل.
ئۆز نەپسىنى يىغمىغان يامان نىيەتنى ،
نەچچە يىللاپ تۈرمىدە ياتقۇزغانمۇ پۇل.
بەزىلەرنى قاقشىتىپ يىغلاتقانمۇ پۇل،
بەزىلەرنى خوش قىلىپ ئويناتقانمۇ پۇل.
قېرىنداشنى-تۇخقاننى ئايرىپ ئولتۇرماي ،
بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىپ تاندۇرغانمۇ پۇل.
قىمارۋازغا دۆتكەنمى ئاتقۇزغانمۇ پۇل،
ئۆز بالىسىنى خەقلەرگە ساتقۇزغانمۇ پۇل.
تىلەمچىنى ھۇرۇننى كۈندە قاقشىتىپ ،
باشقىلارغا تەلمۈرتۈپ قاراتقانمۇ پۇل.
ئۇرۇقلارنى خوش قىلىپ سەمىرىتكەنمۇ پۇل،
ئاچ قۇرساقنى تويغۇزۇپ توق قىلغانمۇ پۇل.
ئەقىلسىزنى-ناداننى غەپلەت باسقاننى ،
ئادەملىكتىن ھايۋانغا ئۆزگەرىتكەنمۇ پۇل .
تامنى تىشىپ ئوت قۇيۇپ بۇلاتقانمۇ پۇل،
ئالتۇن چىشنى ئاغزىغا قاقتۇرغانمۇ پۇل .
ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئەلگە كۆيگەننى ،
ئاسماندىكى چولپاندەك چاقناتقانمۇ پۇل .
ئەقىل بىلەن يۇل تېپىپ ھالال پۇل تاپساق ،
نادانلىققا ئىللەتكە مەڭگۈ مىغ قاقساق .
ساراي سالماي يىزىدا مەكتەپ سالساق ،
كەلگۈسىگە ھاياتقا پارلاق يول ئالساق .
-----------------------------------------------------------
رۇخسىتىمسىز كۆچۈرۈپ باشقا مۇنبەردە يوللاشقا بولمايدۇ ..
ماتېماتىكا تەستىقلىدى