anjurguli
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-30
|
ئەقىل دۇردانىللىرى
ئەقىل دۇردانىللىرى 1. كاتاڭ يول ئاتنى سىنايدۇ ، مۇشەقەت مەرتنى . 2 . كادىر بولساڭ سىلىق بول، سۇغا كىرسەڭ بىلىق بول . 3. كاززاپ گەپ بەرمەس ، ساختىپەز نەپ(بەرمەس) . 4. كالۋا تاش سانىسا، زېرەك قۇم سانار . 5 . كەپسىز، ئىشى ئەپسىز ، ئەلگە نەپسىز . 6. كەڭ يولدا غەم قىلما ، تار يولدا جەڭ (قىلما) 7. كەلكۈندىن قورقمىغان، دەريادىن ئالتۇن سۈزەر . 8 . كەمبەغەل كەمبەغەل ئەمەس ، كەم ئەقىل كەمبەغەلدۇر . 9. كەمتەر ئامال تاپار ، تەكەببۇر زاۋال. 10. كەم سۆز يىگىت ساز يىگىت ، مەدداھ يىگىت ماز يىگىت . 11. كۆپ ئاتقاننى مەرگەن دېمە ، كۆپ ۋەدىنى بەرگەن دېمە . 12. كۆپ ئەرگە تەككەننىڭ كۆڭلى پەس ، كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى (تەس) 13 . كۆپ يامغۇر يەرنى بۇزار ، پىتنە-پاسات ئەلنى . 14. كۆۋرۈكسىز دەريادىن ئۆتمە ، نامەرتتىن ۋاپا كۈتمە . 15. كۈچۈڭنى يەرگە بەر ، بىلىمىڭنى ئەلگە بەر. 16. ئۆردەك سۇغا ئامراق ، ھۇرۇن گالغا ( ئامراق) . 17. ئۆزۈڭ خەسچە بولساڭمۇ ، ئەقلىڭ تاغچە بولسۇن . 18. ئۆزۈڭ قىلىپ ۋاپاسىزلىق ، ئۆزگىدىن ۋاپا كۈتمە . 19. ئىنسان بەختى بىلەن كۈلەر ، پادىشاھ تەختى بىلەن ( كۈلەر) 20. ياتقان ئىتقا تاش ئاتما ، ناتۇنۇش ئايالغا قاش ئاتما . 21. ئالىيجاناپلارنىڭ چۈشىنىدىغىنى ھەقىقەت ، پەسەندىلەرنىڭ بىلىدىغىنى شەخسىيەت . << قىز -ئاياللار ئەخلاقى>> (ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن) دىن ئېلىندى
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 20:06 |
| |