yilan1
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما:
2
يازما سانى: 1207
شۆھرەت: 1261 نۇمۇر
پۇل: 12120 سوم
تۆھپە: 70 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:332(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-21
|
ئاپپاق خوجىنىڭ ھۇجۇم قىلغان ۋاقتى ھىجىرىيە 1090-يىلىنىڭ بىشىدا ( مىلادى 1679 - يىلى ) بولىدۇ ، تۇزۇتۇلسە !
بۇ ۋەقەنىڭ داۋامى مۇنداق : ئاپپاق خوجا ئۆزىنى خان - دەپ ئېلان قىلدى . ئەمما ئۇنىڭ ئىستېلاسى ئۇزاققا بارمىدى ، 3-4 ئايدىن كىيىن ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەۋلادىدىن مۇھەممەت ئىمىن خان كۇچ توپلاپ ، ئاپپاق خوجىنى مەغلۇپ قىلىپ يەكەن شەھرىنى قايتۇرۋالدى . ئاپپاق خوجا ئىسمائىلخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاباۋەتلىرىنى ئىلىپ ئىلىغا قاچتى ( شۇڭا ، يۇقارقى يوللانمىدا ئىسمائىل خاننى ئىلىغا سۇرگۇن قىلدى - دىگەن پىكىر خاتا ، ئەسلى سۇرگۇن قىلىشقىمۇ ئۇلگۇرمەي ، ئۆزىنىڭ سۇرگۇنى بىلەن بىللە ئىل؛ىپ ماڭغان ) . ئۇ ئىلىغا كىلىپ غالداندىن 2- قىتىم ياردەم تەلەپ قىلدى . مىلادى 1680 يىلى ( ھىجىرىيە 1090- يىلىنىڭ ئاخىرى) غالدان يەنە 60 مىڭ كىشىلىك جۇڭغار قوشۇنىنى ئاپپاق خوجا بىلەن بىللە ئالدىغا سىلىپ ئۆزى بىۋاستە 2- قىتىم سەئىدىيە دۆلىتى بىلەن جەڭ باشلىدى .ئۇلار ئاقسۇ دا مۇھەممەت ئىمىن خاننىڭ توساپ زەربە بىرىشىگە ئۇچراپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇلار شەھەرگە كىرەلمىدى . دەل مۇشۇ چاغدا قەشقەر ، يەكەندىكى ئاپپاق خوجا مۇرىتلىرى ئىسيان كۆتۇرۇپ بۇلاڭ - تاراج بىلەن شۇغۇللاندى . بۇ خىل ئەھۋالدا مۇھەممەت ئىمىن خان ئامالسىز يەكەنگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنۇڭ بىلەن غالدان ئاقسۇ ، قەشقەرنى قارشىلىقسىزلا ئىگىلىدى. ۋە بۇ جايلاردا ۋەھشىلارچە قەتلىئام ئىلىپ باردى . ئامدىن كۇچىنى رەتلەپ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى يەكەنگە ھۇجۇم باشلىدى . يەكەننىڭ مۇداپىيىسى كۇچلۇك بولغانلىقىدىن غالدان زور تالاپەتكە ئۇچرىدى ، ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتتى ، ئوردىدىكى ئاپپاق خوجا مۇرۇتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىو غالدان قوشۇنلىرىغا ماسلىشىپ ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا باشلىدى . ئۇلار ئاخىرى مەخپىي يۇسۇندا شەھەر دەرۋازىسىنى ئىچىپ بەردى . ئەمىرلەردىن ، مىرزا سالىھ بەگ جۇراس ، مىرزا ماناف ، خاندىن يۇز ئۆرۇپ ئاپپاق تەرەپكە ئۆتۇپ كەتتى. شۇنۇڭ بىلەن مۇھەممەت ئىمىن خاندىن نۇسرەت كۆتۇرلۇپ مەغلۇپ بولدى . ئاپپاق خوجا يەكەن شەھرىنى ئوت - قويۇپ قىرغىن قىلدى ، جۇڭغار چىرىكلىرى خەلىقنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ چېپىپ ئۆلتۇردى ، باستۇرمىچىلىق خىلى ئۇزاق ئەۋىج ئىلىپ يەكەن < شىھىتكار لىق > قا ئايلاندى . شۇنۇڭ بىلەن 164 يىل داۋام قىلغان بۇ سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى مۇنقەرىز بولدى .
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، بىزنىڭ جۇڭخۇا خەلىق جەمھۇرىيىتى قۇرۇلغىنىغىمۇ تىخى 58 يىل بولدى ، 164 يىل دېگەن قىسقا ۋاقىت ئەمەس ..... ، ئىسىت دىنىي سۇركىلىش قۇربانىغا ئايلانغان بۇيۇك خانلىق...
|
بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى |

|
[7 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-21 19:31 |
| |