ئىنسانىڭ ئىچىدە ئىنسان بۇلىدۇ،
چىن ئىنسان قەلبىدە ۋىژدان بۇلىدۇ.
قايسى چىن،قايسى جا ئىنسانلىقىنى،
ئايرىشتا شۇ ۋىژدان مىزان بۇلىدۇ.
جۈرئىتىڭ بۇلسا گەر ھەقنى دىگىلى،
تەييارلىق قىلىپ قۇي ئازار يىگىلى.
ئازر ۋە تۇھمەتلەرمەردكە نىمىدى،
مەرد ھەتتا قۇرقمايدۇ ئۇتقا كىرگىلى.
مەرد ئازار يەپ قالار راست سۆزلەپ قۇيۇپ،
خەلىقنىڭ رايىغا ماس سۆزلەپ قۇيۇپ.
كاپ_ كاپلار يۈز تاپسا ساماندەك سۆزلەپ،
مەرد قالار بۇغدايدەك ئاز سۆزلەپ قۇيۇپ.
رەھبەرسەن ياراملىق مەردلەرگە تايان،
بۇ رۇشەن ھەقىقەت ھەمىگە ئايان.
ياراملىق مەردلەر گەر زايە قىلىنسا،
بۇلمىغان قەدىمدىن يۇرت تىنىچ ئەل_ئامان.
خەتەر گە تەۋەككۈل قىلالايدۇ مەرد،
يۇلۋاسنىڭ ساغرىسىنى سىېلاىيالايدۇمەرد.
ئادالەت تىغىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ،
زۇلمەتنىڭ كۆكسىنى تىلى يالايدۇ مەرد.
رىشىت مەخسۇت
__ چىن مودەن تەستىقلىدى.