يوشۇرۇن كۆيۈش ھەممىدىن يامان
( جاللات خېنىم )
قاچاندىن پەيدا بوپ قالدىڭ قەلبىمدە ،
تېپ - تېنىچ قەلبىمگە باشلىدىڭ قىيان .
بولدۇم ئاھ شۇڭلاشقا دەرتمەن ۋە غېرىپ ،
سۈرەلمەي مەن ساڭا يۈرەگلىك زۇۋان .
قەلبىمدىن تەپچىرەپ چىققان پاك سۆيگۈم ،
ئىستەيدۇ سېنىڭدىن ۋېسالنى جانان ...
ۋە لىكىن ئۈندەيدۇ بىر مەۋھۇم دۇنيا
تۇيغۇمنى ئىچىمدە تۇتۇشقا پىنھان .
تۇيۇلدى مەن ئۈچۈن بۇ سۆيگۈ ئازاپ ،
بەرمىگەچ ئارمانغا يىتىشكە ئىمكان .
تېڭىرقاش قەلبىمنى چۇلغىدى بىر پەس ،
مۇھەببەت سىرلىرىڭ بولغاندا ئايان .
بىلمىدىم ، ۋېسالسىز ئۈتۈشكە مەڭگۈ ،
مەھكۇم بوپ ياشامدىم ، ياشامدىم ھامان .
دەيدىكەن كونىلار : جۇدالىق ئازاپ ،
مىنىڭچە يۇشۇرۇن كۈيۈشكەن يامان .
مەنبە : قەلەم .
__ فىرقەت تەستىقلىدى