>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Makanim  
ئالاھىدە تەۋسىيە : «شەبنەم تورداشلىرى مۇھاكىمە يىغىلىشى»دىن خاتىرىلەر  
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 428 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
dil-rus
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1895
شۆھرەت: 1986 نۇمۇر
پۇل: 11169 سوم
تۆھپە: 55 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:707(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ

------ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ، ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ؟
------ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﺭﯗﺱ، ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﺵ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺑﯘﺭﯗﺗﯘﻡ ﺋﺎﺯ- ﺗﻮﻻ ﺧﻪﺕ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ. ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ " ﺑﺎﮬﺎ" ﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ "ﺑﺎﮬﺎ" ﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﺪﻯ.
ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻣﯧﻴﯩﺘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﺑﺎﮬﺎ"ﻻﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ- ﺯﯨﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯ- ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ "ﺑﺎﮬﺎ"ﻻﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜ ﻳﻮﻕ ﺯﺍﺑﻮﻳﻼﺭﻣﯘ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ " ﺑﻪﺵ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﮔﯘﻧﺎﮬ- ﻣﻪﺋﯩﺴﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﭘﺎﮬﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ "ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ" ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯜﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺑﺎﮬﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻟﯩﻘﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺳﯟﺍﻳﻰ- ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻧﯧﺴﯩﯟﯦﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ- ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻟﯜﻛﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺮﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ- ﺗﻮﻻ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻮﻻﺭﺍﻕ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﻘﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﺎﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ- ﻳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ- ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯ- ﺗﻮﻻ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ.
ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﯛﻟﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ"ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ "ﺋﻮﺳﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ"، "ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ" ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ " ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ"، "ﺋﻮﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ" ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ؟ ﺑﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ" ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ؟ ﺋﯘﻧﻰ 'ﻳﺎﺧﺸﻰ " ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﻜﺮﺕ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺒﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ؛

1. ﺋﺎﺟﯩﺰ- ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﻪﻳﺮ- ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.
2. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ.
3. ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ؛ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯﻟﯩﻖ، ﻗﯩﻤﺎﺭﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ......
4. ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ- ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ- ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.
5. ﺗﻮﻱ- ﺗﯚﻛﯜﻥ، ﺋﯚﻟﯜﻡ- ﻳﯩﺘﯩﻢ، ﻧﻪﺯﯨﺮ- ﭼﯩﺮﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.
6. ﻗﻮﻟﯘﻡ-ﻗﻮﺷﻨﺎ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺵ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.
7. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ " ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ" ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﺪﻯ "ﺋﻮﺳﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ" ﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﻝ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ" ﻟﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﻯ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﭖ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ.

1. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ . ﺑﯩﺰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﺴﻪ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﻧﻜﺮﺗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﻛﻰ، ﺑﯘﻻﺭ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻼ، ﻳﻪﻧﯩﻼ 'ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ" ﺑﻮﻟﯘﯦﺮﯨﺪﯗ.

2. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻠﻰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻼ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ- ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻗﻮﺷﻨﺎ- ﺟﮭﻤﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ"ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.

3. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ"ﻟﯩﻖ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﭘﺎﮬﯩﺸﯟﺍﺯﻟﯩﻖ، ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻤﯘ ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ. ﺑﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﯞﺍﺑﺎﺩﻩﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻘﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ "ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ" ﺗﺎ ﻏﺎﻳﻪ، ﺋﺎﺭﺍﺩﻩ، ﭘﯩﻼﻥ، ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﺋﯚﻟﭽﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﺨﻮﺗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭘﻤﯘ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺳﺎﻧﺎﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ، ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺭﻩﯓ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻳﻪﻛﯜﻧﻨﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ.
ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺧﯘﻻﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﯜﺍﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﻪﻱ، ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ، ﻳﯘﯞﺍﺵ- ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯘﯞﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻡ- ﻧﯩﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ "ﻳﺎﺧﺸﻰ". ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﯞﺍﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﯞﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻮﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻤﯩﺴﺎ، ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻧﻰ ﭼﺎﻗﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﺋﻮﯕﻼﭖ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻰ، ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﻛﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ "ﻳﺎﺧﺸﻰ". ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ- ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺘﻪﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﺴﯩﻤﯘ "ﻳﺎﺧﺸﻰ". ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ "ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ" ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺰﻣﯘ، ﺋﯘﻣﯘ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺋﯘﻗﯘﻡ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﻳﺎﻣﺎﻥ" ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺑﺎﻻ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺋﻪﺭ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯜﻛﯩﻦ. ﻳﺎﻛﺎ ﺋﺎﺋﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭﻯ ﺑﻮﭘﻘﯧﻠﻜﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﻳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﺰ- ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯜﻳﯜﻧﺪﯛﺭﮔﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﻎ ﺋﺎﺯ؟ ﺑﯩﺰ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ؟ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ، ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰﺩﯨﻜﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯗ.
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ. ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﻣﯩﺰ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﮕﯜﻣﯩﺰ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻜﻪﻥ، ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ، ﻏﺎﻟﯩﭙﻼﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ- ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ، ﺑﻮﺯﻩﻙ .ﯸﺘﯩﻠﻤﻪﻱ، ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻤﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﺎﻻﮬﯧﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ، ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻤﯘ؟
ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﻪﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ؛ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﯩﻠﻪ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ. ﻣﻪﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ، ﻳﺎ ﺋﯩﭽﻤﯩﺴﻪﻡ، ﭼﻪﻛﻤﯩﺴﻪﻡ، ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﯩﺴﺎﻡ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﻪﺩﻩﭖ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻢ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ،،،،،،ﺩﻩﭖ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ.
ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﺋﯩﺸﻰ. ﺋﯘ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯜﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺗﻪﻣﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﻩﺋﯩﭙﺎﻧﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ "ﻳﺎﺧﺸﻰ" ﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻏﺎﻟﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ، ﻛﯜﭼﯜ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯧﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ، ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﺍ ﻳﻪﺳﯟﯦﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ " ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ" ﺑﻮﻟﯘﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯩﻴﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺍﺵ- ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، "ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻏﺎﻟﯩﭗ"، "ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ"، "ﮬﻪﻕ- ﻧﺎﮬﻪﻕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯜﭺ ﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯩﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. "ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭ" ﺭﯗﺳﻠﯘﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﯗﺳﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺗﺎﻻﻱ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ؛< ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ> ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ 2005-ﻳﯩﻞ 2-ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


horiyat.com

  ھەقىقەتنى دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم   سۆزلەيدۇ ،
ئىغۋانى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ !


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 22:44 چوققىغا قايتىش
bilgar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 282
شۆھرەت: 283 نۇمۇر
پۇل: 2820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:195(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

ياخشى ئەسەركەن ھارماڭ.......................بىز ئويغۇرلار قانداقلا ئادەم ئۇ دۇنياغا كەتكەندە،<<ياخشى ئادەم ئىدى >>دەپ كۈمىدىكەنمىز.............لېكىن ئىبرەت ئالدىغانلار يەنىلا يوق دىيەرلىك................

پېقىرمۇ بۇ ھەقتە مىللەت دەپ جۆيلۈپ باققانتىم......لېكىن.
..../read.php?tid-18250-

keyword-.html


Elts

خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 23:17 چوققىغا قايتىش
khuldar



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:10(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

بۈگۈن نېمانداق ياخشى تېمىلارغا ئۇچراپلا تۇرىمەن ........ئەتىگەن ئىشخانىدا كەچلىك گېزىتتىن <رېستۇراندىكى شاۋقۇن> ناملىق ماقالىنى ئوقۇغان ، ئەمدى بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن . رەھمەت ...سالامەت بولۇڭ ! ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!~~

Elts
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 23:31 چوققىغا قايتىش
atuxboy526

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 114
شۆھرەت: 115 نۇمۇر
پۇل: 1140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:11(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

رەھمەت ...سالامەت بولۇڭ ! ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!~~

horiyat.com
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 23:39 چوققىغا قايتىش
@@sawda@@

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 206
شۆھرەت: 212 نۇمۇر
پۇل: 2060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:117(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

بۇ توغرىلىق سوزلىسەم   .   ھەي بولدىلا   .     يەنىلا   ھەقىقى   ياخشى تىمىكەن

Elts
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-11 23:50 چوققىغا قايتىش
ELSHER

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 792
شۆھرەت: 891 نۇمۇر
پۇل: 5322 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:365(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :

چىمەنلەرنىڭ ئېچىدە ، چىمەن بار ، ئادەملەرنىڭ ئېچىدە ئادەم بار   .


Elts

مۇسۇلمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا ھازىرقى زامان ئېلغار پەن _تېخنىكا بىرلەشسە مۇسۇلمەنلاردىكى پىداكارلىق ئاندىن ۋايىغا يىتىدۇ
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 00:13 چوققىغا قايتىش
sak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 201
شۆھرەت: 202 نۇمۇر
پۇل: 1710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:152(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

تىما يوللىغان توردىشىمغا رەھمەت ،ئابدىرىېھىم دۆلەتنىڭ ماقاللىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .رەھمەت سىزگە.

horiyat.com

ئسلام ئەڭ توغرا ھايات يولى.
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 07:31 چوققىغا قايتىش
dolan~ogli

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 819
شۆھرەت: 820 نۇمۇر
پۇل: 8190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:169(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

ياخشى تېما ئىكەن، تورداشلار «كۆكۈيۈن» دىگەن ئېتوتنى كۆرگەن بۇلىشىڭلار مۇمكىن، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

Elts

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 10:35 چوققىغا قايتىش
akpar052



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياشا ئويغۇرۇم

ياخشى ئەسەركەن ھارماڭ.......................بىز ئويغۇرلار قانداقلا ئادەم ئۇ دۇنياغا كەتكەندە،<<ياخشى ئادەم ئىدى >>دەپ كۈمىدىكەنمىز.............لېكىن ئىبرەت ئالدىغانلار يەنىلا يوق دىيەرلىك................ BBS.Xabnam.Com din koquruldi

Elts
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 10:38 چوققىغا قايتىش
arteken

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 571
شۆھرەت: 587 نۇمۇر
پۇل: 5710 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-31

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:ياخشى   ئادەم قانداق بولىدۇ ؟

يوللانمىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرگە ئىگە بولدۇم....

horiyat.com

دۇنيانىڭ قىلىپى يوق قىلىپ ئۆزىمىزدە!!!
****مەن ھارۋامدا جەسەت توشىۋاتىمەن !****
                                    _پەرىشتە خاتىرىسى
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-09-12 10:45 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:09-22 21:58, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije