QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى guhar نىڭ 2007-10-12 18:39 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بۇ ئادەمنى تونۇمايدىكەنمەن
نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىكى سەۋەبىنى بىلىپ باققۇمبار
ئال گور بۇ يىل 59 ياش، مەيدانى مۇستەھكەم مۇھىت قوغدىغۇچى، ئاقسارايدا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە كلىنتوننىڭ «كيوتو كېلىشىمى»نى ئىمزالىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جاھان كېزىپ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى تەشۋىق قىلغان، گولنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ھۆججەتلىك فىلىم «قولايسىز ھەقىقەت» نى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان ۋە مەبلەغ سالغان، فىلىمدە گول ئەسلىدىكى سىياسى قىياپىتى ۋەئازراق توڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ، يەر شارى كەنتىنىڭ ئاددى پۇقراسى سۈپىتىدە يەر شارىنىڭ ئىلىپ(ئىسىپ) كېتىشىنىڭ خەۋپىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن، يەنى داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋەرسە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ، كەلكۈن كۆپييىپ، ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇش خاراكتردىكى ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن