يىگىت ئۇ .
(جۇدۇن ئەپەندىگە )
ئەل كۆڭلىنى چۈشۈنەر تولۇق ،
دوستقا قەلبى ئاق تاڭدەك يورۇق ،
ياشلىقىنى ئۆتكۈزمەس قۇرۇق ،
پەزىلەتلىك مەردان يىگىت ئۇ .
پاك ۋىژدانلىق ئۇيغۇرۇم نەسلى ،
بۇ زىمىنغا گۈل تەرگەن ئەسلىي،
چېھرى ئىللىق گۈل باھار پەسلى ،
سادىر كەبى پەلۋان يىگىت ئۇ .
ئادالەتتە بولغاچ ۋاپادار ،
بولماس شۇڭا ئۇ ھېچقاچان خار ،
ئەۋلات ئۈچۈن بولۇپ پىداكار ،
جاپا چەككەن جەسۇر يىگىت ئۇ .
تارىم دەريا باغرىدا ئۆسكەن ،
ئەجدادلىرى ئەجىر قىپ ئۆتكەن ،
پەرھات كەبى مۈشكۈلنى بۆسكەن ،
ئەل سۆيگۈسى باغۋەن يىگىت ئۇ .
قەلىمىدىن ئۈنچىلەر تۆكۈپ ،
مەنزىللەرنى كۆڭلىگە پۇكۈپ ،
قېنى ئىمان؟ غېمىگە چۆكۈپ ،
مەدەت بەرگەن شائىر يىگىت ئۇ.
ئەتىلەرگە بولۈپ پەرۋانە ،
ھېچنىمىدىن قورۇقماي مەردانە ،
ئاجىزلارغا بولۈپ غەمخانا ،
چوغدەك يانغان باتۇر يىگىت ئۇ .
سالام ساڭا ئەزىز مۆتىۋەر ،
نۇسرەت تىلەي ساڭا ھەر سەھەر ،
ئارمانلارغا يەتكۈچە قەدەر ،
توختىماستىن قىلغايسەن سەپەر !
ئەجرىڭ بىلەن قۇچۇپ شان زەپەر ،
مەنزىلگە يەت بولۇپ بىخەتەر !...
______ جۇدا تەستىقلىدى