QUOTE:
بۇ مەزمون 0 جى قەۋەتتىكى arkhon نىڭ 2007-09-26 03:27 دە يوللىغان يازمىسى“«سالام ئۇيغۇر» __ئۇيغۇر خەلقىگە كاتتا سوۋغات”:
[size=6][color=blue]سالام ئۇيغۇر
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسەلامۇ_ئەلەيكۇم قەدىردان ئۇيغۇر خەلقىم پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلار سىلەرگە بۈگۈن شۇنى ئىپتىخارلىق بىلەن جاكارلايمەنكى ئەرەب ئىلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى يانفۇن ساھەسىدە ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق قېرىنداشلىرىمنى مۇبارەكلەيمەن.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا شىركىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان uyghur u1تىپلق يانفۇندىن شىنجىندا تۇرۇپ يوللانغان ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا يېزىلغان ((سالام ئۇيغۇر )) دىگەن ئۇچۇر جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت مىتىرىدىن ئۈتۈپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر uyghur u1 يانفۇنىغا كىردى ۋە ئۆلچەملىك يېزىق ھالىتىدە كۆرۈندى...ئارقىدىنلا قارشى تەرەپتىن ((سالام ئىنسانىيەت ياشىسۇن ئۇيغۇر يېزىقى))... دىگەن ئۇچۇر كەلدى دەل شۇ مىنۇتتا بۇ يانفۇننى سىناۋاتقان نەچچە نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ كۆزىگە ئىللىق ياش كەلدى..
ئارقىدىنلا شىركىتىمىزنىڭ باش پروگىرامما ئىنجىنىرى مۇختەر مامۇت ئەپەندى لايىھەلىگەن ،نوكىيا،موتورولا،سامسۇڭ ،ۋە سونيئېرىكسون قاتارلىق jawaمۇھىتىنى قوللايدىغان يانفۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە كۆۋرۈك يۇمشاق دىتالى سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى بۇ يۇمشاق دىتالنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلىسىڭىزلايانفۇنىڭىز ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاش قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلىدۇ ...
.......