>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
uyghurche yanfon  
XabnamBBS -> ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز -> شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 391 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ohozhan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 41 نۇمۇر
پۇل: 176 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن



ھەممەيلەنگە مەلۇمكى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ بۇيرىغانلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش، جايىدا ئادا قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە رامىزان روزىسىنى ئادا قىلغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دىنىمىز ئىسلام پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە شەۋۋال ئېيىدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بىر كاتتا ئىبادەتتىن خەۋەر بەردى ۋە بۇ ئىبادەتنى ئورۇنداشقا مۇسۇلمانلارنى رىغبەتلەندۈردى.

ئەبۇئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

ئىمام نەۋەۋىي – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن- ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەدىس ھەققىدىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ «يىل بويى تۇتقان رۇزىغا تەڭ بولىدۇ؛ چۈنكى، ھەر بىر ياخشىلىققا ئون ساۋاب بېرىلىدۇ، رامىزان روزىسى ئون ئايغا تەڭدۇر، شەۋۋالدا تۇتۇلغان ئالتە كۈن روزا بولسا، ئىككى ئايغا باراۋەردۇر.» دېسە، ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ: «شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلغان روزا پەزىلەت جەھەتتە رامىزان روزىسىغا ئەگىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساۋابى بىر يىللىق پەرز روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەردۇر.»

جانابى ئاللاھ بىزنى بۇنداق كاتتا ئەجىر ۋە ئىنئامدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، ئامىن!

ئۆلىمالىرىمىز، شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان روزىنىڭ قاچان، قانداق تۇتىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قاتار ئىجتىھادلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ مەسىلەن، ھەنەفىي ۋە شافىئىيلار ئارقا- ئارقىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئارىلىقىدا بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇتسىمۇ، سۈننەتتە بايان قىلىنغان ئەجىرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئارقىمۇئارقا تۇتۇش ۋەياكى كۈن ئاتلىتىپ تۇتۇشنىڭ ئەجىر ۋە ساۋاب جەھەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان بۇ روزا قاچاندىن باشلاپ تۇتۇلىشى كېرەك؟

- شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ھېيىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر تۇتۇشقا بولىدۇ. ئەمما، ئۆلىمالارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ «ياخشىلىققا ئالدىراڭلار» ئەمرىگە ئاساسەن شەۋۋالنىڭ بېشىدا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا تۇتۇلىدىغان بۇ روزىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق شەرتى رامىزان ئېيىدا تۇتالماي قالغان رۇزىسى بارلارنىڭ ئالدى بىلەن رامىزان رۇزىسىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىشلىرىدۇر. بۇنىڭغا ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ بەكرەك دىققەت قىلىشلىرى لازىم.

ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ئىبادەتنىڭ مۇئەييەن پەسلى يوقتۇر، سالىھ كىشىلەر رامىزاندا پەرۋەردىگارىغا قانداق ئىبادەت قىلغان بولسا، يىلنىڭ باشقا پەيتلىرىدىمۇ شۇنداق ئىبادەت قىلىدۇ، ھەقىقىي مۇسۇلمان، يالغۇز رامىزانلىقلا مۇسۇلمان بولۇپ، يىلنىڭ باشقا ۋاقتىنى ھاۋايى- ھەۋەسلىرىگە قۇربان قىلىۋەتمىگەن كىشىدۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىمانىغا، ئېتىقادىغا سادىق مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن، ئامىن!
مەنبە _ دارۇل ئسلام

______ جۇدا تەستىقلىدى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 16:33 چوققىغا قايتىش
tanhakalip
ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1310
شۆھرەت: 1598 نۇمۇر
پۇل: 5608 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:606(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللا رەھمەت قىلسۇن !تىمىڭىزغا كوپ تەشەككۇر...



[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 18:20 چوققىغا قايتىش
nazira138

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
شۆھرەت: 151 نۇمۇر
پۇل: 1500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:55(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!مۇشۇنداق ئىسىل خەتلەرنى باسقان قوللىرىڭىزغا ئاللاھ دەت بەرمىسۇن قىرىندىشىم !!!!!!

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 19:52 چوققىغا قايتىش
nanhabala

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 613
شۆھرەت: 614 نۇمۇر
پۇل: 6130 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


اللا رەھمەت قىلسۇن !تىمىڭىزغا كوپ تەشەككۇر... ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 19:54 چوققىغا قايتىش
woqan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن, يوللانمىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 20:46 چوققىغا قايتىش
Hayriya

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 101
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
پۇل: 406 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!مۇشۇنداق مەزمۇندىكى تېمىلارغا بەك تەشنا بولىدۇ سالىھ كىشىلەر... 文字文字

Ulinix.biz
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 21:57 چوققىغا قايتىش
qqopp

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 111 نۇمۇر
پۇل: 900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن, يوللانمىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-22 22:04 چوققىغا قايتىش
epsus

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 159
شۆھرەت: 160 نۇمۇر
پۇل: 1590 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:63(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت قېرىندىشىم، ئاللا ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.،.

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-23 11:15 چوققىغا قايتىش
imran1979

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 53
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 530 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ ھەقنى بىلگەن،ئاندىن ئوزى ھەق بىلگەن نەرسىنى باشقىلارغا يەتكۇزۇشتىن ئېرىنمىگەن كىشىلەردىن رازى بولسۇن ھەم رازى قىلسۇن!!!


قەيسەر يۇرەك .
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-23 13:40 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:10-24 06:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije