ZIYARATQI
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 621
شۆھرەت: 622 نۇمۇر
پۇل: 6060 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-24
|
كونىلاردا ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرتى ئالىم بولۇر دەيدىغان بىر ھىكمەت بار . ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام بىز ئوقۇغان زامانلاردا (70~80 - يىللار) بىرىنچى يىللىقتىلا ساۋادىمىز چىقىپ بولاتتى ، پەقەت بولمىغاندا باشلانغۇچتا 2 - يىللىققا چىقققاندا ساۋادىمىز تولۇق چىقىپ بولاتتى . چۈنكى ئوقۇتقۇچىللىرىمىز بەك چىڭ تۇتاتتى ، بەزىدە ئۇراتتى ، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازالايتتى (ئەلبەتتە ئېغىر جازا ئەمەس) ، مائارىپ شارائىتى بەكمۇ ناچار ئىدى . ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرۇپ خەت يازىدىغان پارتا - ئورۇندۇق يوق ئىدى . بولغاندىمۇ بەك ئاز بولۇپ ، بۇ پارتا ئورۇنداۇقلاردا دەرستە ياخشى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى ئولتۇرغۇزاتتى ، بىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن ئەلاچىلاردىن بولۇشقا تىرىشاتتۇق . يىللىق ئىمتاھاندا ئۆتەلمىگەنلەر سىنىپ كۆچەلمەيتتى لىكىن ھازىرچۇ ؟ ...... لىكىن ھازىرقى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ غەش قىلىدۇ . راست گەپنى قىلغاندا بەزى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەت يازالمايدىغان ، ساۋاتسىز ھالدا مەكتەپ پۈتتۈرۈشى ئادەمى ھەيران قالدۇرۇدۇ . بۇنداق ئەھۋاللار بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە پات - پات ئۇچراپ تۇرىدۇ . مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ، لىكىن ھازىرقى ئوقۇغۇچى باشقۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك : - ھازىرقى جەمىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا قول تەككۈزۈش ، ھاقارەتلەش ، كەمسىتىش ، ئۆچ ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن يول قويمايدۇ . بەزى كەپسىز ، گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاچچىغىنى باسالمىغان مۇئەللىملەر قول تەككۈزۈپ قويۇپ ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋللار ھەتتا تۈگىمەس بالاغا ، دەۋا دەستۇرغا قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئوقۇغۇچىلارغا قول تەككۈزۈش ۋە باشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىگى ، كىشىلىك ئىززىتىگە زىت بولغان قىلمىش ۋە ھەركەتلەردىن باشقا ياخشىراق ئۇسۇل بىلەن تەربىيلەش ئەڭ ئاقىلانىلىك دەپ قارايمەن ، بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىم . باشقىلار قانداق قارايدىكىن ؟
|
مۇڭداشقۇ نومۇرۇم 136784735
|
[6 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-21 14:43 |
| |