dahan21
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-27
|
مۇھەببەت-نىكاھقا تالىق شىرىن سۆزلەر
ئاشپەزلەرنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەت ۋە نىكاھ پىياز دىمەكتۇر. ئۇنى بىر قەۋەت، بىر قەۋەتتىن ئاقلىسىڭىز، ھامان بىر قەۋىتى كۆزىڭىزدىن ياش ئاقتۇرىدۇ. ناۋادا ياش تۆكمەي قالسىڭىز، ئۇ ھەرگىز پىياز(مۇھەببەت) ئەمەس. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەت ۋە نىكاھ زۇكام دىمەكتۇر. مۇھەببەت ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بۇ ۋىروسنى ئۆزىدىنمۇ، باشقىلاردىنمۇ يۇشۇرالمايدۇ. ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەت قاراڭغۇلۇقتىن قورقمايدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار باغچىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. مۇھەببەت ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، گەرچە تىمپىراتۇرا 40 سىلسىيە گىرادوس بولسىمۇ، مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار يەنىلا بىر-بىرىگە مەھكەم چاپلىشىۋالىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار قەھرىتان سوغۇق، بۇران-چاپقۇنلۇق كۈنلەردىمۇ ئوخشاشلا «يول چىڭدايدۇ». تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى مۇھەببەت تۇغۇشنىلا مەقسەت قىلغان؛ «سەن مەن ئۈچۈن، مەن سەن ئۈچۈن ياشايمىز» دەيدىغان مۇھەببەت ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇھەببەتتۇر؛ فىئوداللىق جەمئىيەتتىكى مۇھەببەت ئۆلىمالارنىڭ خۈشتارلىقى بىلەن ساھىبجاماللارنىڭ تەتۇر پىشانىلىكى بولۇپ، « ھەر ئىككىمىز تەڭ ئۆلىمىز» دەيدىغان مۇھەببەتتۇر؛ ھازىرقى مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى بولسا« پەقەت مەنلا سىزنى ياخشى كۆرسەم، توي قىلغان- قىلمىغانلىقىڭىز، سۆيگىنىڭىزنىڭ بار-يوقلىقى بىلەن كارىم يوق» دىگەندىن ئىبارەت. نۇسخا ئالغۇ ماشىنىسى مۇتەخەسىسلىرنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەتنى كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. چۇنكى ئۇ خاس قەلىب بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇھەببەت ھىكايىسى ۋە خاس قەلب، خاس ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەستىقلىغۇچى: يىلان ئەپەندى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 22:35 |
| |