>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
2008 Tilek tilaymen  
XabnamBBS -> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى -> (قاتنىشىڭلار) شەبنەم چۆچىكى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2085 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : (قاتنىشىڭلار) شەبنەم چۆچىكى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 214
شۆھرەت: 497 نۇمۇر
پۇل: 2297 سوم
تۆھپە: 234 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:245(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
(قاتنىشىڭلار) شەبنەم چۆچىكى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبەر ئاتامانى بولمىش زاتى مۇبارەك ''شەبنەم'' جانابلىرى باشلىق،بۇزرۇگلار،غۇنچە بوي،پەرى-مەلىكىلەر،پېشۋايى ئەزەملەر،ئەللامەلەر ۋە بارلىق بۈيۈك نامى ئاتالماي قالغان قەلىمى كۈچلۈك 22961 گە يىقىن ھەم بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئاۋۇغۇسى ئەختەر-پەختەر مۇنبەر ئەھلى جامائەتىگە كەمىنە ئالپامىشتىن ئالىي ئېھتىرام!
مەقسەت؛
  كەمىنە ئالپامىش شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە مەزكۈر مۇنبەرنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىدىن ھوزۇرلىنىپ كىلىۋاتىمەن.بۇ ماكان ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە پېقىر مۇنداق بىر ئۇلانما چۆچەك ئويۇنى باشلاپ باقاي دىگەن ئارزۇدا.بۇ ئارقىلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ژانىرى بولغان ''چۆچەك''ئېيتىشىشنى ئۇشبۇ مۇنبەردە يەنىمۇ بىر قەدەم جانلاندۇرساق دىگەن ئۈمۈدتە...

ئويۇن تەرتىپى مۇنداق،پېقىر چۆچەك بىشىنى باشلايمەن،كىيىنكىسى ئىنكاس ئورنىدا چۆچەكنى داۋاملاشتۇرىدۇ.مەسىلەن؛

ئا:بۇرۇن بىر پادىچى بولغانىكەن،ئۇنىڭ ئىسمى پالتا-غىلاپ ئاخۇنكەن.

ب:پالتا-غىلاپ ئاخۇننىڭ ئۈچمىڭ تۇياق قويى بارئىكەن..بىر كۈنى...

س:بىركۈنى پالتا-غىلاپ ئاخۇن قاتتىق ئۇخلاپ ياتسا توساتتىن ئىشىك قاتتىق چىكىلىپتۇ،قارىسا مىرغەلى ئالپامىش ئىشىك ئالدىدا تۇرغۇدەك..

خوش..يۇقۇرقىغا ئوخشاش داۋاملىشىدۇ،قەنى شەبنەم مۇنبىرىدىكى دانىشمەن ئەلەم-قەلەمدارلار،چۆچەكنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرىمىزكىن.ئەگەر مەقسىدىمىزدەك قىزىقارلىق،تەربىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئېنتىرنەت ئۇلانما چۆچىكى بولۇپ چىقسا كەمىنە ئاۋازلىق ئوقۇپ چىقاي دىگەن ئارزۇدا..


ئەمىسە چۆچەك باشلاندى؛

  بۇرۇن بۇرۇندا ئىكەن،سۇ تۇلۇمدا ئىكەن،پۇخرا زۇلۇمدا ئىكەن،قىرغاۋۇل جەدىكەن،قۇيرىقى يەردە ئىكەن،چوڭ قىزى ئەرشتە ئەردە ئىكەن،ئوتتۇرانچىسى سەھرادا مەندە ئىكەن،كىچىكى ئۇشبۇ مۇنبەردە ''شەبنەمدە'' ئىكەن، ئۇ زاماندا ھەممە جانىۋار ئەركىن،قەپەز نەردە ئىكەن...
  شۇنداق زامانلارنىڭ بېرىدە،كۈن پېتىش دۆلىتى مەشرىقتە ناھايىتى قۇدرەتلىك،خەلقى قەلەمدە،تۇپرىقى زىيادە،ئەمەلدارلار پىيادە،پۇقرا باياشادتا،تۇرمۇشى پاراغەتتە،يۇرت ئادالەتتە،پادىشاھى سەلتەنەتتە بىر دۆلەت بار ئىكەن.ئۇشبۇ شەھرىي مەشرىقنىڭ ئۇلۇغلىغىدىن،سۇلىرىنىڭ سۈزۈكلىكىدىن قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا''مۇنبەرى شەبنەم'' يۇرتى دەپمۇ نامى بارئىكەن.
  شەبنەم دۆلىتى پادىشاھى يەھيا شاھنىڭ شاھزادە ئىمران ۋە مەلىكە ئايبەرچىن دەپ ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن.ئۇلار ئۆز ئالدىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ،نامى يەتتە ئىقلىمغا پۈر ئىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى يەھيا شاھ خان ھوجرىسىدا بىر چۈش كۆرۈپتۇ.چۈشىدە ئۆزىنى بىر چاھارباغدا بىلىپتۇ،مەيلىرى تولۇپ پىشقان گويا جەننەتى باغدىن قانماي ھوزۇرلۇنۇپ سەيلە-تاماشا قىلىۋاتسا تۇيۇقسىز قويۇن چىقىپ،ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي يەھيا شاھنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپتۇ ۋە؛

-ئەي يەتتە ئىقلىمغا خاقان بولغان يەھيا شاھ،سەن ئۆزەڭ باغدا خىيالى ساياھەتتە،خەلقىڭنىڭ بىشىغا كىلىش ئالدىدىكى بالايى-ئاپەتتىن خىرامان يۈرىيسەن،يەنە قىرىق كۈندىن كىيىن،غەرىپ تەرەپتىكى قاراڭغۇ جادۇگەرلەر دۆلىتىدىن ساڭا قازا كىلىدۇ،خەلقىڭنى يالماپ يۈتۈپ،تەختىڭنى بەربات قىلىدۇ،مانا بۇ دۆلىتى ئېران ۋە دۆلىتى ئېراقنىڭ ئوتتۇرىدا سوقۇلغان مىسران قىلىچ بىلەن شۇ دىۋىلەر شاھىنىڭ كاللىسىنى ئالمىغۇچە يۇرت تىنىم تاپماس..

