سېۋىت ئىىتتىپاقىدىكى خەنزۇلارنىڭ سىتالىن دەۋرىدىكى كەچۈرمىشلىرى
جوڭگۇ كۆچمەنلىرىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەم مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن جوڭگۇلۇقلارنىڭ رۇسىيە تۇپراقلىرىغا كەڭ كۆلەمدە كىرىپ ماكانلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان بولۇپ، يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە جوڭگۇ كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئايىغى تەگمىگەن جايلار ئاز قالغان.
نۆۋەتتە، رۇسىيىدە زادى قانچىلىك جوڭگۇلۇق بارلىقى ئېنىق ئەمەس، بىراق، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇلارنىڭ سانىنىڭ 200 مىڭدىن بىر قانچە مىليونغىچە ئىكەنلىكى ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ جايلىرىنىڭ موسكۋا، سانكتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەردىن باشقا ئاساسلىقى يىراق شەرق ئىكەنلىكى يېزىلماقتا. رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ھەتتا جوڭگۇلۇقلارنىڭ مۇنداق تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىكى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلىنىپ، قانۇنلۇق پۇقرالىق ھوقۇق سالاھىيىتى بىلەن موسكۋادىن سىياسىي ھوقۇق دەۋا قىلىشى مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
يەنە بەزى رۇس ئاپتورلىرى بولسا، جوڭگۇ كۆچمەنلىرىنىڭ مۇنداق كۆپىيىپ كېتىشى، جوڭگۇ نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى رۇسىيە ئاھالىلارنىڭ ئازلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە جوڭگۇ نىڭ رۇسىيىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشىنى ئاساس قىلغان " جوڭگۇ تەھدىتى" نەزەرىيىسىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، جوڭگۇ كۆچمەنلىرىنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ھەم ئۇلارنىڭ كىرىپ -چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جوڭگۇ كۆچمەنلىرىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتقان؟
جوڭگۇ كۆچمەنلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، چار رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسك قاتارلىق يىراق شەرقتىكى چوڭ كىچىك شەھەرلىرىگە بېرىپ، ئىشچىلىق ۋە تىجارەت قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، رۇسىيە تارىخچىسى ئارسېنىي پېتروۋىچ كىرېپسكىينىڭ يېزىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ گراژدانلار ئۇرۇشىغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيىدە 400 مىڭ ئەتراپىدا جوڭگۇ پۇقراسى ياشىغان. ۋلادىۋوستوك جوڭگۇ كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردە 50 مىڭ ئەتراپىدا جوڭگۇ پۇقراسى تىرىكچىلىك قىلغان ھەتتا شەھەردە جوڭگۇ مەھەللىلىرى بولغان ئىكەن. جوڭگۇلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇسىيە تۇپراقلىرىدىكى رۇس بايلىرى ۋە كېيىنكى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ زاۋۇت -فابرىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئەمگەك ئورۇنلىرىدا قارا ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار « جوڭگۇ ئىشچىلىرى » دەپ ئاتالغان. تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە زور ساندىكى جوڭگۇلۇقلار ھەر يىلى باھاردا رۇسىيە تەرەپكە بېرىپ، يېزىچە ئىشلەپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن قىشتا قايتىپ كېلىپ تۇرغان. يىراق شەرقتىكى رۇسىيە كوممۇنىست ھاكىمىيىتى گراژدانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشچى جوڭگۇلۇقلار ئارىسىدىن كوممۇنىستلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلاردىن بىر جوڭگۇ قىزىل ئارمىيە پولكى تەسىس قىلىپ، ئاقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا سالغان. لېكىن، 1931-يىلى ياپونىيە مانجۇرىيىنى ئىگىلەپ، مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز چېگرىلىرىنى قاتتىق قوغدىغان ھەمدە جوڭگۇ كۆچمەنلىرىگە نىسبەتەن نازارەتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، چۈنكى ياپونىيە دائىرىلىرى جوڭگۇلۇقلار ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئىشپىيونلارنى تەربىيىلەپ، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە ئاخبارات توپلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.
ستالىن جوڭگۇلۇقلارنى كەڭ-كۆلەمدە تازىلىدى، 1937-يىلى ، ياپونىيە جوڭگۇ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىياغا قاراتقان ئومۇمىي يۈزلۈك ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىغا ھۇجۇم قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ستالىن يىراق شەرقتىكى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن جوڭگۇلۇقلارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ باردى. يىراق شەرقتىكى كورىيىلىكلەرنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرگەن بولسا، جوڭگۇلۇقلارنى « ياپونىيە ئىشپىيونى »، « خەلق دۈشمىنى »، « خەتەرلىك ئۇنسۇر » ، « ۋەھاكازا » دېگەندەك تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى، سىبىرىيە ئورمانلىقلىرىغا سۈرگۈن قىلدى، تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە ئۆلتۈردى. ئەلۋەتتە، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن كۆپلىگەن جوڭگۇ ئاھالىلىرى تۈركۈملەپ، مانجۇرىيىگە قېچىپ كېلىۋالدى.
دېمەك، 1937-1938-يىللىرىغا كەلگەندە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى بارلىق جوڭگۇلۇقلار تازىلىنىپ، ئەسلىدىكى ئۈچ-تۆت يۈز مىڭ جوڭگۇ پۇقراسىنىڭ ئىزىمۇ قالمىدى. ھەتتا يىراق شەرقتىلا ئەمەس، بەلكى موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردىكى جوڭگۇلۇقلارمۇ تازىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەنە شۇ ستالىننىڭ تازىلىشىدىن كېيىن، خەنزۇ مىللىتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىپ، تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالالمىدى. قىسقىسى، خەنزۇ مىللىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىدى.
جوڭگۇلۇقلارنىڭ سىبىرىيىدە ماكانلىشىشىنى جوڭگۇ رەھبەرلىرى ئەزەلدىنلا ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە تارىخچىسى سېرگېي لۇنېيېۋنىڭ يېزىشىچە، ھەتتا ماۋ زېدۇڭ 1954-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىپ، 10 مىليون جوڭگۇلۇقنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەمگە بېرىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، موسكۋا رەھبەرلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
60-80-يىللاردا سوۋېت -جوڭگۇ مۇناسىۋەتلىرى يىرىك مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئاز ساندىكى جوڭگۇلۇقلار ئوخشاشلا « گۇمانلىق ئادەملەر » ياكى جوڭگۇ نىڭ « جاسۇس» لىرى دەپ قارالغان بولۇپ، ھەتتا بەزى ماتېرىياللاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە جوڭگۇدىن قېچىپ ئۆتكەنلىرىمۇ « گۇمانلىق ئۇنسۇر » تەرىقىسىدە قارىلىپ، سىبىرىيىدىكى لاگىرلارغا سولاپ قويۇلغان
مۇناسىۋەتلىك خەرىتە
مەنبەسى : ئورخۇندىن - pis-pas نىڭ يوللانمىسى
تەستىقلىغۇچى : يىلان ئەپەندى