ئۆ تمۈشنى ئېسىمگە سالمىغىن دۇنيا ......
ئا .راخمان
ئۆتمۈشنى ئېسىمگە سالمىغىن دۇنيا ،
كەلگۈسىم ھەققىدە بەرمە بىشارەت .
بەخىتمۇ -ئازاپمۇ ۋاختىدا كۆ رەي ،
ئەندىشىڭ قەلبىمدە تۇغار جارا ئەت .
ئۆتمۈشنى ئېسىمگە سالمىغىن دۇنيا ،
بۈگۈنكى دەرتلىمۇ باردۇر يەتكىدەك .
بەخىتتىن نېسىۋە بەرمىدىڭ بوپتۇ ،
ئازاپنى ئازايتىپ كۆرمەمسەن تەنتەك .
ئۆتمۈشنى ئېسىمگە سالمىغىن دۇنيا ،
ئويلىسام كۆزىمدە دولقۇنلايدۇ ياش .
ئاسمېنى تۇماندا بۇلغانغان شەھەر ،
بۇلۇتقا يۆ گىنىپ قاچىدۇ قۇياش .
ئۆتمۇشنى ئېسىمگە سالمىغىن دۇنيا ،
ئازاپلىق ئەسلىمە بىز چۈشكەن قىلتاق .
چارقىنىڭ ئاستىدا ئەزمىسۇن قىسمەت ،
ئۆزگىگە مۆھتاج قىپ قويمىغىن ياق-ياق .
تەستىقلىغۇچى : يىلان ئەپەندى