ئۇيغۇرلاردا روزا ھېيىت
روزى ھېيىت ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان بايرامنىڭ بىرى .
ئۇ ئىسلام دىنىدا ھەر يىلى رامىزان ئىيى ( ھىجىريە 9- ئاي ) دا 30 كۇن روزا تۇتۇپ ، شەۋۋەل ئېيى ( ھىجىرىيە 10 - ئاي ) نىڭ بىرىنچى كۇنى ئېغىز ئىچىپ ، ھېيىت نامىزى ئوقۇلغاندىن كىيىن ئۆتكۇزۇلدىغان بايرام .
روزا ھېيىت كۇنى ئۇيغۇرلار ( ئەرلەر ) سەھەردە ھېيىت نامىزى ئوقۇلدىغان چوڭ مەسچىت ( جامە ) گە كېلىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ . نامازغا كېلىشتە رەستە - كوچىلاردىن چىققان كىشىلەر توپ بولۇپ ، ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە يەتتە جايدا توختاپ تەكبىر ئىيتىپ مەسچىتكە كىرىدۇ .
ھېيىت نامىزى ئوقۇش مۇسۇلمانلار ئۇچۇن زۆرۇر ئىش ھېسابلانغانلىقى ئۇچۇن ، ئادەتتە ناماز ئوقۇمايدىغانلارمۇ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ . نامازدىن كىيىن نامازخانلار بىر - بىرى بىلەن قېزغىن قول ئىلىشىپ كۆرۇشۇپ ، بىر بىرىنىڭ ھېيىتىنى تەبرىكلەپ ، ئۆز - ئارا سالامەتلىك تىلەپ مەسچىتتىن چىقىدۇ .
ئۇيغۇرلاردا ھېيىت كۇنى سەھەردە تۇپراق بېشى ( قەبرە ) نى يوقلاش ھېيىتنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك مەزمۇنىدۇر . ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۇنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەر - ئايال ، ياش قىرىلار تۇپراق بېشىغا بىرىپ ۋاپات بولغان ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ، سۇپۇرۇپ تازىلاپ ، سۇ چېچىپ ، دان چېچىپ ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ . تۇپراق بېشىندىن يىنىپ ئەرلەر ھېيىت نامىزى ئوقۇلدىغان مەسچىتكە بارىدۇ ئاياللار قايتىپ ھېيىتلىق داستىخان تەييارلايدۇ .
پەتىلەش ( ھېيىتلاش ) روزا ھېيىتنىڭ يەنە بىر مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى . ناماز ئوقۇلغان كۇنى ھېيىت نامىزىدىن كىيىنلا پەتىلەش باشلىنىدۇ . بىرىنچى كۇنى ئۇرۇق - تۇققانلار ، قۇدا باجىلار ، يىقىن ئۆتىشىدىغانلار بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە ھېيىت پەتىسىگە بارىدۇ ھېيىتنىڭ 2- 3- كۇنلىرى قوشنىلار ، دوسىتلار ، ئىشداشلار ئۆز - ئارا پەتىلىشىدۇ . پەتىلەش ئارقىلىق بىر - بىرىدىن ھال سوراش ، يوقلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ . پەتىلەشتە ئەرلەر ئايرىم ، ئاياللار ئايرىم پەتە قىلىدۇ . بىر ئائىلىك بىرگە پەتىلىگەندە ئەر - ئايال ، بالا - چاقىلار بىر گە بولىدۇ .
ئىشچان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھېيىت كىلىشتىن بىر قانچە كۇن بۇرۇن ئۆينىڭ ئىچى - تېشىنى پاكىز تازىلاپ ، گىلەم سىلىنچىلارنى قېقىپ ، ئۆي ئىچىنى رەتلەيدۇ . ئارقىدىن ھېيىتلىق داستىخانغا تىزىش ئۇچۇن ياغدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن ساڭزا ، قېيىقچە ، بوغۇرساق ، قۇيماق ، سامبۇسا ، پەرمۇدە ۋە ھەمەك نان ، قاتلىما نان ...لارنى تەييارلايدۇ . ھېيىتلىق داستىخانغا بۇ يېمەكلىكلەر بىلەن قەن - گېزەك ، ھۆل - قۇرۇق يەل- يىمىشلەرنى تىزىدۇ .
پەتىلەشنىڭ شەكلى ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن پەتىلەشنىڭ ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ . مېھمان ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىگىسى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۇشۇپ ھېيىتنى مۇبارەكلەپ بولغاندىن كىيىن ، داستىخاندا ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ ، ئاندىن داستىخاندىكى مەزەلەرگە ئېغىز تىگىشكە باشلايدۇ . مېھمان كۆڭلى تارىتقانغا ئېغىز تىگىدۇ . پەتىلىگۇچىلەر قوشنىلار بولسا ياكى ئالدىراش بولسا ، ئۆيگە كىرىپ دۇئا قىلىپ داستىخانغا ئېغىز تىگىپلا ئۆي ئىچىگە ئامان - ئىسەنلىك تىلەپ قايتىدۇ . پەتىچى ئۇرۇق - تۇققان ، يىقىن دوست ، ئىشداش بولسا ، بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ ساھىبخان بىلەن مۇڭدىشىدۇ . ئايال ساھىبخان بارلىق ھۇنۇرىنى ئىشقا سىلىپ مېھمان ئۇچۇن مىزىلىك ائاملار نى تەييارلايدۇ . بەزى ئائىلىلەردە پەتىچىلەرنى ھويلا ياكى باشقا ئۆيگە باشلاپ چىقىپ دۇتتار چېلىپ ، ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسۇل ئويناش ....بولۇنۇپ تازا قىززىدۇ . مېھمانلار خۇددى ئۇيغۇر ماقال تەمسىللىرىدە ئىتىلغاندەك : « مېھمانغا بارماق ئىرادە ، يانماق ئىجازەت » دېگەنگە ئەمەل قىلىپ ، ساھىبخان روخسەت قىلغاندىن كېيىن دۇئا بىلەن قايتىدۇ .
ئۇيغۇرلاردا ھېيىت تەنتەنىسى ناغرا - سۇنايلارنىڭ تەڭكەش قىلىپ چېلىنغان ساداسى بىلەن قوشۇلۇپ تازا ئەۋجىگە چىقىدۇ . بۇ كۇنلەردە شەھەر - بازارلارغا ھېيىت تاماششاسى قىلىشقا كەلگەن ، چاچلىرىنى تال چىۋىقتەك ئۆرۇپ ، يارىشىملىق مارجان دوپپىلىرىنى ، ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيگەن قىز - چوكانلار ، بادام دوپپا كىيىپ بىلىگە يىپەك بەلباغ باغلىغان يىگىتلەر ، بوينىغا گالاستۇق تاقاپ كاستۇيۇم كىيگەن زىيالىلار ، ئۇچىسىغا يەكتەك ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيگەن بوۋايلاردىن تارتىپ ھەممە كىشىنىڭ چېھرىدىن ، مېڭىش - تۇرىشىدىن ھېيىت خۇشاللىقى چىقىپ تۇرىدۇ .
قەشقەر ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ناغرا - سۇناي ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ « ساما » چىلار ساماغا چۇشۇپ ھېيىت تەنتەنىسىنى تازا ئەۋجىگە چىقىرىدۇ ، باشقا يۇرۇتلاردىمۇ ئوخشىمىغان كۆلەمدە ساما ئۇسۇلى ئوينىلىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۇشىگە ئەگىشىپ ، روزى ھېيىتمۇ يىلدىن - يىلغا كۆڭۇللۇك ، داغدۇغىلىق ئىلىپ بىرىلماقتا . دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھېيىت داغدۇغىسىدىن ھۇزۇر ئىلىپ كۆرۇشكىمۇ كىلىدۇ - تىخى !
مۇنبەردىكى بارلىق دوسىتلارنىڭ روزا ھېيىتىگە مۇبارەك بولسۇن.