mamatjan315 
   
  
   
ھالىتى :
  
   
  
   
  دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى 
  نادىر تېما: 
  
  0
  
   
  يازما سانى: 57 
  شۆھرەت: 57 نۇمۇر 
  پۇل: 543 سوم 
  
  تۆھپە: 0 نۇمۇر 
  
  توردىكى ۋاقتى:44(سائەت) 
  
  
  ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-16 
  | 
 
 
 
 
 
ئايال بولۇش بىر ئىلىم كېلىن بولۇش بىر سەنئەت 
 ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نوقسانسىز ، كۆيۈمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ ، ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سۆيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۆرۈشى ، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۈرۈر . ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينىئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟       1. كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنى دائىم قېينىئانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، قېينىئانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشى كېرەك ؛       2 . قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىشى كېرەك ، چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛       3 . كېلىن قېينىئاتا-قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسلىلەردە قېينىئانىسىنىڭ پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينىئانىسىغا يول قويۇش كېرەك ؛       4 . كېلىن ھەر ۋاقىت قېينىئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينىئانىسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ، كېلىن چوقۇم قېينىئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۈنكى نۇرغۇن قېينىئانىلار ئوغلىنىڭ<<ئۆزگىرىپ كېتىش>>ىنىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينىئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇ تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛       5 . كېلىن قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، بولمىسا قېىنىئانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ . شۇڭا كېلىن بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ؛       6 . كېلىن قېينىئانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈنۈشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ، لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك ؛       7 . كېلىن قېينىئانىسىغا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندىلا قېينىئانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛       8 . كېلىنى قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دۆت بولۇۋېلىشى كېرەك ، بۇنداق بولغاندا قېينىئانا كېلىنگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ  ؛       9 . كېلىن قېينىئانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسىلا ، ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېينىئانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا  قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ، شۇڭا ئېرىگە قېينىئانىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛       10 . ئەگەر قېينىئانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇم قېينىئانىسىغا ئۆزى ۋە قېينىئانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۈتۈنلۈكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛
  مەنبەئە : <<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>>
  __ بىپەرۋا تەستىقلىدى . 
 |  
 
 | 
 
| 
[باش يازما]
 | 
يوللانغان ۋاقىت :  2007-09-11 22:38  | 
 
 |    |