>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
uyghurche yanfon  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> ھەي ئۇيغۇر! قاچانغىچە ھەۋىسىڭنى يىغمايسەن

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2754 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ھەي ئۇيغۇر! قاچانغىچە ھەۋىسىڭنى يىغمايسەن IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 879
شۆھرەت: 988 نۇمۇر
پۇل: 8631 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:331(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ھەي ئۇيغۇر! قاچانغىچە ھەۋىسىڭنى يىغمايسەن




ئەيدىز ئۇيغۇر خەلقىگە چاڭگال سالماقتا

نۆۋەتتە" ئەيدىز" دىن ۋەھىمىلىك ئاتالغۇنى بىلىدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك ، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ نىجىس كېسەللىكنىڭ تارىلىشى يىلدىن ‏- يىلغا كېڭىيىپ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغىچە يېتىپ بارغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭدىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەيدىز ھەققىدە ھەمدە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىمى ئىنتايىن ئاجىز. دەرۋەقە ، بۇ ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. دەسلەپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشىدا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئورتاق ئىشپرىس بىلەن ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئالدىنقى ۋاستە ھېسابلانغان بولسا ، نۆۋەتتە قالايمىقان جىنسى ئالاقە ۋە باشقىلارمۇ ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى. بۇ، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم دائىرە ئىچىدە تارىلىشتىن بارغانچە تېز ھەم كەڭ دائىرىدە كۆپ خىل ۋاستىلەر بىلەن تارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ياش-ئوتتۇرا ياشلارغا قاراپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ . يەنى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى، كېسەلنىڭ قوزغىلىشى تېز ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش خەۋپى بىر قەدەر زور.

ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىلىپ ئون يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تومۇرغا زەھەرنى ئوكۇل ئارقىلىق ئۇرۇش، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش، ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولۇپ كەلگەن بولسا ،يېقىنقى بىر- ئىككى يىلدا قالايمىقان جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇشمۇ ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلاندى، شۇنداقلا يۇقۇمدارلار نىسبىتى جەھھەتتە ئاياللار تېز كۆپەيمەكتە. ئىلگىرى يۇقۇمدارلار ئاساسەن شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان بولسا ، نۆۋەتتە كىچىك شەھەر ، بازار ھەم يېزىلاردا تارقىلىشى تېز بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز بايقالغاندىن بۇيان....:
1995- ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى AIDS ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە، AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا.

2002-يىلى :
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئۇيغۇرچە تىببىي تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن سانلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا : 2002 - يىلى 9 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 6833 گە يىتىپ،جوڭگۇدىكىAIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ %20 ئىنى ئىگىلىگەن، شۇنداقلا يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرغان.
2003-يىلى :
2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 3165 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 30 مىڭدىن ئاشقان. شۇ يىلى 12-ئايغىچە، پۈتۈن جوڭگۇدا AIDS كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سانى 840 مىڭغا يەتكەن.

2004- يىلى:
ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8150 كە يېتىپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرغان. -2004 يىلى -5 ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8773 يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 60 مىڭدىن ئاشقان،AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە جۇڭگودا 4-ئورۇندا تۇرغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 9346 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بۇيىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2005-يىلى:
2005 - يىلىغا بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى AIDS كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 4386 گە يىتىپ، مۆلچەردىكى سان 20 مىڭدىن ئاشقان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى بولسا 10906 گە يەتكەن. تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە ، ئۈرۈمچىدىكى AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سان 30000 دىن ئېشىپ، AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىش تېزلىكى پۈتۈن جۇڭگو بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇ يىلى 9 ‏-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 11303 گە، مۆلچەردىكى سان 60000 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بۇيىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان.

2006-يىلى:

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 2006 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋەر تارقىتىشىچە، 2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 4732 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 16035 گە يەتكەن.

2007-يىلى:

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2007 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 9 ئايدا يېڭىدىن 4732 ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى كۆپىيىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 209 گە يەتكەن. يۇقۇرقى سانلىق مەلۇماتلار 2002 - يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇرلاردا AIDS مەسىلىنىڭ سەل قارىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ياشلاردا جىنسىيەت ئەركىنلىكى ئەيدىزگە يول ئاچتى
شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە،ھازىر ئاپتونوم رايون بۇيىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90 ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

پۈتۈن جوڭگۇنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ نۆۋەتتە، جوڭگۇ جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت ئىچىدىكى 30 - 22 پىرسەنت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسىي كەچۈرمىشى بار ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر بىزگە مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى جىنسىي كەچۈرمىشى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭمۇ تۆۋەن ئەمەسلىكى قىياس قىلىنماقتا.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ زىيادە ئېچىۋېتىلىشى دەپ قارالماقتا شۇنداقلا بۇ ئەيدىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ئامىل.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بو يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دورا ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس ، بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەشتە "دېگەن ئورتاق قاراشتا بولماقتا.

ئەيدىز قارىغۇلىرى - ئەيدىزنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىدىغانلار ئىكەن ... ئۇلار بۇ يولدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئازدۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان . ئاق تاماكىنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا بىر ‏- بىرىگە يۇقتۇرغان ..

