يەر شارىدا « 8- قىتئە » پەيدا بولىدۇ
مۇتىخەسىسلەر ، 21- ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە يەر شارىدا « 8- قىتئە» ، يەنى تەخمىنەن 15 مىڭ يىل ئىلگىرى غايىپ بولغان ، قايتىدىن كۆتۇرلۇپ چىقىدىغان رىۋۇلىيە قىتئەسى پەيدا بولىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى ئاسىيادىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى .
دېڭىز - ئوكيان گېئولۇگلىرى مۇنداق دېدى : بۇ سىرلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىر مەھەل تىنىچ ئوكياننىڭ خېلى زور يەر كۆلىمىنى ئىگىلىگەن . ئۇ ئىنسانىيەت بىلمەيدىغانسەۋەپ تۇپەيلىدىن چەكسىز ئوكيانغا چۆكۇپ كەتكەن . ھازىر تىنىچ ئوكياندىكى مارجاندەك تىزىلىپ كەتكەن تاقىم ئاراللار رىۋۇلىيەنىڭ تاغ چوققىلىرى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ، تىنىچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يەر تەۋرەش بەلۋىغىنىڭ توختىماي ھەركەت قىلىشى يەر پوستىدا ئۆزگۇرۇش پەيدا قىلغان . بولۇپمۇ ئامىركىنىڭ كالىفۇرنىيە شىتاتىدىكى ئۇدا يەر تەۋرەش رىۋۇلىيەنىڭ كۆتۇرلىشىگە تۇرۇتكە بولغان .
مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشۇرۇپ كۈزىتىشىچە ، 1950 - يىلى كىشىلەر تىنىچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقى لىنىيىسىدىن 30 دېڭىز مىلى يىراقتىكى ئوكيان ئاستىدا ئىبادەتخانا خارابىسىنى بايقىغان ، ئۇنىڭ قەدىمقى ئادەملەرنىڭ « پەۋقۇلئاددە مەدەنىيەت بازىسى » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ، ئۇ 2 ئىنگلىز مىلى چۇڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىدا ئىكەن . 2005 - يىلى كىشىلەر ئۇنىڭ 1 ئىنگلىز مىلى كۆتۇرۇلگەنلىكىنى بايقىغان . مۇتىخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، شەرقىي تىنىچ ئوكياندىكى يەر تەۋرەش بەلۋىغى ئوخشاش كۈچلۈكلۈكتە ۋە زىچلىقتا ھەركەت قىلىدىغان بولسا ، 21- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رىۋۇللىيەنىڭ چوققىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن ، ئەسىر ئاخىرغىچە يەر شارىدا يېڭى بىر قىتئە پەيدا بولىدىكەن .
« سىر زورنىلى » دىن ماتېماتىكا تەرجىمە قىلدى.