ئەۋرىتى يوق ئادەم تۇغۇلدى
كىرىسلوداروھسىز تەن
ئۇخلىمايلا چۇشلەر كۆرىدۇ
چۇشىدە ...
پەرىشتىلەر جەسەت توشۇيدۇ
گۇل توشىغان
ئىككى چاقلىق ھارۋۇلىرىدا
پەرىشتىلەر جەسەت توشۇيدۇ
ئايرىش ئۇچۇن
تام ئېتىپ جەسەت بىلەن
جەننەت بىلەن دوزاخنى ...
ئەتراپىدا
كىپەنلەنگەن كونا مۇردىلار
كىپەنلىرىنى يىرتىپ تاشلايدۇ
يىرتىپ تاشلايدۇ ئوتقا
ئوت - دوزاق ئوتى
ئىس ياندۇرۇپ گۇر - گۇر كۆيمەيدۇ
يىغلامسىراپ تۇرغان قىزچاقتەك
كىپەنلەر ياكى كۆيمەيدۇ
لەيلىۋىلىپ قىرغاقلىرىدا
( ئاق بايراققا ئوخشاپ قالىدۇ)
كىپەنسىز مۇزلىغان تەنلەر
بارماقلىرىنى شۇمۇپ ياتىدۇ
ياچىۋەكتەك ...
سۇيۇپ تۇرۇپ يالماپ يۇتىدۇ
ئۆز - ئۆزىنى ...
ئىچىرقاش داۋام قىلماقتا
كىپەنلەر ...
ئاق بايراقتەك لەيلەپ يۇرىدۇ
كىپەنسىز قاچقان مۇردىنى
پەرىشتىلەر ئىزدەپ يۇرىدۇ
شەيتان ؟!
پەيىت كۇتۇپ ساقلاپ ياتىدۇ
ئادەملەر
كىپەنسىزلا گۆردە ياتىدۇ ...
تىلىۋىزۇردا ئېلان ئاڭلاندى
ئەۋرىتى يوق ئادەم تۇغۇلدى ...
2007-10-20
شەھىرى غولجا