uyghur839
ھالىتى :
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 561
شۆھرەت: 562 نۇمۇر
پۇل: 5630 سوم
تۆھپە: 33 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:83(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-21
|
رامىزان توغرىلىق سۇئال جاۋاپ . . .
مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرىپ قالدى . دوستلارنىڭ تەپسىلى ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . . . . !
روزىنى قانداق ئىشلار سۇندۇرىدۇ؟ قانداق ئىشلار سۇندۇرمايدۇ؟
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن. روزا تۇتۇشتىن مەقسەت ۋىجداننى سەگەكلىتىش، ئىنسان نەپسىنى تاۋلاش ۋە چىداملىق قىلىپ تەربىيىلەش، نەتىجىدە تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتقاندا ئىنسان بارلىق شەھۋەت، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەك-ئىچمەك دائىرىسىگە كىرىدىغان باشقا نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن سەھەر ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر چەكلىنىشى كېرەك. كەسكىن روزىنى بۇزىدۇ دېگەن بەزى ئىشلار بار، كەسكىن بۇزمايدۇ دېگەن بەزى ئىشلارمۇ بار، بۇزۇش ياكى بۇزماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرمۇ بار. تۆۋەندە روزىنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان نەرسىلەرنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىمىز: روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار: 1-روزا تۇتقان چاغدا قەستەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى)) ((ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق ئەھۋالدا روزىسىنى بۇزغان كىشىگە گۇناھ بولىدۇ، ئۇ رامىزاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن 60 كۈن روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، ئۇنداق قىلالمىسا 60 مىسكىن بىچارىنىڭ قورسىقىنى 2 ۋاخ تاماق بىلەن قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. بەزى ئالىملار ئايالغىمۇ ئەرگە ئوخشاش كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ بەزىلەر ئايالغا كەلمەيدۇ دەپ قارىغان. 2- روزا تۇتقان كۈندۈزدە كۈن پاتقانغا قەدەر ھەيز كېلىپ قالسا ياكى تۇغۇپ قالسا روزا بۇزىلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ ئورنىغا بىر كۈن تۇتىۋالسا بولىدۇ، كاپپارەت ياكى گۇناھ بولمايدۇ. 3- قەستەن يەپ –ئىچىش، تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش ۋە ئوكۇل بىلەن ئۇرۇش، قول بىلەن ياكى قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقىرىش. بۇنداق ھالەتتە روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامىزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كەلمەيدۇ. 4- ئېغىز ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنغان دورىلار. بۇنداق ئەھۋالدا گۇناھ بولمايدۇ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، لېكىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ. 5- ناماز ئوقۇماسلىق، غەيۋەت، گەپ توشۇش، نامەھرەم ئاياللارغا قاراش، ھارام نەرسىلەرنى تىڭشاش قاتارلىق بارلىق گۇناھلار بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا روزىنى بۇزىۋېتىدۇ، كۆپچىللىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇزمايدۇ، لېكىن ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارىشىدا ئۇ روزا ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. 6- روزا تۇتقان ھالەتتە روزىسىنى بۇزىۋېتىشنى نىيەت قىلىپ قالسا روزىسىنى بۇزىدىغان باشقا بىر ئىش قىلمىسىمۇ روزىسى بۇزىلىدۇ، چۈنكى ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق. روزىنى بۇزمايدىغان ئىشلار: 1- روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلىش. مەسىلەن: يەپ –ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى قانچىلىك يەپ ئىچكەن بولسا بولسۇن روزا سۇنمايدۇ، قازا قىلىشمۇ كېرەك ئەمەس ، كاپپارەتمۇ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ روزىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىمكى روزا تۇتقان ھالەتتە روزا تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ يېمەك يېسە ياكى ئىچىملىك ئىچكەن بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھ يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلغان. 2- مەجبۇرلىنىپ زورلۇق بىلەن روزىنى سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرىۋەتكەن)). 3-سۇغا چۆمۈلۈش ۋە يۇيۇنۇش. سەھىھ ھەدىسلەردە كېلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ھالدا بېشىغا سۇ تۆككەن ۋە يۇيۇنغان. 4-سۈرمە سۈرتۈش. ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتەتتى دەپ رىۋايەت قىلغان. 5-ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان كىشى ئايالىنى سۆيسە ۋە قۇچاقلىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇندداق قىلغانلىقىنى ھەزرىتى ئائىشە رىۋايەت قىلغان. ئۆزىنى تۇتالمايدىغانلار ئۈچۈن مەكرۇھ دەپ قارالغان. 6-بارلىق ئوكۇللار، موسكۇلغا بولامدۇ تومۇرغا بولامدۇ غىزا خاراكتىرىدىكى ئوكۇل بولسۇن دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولسۇن ھەممىسى. چۈنكى بۇلار ئادەتتىكى ئېغىز ئارقىلىق جىسىمگە كىرمەيدۇ. لېكىن بەزى ئالىملار گلوكوزنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ روزىنى سۇندۇرىدۇ دەپ قارىغان. 7-ئازراق قان ئېلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ھالەتتە قان ئالدۇرغان، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش مەكرۇھ دەپ قارالغان. 8-ئاغزى بۇرنىنى چايقاش. لېكىن گۇلىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەقسەت قىلماستىن گېلىغا سۇ ئۆتۈپ كەتسە ھېچ گەپ يوق. 9-تۈپرۈكىنى يۇتۇش، بەلغەمنى يۇتۇش، پۇشۇرغان تاماقنى ۋەئالماقچى بولغان يېمەكنى تېتىپ بېقىش، بالىلارغا بىر نەرسە چايناپ بېرىش، خۇش پۇراقلارنى پۇراش قاتارلىقلار. 10-جىمادىن كېيىن ياكى ھەيزدىن توختىغاندىن كېيىن يۇيۇنماي تۇرۇپ روزىغا نىيەت قىلىش، بۇنداق ئەھۋالدا روزا سۇنمايدۇ، نىيەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن يۇيۇنۇپ بامدات ئوقۇيدۇ. 11-ياندۇرۇش، بەزى ئالىملار ئىختىيارسىز ياندۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ قەستەن ياندۇرسا روزا بوزىلىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر قانداق ياندۇرسا ياندۇرۇش بىلەن روزا سۇنمايدۇ دەپ قارىغان. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردە ھەدىس ئالىملىرى ئىختىلاپلاشقان. 12-ئېھتىلام بولۇپ قېلىش. 13-تاڭ ئاتمىدى ياكى كۈن پېتىپ بولدى دەپ ئويلاپ قېلىپ ئېغىز ئاچقان بولسا كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا روزا بۇزۇلمايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە شۇنداق بولغاندا قازا قىلىشقا بۇيرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن كۆپىنچە ئالىملار قازا قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان. ئىسلام ئالىملىرى توپلۇنۇپ چىقارغان بەزى قارارلاردا تۆۋەندىكى نەرسىلەر روزىنى سۇندۇرمايدۇ دەپ بىكىتىلگەن: بۇرۇنغا، قۇلاققا ۋە كۆزگە تامچىلىتىدىغان ۋە پۈركەيدىغان دورىلار، يۇتمىغان ھالدا تىل ئاستىغا قويۇلىدىغان دورىلار، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تەكشۈرۈش، چايقاش، دۇربۇن كىرگۈزۈپ داۋالاش قاتارلىقلار، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يوللىرىغا نەيچە، دۇربۇن كىرگۈزۈش، رېنتىگىنگە كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ماددا ياكى دورا كىرگۈزۈش، سۈيدۈك يوللىرىنى چايقاش. يۈتمىغان ھالدا ئېغىز چايقاپ غارغارا قىلىش، چىش كولاش، چىش تارتىۋېتىش، چىش تازىلاش، چىش چوتكىلاش، تېرىگە، موسكۇلغا ۋە كاسىغا ئۇرۇلىدىغان داۋالاش خاراكتىرىدىكى ئوكۇللار، ئەمما غىزالىنىش خاراكتىرىدىكى ئوكۇل ۋە سۈيۈقلۇق بۇنىڭ سىرتىدا. ئوكسىگىن گېزى، كېسەلنى مەس قىلىدىغان گاز، جىسىمغا تېرە سۈمۈرۈشى بىلەن كىرىدىغان ياغ، ماي، مەرھەم ۋە دورىلانغان بەدەنگە چاپلىنىدىغان چاپلاقلار، داۋالاش ياكى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئانا تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈش، قورساق بوشلىقىغا دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش ۋەئوپىراتسىيە قىلىش، سۈيۈقلۈق قۇيۇلماستىن جىگەر ۋە باشقا ئەزالاردىن ئازغىنە ئەۋرىشكە ئېلىش، سۈيۈقلۈق قۇيۇلماستىن ئاشقازانغا دۇربۇن كىرگۈزۈپ تەكشۈرۈش، مېڭىگە ھەرقانداق ماددا، سايمان ۋە دورىنىڭ كىرىشى، ئىختىيارسىز قەي قىلىش (ياندۇرۇش). قان بېرىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روزىسىنى سۇندۇرمايدۇ. ئارقا مەقەتكە كىرگەن ئوكۇل ياكى تەكشۈرۈش سايمانلىرى، دۇربۇن ۋە تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ بارمىقى، كېسەل روزا تۇتۇشقا قارار قىلغان بولسا ئومۇمىيۇزلۈك مەس قىلىش بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىش.
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.
|
بۇ يازما باھالانغان،يېقىندا باھالىنىش ئەھۋالى |

|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 23:07 |
| |