>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
uyghurche yanfon  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1019 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
sadakat1
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 207
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
پۇل: 2090 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:86(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

مەرھۇم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئۆز تارىخىنى ئۇنتىغان مىللەتنى تارىخمۇ ئۇنتۇيدۇ. تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت دۇنيادىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتقان بولىدۇ. گەرچە بىز تارىخ تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان مىللەت بولمىساقمۇ " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " گە ئوخشاش تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ئۆزىنىڭ گېگانت ئەسەرلىرى بىلەن قەتئى يول قويمىغان تۆھپىكار ئالىملىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئۆزى ، دەل تارىخنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا يول قۇيىۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەلۋەتتە . بىز ئەنە شۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۋېلىش ئۈچۈن سۈيۈملۈك ، مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېزدەش ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىپ، ھەر قايسى تىللاردا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولغان بولساقمۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان بىرەر ماترىيالغا ئىگە بۇلالمىدۇق. چۈنكى ئىخلاسمەن ، دىيانەتلىك ئالىم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى "« ئۆزى ھەققىدە يېزىش رىياكارلىققا باشلايدۇ، رىياكارلىق ئىنساننى ئاقىۋەت دۇزاخقا ئاپىرىپ تاشلايدۇ» دېگەن ئەقىدىسى بۇيىچە ئۆزى ھەققىدە ھېچ نەرسە يېزىپ قالدۇرمىغان ئىكەن. بىز كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھرىدە نەشىر قىلىنىدىغان " ئەمەلى سائىنس " ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، سۈيۈملۈك ئۇستازىمىزنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بوغرا ئۇيغۇر بىلەن 2001- يىلى ، 8 – ئايدا كاراچىدا كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭ ئەسلەپ بەرگەنلىرى ئاساسىدا ، بۇ قىسقىچە تەرجىمىھالنى رەتلەپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇق.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۆرىشى يۇلىدىكى ئۆچمەس مەشئەللىرىمىزنىڭ بىرى ، ۋەتىنىمىز تارىخىنى ، ۋەتىنىمىز مۇڭ – زارىنى دۇنيا جامائەتچىلىگىگە ئاڭلىتىش ۋە تۇنۇتۇش يۇلىدىكى ئۇلۇغ ، دانا ، يول باشچى ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرى مەرھۇم تارىخشۇناس ئالىم ۋە شائىر " مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر قەشقەرى " ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ) پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە ئۇل سالغۇچى تۆھپىكار ئالىملىرىمىز قاتارىدىن سانىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە ، ئەرەپچە ، تۈركچە، ئوردوچە ، پوشتۇچە ، پارىسچە شۇنداقلا چاغىتاي ( ئۇيغۇر ) چە يازغان تارىخى كىتاپلىرى ، شېئىرلار توپلاملىرى، تۈرلۈك ئىلمى ماقالىلىرى ۋە خەۋەر ، ئوچىرىكلىرى ھازىرغا قەدەر پاكىستاندىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ئاتاقلىق كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا ، شۇنىڭدەك دەلىل ، ھۆججەتلەرگە باي بولۇشتەك ئالاھىدىگى ۋە نادىرلىغى ھەمدەئۇسلۇپ جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىگى بىلەن كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرىنى، خۇسۇسەن كەڭ تۈركىستان تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھېجرىيە 1330 يىلى ، مىلادىيە 1911 - يىلى ئۈستۈن ئاتۇشتا بىر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1912 – يىلى دادىسى مۇھەممەد مۇسا ئەپەندى نامەلۇم بىر ۋەقەدە ۋاپات بولۇپ ، بىر ياشلىق ئوغلىنى دىيارىمىزنىڭ قاباھەت قاپلىغان زۇلمەتلىك ئاسمىنى ئاستىدا يېتىم ، تايانچسىز قالدۇرۇپ كىتىدۇ. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانىسىمۇ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ ، بالىنى تاغىسىغا قالدۇرۇپ كىتىپ قالىدۇ. تېخى ئالتە ياشقا كىرە – كىرمەيلا ئاتا – ئانىنىڭ مېھرى شەپقىتىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان مۇھەممەدروھى ئۇيغۇرقەشقىرىنىڭ ئازاپلىق قىسمىتىدە بىر يىلدىن كېيىن يەنە قايتا دەرد ئۆركەشلىرى مەۋج ئورۇشقا باشلايدۇ. تاغىسى ( ئىسمى نامەلۇم ) يېتىملىك ئازاۋىدا ئىڭراۋاتقان يەتتە ياشلىق گۈدەكنىڭ ئەلەملىرىگە مەلھەم بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەممە تۇققانلىرى يۈز ئۆرىگەن بۇ سەبىدىن تارىخمۇ يۈز ئۆرۈپ ، قايسىدۇر شاھ ، رەئىس ، بەگ – غۇجاملارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى خاتىرلەشكە كىتىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ 7 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان 14 يىللىق يىگانە ھاياتى قەيەرلەردە ، كىملەرنىڭ تەربىيسى ئاستىدا ئۆتكەن ؟ بۇ ھەقتە تارىخ بىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئەمما شۇنى كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، قايغۇ – ھەسرەتنىڭ ئاچچىق شېۋىرغانلىرىدا تىترىگەن ئۇنىڭ ئاشۇ ناتىۋان جىسمىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ مىھر- شەپقەتلىك ئىللىق قوينى ھارارەت بەخش ئەتكەن .دىيارىمىزنىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇلىقىدا گاھ قورقۇپ، گاھ چۈچىگەن ، مېھرى – مۇھەببەتتىن مەھرۇم بۇ يىگانە سەبىنىڭ ئازاپلىق قەلبىگە كۈيۈمچان خەلقىمىز مۇھەببەت بەخش ئەتكەن، 14 يىلغىچە ھارماستىن ئۇنى باققان ۋە تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن ، ئۇنى قەيسەرلىككە ئۈگەتكەن . ئۇنىڭدا ئىسمىغا لايىق ھەقېقىي مۇھەممەد روھىنى پەيدا قىلىشقا تىرىشقان. ھازىر بىزنى قەلەم تەۋرىتىشكە قىستىغان ئۆلمەس روھنىڭ ئاساسىنى ئەنە شۈ مېھرىبان خەلقىمىزنىڭ تەلىم – تەربىيىسى تىكلىگەن.

1932 – يىلى قاياقلاردىندۇر ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ كەلگەن تارىخ ئۆزىنىڭ شۇنچە مالىمان ، ئالدىراشلىقىغا پەرۋا قىلماستىن ، ئۇنىڭغا يەنە قايتا نەزەر تاشلايدۇ . بۇ چاغدا قەلبىگە ئولۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن يېگىرمە بىر ياشلىق مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر قەشقىرى ۋەتەن خەلقىنىڭ ئۆزىگە بېغىشلىغان مېھرى – مۇھەببىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا ماڭغان نامەلۇم بىر كارۋانغا قېتىلپ ، پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھرىگە يىتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھرىگە بېرىپ ، بىر مېھمانخانىغا چۈشىدۇ ، ئۇنىڭ زىرەكلىگى ۋەئۇيغۇرلارغا ئەدەپ – ئەخلاقىدىن تەسىرلەنگەن مېھمانخانا خوجايىنى ئۇنى مېھمانخانىنىڭ ھېساۋاتچىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ھالاللىق بىلەن قىلغان خىزمىتىدىن سۈيۈنۈپ كەتكەن خوجايىن مىللى ئەسەبىيەتلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ، ئۇنى ئۆز باجىسنىڭ قىزىغا ئۆيلەندۈرگەن . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قايغۇ جاراھەتلىرى بىلەن تاۋلانغان ، ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن تۈگىمەس – پۈتمەس ئارمانلارغا تولغان پاك قەلبىدىن تۈنجى قېتىم پارىس قىزى ئورۇن ئالغان . بۇ ئىككى تىللىق ، پاك نىيەتلىك ياشلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان سەمىمى مۇھەببىتى بېخلىنىپ پەرزەنتلىك بولۇشقان . شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان پاك مۇھەببىتى ۋەتەن ، مىللىتىگە ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بولغان يۈكسەك ، مۇقەددەس سۆيگۈسىدىن ھەرگىزمۇ ئۈستۈن كىلەلمىگەن . شۇڭلاشقا ئۇ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىنى ئۇرۇش قاپلىغان ، ھەممىلا ئادەمنى تۇرمۇشنىڭ غېمى ، بەلكى بىر قېتىم بولسىمۇ قۇرساقنى تۈزۈكرەك تويغۇزۇش غېمى قورشىۋالغان ئاشۇنداق جاپالىق مەزگىللەردىمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىگە بىرىلمەستىن ۋەتەن – خەلقنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ، ۋەتەننىڭ جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىنى ئىلىم – مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇش ، خەلقىمىز مۇڭ – زارىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش كۇيىدا بىر ياقتىن ئۈگۈنۈپ ، بىر ياقتىن ئىشلەش بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى.
ئۇ ئافغانىستاندا تۇرۇش جەريانىدا ئەرەب ، تۈرك ، پوشتۇ ۋە پارىس تىللىرىنى پىششىق ئۆگۈنۈپ ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشقا كىرىشكەن ۋە شۇ تىللاردا ھەر خىل شېئىر ، ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان . ئۇ پارىس ، پوشتۇ ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم قويۇپ ، ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا ئافغان خەلقىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئافغانىستاندىكى مەشھۇر " ئەنىس " ناملىق پوشتۇ تىلىدىكى گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئۇ بۇ جەرياندا " تۈركلەر ئېپتىخارى " دېگەن ئەرەپ تىلىدىكى چوڭ ھەجىملىك تارىخى كىتاۋىنى يېزىشقا كىرىشكەن . ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇرغۇن ماقالە ،خەۋەر ، ئوچىرىكلارنى يېزىپ ئافغان خەلقىگە تۇنۇشتۇرغان بولۇپ ، پارىس تىلىدا يېزىلغانلىرى ئىچىدە بىز پەقەت ھازىر پاكىستاندىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە ھەرقايسى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان " يىپەك يۇلىدىكى خۇتەن داستانى " دىگەن تارىخى ماقالىسى بىلەن " روھى قايغۇسى " ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئەسلى ئورگىنالى بىلەنلا ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بۇلالىدۇق . قالغانلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ .
ئېھتىمال 1948 - يىللار بولسا كىرەك ، مۇھەممەد روھى ئەپەندىنىڭ قەلبىدىكى چوڭقۇر سېغىنىش ھىسلىرى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ۋولقان بولۇپ يالقۇنلاشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ " بالىلار بەك كىچىك ، پامىرنىڭ سوغۇقلىرى ۋە يول ئازاۋىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ " دېگىنىگە ئونىماي " مەن ھىندىستان بىلەن ۋەتەنگە قايتىشقا ئامال قىلىمەن " ئافغانىستاندىن پاكىستانغا قايتىپ چىقىپ ، تەخىرسىز ھالدا لاھور ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھرىگە بارىدۇ . ئەمما ھەرخىل سىياسى داۋالغۇشلار تۈپەيلى ۋەتەنگە قايتىشقا زادىلا ئامال تاپالماي ، بىر مەزگىل دېھلىدا تۇرۇپ قالىدۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئاڭلىغان مۇھەممەد روھى قاتتىق مەيۈسلەنگەن ھالدا پاكىستاننىڭ لاھور شەھرىگە قايتىپ كىلىپ ، شۇ يەردە ماكانلىشىپ قالىدۇ ، ھەمدە ئوغلى مۇھەممەد بوغرا ئۇيغۇرنى مەكتەپكە بىرىدۇ . ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن ھىندىستانغا كىرىپ چىققۇچە تارتقان ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى ئاز دىگەندەك ، شۇ يىلى لاھوردا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە ئۇنىڭ مال – مۈلكلىرى كەلكۈندە قېلىپ ، زور ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا دوچار بولىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي بىر ياقتىن ئىشلىسە ، يەنە بىر ياقتىن ئىنگىلىز ، ئوردۇ تىللىرىنى پىششىق ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ ھەمدە ئوغلىنىمۇ قېيىنچىلىقلارغا قارىماي داۋاملىق ئوقۇتىدۇ . بۇ جەرياندا بىر تەرەپتە تۈرلۈك ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانسا ، ئىككىنجى تەرەپتە توختىماي ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ئۇ لاھوردىكى چېغىدىلا دەسلىۋىدە " روھى نالىسى " ئاندىن " يېڭى مىللى روھ " دېگەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئىككى شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغاندىن باشقا ، يەنە ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان نۇرغۇن ماقالە ، خەۋەرلىرى پاكىستاندىكى ھەر قايسى گېزىت – ژورناللاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلايدۇ . ئاخىرىدا ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقلار تۈپەيلى كاراچىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ، تۇرغۇدەك ئۆي – ماكان يوق ، تۈرلۈك ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن نۇرغۇن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ . بىر مەزگىلدىن كېيىن يېقىن دوستلىرىنىڭ يارىدەم قىلىشى بىلەن ئاران دېگەندە بىر ئېغىزلىق ئۆيگە ئىگە بولىدۇ.
1955 – يىلى پاكىستان رادىئو ئىستانسىسى تۈركچە ئاڭلىتىش باشلىغاندا ، مۇھەممەد روھى ئىستانسىنىڭ تاللاش ئىمتىھانىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەمىنلىشى بىلەن بىر يۈرۈش قورۈ جايغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ بۇ يىلمان تۇرمۇشىمۇ ئۇزۇنغا بارمايدۇ . (( ... )) ئۆمرى تېخى يەتتە ئايغا بارمىغان بۇ ئاڭلىتىش توختىتىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ روھى ئەپەندىگە نىسبەتەن تۇرمۇش جەھەتتە قەلەم ھەققىگە تايىنىشتىن باشقا يول قالمايدۇ . شۇنداقتىمۇ ئۇ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغرا بىلەن كىچىك ئوغلى مۇھەممەد بابۇرنى ئىقتىسادىي چىقىملارغا قارىماي ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ كاراچىدا تۇرۇش جەريانىدا 1959 – يىلى ئىنگىلىز تىلدا يېزىلغان ” The original home of tukharians ” ( تاخارلارنىڭ ئەسلى يۈرتى ) ناملىق مەشھۇر تارىخى ئەسىرى نەشىردىن چىقىدۇ . ئارقىدىنلا ئوردۇ تىلىدا يېزىلغان ” تىپپۇ سۇلتاننىڭ ئوسمانىيە خەلىفىسىگە يازغان مەكتۇپلىرى ” ناملىق تارىخى ئەسىرىمۇ ئىلان قىلىنىدۇ. ھەمدە " تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان تۆھپىلىرى " ناملىق ماقالىسمۇ ئىنگىلىز ، ئوردۇ تىللىرىدىكى داڭلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنىشقا باشلايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز ئۇچرىشىشقا سازاۋەر بولغان ، تېخى نەشىردىن چىقمىغان " يېڭى ئېچىلغان گۈللەر " ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، " تۈركلەر ئىپتىخارى " ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەرەب تىلىدا يېزىلغان تارىخى كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ ئورگىنال ھالىتىدە پاكىستاندىكى ئاتاقلىق كۇتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا .
((( ... ))) ئۇ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بىلىم ئېلىش ئىرادىسىنى بۇشاشتۇرماي ، ئەتىگىنى روسچە ، چۈشتە نىمىسچە ، كەچتە فىرانسوزچە ئۆگۈنىشنى توختاتمىغان ئىدى .
بىز پاكىستاننىڭ داھىسى " قائىدى ئەزەم مۇھەممەد ئېلى جىنناھ " مەقبەرىسى يېنىدىكى بىر كونا كۇتۇپخانىغا قارىغۇچى بوۋاي بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ، ئۇ چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئۇنى ئەسلەپ " ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى كىسەلجان ۋاقىتلىرىدىمۇ ھەر كۈنى ئەتتىگىنى كىلىپ ، ئاشۇ بولۇڭدىكى ئۈستەلدە بىر ئولتۇرغانچە چۈشلۈك تاماقنىمۇ شۇ يەردە يەپ ، كەچ كىرگەندە ئاندىن قايتىپ كىتەتتى . ئۇ ئۈستەلدە ئۇنىڭ باشقا ھېچكىم ئولتۇرمايتتى ھەم ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئۇ ئۈستەل ئۇنىڭ ئىشخانىسى ھەم دەرىسخانىسى ئىدى " دەپ سۆزلەپ بەردى .
قىسقىسى ئىمانى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغاق بۇ ئوت يۆرەك ، مول – ھۇسۇللۇق ئالىمىمىز ئۆز ھاياتىنى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەنە شۇنداق ئاددى ساددا ، مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ ، ھىجرىيە 1385 – يىلى ، مىلادىيە 1965 - يىلى 12- ئاينىڭ 8 – كۈنى قەلبىكدىكى (( ... )) ئارمانلىرىنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ كاراچىدىكى قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان:

"ھېچ ئىش قىلالماي كەتتىم جاھاندىن،
خۇدا دەپ ئىي مېھرىبان پەرۋەردىگارىم ،
بېشىمغا بىر تۇتام گۈلنى قىل سوۋغا ،
ئېچىلسا گەر بېغىمدا گۈلى ئارمانىم
دېگەن مونۇ مىسرالىرى ۋەتەن ، خەلقنىڭ بارلىق ۋاپادار ئوغۇل – قىزلىرىنى ئىمان ۋەئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ . شۇنداقلا ئارمان گۈللىرى ئېچىلغان ،ئاشىقلارنىڭ ۋىسال پەيتلىرى يىتىپ كەلگەن ، جاھالەت قەپەسلىرى سۇندۇرۇلۇپ ، بۇلبۇللار ھۆرىيەت نۇرىدا جەۋلان قىلغان كۈنلەردە ،غەلىبە سۈپىتىدە قەبرە بېشىغا بىر دەستە گۈلنىڭ قويىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە


__ چىن مودەن تەستىقلىدى.


Ulinix.biz

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
ئاھ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىت.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 17:48 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 58
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەرھۇم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن تۇنۇشقۇنۇم ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار بولدۇم .
مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يەنە يوللاپ تۇراسىز رەخمەت .



[ بۇ يازما Uyhur~nisa تەرپىدىن 2007-10-14 22:44 دە ق ]


Xabnam Aramgahi
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 22:06 چوققىغا قايتىش
nosandi

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 42
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 420 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:14(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاھ خۇدا ، مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر قەشقىرىنىڭ ئارمانلىرىنىڭ پاتراق ئەمەلگە ئېشىشىغا مەدەت بەرگەيسەن ئىلاھىم ! ھېچ بولمىغاندا قەبرە بېشىغا بىر دەستە گۈل قويىشىمغا نىسىپ قىلغان بولساڭ نىمە دەردىم ...

Ulinix.biz
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 22:08 چوققىغا قايتىش
sadakat1
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 207
شۆھرەت: 230 نۇمۇر
پۇل: 2090 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:86(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى Uyhur~nisa نىڭ 2007-10-14 22:06 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەرھۇم " مۇھەممەد روھىي ئۇيغۇر قەشقىرى " نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن تۇنۇشقۇنۇم ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدار بولدۇم .
مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يەنە يوللاپ تۇراسىز رەخمەت خانىم .

كىم سىزگە مىنى ئايال دىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرسەم مىنى سىز خانىم دەپ ئاتاپ چىشىمغا تىگەي دەمسىز نىمە؟


Ulinix.biz

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
ئاھ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىت.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 22:19 چوققىغا قايتىش
batuk

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 379
شۆھرەت: 389 نۇمۇر
پۇل: 2036 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:139(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىكەن!!!!!!!!!تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!!!!!نادىر تىما!!!!!!!!!!!!!!!!!

Xabnam Aramgahi
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 23:24 چوققىغا قايتىش
jahil1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 146
شۆھرەت: 147 نۇمۇر
پۇل: 1460 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:8(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تارىخقا بۇلۇپمۇ مىللىتىم تارىخىغا بەك قىزىمقىمەن ، ماڭا قۇرۇق پاراڭدىن مۇشۇنداق تىما بەك ياقىدۇ

Ulinix.biz


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 23:28 چوققىغا قايتىش
RAMADAN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئىسىل تىمىكەن!!!!!!!!!تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!!!!!نادىر تىما!!!!!!!!!!!!!!!!! چ چ ..........826650928

Ulinix.biz
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-14 23:44 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 58
شۆھرەت: 59 نۇمۇر
پۇل: 580 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى sadakat1 نىڭ 2007-10-14 22:19 دە يوللىغان يازمىسى“”:

كىم سىزگە مىنى ئايال دىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرسەم مىنى سىز خانىم دەپ ئاتاپ چىشىمغا تىگەي دەمسىز نىمە؟


كېچۇرۇڭ مەن ساداقەت دىگەن بىر ئايالنى تۇنۇيتۇم شۇڭا سىزنى خانىم دەپ خاتالىشىپتىمەن .
باشقا مەخسەت يوق ھەقىقەتەن ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ . ئالدىڭىزدا بەك خىجىل بولدۇم . ئەگەر سىزدىن باشقا بىر نەرسىنى چۇشەنمەيدىغان تەتۇر ئادەملەر بولسا تىللاپ مىجىغىمنى چىقىرۋېتەتتى . سىز راستىنلا ئاق كۆڭۈل سەمىمى ئەپۇچان كەڭ قۇساق ئىقتىدار ئىگىسى ئىكەنسىز . مەن بۇ سەۋەنلىگىمنى چۇقۇم تۇزۇتۇپ كىتىمەن كېچۇرۇڭ .


Ulinix.biz
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-15 00:35 چوققىغا قايتىش
nanhabala

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 493
شۆھرەت: 494 نۇمۇر
پۇل: 4930 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:33(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى گەپتىن بىرنى قىلىپسىز ............................................................................................

Xabnam Aramgahi
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-15 02:18 چوققىغا قايتىش
olmez



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي . تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۈر. ئېسىل تېمىلاردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز.

Ulinix.biz
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-15 02:37 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:10-15 20:32, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije