mamatjan315
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 222
شۆھرەت: 222 نۇمۇر
پۇل: 2193 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:163(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16
|
سىز دىگەندەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ خىزمەت فورمىسى (ھۆكۈمەت ھەقسىز تارقاتقان)بولغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى بۇلاتتى ، لېكىن بۇنى مائارىپ مىنىستىرلىگىدىن بىرلىككە كەلگەن خىزمەت فورمىسى تارقاتسا (ئەلۋەتتە ھەقسىز)تارقاتسۇن ، لېكىن يەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئۆزلىرى بىرلىككە كەلتۈرسە ، بۇمۇ ئەڭ ئاۋال يانچۇققا(چىقىم ئوقۇتقۇچىلاردىن ، پايدىسى باشلىق غۇجاملارغا) بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ ، چۈنكى بىزلەرمۇ<<ئىككى ئاساسەن>>نىڭ شاپائىتى بىلەن خىزمەت فورمىلىق بولۇپ قالدۇق(بازار نەرقىدىن قىممەت باھا بىلەن) ، لېكىن بىر قىسىملار بۇنىڭ باھانىسىدا يانچۇقلىرىنى خېلى توملىۋالدى . شۇڭا مەنمۇ سىزنىڭ بۇ پىكرىڭىزنى شەبنەمدە بولسىمۇ قۇۋۋەتلەيمەن (چۈنكى بۇ مۇنبەرگە مائارىپ مىنىستىرلىگىنىڭ مىنىستىرلىرى كىرمەيدۇ دە ) ، لېكىن بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئىجادكار رەھبەرلەرنىڭ بۇ پىكرىڭىزدىن ئىلھام ئېلىشىنى قەتئى خالىمايمەن . ئەمىلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت فورمىسىنىڭ ھەققىدىن سىرىت يىلىغا 500-600يۈەن ئەتراپىدا ھەر خىل ئىئانە ، پايدىلىنىش ماتىرياللىرى(پايدىلىنىش قىممىتى يوق) ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قاتارلىق چىقىملارنى قىلىدۇ ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان فورمىنىڭ بولغىندىن يەنىلا ئۇچىمىزدىكى ئەرزان باھالىق كىيىملىرىمىزمۇ ئەۋزەل .
|
مەن شەبنەمنى سۆيىمەن ، شەبنەم مېنىڭ ئىللىق ئائىلەم
|
[4 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 23:14 |
| |