يۇلغۇن چايخانسىدىكى سۆھبەتتىن ئارىيە
ئۇلۇغ روزى ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۇنى،گۇزەل،غۇلجا شەھىرى تارانچى قىزلرىدەك تارىنىپ ياسانغاندا داڭلىق يۇلغۇن ئارامگاھىنىڭ <يۇلغۇن چايغانسى>دا خەنجەربەگ، تاشقىنجان،،ئارمان قاتارلىق بىر قانچە تورداشلار يېغىلىپ سۆھبەت ئۆتكۇزدى.بۇقېتىمقى ئۇ چرىشىشنىڭ ئادەم سانى ئاز ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ قىزىقارلىق پاراڭلار،،ئەھمىيەتلىك پىكىرلەر بولۇنغاچقا بۇنى تېما شەكلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ قويدۇق. تۇنجى كۆرۇشۇش. غۇلجا شەھىرى خەلق مەيدانى:
تاشقىنجان: ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،، ھوي خەنجەربەگ دېگەن سىزكەنسىزدە.كادىر سۇپەتكەنسىز.جۇمۇ.
خەنجەربەگ:_- ۋائەلەيكوم ئەسسالام،،ھا ھاھا تاشقىنجان مەن تېخى سىزنى مەندەك ئېگىز مىكى دەپتمەن.نېمە سەل ئۇرۇقلاپ قاپىسز غۇ؟
__شەبنەم تورمسىدە ھەپتە ياتسىڭىز سىزمۇ مەندەك بولىسز.
__ھا ھاھا
.قېنى قېنى مەرھەمەت!
سورۇن ھەشەمەتلىك يۇلغۇن چايخانسى:
كۇتكۇچى قىز:___ئەسسالام ئاكىلار، قانداق چاي بۇيرۇتىسلەر؟
تاشىقنجان چايلار تىزىملىكى خاتىرەسىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى.___پاھ،،ئاجايىپ چايلار باركەنغۇ.نېمانچە قىممەت توۋۋا..شەبنەم چايخانسدا تېتىپ باقمىغان چايلار باركەنغۇ!
چاقچاقتىن كېيىن مۇزاكىرە:
:تاشقىنجان__ياخشمۇسىز،ھۆرمەتلىك، خەنجەربەگ، مانا بۇگۇن بىز توردىكى مەۋھۇم دۇنياندىن چىقىپ رېئاللقتا يۇزمۇ_ يۇز ئۇچراشتۇق.بۇ سۆھبەتنىڭ ئاددى ئەمما ئەھمىيەتلىك بولۇشىغا ئىشىنمەن.
سىزنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان خاس ئەسەرلىرىڭىز نى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.سىزچە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قانداق مەسىلىلەر ساقلانغان. بۇگۇن ئەركىن_ئازادە پىكىرلەشسەك. قانداق دەيسىز؟
-----. بولىدۇ..بولىدۇ. مەنچە ھازىر ئۇيغۇر تور بەتلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. مەن مۇشۇ بوشلۇققا ئەزا بۇلۇپ كىرىپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا تاشلاپ قىزغىنلىق بىلەن قىسمەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدىم.ئۇيغۇر تور بەتلەرنى قىسقارتىپ ئاز ئەمما ساز تور بەتلەرنى قۇرۇپ چىقساق دەيمەن.ئەلۋەتتە بۇ بىر ئىككى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.ئاندىن قالسا مۇنبەرلەردە قۇرۇق مەدھىيلەر ھەددىن زىيادە كۆپ،زىيادە،ماختاش ،ياكى بىراقلا ئېنكار قىلىش خاھىشى بىر قەدەر ئېغىر. بۇنى <تەنقىددىمۇ مۇھەببەت بار>ناملىق ماقالەمدە ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم.قانچىلىك تەسرى بولدى بىلمەيمەن.
مېنڭچە ،بىزدە كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەممىنى سىغىدۇرالايدىغان قەلب بولۇشى كېرەك.
__تاشىقنجان ئەمدى سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ مۇنبەرگە كىرىپ قالغانلقىىڭىزنى بىر ھېكايە قىلپ باققان بولسىڭىز.
تاشقىنجان:__بولىدۇ. مەن ھەدىگەندە شەبنەمگە ئەزا بولدۇم. مۇنبەر دېگەن بۇ يەر دەسلەپتە ماڭا ئاجايىپ تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزەم خاتىرەمگە يېزىپ ،ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يۇرگەن بىر قسىم ئەسەرلىرىمنى مۇشۇ يەرگە يوللىدىم. تەستقلانغان تېملىرىمنى كۆرگەندىكى ھاياجانلىق ھېسياتىمنى دېمەيلا قۇيۇڭلار.ھا ھا ھا..شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەت چىرىقىمنى ياندۇرۇپ،،يازۋەردىم..بۇ جەرياندا يازارمەن قەلەمكەش ،سىرداش دوستلارنى تاپتىم .ئۇلارماڭا مەدەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن شېئىر،،ھىكايە،ماقالە _ئەسەرلەرنى تۆكۇپلاۋەتتىم....ياقتۇرغان مەدھىيلىك ئىنكاسلارغا مەست بولۇپ يۇرگەن ،،تەنقىدلەرگە رەنجىپ ،تېرىكىپ يۇرگەن چاغلىرىممۇ بولدى. ...كېيىن باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ ئەزا بولۇپ ئەسەر ئەۋەتتىم. ھازىر كەينمىگە قاراپ باقسام يازغانلىرىمىنڭ خېلى جىقلاپ قالغانلىقى .لىكىن بەدئىيلىك ۋە قەلەم قۇۋۋىتى جەھەتتە تېخى چولتا ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.
ئارمان ئەپەندى،،___ھوي ئاداشلار،،چاي سۇۋۇپ قالدى..ئوت قالاپ بېرەيلىمۇ يا؟(كۈلكە)
سۇۋۇپ قالسا تۆكۇۋتىپ،،يەنە يېڭىسىنى ئېلىپ كېلىمىز...بۇگۇن مۇنبەر پۇلنىڭ ھەممسىنى مۇشۇ چايخانىدا خەجلىۋەتمەمدۇق. ھاھاھا
ئارمان 4:___تاشىقنجان بايا سىزمۇ <تەنقىدلەرگە تېرىكىپ ،رەنجىپ يۇرگەن چاغلىرىممۇ بولدى.>دېگەن گەپنى قىلدىڭىز. لىكىن ھازىر قاراپ باقساق سىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن بەكرەك..ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ھەپلىشىپ قويىۋاتقانلىقىڭىز نى سېزىپ قېلىۋاتىمىز. بۇنداق ئۆزگىرشكە چۇشەنچە بېرىپ باقمامسىز؟
___ بولىدۇ. مەلۇم ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان__ چىقمىغانلىقىنى يازغۇچى ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەنلەر،كىتاپخانىلار بەلگىلەيدۇ. ئۆز قارىشمىزدا كاتتا دەپ قارالغان تېملارنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ شۇنداق بولۇشى ناتايىن.دېمە ك
بۇ يەردە يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەقىقىي باھاسىغا مۇھتاج بولىدۇ.ئادەتتە بولۇپمۇ تور ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرگە بېرلىگەن باھالارغا قارايدىغان بولساق يۇقىردا خەنجەربەگ ئېيتقاندەك،،سۇبىيكىتپ سەبىىيي قاراشلار ناھايىتى كۆپ.بۇنىڭغا كۆپ قىسم تورداشلار ھەقىقىي مۇئامىلە تۇتماي،،تەنقىدلەشكە تېگشىلىك تېملارنى ئەتەي كۇچەپ ماختايدىغان،،،ئېتىراپ قىلىنىشقا تېگىشلىك يازمىلارغا قارىتا ،،كۆز يۇمىۋالىدىغان،،ياكى ھېچ ئاساسىزلا قارلايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇنىڭ تۇپكى سەۋەبىي ___تور ئەدەبىياتىغا تېخى تەنقىد ئەدەبىياتى باشقىچە ئېيتساق، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تېخى رەسمى ھالدا كىرمىگەنلىكى كىرگەن بولسىمۇ ئومۇملاشمىغانلىقىدا. شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ ئىجادىيەتىنى ۋاقتىنىچە توختىتىپ ياكى ئاز شۇغۇللىنىپ كۆپرەك ۋاقتىمدا تورداشلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇستىدە مۇھاكىمە يۇرگۇزدۇم. بۇنىڭ تۇنجى مىسالى:<جۇدۇن شېئىرلىرىدكى ئىستىتىك قاتلام>ناملىق ماقالەم بىلەن باشلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ كېچىككە كىرىشپ قالدىم ۋە قىزىقىپ قالدىم. ئەلۋەتتە،
ئارقا _ئارقا ئېلان قىلغان تەنقىدى ماقالىلىرىمدە كەمچىلىك ساقلانغانلىقىدا گەپ يوق.
بۇ جەھەتتە،،ئۆزەمنىڭ نۇرغۇن <تەنقىد>لەرگە ئۇچراپ قالغانلىقىمىغا رازىمەن.
___ھە،خەنجەربەگ ،،سىزنى يېقىندىن بېرى دىيارىم تورىدا قايتا ئۇچراتتۇق. ؛ئات_ئايلىنپ ئوقۇرىنى تاپار دېگەن شۇ كەندە؟\
___شۇنداق،،دىيارىمىزنىڭ قوينى كەڭ. مەن بۇيەردىن بۇرۇنمۇ چېكىنمىگەن.ھازىرمۇ مۇشۇ تور بەتنىڭ ئاكىتپ ئەزاسى..مەن مۇنبەرلەر ئازادە ۋە ئىلمىي مۇنازىرە مەيدانى بولسا دەيمەن. ھازىر ئادەملىرىمىزدە نېمشقىدۇر ئۆزىنى مۇنازىرىدىن قاچۇردىغان،،ياكى قورقىدىغان كەيپىيات بارا-بارا شەكللىنىپ قېلىۋاتىدۇ...نورمال مۇنازىرە ھەرگىزمۇ ئىناقلىققا ،تەسىر يەتكۇزمەيدۇ.مۇنازىرە جەريانىدا يېڭى بىلىم،،ئۇچۇرلار چىقىپ قالىدۇ. ھىيۇگۇ توغرا دەيدۇ:<باتۇرلۇق تۇگىسە ھەممە تۇگەيدۇ.>. ئىلىمي مۇنازىرە بەرپا قىلىش ئۇچۇن جاپا چېكىش ئەرزىيدۇ....
بۇ چاغدا ۋاقىت ئوقتەك ئۆتۇپ قۇياشمۇ غەربكە قيسايدى..
____بولىدۇ ئەمسە،،سۆھبەتنمۇ قىلىدۇق...روزى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەن شەھەرنىڭ مەنزىسىدىن ھوزۇرلىنايلى!
___.رەھمەت شۇنداق قىلايلى..
تاشقىنلق ھېسلارنىڭ يەنە داۋام قىلغۇسى.........
2007.1013كۇنى..روزى ھېيتنىڭ بىرى.
دىلرۇس تەستىقلىدى
[ بۇ يازما samarkanit تەرپىدىن 2007-10-14 00:03 دە ق ]