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ نېمىلىكىنى ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى بىلىش كېرەك ،ئەمما پاجىئەلىك يېرى يەنىلا يېزا نوپۇسى %80 تىن ئارتۇقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئەيدىز ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك ئەيدىزنىڭ دېھقانلار ئارىسىدا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ تەس.

خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدە ئاشكارا بولغان سانلىق مەلۇماتلاردىنلا ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىنىڭ 2006 ‏- يىلى ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى دەپ گۇمان قىلغان زەھەر چەككۈچىلەر، پاھىشە قىلغۇچىلار ۋە بەزى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى جەمئىي 920 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قان ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن 17 نەپەر كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇلارنىڭ 13ئى ئەر تۆت نەپىرى ئايال بولۇپ ، 23 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان قاراقاشلىق كىشىلەر ئىكەن.

قارىقاش ناھىيىسىدىن ئىبارەت بىر ناھىيىدىلا شۇ يىلى تەكشۈرۈپ مەلۇم بولغان زەھەر چەككۈچى 487 نەپەرگە يەتكەن.

ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلى25 يىلدا 25 مىليون ئادەم ئۆلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تېمىسىدىكى ،‏ 126 دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز ئېشىۋاتقانلىقى بىلىندى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا تۇنجى ئەيدىز كېىسلى ھادىسىسىنىڭ بايقىلىشىدىن ھازىرغىچە 25 يىل ئۆتتى. ھازىر دۇنيادا 38 مىليون 600 مىڭ كىشى كېسەلگە سەۋەب بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان . بۇ ساننىڭ يېرىمىنى ئاياللار ئىگىلەيدۇ. 2005 ‏- يىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يۇققان ،ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇشى بىلەن كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللەر بولسا 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچتى.

پاھىشىۋازلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتنى ھالاكەتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش دائىرىسى ھەم سۈرئىتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تراگېدىيىسى تەسەۋۇرىدىنمۇ دەھشەتلىك.
پايدىلانما: http://www.nytimes.com/2006/11/12/world/asia/12aids.html?n=Top/News/World/Countries%20and%20Territories/China

--- بىپەرۋا تەستىقلىدى .

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:10(firkat)


زورىگۈل قۇتئال

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 15:35 چوققىغا قايتىش
otto918
يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1382
شۆھرەت: 1662 نۇمۇر
پۇل: 9805 سوم
تۆھپە: 73 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:331(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئىسىل تېما بوپتۇ ، راست ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس بىزگە باشتا زەھەرلىك چىكىملىكتىن تارقالغان بولسا ھازىر قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن تېز سۈرەتتە تارقالماقتا ، تېما ئىگىسى ئىيتقاندەك نۇرغۇن ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپمۇ قىزلار 18_20 يىل قەپەزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ بىردىنلا ئۇچۇپ چىقالىغان قۇشلاردەك ئۆزىنى تەبىئەتكە ئاتاۋىتىپ بارغان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلار ئۆزىلىرى بىلىپ -بىلمەي ، خالاپ _ خالىماي جەميئەتىكى بىرقىسىم پۇلدار بۇزۇقلار ، نۇرغۇن قارا قوللارنىڭ قولىدا ئۈشبۇ مەرەز كىسەلنى يۇقتۇرىۋىلىپ بۇنى ئەكىلىپ باشقىلارغا يۇقتۇرماقتا ...

مانا بۇ گەپ ئەڭ مۇۋاپپىق ئىيتىلغان ئىبارە بوپتۇ :
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بو يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دورا ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس ، بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەشتە "دېگەن ئورتاق قاراشتا بولماقتا.


Ulinix.biz

قېرىنداشلار تور مۇلازىمىتى خىزمەتخانىسى _ www.uybiz.cn
http://www.uybiz.cn
چىمبۇلاق قوللىغۇچىلىرى توپى قۇرۇلدى ، توپ نۇمىرى43920281
  چىمبۇلاق ئويۇن قانىلى www.qimbulak.com/flash
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 16:09 چوققىغا قايتىش
oguzhan2

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 134
شۆھرەت: 135 نۇمۇر
پۇل: 1340 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خۇدايا توۋا،نىمە بوپ كەتتى بۇ يۇرتىمىز.تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىڭلار،ئۆزۇڭلارغا ئىنساپ تىلەڭلار

Ulinix.biz
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 16:10 چوققىغا قايتىش
بۆرە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 82
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:47(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تېما   بىزگە مۇناسىۋىتى   بەك   يېقىن   تېما بوپتۇ ، ھەۋەسنى   يىغىلى،   دېققەت   قىلايلى، aidsبەك   خەتەرلىك

Ulinix.biz
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 16:46 چوققىغا قايتىش
yurtumm

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 142
شۆھرەت: 153 نۇمۇر
پۇل: 1370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:108(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قايسى كۇنى بىر تىمىنى ئۇقۇپ پۇتۇن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى.........*ئىچكىرىدىكى ھەمرا يىگىت*
ئاھ خۇدا!!مىللىتىمدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن پۇتۇن يامانلىقلارنى ئۇزاقلاشتۇرغايسەن!!!!!
بۇنى كۇرۇپمۇ ئىچىم ئاچچىق بۇپ قالدى....نىمىشقا مۇشۇنداق تۇزاقلارغا بىزلا چۇشۇپ كىتىدىغاندىمىز؟؟؟
بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ تىگىدە ئىتىقاتسىزلىق بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.بۇ پەقەت مىنىڭ پىكرىم.....
بۇلۇپمۇ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىمىزدىن بولغان ئۇرۇمچىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئاڭلىغىنىمدىمۇ ئاچچىق يۇتىۋالىمەن ئاللادىن قىرىنداشلىرىمغا ساپ ئىمان ۋە ھىدايەت تىلەيمەن.........



بۇشۇكتىن مازارغىچە ئىلىم ئۇگىنىڭ![ھەدىسى-شەرىف]
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 16:52 چوققىغا قايتىش
sak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 248
شۆھرەت: 249 نۇمۇر
پۇل: 2180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:169(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ كىسەل تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا يۇقمايدۇ، مۇشۇنىڭدىنمۇ بىرەر ھەقىقەتنى ھىس قىلمىدىڭلارمۇ؟
              ئەڭ توغرا ھايات يولى ئسلام .



ئسلام ئەڭ توغرا ھايات يولى.
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 17:13 چوققىغا قايتىش
$$hiyalim$$



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئچكىرىدىكى ھەمرا يىگىت* نى ئوقۇغاندىن كېيىن.   بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، بەلكىم بۇتېمىنى نۇرغۇن ئادەم كوتۇرەلمەي قوبۇل قىلامماي قالدى ، لىكىن بۇ ھەممە ئادە م ئويلىنىپ كورۇشكە ئەرزىيدۇ.

Ulinix.biz
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 17:37 چوققىغا قايتىش
qqopp

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 111 نۇمۇر
پۇل: 900 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ساغلام تەندە ساپ ئەقىل .
ساغلاملىق بى باھا دۇر ،
ئەخلاق بۈگۈنكى كۈندە قىممىتىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىدۇ ، ئشىنىمەنكى پەقەت ئەخلاقلا بىزنى قۇتقۇ زا لايدۇ !
كۇنلەنىڭ بىرىدە ئەيدىس كىسىلىگە قارشى ۋاكسىنا ئىجاتقىلىنغان تەقدىردىمۇ يات جىنىستىكى ھالال بولمىغان ئادىمىزات بىلەن
بىللە بولۇش ياخشى ئەخلاقلىق كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس . زىنا مۇسۇلمان دۇنياسى ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىغىر گۇناھ !!!!!!!!!!!
ئۆزىمىزنى پاك تۇتۇپ باشقىلانىڭ مەخسەتلىك يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ھەزەر ئەيلەيلى !
بولسا تاماقخانىلا دىكى لازا ، ئاچچىقسۇ قاتارلىق دائىم شىرە ئۇستىدىن ئايرىلمايدىغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلمايلى ! بولۇپمۇ شەخسىتازىلىققا قاتتىق دىققەت قىلايلى !
ئاللا ھەممىزنى ساق- سالامەت ، ئامان -ئىسەن قىلغاي !


Ulinix.biz
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 17:37 چوققىغا قايتىش
diki-dikkang
يازما يوللاش ئۇستىسى ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 879
شۆھرەت: 988 نۇمۇر
پۇل: 8631 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:331(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قارىقاش ناھىيىسىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم سىتاتىسكىسى:
====================================================
ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ( 2006 )


ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ - ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﯦﻠﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻥ .

ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ :

ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﻪﭼﯩﻠﻪﺭ، ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﯟﺍﺯﻻﺭ ، ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ.

ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 920 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ 17 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ، ﻣﯘﺳﺒﯩﻲ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ % 1.87 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 12 ﻧﻪﭘﻪﺭ (% 73. 2 )؛ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻼﺭ2 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﯨﺮﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ

ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ :

17 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ.

ﺟﯩﻨﺴﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺸﻰ :

ﺋﻪﺭ 13 ﻧﻪﭘﻪﺭ ، ﺋﺎﻳﺎﻝ 4 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

ﻳﺎﺵ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ:

23 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 50 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ 23 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 39 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ.

ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ:

ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﯧﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻛﺎﺩﯨﺮ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭ.

ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ:

12 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺲ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﺎﻥ؛ 5 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﻳﺎﺕ ﺟﯩﻨﺴﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻥ.

ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ 438 ﻧﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.

----------------

ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ << ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﭽﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻤﻰ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 28 - ﺟﯩﻠﯩﺘﻰ 6 - ﺳﺎﻥ 604 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﻼ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.



زورىگۈل قۇتئال

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 18:38 چوققىغا قايتىش
arman8



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


اللا   بۇ نىجىس   كىسەلدىن   نىرى   قىلسۇن .   ھاياتنى   قەدىرلەيلى. ھايا ت   اللا   بىزگە   بەگەن   ئامانەت . ئامانەتكە خىيانەت   قىلمايلى.   اللادىن قورقىلى.

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-20 18:49 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:10-24 06:17, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije