شەبنەم باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوچۇق خەت
بىز شەبنەمنى ياخشى كۆرىمىز ،ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئەزالىرىنىڭ قىزغىنلىقى سەھىپىسىنىڭ سەرخىللىغى ، باشقۇرغۇچىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ،سەركە بۇلۇشقا «شەبنەم مۇنبىرى » بەكمۇ مۇناسىپ. مەنمۇ بۇ مۇنبەردە ماكانلاشقىلى 5 ئايدىن ئېشىپتۇ، دائىم سالاملىشىپ تۇردىغان باشقۇرغۇچى ھەم ئەزالارنىڭ ئەلمى - تەلمىنى خېلى بىلپمۇ قالدىم. يېقىندىن بۇيانقى بەزى مەسىللەر مىنى خېلى ئويلاندۇردى، شۇڭا بۇ ئۇيۇمنى شەبنەم ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشقاچ،شەبنەم ئەپەندىگە كۈچلۈك بىر تەلپىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن .
ئەركىزات ئەپەندىگە يېزىلغان ئۇچۇق خەتنى شەبنەم ئەپەندىنىڭ تەستىقلىغىنى، ئىنتايىن ياخشى بولدى ،چۈنكى ئەزالارمۇ قورىقماستىن باشقۇرغۇچىلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى دىيەلىشى پىكىر - تەكلىپ قۇيالىشى كېرەك، ئەمما شەبنەم ئەپەندى تىما تەستىقلاش ھەم بۇ ۋەقەنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، مىنىڭچە توغرا قىلمىدى.چۈنكى جۇرەت 119 قېرىندىشىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇق خېتىدە ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ،ئەركزاتنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىنغان . شۇنچىلا كۆپ ئىنكاسنىڭ ئىچىدە ئەركزاتنىڭ سۆزىنىلا تۇتقا قىلىپ يېزىلغان بۇ يېڭى ئەزانىڭ، بۇ ئۇچۇق خېتى ماڭا تەكلىپ ياكى مۇنازىرە ئەمەس، ئۇچۇق ئاشكارا ھۇجۇمدەك بىلىندى. تېما تەستىقلىغاندا ئاشۇ مەزمۇنلار تەھرىرىلىنىشى ياكى ئېلىپ تاشلىنىشىغا سەل قارالماسلىقى كېرەك ئىدى .
بۇ ،سەل قاراشلىق مۇنبەردە ئاشۇ تىما ئۈچۈن بىر قېتىملىق ،مۇنازىرنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپچى بولدى ، دىلرۇس تۈگىمەس جەڭگى - جەدەل ھەم كوڭۈل ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئۆچۈرۋەتتى. ئەلۋەتتە ئەركزاتمۇ بۇ تىمىدا مۇنازىرنى كەسكىن قىلىدۇ، بۇ تىما ئاخىرى بېرىپ قىز-ئاياللارنىڭ غورۇرىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، بىزمۇ بۇ دەتالاشقا چۇقۇم سۈكۈت قىلمايمىز، تىما ئىگىسىمۇ جىم تۇرمايدۇ، ئاخىردا نىمە ئىش بولماقچى ئىدى ؟ شەبنەم ئەپەندى تەسەۋۇر قىلدىڭىزمىكىن، تۈپ نېگىزدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ يەڭگىلتەكلىكىڭىز بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر مەيدان جەڭگى - جېدەلنى دىل-رۇس تۇسۇپ قالدى، ئەجىبا ئۇ خاتا قىلدىمۇ ؟ سىزنىڭچە بىراۋلارنىڭ شەخسىيتىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلىنغان تىمىلاردىكى خۇلاسە قانچىلىك بۇلار ئىدى. دىلرۇسنىڭ ئەجرى قېنى ؟ بىر يىل تەرگەن پاختا ئاقىۋەت بىر كۆرپىگە دال بولمىدىمۇ ؟ دىلرۇس نىڭ ئەجرى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدىمۇ ؟ ئەركزاتنىڭ « ئەزالارنىڭ ئەجرى قېنى » دەپ جار سالغىنى توغرا، ئۇمۇ بۇ تېمىنى ئىلمى خۇلاسىلىشى كېرەك. بۇ تېمىنى دىلرۇسنىڭ ئۆچۈرگىننى ئۇقمىغانلار ،ئەركزات چىدىماسلىق قىلدى دەيدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەمدىكى مەسلە شەبنەم ئەپەندى ،مەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە قايىل ، ئۇلار مۇنبەر ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز توھپە قۇشۇۋاتىدۇ ،ئەركزات ،دىل-رۇسلار شەبنەم مۇنبىرى ھەم چايخانىسىنى، ئۆز ئائىلىسىدەك ئەزىزلەپ كەلدى، قوغدىدى، نۇرغۇن قان - تەر بەدىلىگە شەبنەمنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ئەجىر قىلدى، ئەجىبا بۇ ئەجىر كىم ئۈچۈن ؟ بۇ مىللىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى ھەم مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلدىغان سورۇندا شۇنداق سەركىلەرنىڭ بۇلشى سىلەردەك بىكەت باشلىقلىرنىڭ بەختىڭلار ئىدى ئەمەسمۇ ؟ باشقۇرغۇچىلارغا قاتىق قول بۇلۇپ چۇقۇم يىتەكلەش كېرەك ،جازا - مۇكاپاتلار ئېنىق بۇلۇش كېرەك ،بۇ قىلغىنىڭىزنى توغرا دەپ ئېتراپ قىلساقمۇ بۇ قېتىملىق ۋەقە بىر تەرەپ قىلىشىڭىز بىز ئەزالارنى راسلا چۈچىتىپ قويدى . ھەيرانمەن تېمىنىڭ ماھىيتى ھەم سوز ئىبارىلەرنى تەكشۈرمەيلا، ئەركزاتنى ئوتتۇرغا چىقاردىڭىز، ئاندىن دىلرۇسنى جازالىدىڭىز ؟ ئۇنداقتا مەن سىزدىن سوراي، سىزنىڭ ھەجىۋى رەسىملىرىڭىز چىقىرىلغان تېمىنى نىمە ئۈچۈن ئۆچۈرگەنسىز؟ سىز بۇ چاقچاققا رەنجىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ باشقىلار سىزنى سۆرەتتە تارتىپ چاقچاق قىلغان بولسا، ئەركزاتنى، ھاقارەت بىلەن تارتىپ چىقتى. بۇ ئىككىسى تېخى سەل پەرىقلىق ئىدى . دىلرۇس مىنىڭ دىلكەش دوستۇم بولغىنى ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلغىنىم يوق ،مۇنبەر دىلرۇسنىڭ بىردىن بىر شاتلىقى، ئۇ بۇ مۇنبەرنى چايخاننى چىن دىلدىن سۈيىدۇ. ئەركزاتچۇ؟ ئەركزات نى مەنمۇ بىر توردىشىم دەپ قارايمەن، ئەينى چاغدىكى ناھەق مۇنازىرىنى خىيال قىلسام ئەركزاتنى دارقىرىتىپ سۆرەپ جازالاپ بەرسە يەنىلا دەردىم چىقمايتى، ئەمما بۇ ھەقىقەتنى چۇقۇم ياقىلاش كېرەك، توھپىنى ھامان ئېتراپ قىلىش كېرەك .
ئاخىردا دەيدىغىنىم بۇ تىماممۇ جەھەننەمگە يول ئالمىسۇن ،ئۆچۈرسەڭلار يەنە يازىمەن ، مەن بۇ دىلرۇس ئۈستىدىكى جازا يوقالمىغچە ھەرگىز توختىمايمەن. پىكرىڭلار بولسا باشقۇرغۇچى ئەزالار مانا مەن گۈل-سەنەم تەييار . جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن .
2007.10.17