يەھيا شاھ چۈشتىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ قارىسا راس دىگەندەك قولىدا خىسلەتلىك مىسران قىلىچ تۇرغۇدەك.
ئەلقىسسە شاھ ئوردا ۋەزىر-ئەزەملەرنى يېغىپ سۇلغۇن چىرايى بىلەن يارلىق چۈشىرىپتۇ.

-خاندىن يارلىق...يەتتە ئىقلىمدىكى چۈشتىن تەدبىر بەرگۈچى تەدبىركارلار ئۈچ كۈن ئىچىدە خان ئوردىسىغا يىغىلسۇن!..

يارلىق چۈشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنگىچە ئوردا يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئاتالمىش چۈش تەدبىرى بەرگۈچ،پەتىۋاچى داخان بىلەن تولۇپتۇ.لىكىن ھەممىسى دۆلەت بىشىدىكى خەتەرنى ۋە مىسرانى قىلىچنىڭ ھەقىقىي سىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەپتۇ.
يەھيا شاھنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ غىزادىن قاپتۇ،شاھ ئاتىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن شاھزادە مەلىكىلەرنىڭ،ۋەزىر-ۋۇزۇرلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ.كۆرگەن چۈشنى پەتىۋا دەي دىسە،مىسرانى قىلىچنىڭ سىرى مۇجمەل بولۇپتۇ.
ئوردا ئەھلى ئۈمۈدسىزلىكتە چۈشنىڭ تېگىگە يىتەلمەي،مىسران قىلىچنىڭ سىرىنى يىشەلمەي ئولتۇرغاندا،يەھيا شاھنىڭ ئالدىغا ئوردا خەۋەرچىسى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يۈگىرەپ كىلىپ؛

  -خااااا...ن ئالىيلىرى..خان ئالىييييلىرى...ئالدىن بىلەر پەتىۋاچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزىلەي دىگەندە توپ ئارىسىدىن بىر قېرى دىۋانە خان چۈشىنىڭ تەدبىرىنى مانا مەن بېرىمەن دەپ ئوردا ئالدىدا يېتىۋالدى،ئىجازەت بەرسىلە!

-يوقال!!!..-يەھيا شاھنىڭ قۇيقا چېچى دىڭ تۇرۇپ،غەزەپتىن تىتىرەپ كېتىپتۇ-يەتتە ئىقلىمنىڭ دانىشمەن-ئاقىللىرى يىشەلمىگەن سىرنى ئېشۇ قەلەندەر يىشەرما،بۇنۇ مۇناپىقنى ئاشۇ دىۋانە بىلەن ئاچىقىپ ئوردا كادىرلىرىنىڭ ''تۈگۈمەس''يىغىنىغا قاتناشتۇرۇپ،ئىچىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈڭلار...

شۇ ئەسنادا ئوردا باش ۋەزىرى بولغان ئابدۇ ئاقىل ئەركزات ۋەزىر پادىشاھقا ئېلتىجا قىلىپتۇ.

-ئەي ھۆرمەتتە يەتتە ئىقلىمغا سۇمرۇغ بولغان ئۇلۇغ شاھىم،سىلى ئادالەتتە ھەممىگە ئۇستازدۇرسىز،ئۇ قەلەندەر بولسىمۇ يەنىلا سىلىنىڭ پۇقرالىرى،ئەگەر ئەل ئىچىدە ھۆرمەت ئاۋۇتاي دىسىلە،مەردلىكنى ئۆزلىرىگە دوسىت تۇتسىلا،شۇ قەلەندەرنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق!!..

ئابدۇ ئاقىل ئەركزات ۋەزىرنىڭ سۆزلىرى پادىشاھنىڭ قەھرىنى ياندۇرۇپتۇ ۋە ئىجازەت بېرىپتۇ.
كىيىملىرى جۇل-جۇل،چاچلىرى چۇگۇك،يۈزلىرىنى جاراھەت باسقان تېنىدىن بەدبۇي پۇراق تارىلىپ تۇرغان بىر جاھانكەزدى دىۋانە شاھ ئوردىسغا مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن كىرىپ كەپتۇ.
-قەنى ئېيتە،ئۆزۈڭ كىمسەن،ئىپتارغا قاپلان يۈرىكى يەۋەلدىڭمۇ؟بۇ يەرگە نىمە ۋەجدىن كەلدىڭ بىلەمسەن؟-دەپ سوراپتۇ ئابدۇ ئاقىل ئەركزات ۋەزىر.
قەلەندەر بىشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ يەھيا شاھقا تىك قاراپتۇ ۋە ئالدىرماي ئېغىز ئىچىپتۇ.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەتتە ئىقلىمنىڭ ئاتامانى بولغان ئېزىز شاھىم،ئۇلۇغ ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇدادغۇبىلىك ئەسىرى 1225- بىتىگە ''بىلىمسىزگە چۈشنى ئىچىپ دىمىگىن،كىچىكتۈرمەي ئۇنى بىلگەنگە دىگىن''دەپ يازغان،لىكىن سىلى كۆپ كىتاپ كۆرمىگەن ئوخشايلا،كەلسە-كەلمەس كىشىگە چۈشلىرىنى سۆزلەپ تەدبىر ئىزلەپ يۈرۈپلا.سىلى كۆرگەن چۈشلىرىگە مانا پېقىر تەدبىر بىرەلەيدۇ.قۇللىرى بولسا ئېقلىم كىزەر دەرۋىش،ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان،مېرزا ئابدۇ مۇسەللەس بولىمەن.سىلى كۆرگەن چۈشتە دىيىلگەندەك غەرىپ ئىلىدە بىر جادۇگەر ''مۇنبەرى شەبنەم'' شەھرىگە ئەپسۇن ئوقۇۋاتىدۇ،شۇ ئەلنى پايلاپ ياتقان يەنە ''ئابدۇ ھۇررا ئالپامىش ''ئىسىملىك بىر باتۇر قوللىرىدىكى ئۇشبۇ قېلىچقا قاراپ قالماقتا،بۇ قېلىچ بىلەن جادۇگەرنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلمىغۇچە بۇ ئەل تېنىچلىق تاپماس.

-سۆزلىرىڭنىڭ راسلىقىغا قانداق پاكىتىڭ بار؟..-شاھزادە ئىمران جىلە بولۇپ مىرزائابدۇ مۇسەللەسدىن سوراپتۇ.

-سۆزلىرىم راس،ئىشەنمىسەڭلار قولۇڭلاردىكى خىسلەتلىك قىلىچقا قاراپ بىقىڭلار،قىلىچ بىسىدا''www.xabnam.com''دىگەن خەت بار،ئويلۇشۇپ ئولتۇرشنىڭ ھاجىتى يوق،قەنى..باتۇر شاھ،سىلى ئىككىلەنمەي شاھزادىلەر ۋە ئوردا ئىچىدىكى باتۇرلار بىلەن يولغا چىقىڭلار،غەرىپتىكى جادۇگەر شەھرىگە مەن يول باشلاپ باراي!

يەھيا شاھ ۋە ئوردا ۋەزىر-ئەزەملەر مىرزا ئابدۇ مۇسەللەسنىڭ يۇقىرقى سۆزلىرىگە بىر ئىشىنىپ،بىر ئىشەنمەي قېلىچنىڭ بىسىغا قارىسا راس دىگەندەك ''www.xabnam.com'' دىگەن بەلگە باركەن،شۇنىڭ بىلەن يەھيا شاھ ۋە ئوردا ۋەزىر-ئەزەملەر بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپتۇ.
شۇ ئەسنادا شاھزادە ئىمران؛
-ئەي يەتتە ئىقلىمغا شاھ بولغان ھۆرمەتلىك ئاتا،مەن سىزنىڭ ئاتىلىق مۇھەببىتىڭىز بىلەن ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتتىم،مىنىڭمۇ ئەلگە شاھزادىلىق ۋە سىزگە ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىدىغان پەيتىم كەلدى،ماڭا ئىجازەت بەرسىلە،شۇ دىۋىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشمغا دۇئا قىلسىلا..
يەھيا شاھ ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى رەت قىلالماي،ئىشەنىچ نۇرى تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزىگە قارىيالماي ئۇنىڭغىمۇ ئىجازەت بىرىپتۇ ۋە قىشىغا تارتىپ قويۇن يانچۇقىدىن چاسا شەكەللىك،پارقىراپ تۇرىدىغان بىر بۇيۇمنى چىقىرىپ؛
-ئەي كۆزۈمنىڭ گۆھىرى،مۇنبەرى شەبنەمنىڭ كەلگۈسى خاقانى شاھزادەم ئىمران،بۇنى ئالغىن..بۇ يەتتە دانىشمەن يەتتە يىلدا ياساپ چىققان ''ئۇيغۇر بىرىنجى'' ناملىق مىليون چاقىرىملىق جاھان قۇلاق-ئېغىزى،بۇنىڭدا سەن نەردە بولغىن ئۆز يىزىقىڭدا بىزگە ئۇچۇر يوللىيالايسەن،بىزگە ئۆزەڭنىڭ ئامانلىقىنى يەتكۈزگەچ پات-پات جەڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرغىن..ئامان بول ئوغلۇم-دەپ پىشانىسگە سۆيۈپ،كۆز قارچۇغىسىغا كەلگەن ئىككى تامچە ياشنى يوشۇرۇپ ئىجازەت قىلىپتۇ.
  ئەلقىسسە يەھيا شاھ ''مۇنبەرى شەبنەم'' دۆلىتىنىڭ چەۋەندازلىرىدىن بولغان ''مىرغەلى يانفون ئەرك ھون''،''مىرغەلى ئوھوي فىرقەت''،''غەيۇرانە كۇرشاد'' ،''مىرغەلى جۇدۇن يانۋار'' قاتارلىق تۆت ياساۋۇل ۋە شاھزادە ئىمراننى ئوردا ۋەزىرى ''ئابدۇ ئاقىل ئەركزات'' ۋەزىرنىڭ باشچىلىقىدا مىرزا ئابدۇ مۇسەللەسنىڭ يول باشلىشى بىلەن غەرىپتىكى جادۇگەر شەھرىگە دۇئالار بىلەن ئۇزۇتۇپتۇ.....

قەنى ''شەبنەم''مۇنبىرىدىكى قەلەمدار،ئەمەلدارلار..چۆچەكنىڭ ئاخىرى سىلەرگە قالدى،مەرھەمەت!!


مۇھىم ئەسكەرتىش ۋە چۆچەك تۈزۈمى؛

1-چۆچەك داۋاملاشقاندا ''ياخشى بوپتۇ،تېرىشىڭ،داۋاملىق'' دىگەن ئىنكاسلارنى ۋە نەقىل ئالىدىغان ئىشلارنى قىلمىساق،ئامال بار فانتاسىيەلىك،يۇمۇرلۇق قىلىپ،مەزمۇنىنى زىيادە،قىزىقارلىق قىلىپ رىئال تۇرمۇشقا ماسلاشتۇرۇپ يىزىپ چىقساق دىگەن ئۈمۈدتە.

2-مەزمۇننىڭ قالايمىقان بولىشىنى ۋە قايتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن يىزىشنىڭ ئالدىدا ئامال بار يازماقچى بولغان ئورۇنغا [يىزىلۋاتىدۇ]دىگەن ئۇچۇرنى يوللاپ قويساق،ئاندىن يىزىپ بولغاندىن كىيىن شۇ يەرنى تەھرىرىلەپ تولدۇرۇپ قويساق.

3-مەزمۇن قىسقا بولسا [ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 7 قۇر]،مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر بولسا،ئىملا خاتالىقى چوڭ بولسا بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ.

4-بولسا شەبنەم مۇنبىرى ئەھلىنىڭ نامىنى چۆچەك پېرسۇناژلىرى قىلساق ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى قىزىقارلىقراق ئالسا مەسىلەن [مىرزا ئابدۇ نىجات ئوماق] ،[ ئوھوي پالانى پوخوي]دىگەندەك،كىيىن ئاۋازغا ئىلىپ ئوقۇپ قالساق قىزىقارلىق چىقىدۇ.پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمىنى تولۇق يىزىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

5-مەزكۈر چۆچەكتە باشقا ھىچقانداق مەقسەت يوق،شۇڭا نازۇك پىكىرلەر بىردەك رەت قىلىنىدۇ.

بولسا شەبنەم مۇنبىرىگە ئەزا بولغان ھەممەيلەن تەڭ تەۋرەنسەك،رەھمەت
!!



[ بۇ يازما Alpamish تەرپىدىن 2007-10-03 23:14 دە قاي ]

بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى
تۆھپە:10(judun)ياخشى باھا:15(qinmodan)

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 01:02 چوققىغا قايتىش
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. كېچە كۈندۈز ئارام ئالماي، قورسىقى ئاچقەن يەردە غىزالىنىپ، ھەركۈنى ئاران 3 ئاش پىشىم چامىسىدىلا ئۇخلاپ، باشقا چاغدا توختىماي يول يۇرۇپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. يولغا چىقىپ ساق 3 كۈن بولغاندا 3 ئاچا يول ئېغىزىغا كېلىپ قايانغا مېڭىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. بۇ چاغدا ئابدۇ ئاقىل ئەركزات :
  --بىز قايسى يول بىلەن ماڭىمىز؟ قېنى مەسلىھەت بېرىڭلار-- دەپ، شاھزادە بىلەن 4 جەسۇر چەۋەندازغا قاراپتۇ.
                  (قېنى، داۋامىنى قالغانلار يېزىڭلار...)


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 01:28 چوققىغا قايتىش
ANKA831

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 180
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
پۇل: 1164 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:99(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەلقىسسە ، بۇ بىر نەچچە ئەزىمەت غەرىبكە قاراپ توپتوغرا 3 كۈن مىڭىپ بىر تاغنىڭ باغرىغا كىلىپ توختاپتۇ ،بۇ تاغنىڭ تىكلىكىگە ،خەتەرلىكلىكىگە ھىچ نەرسە توغرا كەلمەيدىكەن ،ئۇلار بۇردىن -بىردىن ئۆمرىدە مۇنداق ئىگىز ،خەتەرلىك تاغنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى ئىتىشىپ ،مىرزا ئابدۇ مۇسەللەسنكە قارىشىپتۇ،بۇ كۆپنى كۆرگەن قەلەندەر سىياق دانىشمەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇشىغا ئاسماندىن ئاجايىپ ياڭراق ۋە يىقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ،كۆپچىلىك دەرھال باشلىرىنى كۆتۈرۈپ كۆرۈشۈپتۇكى ئاسماندا ئاجايىپ چوڭ ۋە ھەيۋەت بىر قۇش قاناتلىرىنى كەڭ يىيىپ ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقۇدەك،ئۇ قۇشنىڭ قانىتى 40 غۇلاچ كەلگۈدەك ئۇزۇن،بەستى ھىندى پىللىرىنىڭكىدەك مەزمۇت،كۆزلىرى پامىر بۈكۈتلىرىدەك ئۆتكۈر بولۇپ مۇئەللەقنى ئىككى ئايلانغاندىن كىيىن تۆۋەنلەپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ يىنىغىلا قونۇپتۇ،ئۇلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا،قۇشنىڭ ئۈستىدىن ئاجايىپ بەستلىك ۋە كىلىشكەن قاۋۇل بىر يىگىت سەكرەپ چۈشۈپتۇ،تۆۋەندىكىلەر ئىغىز ئېچىپ بولغۇچە <ئەسسالامۇئەلەيكۇم> دىگىنىچە غۇلاچ ئېچىپ كەپتۇ.
-سەپىرىڭلار قاياققا؟-دەپتۇ يىگىت ،
-غەرىبتىكى جادۇگەرلەر ماكانىغا يۈرۈش قىلدۇق،ئەي يىگىت ئۆزۈڭنىڭ ئىسمى-زاتىڭدىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگەيسەن-دەپتۇ دانىشمەن مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس.
-مەن كۆك ئەركىسى <ھەيۋەت قانات ئەنقا> بولىمەن ، نىمە مەقسەت بىلەن ئۇشبۇ سەپەرنى بىسىپ قالدىڭلار؟...--دەپتۇ <ھەيۋەت قانات ئەنقا >.
شۇنىڭ بىلەن مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس <ھەيۋەت قانات ئەنقا >كە شاھنىڭ كۆرگەن چۈشنى ۋە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپتۇ.
--جادۇگەرلەر ماكانى مۇشۇ تاغدىن 40 كۈنلۈك يول ،ئەگەر خالىساڭلار مەنمۇ شاھنىڭ بىر سادىق پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سەپەرگە ھەمسەپەر بولۇپ ئەل-يۇتنىڭ غىمىنى يىنىكلەتسەم--دىدى <ھەيۋەت قانات ئەنقا>.
--ياخشى !،--دەۋەتتى مىرغەلى جۇدۇن يانۋار --بىزگە ساڭا ئوخشاش مەرد ،جەسۇر يىگىت كىرەك!!!...
--بولىدۇ ئوغلۇم ،ئەگەر ئەل-يۇرىت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش نىيتىڭ بولسا بىرلىكتە دىۋىنى يوقىتايلى --دىدى دانىشمەن مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس.
--ئۇنداق بولسا سەپەرگە ئاتلىنايلى ،مۇنۇ تاغدىن بىز ئۈچۈن ئۇچۇپ ئۆتمەكتىن باشقا چارە يوق،مۇنۇ قۇشنىڭ ئېتى <ئەنقا> 10كۈنلۈك يولنى بىر ئاش پىشىندا بىسىپ بولىدۇ ،بىز ئۇنڭ ئۈستىگە چىقىپ بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلايلى ئەمىسە...--دەپتۇ<ھەيۋەت قانات ئەنقا>.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەنقانىڭ ئۈستىگە چىقىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ...

__________ ئاخىرى تورداشلارغا قالدى


Nurluk elani

بىر ئۆمۈر كۈتىمەن
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 01:34 چوققىغا قايتىش
xayih

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 339
شۆھرەت: 340 نۇمۇر
پۇل: 3390 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:114(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەنقانىڭ ئۈستىگە چىقىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ،دىگەندەك ئەنقا بىر قانات قاقسا نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى بىردەمدىلا باسىدىكەن .ئۇلار سەپەردە ھەيۋەتلىك ئىگىز تاغلارنى كېزىپ ئۆتۈپتۇ ،ئۇلار بىپايان كەتكەن كۆز يەتكۈسىز بىر قۇملۇقنى كۆرۈپتۇ ، ئۇلار پەسلەپ قۇملۇققا كۆز يۈگۈرتۈپتۇ قارىغىدەك بولسا ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن كۆرگەن قىلىچنىڭ بىسىدىكى www.xabnam.com دىگەن خەت بۇ كەڭرى كەتكەن قۇملۇقتا يېيىلىپ ياتقىدەك ،ئۇلار ھەريرانلىق بىلەن دانىشمەنگە قاراپتۇ....
داۋامى كۆپچىلىككە قالدى .


[ بۇ يازما xayih تەرپىدىن 2007-10-01 02:30 دە قايتا ]


Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 02:23 چوققىغا قايتىش
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 214
شۆھرەت: 497 نۇمۇر
پۇل: 2297 سوم
تۆھپە: 234 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:245(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشقىنىدىن خۇرسەن بولدۇم.
لىكىن ھەيۋەت قانات ئەنقا بىخەستەلىك قىلىپ مەزمۇننى سەل بۇراپ قويۇپسىز،بۇ ئەزىمەتلەر ''مۇنبەرى شەبنەم''دۆلىتىدىن غەرىپتىكى جادۇگەر ئىلىگە سەپەر قىلدى،خۇددى ''ھۆكۈمىران ئۈزۈك''فىلىمىدەك،مەنزىلنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن،رەھمەت بۇرادەر..ۋەقەلىك ياخشى كىتىپ بارىدۇ.
بولسا ھازىرقى زامان شەيىلىرىنى ئارلاشتۇرۇپ ۋەقەلىكنى يۇمۇرلۇق،فانتازىيىلىك،ئۆزگىچە چىقارساق.


[ بۇ يازما Alpamish تەرپىدىن 2007-10-01 03:46 دە قاي ]


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 03:05 چوققىغا قايتىش
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەلقىسسە، دانىشمەن مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس:
  --بۇ قۇملۇقنىڭ نېرىسىدا، جاھاندىكى ئەڭ ئىگىز مۇزلۇق تاغنىڭ بېرىسىدا، قاقاس تاغلار ئارىسىدا كەڭرى كەتكەن بىر ئېدىر توقايلىقلار بار. ئۇ «بوستانى ئەلرام» دەپ ئاتىلىدىغان يۇرت شۇ، ئۇ يەردىكى ئېدىرلىقلار ۋە توقايلارنىڭ سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى ياخشى بولۇپ، قويۇق ئورمانلىق ۋە چاتقاللىقلار ئىنتايىن كۆپ، بۇرۇن بۇ يەردىكى كىشىلەر ناھايىتى خاتىرجەم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەتتى. قاچانىكى ھېلىقى جادۇگەر بۇ يەرگە «شاپائەتچى» سىياقىدا كەلدى، شۇندىن كېيىن بۇ يەردىكىلەرنىڭ بېشىغا تۈگۈمەس ئازاپ ئوقۇبەتلەر ياغدى. ھازىر بۇ ئەلدە ئادەمىزات ھايۋانلارغا قۇل-چاكار ئورنىدا ئىشلەيدۇ. جادۇگەر بولسا چاتقاللىق ئىچىدە يايراپ - كۈلۈپ، زېرىكسە ئادەم ئوۋلاپ قان ئىچىپ، غەزەپلەنسە ئاغزىدىن ئوت چېچىپ يۈرىيدۇ--دەپتۇ.
    --ئەي دانىشمەن، بۇ قانداق گەپ ئۆزى؟ نەدىمۇ ئىنسان ھايۋانغا قۇل-چاكار بولىدېىغان ئىش بار؟ ئادەم ئوۋلاپ قان ئىچىدىغان قانداق مەخلۇقكەن ئۇ؟ تەپسىلىرەك دەپ بەرسەڭ--دېدى غەزەپلەنگەن غەيۇرانە كۇرشاد.
  -- توغرا، تەپسىلىرەك دېسەڭچۇ؟--دېيىشتى قالغانلارمۇ بىر ئېغىزدىن.
  -- ئالدىرىماڭلار، بىز ئاۋال سۈيىمىز تۈگەشتىن بۇرۇن بۇ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، غېرىپ لەڭگەر دېگەن توقايغا بېرىۋالايلى، شۇ يەردە بوستانى ئەلرامنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى دەپ بېرەي.غېرىپ لەڭگەر بىلەن بوستانى ئەلرامغا يېرىم كۈنۈك يول--دەپتۇ مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس.   شۇنىڭ بىلەن جاپالىق قۇملۇق سەپىرى باشلىنىپتۇ...
( داۋامى كۆپچىلىككە قالدى.)


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 13:35 چوققىغا قايتىش
Ark-zat
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 4175
شۆھرەت: 4452 نۇمۇر
پۇل: 25130 سوم
تۆھپە: 346 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:582(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-11-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلار جەڭگىۋار ھالەتتە جادۇگەرنى يوقتىشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ،مىسران قىلىچلىرىنى دەم ئالغان جايلىرىدا بىلەپ،پايانسىز قۇملۇقتىن ئۆتۈپ، دانىشمەن مىرزا ئابدۇ «مۇسەللەس»نىڭ دانالىق بىلەن يول باشلىشىدا،ئەلگە تونۇلغان شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇ«جۇدۇن»ئاخۇنۇمنىڭ شېئىر قوشاقلىرىنى ناخشا قىلىپ ئوقۇپ،ئائىلىسىنى سېغىنغاندا ،خەلق ئارىسىدا نام چىقارغان داڭلىق پەن-تەتقىقاتچى «ئەركھون» زاتى مۇبارەكنىڭ ياساپ چىققان«ئۇيغۇر»ماركىلىق ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى يانفونىدا ئائىلىسى بار جەڭچىلەر ئائىلىسىگە ،توي قىلمىغان ياشلىرى ئاتا ئانىسىغا ھەم يۈرگەن قىزلىرىغا جادۇگەرنى ئۆلتۈرۈپ غەلبە قازىنىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا تېلىفۇن قىلىشىپ،خەلققە تونۇلغان داڭلىق تارىخچى جانابى «ئالپامىش»نىڭ ئۇزۇن-ئۇزۇن تارىخلىرىنى ،«خۇتۇن قىزلار دەستۇرى»نىڭ ئاپتۇرى مىرغەلى ئوھوي «فىرقەت»نىڭ جادۇگەرنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كىيىن خۇتۇندىن 4 نى ئېلىپ 40 بالىلىق بولىمەن دىگەن قىزىقارلىق ھىكايىلىرىنى ، داڭلىق خۇتۇن تەتقىقاتچىسى «شەبنەم»مەملىكىتىنىڭ مەخسۇس ئاياللار داۋاسىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى قازى كالامى«پەرۋىن»نىڭ «خۇتۇن ئالساڭ ئۇرۇپ تۇر»...قاتارلىق نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغاچ،ئۇسسىغان چاغلىرىدا قەدىمى ئىدىقۇت شەھىرى تۇرپاننىڭ كارىزلىرىدىن ئېلىۋالغان سۇلارنى غەيۇرانە« كۇرشاد»نىڭ تەكشى تەقسىم قىلىشى بىلەن ھەم ھەرقايسى جەڭچىلەر «ئۆچكە ئۆلدى»دىگەن داڭلىق كۆلدىن يول ئۈستىدە ئۆز قاپىغىغا قاچىلىۋالغان تاتلىق سۇلىرىنى ئاياپ ئىچىشكەچ«بوستانى ئەلرام» كەنتىگە قاراپ يول ئاپتۇ.
باش ۋەزىر ئابدۇ«ئەركزات»قارىمنىڭ توغرا يېتەكلىشى، «شەبنەم»مەملىكىتىنىڭ ئوردا غەزىنىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇ«ماتىماتىكا»ئاخۇنۇمنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى بىلەن، ئەلمىساقتىن ئادەم ئايىقى تىگىپ باقمىغان بۇ چۆل جەزىرىدىن ساق سالامەت ئۆتۈپ، «بوستانى ئەلرام» كەنتىگە ھەممە ئەسكەر جەڭگىۋار ھالەتتە يىتىپ كەپتۇ.تالاي-تالاي قۇم بارخانلىرى ئارقىدا قاپتۇ.بۇ كەنتنىڭ ئاقساقىلى تولىمۇ ئوچۇق يورۇق،كەمتەر ،مىھماندوس ئادەم ئىكەن.دەرھال يۇرت كاتتىلىرىنى باشلاپ «www.xabnam.com» دۆلىتىدىن كەلگەن بۇ زور قوشۇننى نۇرغۇن ئىززەت-ئېھراملار بىلەن كۈتىۋاپتۇ.ھەمدە جادۇگەر شەھىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماي سۆزلەپ بىرىپتۇ.«شەبنەم»مەملىكىتىدىن كەلگەن زور قوشۇن بىر ئاش پىشىم دەم ئېلىۋېلىپ، جادۇگەر مەملىكىتىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپتۇ.

(داۋامى دوسلارغا قالدى،جادۇگەر شەھىرىگە بېرىش ئۈچۈن يەنە بەزى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ چۆچەكنى بېيىتىپ يېزىشىڭلارنى سورايمەن،رەھمەت.ھۆرمەت بىلەن:ئەركزات )


Nurluk elani

شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىللىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 21:56 چوققىغا قايتىش
tiger312

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 867
شۆھرەت: 899 نۇمۇر
پۇل: 12004 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:288(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆپچىلىك مىرزا ئابدۇ مۇسەللەسكە ئەگىشىپ، يول ئۇزاق بولسىمۇ كۈلكە-چاخچاقلار بىلەن قىسقارتىپ مەنزىلگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ماڭا-ماڭا كەچ كىرىشكە باشلاپتۇ، قارىسا مەنزىلگە تېخى يەتمىگەن. بۇ چاغدا ئادەملەر ۋە ئات-ئۇلاغلار چارچاپ، ماڭغۇدەك ھالى قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرەر قونالغۇ قىلغۇدەك بىرەر جاينى ئىزلەپ قارىسا، ئالدى تەرەپتە بىر ئوق يېتىم يەردە ئىس چىقىۋاتقۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بۇلار بۇ يەردە ئادەم بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ بېرىپ قارىسا بىر قورو ئۆي تۇرغۇدەك. ئۆينىڭ يېنىدا توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ ئەتراپى ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ كەتكەن كىچىككىنە بوستانلىق ئىكەن. كۆپچىلىك ئىچىدىغانغا سۇ، قونالغۇ قىلىدىغانغا مۇۋاپىق يەر تېپىلغىنىغا خوشال بولۇشۇپ، يۈك-تاقىلارنى چۈشۈرۈشۈپ چېدىر تىكىشىپتۇ. بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بېقىپتىكەن خۇددى شەبنەم سۈيىدەك ساپ ۋە تەملىك ئىكەن. بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقى بېسىلىپ، ھاردۇقى خېلىلا چىقىپ قاپتۇ. مىرزا ئابدۇ مۇسەللەس جاھاننى كۆپ كۆرگەن،ھەممە ئىشقا قىزىقىپ باقىدىغان كىشى ئىكەن. قىزىقسىنىپ قورا ئىچىگە قارىسا بىر موماي ھويلىدا ئىڭىكىنى يۆلىگىنىچە ئوچاقتا چاي قاينىتىپ، مۇڭلىنىپ ئولتۇرغىدەك. مۇسەللەس دەرۋىش ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ سالام بېرىپ قوراغا كىرىپ كەپتۇ. مومايمۇ سالام قايتۇرۇپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. دەرۋىش ئۆيگە كىرىپ بىر قاتار ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن مومايدىن نىمىشقا مۇنداق مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. موماي ئۇھ تارىتقىنىچە دەرۋىشكە مۇڭلىنىپ، ئاھ ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ: بىز ئەسلىدە «بوستانى ئەلرام»نىڭ پۇقرالىرى ئىدۇق. يۇرتىمىز پادىشاھى ئادىل، پۇخرالىرى ئىناق، يەرلىرىمىز ئەلۋەك، سۇلىرىمىز كەڭرى بولۇپ، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. بوۋىيىمنىڭ ئىسمى خۇرسەن بولۇپ، يۇرىتتا نامى چىققان ئوۋچى ئىدى، مىنىڭ ئىسمىم ساداقەت بولۇپ كىچىگىمدە ئاتا-ئانامدىن ياخشى تەربىيە ئالغان، كۆپ كىتاپلارنى ئوقۇغان، ناخشا-قوشاققا ئۇستا ئىدىم،گەرچە بالىمىز بولمىسىمۇ ناھايىتى بەخىتلىك ياشايتتۇق. يۇتىمىز ئالىم-ئۆلۈمالار كۆپ چىقىدىغان، ئىلىم- مەرىپەت گۈللەنگەن بىر جاي ئىدى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىمىزغا كۆز تەگدى.يۇرتىمىزدىن يىراق بىر جايدا «قۇياش» دۆلىتى دەيدىغان بىر دۆلەت باركەن، ئادەملىرى ئۆچكە ساقال، پاناقراق كىلىدىكەن. يۇرتۇمىزغا سودا قىلغىلى كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار بىزلەردە يوق خۇشپۇراق ماللار ۋە چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ دەسلەپتە خېلى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. بىزلەر ئاق كۆڭۈل خەلق بولغاچقا ئۇلارنى ياخشى كۈتۈۋېلىپ، ئەتىۋارلىدۇق. ئۇلار كۆرۈنۈشكە شۇنداق ئەدەپلىك كۆرۈنەتتى. ئۇلار سودىسى چوڭايغانسىرى بارا-بارا زىمىن سېتىۋېلىپ، ئۆي سېلىپ يەرلىكلىشىشكە باشلىدى. گەرچە پادىشاھىمىز ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، ئۇلار يۇقىرى باج تۆلەشنى باھانە قىلىپ داۋاملىق تۇرىۋەردى. مال-دۇنيانى كۆرگەندە پادىشاھىمىزنىڭ ئەقلى غۇۋالىشىپ قالدىمۇ قانداق بۇلارنىڭ داۋاملىق تۇرىۋېرىشىگە يول قويدى. ئۇلار كىيىنچە بىزنىڭ قىزلىرىمىزغا ئۆيلىنىدىغان بولۇۋالدى. ھاراق دەيدىغان ئىچسە ئادەمنى مەس قىلىدىغان بىر نەرسىنى ئەكىلىپ يۇرتىمىزغا تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن اللەگە ئىبادىتىنى قىلىپ پاك ياشايدىغان خەلىقلىرىمىز مەس بولۇپ ئىبادەتنى تاشلاپ، بۇزۇقچىلىققا كىرىشىپ كەتتى. يەنە ئەپيۇن دەيدىغان بىر خىل چىكىملىكنى ئەكىلىپ تارقاتتى، ئۇنى بىرلا چەكسە ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويۇدىكەن، ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويۇدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ياشلىرىمىز بۇ نەرسىگە ئۈگۈنۈپ قېلىپ ئۇنى چىكىش ئۈچۈن بارلىق ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپ قېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان، تېنىنى ساتىدىغان ئىشلار بارغانسىرى ئاۋۇپ كەتتى. مال بايلىقلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاشۇلارنىڭ قولۇغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھمۇ ئۇلارغا ئارتۇق بىر نەرسە دىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار قەيەرلەردىدۇر بىرەر كونا قەبرە ياكى ئەسكى ئۆيلەرنى قېزىپ ئۇلار كىيىدىغان ئۇزۇن چاپان، لاتا ئاياق دېگەندەك نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇ يەردە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ ياشىغان، بۇ زىمىندا بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار دەپ داۋراڭ سېلىشىپ يۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن روھىيىتى بۇلغانغان ياشلىرىمىز ئۆزلىرىمىزنىڭ پاساھەتلىك تىللىرىنى پەس كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ قاملاشمىغان تىللىرىغا ھەۋەس قىلىپ سۆزلىشىدىغان. ئۆزىمىزنىڭ مەدرىسلىرىمىزدە ئىلىم ئېلىشنى خالىمايدىغان، ئىلىم، ئىمان، ھايا كۆتۈرۈلگەن بىر تائىپىگە ئايلىنىپ قېلىشتى. ئاسارە-ئەتىقە، ئىلمىي كىتاپلىرىمىزنى كونىلىق دېيىشىپ كۆيدۈرۈشتى.بارا-بارا مال دۇنيارىمىزدىن ھەم ئۆي زىمىنلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۈزەل زىمىنلىرىمىزغا ئىگە بولۇشتى، بىزلەر بولساق سۈيى قىس، ئوت چۆپلىرى ئاز،شەھەردىن يىراق بولغان غېرىپ لەڭگەر دېگەن يەرگە قوغلاندۇق. مىنىڭ بوۋىيىم ئوۋچى بولغاچقا مۇشۇ بۇلاق بويۇغا يالغۇز ئۆي سېلىپ ماكانلاشتۇق. تەلىيىمىزگە خەلقىمىزدىمۇ ۋىژدان-ئىمانى كامىل كىشىلەر پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەپتۇ. ئۇلار خۇپىيانە كېڭەش قىلىشىپ، بۇ قىسمەتلەردىن قانداق قۇتۇلۇش توغرۇسىدا مەسلىھەتلەشتى. كىيىن ئاڭلىساق بۇ «قۇياش» دۆلىتىدىكىلەر ئەسلىدە غەرىپتىكى جادۇگەرگە قول بەرگەنلەرنىڭ تائىپىسى بولۇپ، شۇ جادۇگەرنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىنىڭ ياردىمىدە خەلقىمىزنى شۇنداق ئاسانلا ئازدۇرالىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئاز بىر قىسىم ۋىژدانلىق كىشىلەر سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق «شەبنەم» دۆلىتىنىڭ پادىشاھى يەھيا شاھنىڭ ئادىل، ئىمانى كامىل بىر شاھ ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ «شەبنەم» دۆلىتىدىن ياردەم تىلەش قارارىغا كېلىشتى. مىنىڭ بوۋىيىم كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن ئەلچى بولۇپ، شەبنەم دۆلىتىگە كەتكەن، ھەپتە بولدى ھىچ بىر خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۆلۈك تىرىگلىگىدىن ئەنسىرەپ، غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرۇپتىمەن ھەزرىتىم،-دەپ سۆزۈنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ موماي كۆزۈگە ياش ئالغۇنىچە. مۇسەللەس دەرۋىش بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ساداقەت مومايغا تەسەللى بېرىپ: ئەي موماي، بىزلەر دەل سىلەر ياردەم سورىماقچى بولغان «شەبنەم» دۆلىتىنىڭ لەشكەرلىرى بولۇمىز. بۇ ئىشلاردىن بىزمۇ يېقىندا خەۋەر تاپتۇق، ئاڭلىساق غەرىپتىكى جادۇگەر «قۇياش» دۆلىتىدىكى تائىپىلىرىدىن پايدىلىنىپ سىلەرنى بوي سۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن بىزنى مۇنقەرىز قىلماقچىكەن، بىز بۇ پاجئىەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باتۇر، پاراسەتلىك شاھزادىمىز ئىمراننىڭ باشچىلىغىدا 22961 ئادەم بۇ سەپەرگە اللەنىڭ ئىرادىسى ئاتلىنىپ چىقتۇق. اللە خالىسا سىلەر ئۈچۈن «قۇياش» دۆلىتىنىڭ تاجاۋۈزچىللىرىنى قوغلاپ چىقىرىمىز ھەم شۇنداقلا غەرىپتىكى جادۇگەرنى يوقۇتۇپ «شەبنەم» دۆلىتىمىزنى ئەمىن تاپقۇزغايمىز، خۇرسەن بوۋايمۇ بۇ چاغقا «شەبنەم»گە ئامان-ئېسەن يېتىپ بارغاندۇ، بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ،-دەپتۇ. موماي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كۆپ تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرۈپتۇ. مۇسەللەس دەرۋىش موماي بىلەن خوشلۇشۇپ چېدىرغا قايتىپ ئىمران شاھزادە بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندە يولغا چىقىپ «غېرىپ لەنگەر»دىكىلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە «بوستانى ئەلرام»دىكى «قۇياش» دۆلىتىدىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئاندىن غەرىپتىكى جادۇگەرنى يوقۇتۇشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ.

( داۋامى كۆپچىلىككە قالدى.)



سەمىمىيلىك- ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرسى!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 22:22 چوققىغا قايتىش
parwin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 630
شۆھرەت: 811 نۇمۇر
پۇل: 5225 سوم
تۆھپە: 72 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:437(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلار« ساداقەت» موماينىڭ ئەتكەن چېيىنى ئىچىپ تۇرسۇن .گەپنى جادۈگەرلەر ئوردىسىدىن باشلايلى:
جادۇگەرلەر ئوردىسىنىڭ خاقانى« ئاتامان »،بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز تاتلىق چۈش كۈرۈپ،يەر -جاھاننى تىترەتكۈدەك خوروك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى،تۇيۇقسىزيانفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى.-
-كىم،سەت ھۆكۈردى جادۈگەر
-153 -نۇمۇرلۇق پايلاقچىمەن بېگىم .
-ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟
-مۇھىم ئىش بېگىم،بىرىنچى نۇمۇرلۇق مەخپى ئۇچۇر.
ئەزۋەيلىمەي تىز ئېيت.
-مۇنبەرى شەبنەم ئىقلىمىنىڭ شاھى سىلىنىڭ مەخپى پىلانلىرىنى بىلىپ قېپتۇ،قۇشۇن تارتىپ سىلە تارەپكە يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.مەن شۇ قۇشۇن ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالدىم.يوليۇرۇق بەرگەيسىز.
-«ساراڭ» قېنى؟ سەھرادا تەرەتخانا تىجارىتى قىلىمەن دەپ قېچىپ يۈرمىگەندۇر،تىزدىن «ساراڭ»غا،«دىككى-دىككاڭ»غا تېلىفۇن قىل،يول-يۇرۇقۇمنى كۈتسۇن!ئۇخلىماي چۈش كۈرۈشمىسۇن.
-قايسىڭ بار،ھارامتاماقلار.
جادۈگەر «ئاتامان»نىڭ ۋاقىرىشىدىن ئوردا ئىچى تىترەپ قاغىلار مۆككىدەك جاي تاپالماي قالدى.

( داۋامى كۆپچىلىككە قالدى.)


Nurluk elani

مەڭگۈ ياشايدىغاندەك تىرىكچىلىك قىل،ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 23:24 چوققىغا قايتىش
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 360
شۆھرەت: 386 نۇمۇر
پۇل: 3600 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:280(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلار مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ بولۇپلا يېتىپ ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
    ھېلىقى ساداقەت ئايلا دېگەن موماينىڭ مېلىنى باقىدىغان مالچى باركەن. بۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز ئاتا - ئانىسىنى بىلمەيدىكەن، بۇ يۇرتتىكىلەرمۇ بۇ قوتۇر گەدەن تازچاقنىڭ يۇرتى ۋە ئەسلىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. ئۇ ئاز تولا ناخشا ئەيتالىغاچقىمۇ كىشىلەر ئۇنى سوپى كەلگۈندى دەپ ئاتايدىكەن. قۇياش دۆلىتىدىن كەلگەن ئاچكۆز سودىگەرلەر بوستانى ئەلرامنىڭ يەر-سۇ، ۋە مەمۇرى ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئەپ بولغاندىن كىيىن، بۇ يۇرتتىكى ھورن تەييارتاپلارنى يوشۇرۇن ئەتراپىغا يىغىپ، ئايغاقچىلىققا سالغان ئىكەن. بۇ سوپى كەلگۈندىمۇ غېرىپ لەڭگەرگە ئېۋەتىلگەن مەخپى پايلاقچى ئىكەن.
    بۇ قوتۇر گەدەن تاز بۈگۈنكى ئىشلارنى ۋە چىدىر ئىچىدىكى مەسلىھەتنى يوشۇرۇنچە ئاڭلىۋېلىپ، كۆرۈنۈشتىكى يالغان خوجايىنى ساداقەت ئايلا موماي ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، موماينىڭ چىلان تورۇق ئۇچقۇر ئېتىنى مېنىپ كېچىلەپ بوستانى ئەلرامغا يېتىپ بېرىپ، ناكوس خوجايىنىغا ئەھۋالنى يەتكۈزۈپ، يەنە تاڭ سۈزۈلەگە يېقىن غېرىپ لەڭگەرگە قايتىپ كەپتۇ...

( داۋامى كۆپچىلىككە قالدى.)


Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-10-01 23:25 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-31 10:05, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije