arx
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 242
شۆھرەت: 243 نۇمۇر
پۇل: 2420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:195(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-27
|
ئەبۇ نەسىر فارابى تۈركى خەلقلىرىگە مەنسۇپ
مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ << فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى >>دىگەن كىتابىدىن . تورداشلارغا مۇنۇ قۇرلارنى سۇناي . ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبنى تارخان ئىبنى ئۇزلۇق فارابى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆز ئېتى مۇھەممەد فارابى دەپ ئاتىلىدۇ . ئەبۇ نەسىر ففرابى ھىجىريىنىڭ تەخمىنەن 259- يىلى ( مىلادىنىڭ 870- يىلى ) سىر دەريانىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق ففراب ( ئوترار ) شەھىرىنىڭ ۋاسىچ ھەربىي قەلئەسىدە دۇنياغا كېلىپ ، ھىجىريىنىڭ 339- يىلى ( مىلادىيىنىڭ 950- يىلى) 12 - ئايدا سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىدە ۋاپات بولغان . فارابى تۈركى خەلقلەر نەسەبىدىن ئىدى . ئۆزبىكىستان پەنلەر ئاكادىيىمىسى پەلسەپە ۋە ھوقوق ئىنىستىتوتى تۈزگەن << ئۆزبىكىستاندا ئىلغار ئىجتىمائى - پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار >> ناملىق كىتابىنىڭ ئاكادېمىك ئى . م . مۆمىنوۋ يازغان مۇقەددىمىسىدە فارابىنى << سىر دەريا بويىدىكى ففراب شەھىرىدە تۈركى ئائىلىدە تۇغۇلغان مەشھۇر پەيلاسوپ >> دەپ كۆرسىتىلگەن . << ئۆزبىكىستان س س ر تارىخىدا >> دا فارابى ئوتتورا ئاسىيا تۈرۈكلىرىدىن كېلىپ چىققان دەپ تىلغا ئېلىنغان . سابىق سوۋېت فارابىشۇناسلىرىدىن م م خەيرۇللايوۋ << فارابى ، دەۋرى ۋە تەلىماتى >> ناملىق كىتابىدا ، ب .غ . غوپۇرۇۋ بىلەن ئا . خ . قاسىمجانوۋ ئۆزىنىڭ << مەدىنيەت تارىخىدا ئەل فارابى >> ناملىق كىتابىدا ، س .ن . گرىگورىيان ئۆزىنىڭ << ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران پەلسەپە تارىخى >> ناملىق كىتابىدا ، مىسىر ئالىمى دوكتۇر سەيىت زايىت ئۆزىنىڭ << ئەل فارابى >> ناملىق ئەسىرىدە ئەبۇ نەسىر فارابىنى بىردەك سىر دەريا بويىدىكى تۈركى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن دەپ يېزىشقان . فارابىنىڭ نەسەبى توغرىسىدا << ئىككىنچى فارابى >> دەپ نام ئالغان ئۇلۇغ ئالىم ئىبنى سىنامۇ فارابىنى تۈركى ئىدى دەپ يازغان . ئىبنى خەللىكان ئىبنى سەئىت كۆرەۋى تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ يازغان ئۆز كىتابىدىمۇ ؛ << فارابى تۈركى ئىدى ، ئۆز ۋەتىنىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ...... ئۇ تۈركى ۋە باشقا تىللارنى بىلەتتى ، ئەرەپ يىلىنى بىلمەيتتى >> دەپ يازغان . دىمەك فارابىنىڭ ئەرەپ ياكى پارىس مىللىتىگە ئەمەس ،بالاساغۇن - ئوترار تۈركى خەلقلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىگىدە گەپ يوق .
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 19:08 |
| |