| ||||||
xabnam شەبنەم تورى | «شەبنەم يىغىلىشى»دىن خاتىرە سۈرەتلەر«شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ، شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ گۈزەل ساپ ھاۋالىق «ئۆسۈملۈك باغچىسى» دا ئېلىپ بېرىلدى . يىغىلىشقا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ ، 30 نەچچە شەبنەم تورداشلىرى قاتناشتى . شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشىدا ، شەبنەم تورىدىكى نەتىجىلەر ، شەبنەم تورىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تېخنىكىلىق مەسلىلەر ۋە بۇندىن كېيىنكى شەبنەم تورىنىڭ نىشانى ، پىكىرۋە تەلەپلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى . شەبنەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ۋە شەبنەم چايخانىسى مەسئۇللىرى يىغىندا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، شەبنەم تورىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى . شائېر - ئەدىپلىرىمىزدىن ئەخمەتجان قۇربان سابىرى، ھۈسىيىن تاش ، ئابلىمىت ئابدۇكىرىم قاتارلىقلار يىغىلىشقا قاتنىشىپ ، شەبنەم تور مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئالاھىدە سۆز قىلدى . شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسى ، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىلىشنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدى . تۆۋەندە يىغىلىشتىن بىر قانچە سۈرەتلەر بېرىلدى . سۈرەتلىك فىلىم ۋە ئالاھىدە سەھىپە پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . يىغىلىشقا ئالاھىدە چاقچاق - جۇدۇن بۇيەرنى بېسىپ كۆرۈڭ ! پائالىيەتكە ئالدىن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەندى قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلماقتا مۇھاكىمەگە قاتناشقۇچى تورداشلار شەبنەم تورداشلىرى ئوپچە سۈرىتى شەبنەم ئاۋازلىق چايخانىسى مەسئۇللىرى بىللە ئەدىبلەر بىلەن خاتىرە سۈرەت ئىمزا قويۇش پائالىيىتى كەچلىك پائالىيەتكە ئالاھىدە تەييارلىق ، ئەلۋەتتە مىللى سازلىرىمىزنى ئېلىۋالىمىز كەچلىك پائالىيەت قىزغىن كەيپىيات بىلەن باشلاندى تورداشلار پائالىيەتكە سەر خىل نومۇرلارنى ئېلىپ كەلدى رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى يوللاندى ، كىيىنچە رەسىملەر ۋە پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ئايرىم يوللىنىدۇ ! ___ نىجات ئازات شەبنەم تۆۋەنكى ئادرىستىمۇ بىر قىسىم رەسىملەر بار: ./read.php?tid-24278.html تۆۋەندىكى ئادرىستىن «مۇھاكىمە»دە چۈشكەن تەكلىپ پىكىرلەرنى كۈرۈڭ: ./read.php?tid-24914.html | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئاتا تۈرك ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!!! | ماڭا خەۋەر قىلمايلا كېتىپ قاپتا جۇدۇن ئەپەندىم،رەنجىپ قالدىم جۇمۇڭ!
يىغىلىشىڭلار ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
saadat قار~لەيلىسى | ئىسمىلىرى بىلەن ئىزاھلاپ يوللىساڭلار بولغۇدەك جۇمۇ؟مەن ھېچقايسىنى تۇنۇمايدىكەنمەن.........ئەپسۇس مەن قاتنىشالماي قالدىم،لېكىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى بۇ يىغىلىش :ئەھمىيەتلىك،ئۆتكۇزۇلۇپ،مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپتۇ،ھارمىغايسىلەر (بىزمۇ سىلەرنى ئوينىۋالسۇن دەپ مۇنبەرگە ياخشى قاراپ تۇردۇق)
| ||||
---|---|---|---|---|---|
tanhakalip | يىغىلىشىڭلار ناھايتى كۆڭۇللۇك ياخشى ئۆتكۇزۇلگەنلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ.
شەبنەم تۇردىكى بارلىق تۇرداشلارغا ئاللاھنىڭ ئەمنلىكى يار بولسۇن! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
yaxa | يىغىلىشڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىغا شۇنداق خوش بولىدۇم.
بۇنڭدىن كېينىكى نەتىجلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولشىغا ئىشىنمەن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ixkizar دەرىجىسى :تېما چولپىنى | بۇ پائالىيەت بەك قىززىپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، سۈرەتلىك فىلىم ۋە ئالاھىدە سەھىپە لەرنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن !
كىم كىملەر قاتناشتى ؟ مۇمكىن بولسا ئىسمىنى يىزىپ قويغان بولسىڭىز مۇنبەردىكى دوسلارنى تونىۋالاتتۇق ئەمەسمۇ ؟؟؟ مەن پەقەت سىزنى ، جۇدۇن ئەپەندىمنى، فىرقەت ئەپەندىمنى تونىدىم . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
arman4 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | Re:«شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەربەك ئەپسۇس مەن بۇرۇن بىلگەن بولسام بۇ يىغىلىشقا تولۇق قاتنېشېپ غۇلجىلىق تورداشلارنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يىغىلىشقا قاتناشقان تورداشلارغا يەتكۇزگەن بولاتتىم .چۇنكې 29- چىسلا مەن ئۇرۇمچىدىن كەچتە غۇلجىغا قايتىپ كەلدىم. تو
ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس ئالتۇندەك پۇرسەتنى قۇلدىن بىرېپتىمەن | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
eqiniman | مەن مەكتەپكە يىغىلغاچقا بارالمىدىم.ئەمما بەكمۇ بارغۇن بار ئىدى..جۇدۇن ئەپەندىم مىنى تەكلىپ قىلىپمۇ قويماپسىز ھە چاقچاق...
يەنە پۇرسەت بۇلۇپمۇ قالار...بۇ يىغىلىش ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتۈزۈلۈپتۇ.سۈرەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە تەشنا بۇلىۋاتىمەن.راستىنى دىسەم بۇنداق كۆرسە نۇرغۇن دوستلارنى تۇنىغىلى بولمايدىكەن.. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qinmodan سايرام قىزى | «شەبنەم تورداشلار مۇھاكىمە » يىغىلىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!~ئەپسۇس~ بۇ يىغىلىشقا قاتنىشالمىغان بولساممۇ، لېكىن يۇقۇرقى بايانلاردىن ۋە سۈرەتلەردىن بۇ يىغىلىشنىىڭ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىگىنى كۆرۈۋاتىمەن.بۇ يىغىلىش شەبنەمنىڭ بۇندىن كېيىنكى خەلقئارا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئىلغار تور بېكەتكە ئايلىنىشقا تۇرىتكە بولغۇسى!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HIJIRAT | مـەن ئوتتۇ918ئـەپـەندىنى تونۇدۇم، يىغىلىشىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى تـەبىرىكلـەيمـەن. نۇرمۇھـەممـەت ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇڭ بولىشىنى تىلـەيمـەن. ياخشى نـەتىجىلـەرنى يارىتىپ ئۇيغۇر تور مـەدەنىيىتىنى خـەلقىرا سـەھنىلـەرنىڭ سـەرخىللىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمـەن، ئىشىنىمـەنكى ،سىزدەك ياشلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشى شـەبنـەم تورىنىڭلا ئۇتىقى بولۇپلا قالماي،بـەلكى ئۇيغۇر ئىختىساسلىقلار جـەمىيىتىمىزنىڭ غـەلبـە مارشى. تىخىمىۇ دادىل قـەدەم بىلـەن ئالغا ئىلگىرلـەڭلار!
>>>ھىجىرەت>>>> | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | بۇ قاينام تاشقىنلىق ئىچىدىكى يىغلىش ،جەم بولغان تورداشلارغا شۇنداقلا ،بىزدەك يىراقتا تۇرۇپ ،مەدەت بىرۋاتقان مۇنبەرداشلارغىمۇ ،شاتلىق ئاتا قىلدى ، كورۋىلىشقا بۇلدىكى بۇ يىغلىش ھەقىقەتەن مۇۋەپقىيەتلىك بوپتۇ .
| ||||
---|---|---|---|---|---|
دۇنيا يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەرياشىسۇن! | يىغىلىشىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ئىلىپ بىرىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ...مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپلەپ ئىلىپ بىرىلسا پىكىر جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىپ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۇچۇن تىخىمۇ ياخشى ئاساس تىكلەنگەن بولاتتى.............
| ||||
---|---|---|---|---|---|
matimatika | شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلىرى..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
aksu0997 كىچىك كوماندىر ؟ | خەپ...........................ماڭىمۇ باغاقچە ...ئەۋەمەپتۇ..بولمىسا مەنمۇ باراتىم دە؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dilpak | بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كۈندە ھەممىڭلارغا، يەنى بارلىق يىڭى كونا ئەزالارغا سالامەتلىك تىلەيمەن
| ||||
---|---|---|---|---|---|